nikumen يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 18:16:06

ئانا تىل ___ ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى[تەرجىمە]

ئانا تىل ___ ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى[تەرجىمە]

nikumen يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 19:40:32

خەت شەكلى نېمىشقا نورمال كۆرۈنمەيدىغاندۇ، بولسا خەت شەكلىنى ئوڭشاپ قويغان بولسىڭىزلار بوپتىكەن.

nikumen يوللانغان ۋاقتى 2013-3-10 20:22:28

مەزكۇر ماقالە ياپونىيە \"بۈۋىمەريەم پاك قەلب قىزلار ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون تىل – ئەدەبىياتى جەمئىيىتى\"چىقىرىدىغان \"پاك قەلب ئەدەبىياتى\" نامىدىكى ئورگان ژورنىلىنىڭ 2009 – يىلى7– ئايدا تارقىتىلغان 11 – سانىدىن ئېلىندى.



                           ئانا تىل ____ ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى



                                  ئوساكى خىرومى



                        ياپون تىلىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : نىكۇ



1.تېمىغا كىرىش



بىز تىل ئارقىلىق خىلمۇخىل كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىمىز. يېشىمىزنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىز ئالاقە قىلىدىغان كىشىلەر كۆپىيىپ ماڭىدۇ، يەنە مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا كىشىلىك مۇناسىۋەتمۇ مۇرەككەپلىشىدۇ. مۇشۇ جەرياندا بالىلار ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى سەمىمىيلىك بىلەن دېگۈسى بولسىمۇ ئېيتالمايدىغان، گەپ ياكى يېزىق ئارقىلىق يەتكۈزۈگۈسى بولسىمۇ راۋان يەتكۈزەلمەيدىغان قىيىنچىلىقا دۈچ كەلمەيدۇ دېگىلى بولمايدۇ. بالا ئائىلىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ چۈشىنىشى ۋە قوللىشىنى، مەكتەپتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇئەللىملەر تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشكەنلىكىنى، دوستلىلىرىنىڭ ئىچىدە ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزئار چۈشىنش ھاسىل قىلالايدىغانلارنىڭ بارلىقىنى ئەمەلىي ھېس قىلغاندا، بالىدا تۇنجى بولۇپ ئۆزى بىلەن تەڭ باشقىلارنىمۇ ئويلايدىغان ھېسسىيات شەكىللىنىدۇ. تىل بىلىم ئېلىشتىلا ئەمەس، روھىيەتنى پەرۋىش قىلىشتىمۇ زۆرۈر بولىدۇ.



مەزكۇر ماقالىدە، ياپونىيەلىك بالىلارنىڭ ئائىلىدىكى تىل ئىگىلەش ئەھۋالى بىلەن مەكتەپتىكى تىل مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىمەن، شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت غەرب جەمئىيىتىدىكى مائارىپ بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل مائارىپى تەلەپ قىلىدىغان نۇقتىلار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىمەن.



2.ئائىلىدىكى تىل مائارىپى



1.2. \"ئامراق ئادەم\" نىڭ مەۋجۇتلۇقى

ئالدى بىلەن بوۋاق مەزگىلىدىكى تىل ئىگىلەشنىڭ ئۇلى ھەققىدە توختىلىمەن. بالىنىڭ تىل ئىگىلىشى ھەققىدە ئوكاموتو (岡本) \"بالىنىڭ گەپ قىلالايدىغان بولۇشى، <ئامراق ئادەم> نىڭ بالىغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ دېگەن گەپلىرىنى بالا تۇتقا قىلىپ ئۆزىنىڭ گەپلىرىنى ياساپ ماڭىدىغانلىقىدىن بولىدۇ\" دەپ ئېيتقان. بالىنىڭ ئىنكاسىنى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس بىلەن ماسلىشىدىغان \"ئامراق ئادەم\" بولغاچقىلا بالا ئۆز تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ماڭالايدۇ. بۇ يەردىكى \"ئامراق ئادەم\" دېگىنىمىز ئانا ۋەكىللىكىدىكى بالىدىن يىراق كەتمەيدىغان، بالىدىن خەۋەر ئالىدىغان، بالا بىلەن ئوينىشىپ بېرىدىغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئانا بالىنىڭ ھەرىكىتى، چىراي ئىپادىسى، چىقارغان تاۋۇشى دېگەنلەردىن باشقىلار چۈشىنەلمەيدىغان تەلەپ ۋە ھالەتنى چۈشىنىدۇ ھەم مۇۋاپىق ھەرىكەت ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ئادەمنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تىل ئىگىلەشنىڭ ئۇلى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بالىنىڭ ئانىغا بولغان \"ئىشەنچ تۇيغۇسى\" ئالاقىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان مەنبە كۈچ ھېسابىنىدۇ. ئۇنداقتا، \"ئىشەنچ تۇيغۇسى\" نىڭ بالىنىڭ تىل ئىگىلىشى بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بار؟



دەنىيول گولمېن (Daniel Goleman) تۇغۇلۇپ ئىككى ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ يېرىم كېچىدە يىغلاش ھادىسىسىدىن پايدىلىنىپ \"كەيپىيات ئۆگىنىش\" جەريانىنى چۈشەندۈرگەن. بىرىنچىدىن، بوۋاق يىغلىسا، ئانا دەرھال بوۋاقنىڭ قېشىغا كېلىپ 30 مىنۇت ئەتراپىدا ئۇنى مېھىر بىلەن سۇغارغاچ ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئانا گەرچە تەڭ كېچىدە ئۇيغىتىلغان بولسىمۇ، بوۋىقىغا \"سىنىڭ چىرايىڭنى كۆرۈش نېمەدېگەن ھوزۇر\" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. بۇنىڭدىن رازى بولغان بوۋاق يەنە ئۇيقۇغا كېتىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئەر – خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى جىدەل سەۋەبلىك ئانا بوۋاققا نىسبەتەن قوپال مۇئامىلىدە بولىدىغان ئەھۋالمۇ يۈز بېرىدۇ. ئانىنىڭ \"يىغلىما ! ئاغزىڭنى يۇم ! يەنە يىغلايدىغان بولساڭ ...\" دېگەنلىرىنى ئاڭلىغان ھامان بوۋاقتا جىددىيلىك ۋە قورقۇنۇش پەيدا بولىدۇ. ئانا يۈز بەرگەن جىدەل تەسىرىدىن قۇتۇلالماي چىرايىدىن مۇز ياغدۇرغان ھالەتتە بوۋاقنى ئەمگۈزىدۇ. بالا ئېمىشتىن توختىغان ھامان ئانا \"بولدىمۇ، ئەمىسە مەن بولدى قىلدىم جۇمۇ\" دەپلا بوۋاق تۇرغان ئۆيدىن تېزلا چىقىپ كېتىدۇ. بوۋاق بولسا يىغلاپ – يىغلاپ ئاخىرى ئۇيقۇغا كېتىدۇ.



ھەرقانداق بوۋاق ئەڭ بولمىغاندىمۇ مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋالنى كەچمىش قىلپ يېتىلىدۇ. بىرىنچى خىل ئەھۋال: \"ئەتراپتىكى كىشىلەر بوۋاقنىڭ تەلىپىنى بايقاپ ئۇنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاقتا ئەتراپتىكىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنچ تۇيغۇسى ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش جەھەتتە ئۆز ئىقتىدارىغا نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا بولىدۇ\" ئىككىنچى خىل ئەھۋال : \"ھېچكىنىڭ بوۋاق بىلەن كارى بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بوۋاق باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭ بىرەركىمدىن تەسەللىي تەلەپ قىلىشىمۇ مەغلۇبىيەتلىك بولىدۇ.\" بالىنىڭ ئەتراپتىكىلەرگە بولغان \"ئىشەنچ تۇيغۇسى\" دا پەرقلەرنىڭ بولىشى ئاتا – ئانا قوللانغان پەرۋىش ئۇسۇلىنىڭ يۇقىرىقى ئىككى خىل ئەھۋالنىڭ قايسىسىغا يېقىن كېلىدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەلىك بولىدۇ. بالىنىڭ ئاتا – ئانىنىڭ مېھىر – مۇھەببىتىگە قانچىلىك تويۇنغانلىقى، ئۇلار بىلەن ئۆزئارا \"ئىشەنچ تۇيغۇسى\" غا ئىگە بولالىشى بالىنىڭ تىل ئىگىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.



2.2. ئۆزلۈكنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تىل



بالىلىق مەزگىلگە كىرگەندە ئاتا – ئانىدىن ئالىدىغان ھەر تەرەپلىمە \"تەربىيە\" كۆپىيىدۇ. ئوكاموتو (岡本) مۇنداق دېيدۇ: \"بالا تەربىيەنى نۇقۇل تاشقى بېسىم سۈپىتىدىلا قۇبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ يۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى <ئۆزلۈك مەسىلىسى> سۈپىتىدە تونۇپ ئاتا – ئانىنىڭ ئىقتىدارىغا يۈزلىنىدۇ ۋە ئۇنى ئۆز ئىقتىدرىغا يۇغۇرۇۋېتىدۇ. بۇ جەريان ئۆزلۈك ۋە خاراكتېرنىڭ شەكىلللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.\" ئۆزلۈك فونكسىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى گەرچە تەلەپنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كېچىكتۈرسىمۇ، مەزكۇر تەلەپتىن ۋاز كەچمەيدۇ ۋە ئۇنى كونترول قىلىپ داۋاملىق ساقلاپ قالىدۇ.



مەسىلەن، مەلۇم بىر بالا ئىلەڭگۈچ ئوينىماقچى بولۇپ ئىلەڭگۈچنىڭ يېنىغا كېلىدۇ، ئەمما ئىلەڭگۈچتە دوستىنىڭ ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بالا دوستىنى ئىتتىرىپ چۈشۈرۈۋېتىپ ئوينامدۇ ياكى ئويناشتىن ۋاز كېچەمدۇ؟ بالا بۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلماي ئۆزىگە نۆۋەت كەلگۈچە ئىزىغا دەسسەش ھەرىكىتىنى ئىشلىگەچ ساقلىسا، ئۆزىنىڭ تەلىپىنى باشقىلار ئېتىراپ قىلىدىغان شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تىرىشۋاتقان بولىدۇ. ساقلاش جەريانىدا بالا \"ئىلەڭگۈچتىن چۈشمەمدىكىنا؟\" دېگەندەك خىلمۇخىل ئىچكىي توقۇنۇشلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆز ئۆزىنى توختىماي رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەمما، بالا ئۆزىنى ئىزچىل رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدىغان كۈچلۈك ئۆزلۈككە ھەر ۋاقىت ئىگە بولىۋەرمەيدۇ. بۇنىڭدا ئەتىراپتىكىلەرنىڭ مەدىتى زۆرۈر بولىدۇ. ئادەتتە ئاتا – ئانا بالىغا مەدەت بېرىشتا \"غەيرەت قىل\" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ. بالىنىڭ مۇشۇنداق سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ گېپى سۈپىتىدە تەبىئىي ھالدا ئۆزىگە ئىشلىتىشىمۇ ئۆزلۈكنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.



بالىنىڭ ئاتا – ئانىدىن ئاڭلىغان گەپلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئۆز ئۆزىگە تەكرارلاپ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى مەن كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىدۇر. ئۇجىئىئې (氏家) بالىنىڭ ئىچكى تىلنى ئىگىلىشى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن: \"ئانىنىڭ نۇتۇق پائالىيىتى بالىنىڭ ئەملىي سۆز - ھەرىكتىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ، يەنى بالا سۆزلىيەلەيدىغان بولغاندا ئۆز ئۆزىگە تىل ئارقىلىق بويرۇق چۈشۈرۈدۇ ... ئىرادە تۈسىدىكى ھەرىكەت ئادەمنى ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىدىغان كۈلتۈر خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، تىلنى مەركەز قىلىدىغان تەپەككۇر ۋە ئاڭ ھەقىيقى ئادىمىيلىككە ئۆتۈشتىكى مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ.\" بالىنىڭ تىل ئىگىلىشىدە ئانىنى مەركەز قىلغان ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ رولى كەم بولسا بولمايدۇ. بالىنىڭ ھەرىكىتىدە تىل ۋاسىتە سۈپىتىدە رول ئوينايدىغان بولۇپ، ئۆزلۈكنىڭ تەرەققىياتى بىلەن باغلانغان بولىدۇ.



3. تىل ئىگىلەش ۋە تىل مائارىپى نۇقتىسىدىن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنى سېلىشتۇرۇش



1.3. ياخشى بالا سالاھىيىتى

ياپونىيەلىك بالىلار (يەسلى بالىلىرى) قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەنمىگەن بولسىمۇ، يەسلىدە رايىش بولالايدۇ. ياپونىيەنىڭ يەسلىلىرىدە ئۈچ ياشتىكى 30 نەپەر بالىنىڭمۇ پول ئۈستىدە تىزىلىپ ئولتۇرۇپ مۇئەللىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاۋاتقانلىقىنى دائىم كۆرگىلى بولىدۇ. ياپونىيە يەسلىلىرىدە 30 نەپەر بالىغا بىر ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولىدىغان ئەھۋال ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئەمەس. ئامېرىكا يەسلىلىرىدە بولسا ئوقۇتقۇچىدىن باشقا يەنە ياردەمچى ئوقۇتقۇچى، پىدايى ئانا قاتارلىقلار بولۇپ، ئادەتتە 5 - 6 بالىغا بىردىن تەربىيىچى سەپلىنىدۇ. ئوزۇما (東) \"بۇ خىل ئەھۋال ياپونىيەدىكى نۇرغۇن بالىلار يەسلىنى <تالا> سۈپىتىدە ئەركىن – ئازادە بولالايدىغان <ئۆي> دىن ئايرىپ تونۇپ، شۇنداقلا <ياخشى بالا سالاھىيىتى> نى ئۆزىنىڭ رولى دەپ چۈشىنىپ، <ياخشى بالا سالاھىيىتى> نىڭ ساھىبىدەك ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىدە ئىچكى كونتروللۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىدىن بولغان\" دەپ بايان قىلىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، بالا \"ياخشى بالا سالاھىيىتى\" گە خاس ئالاھىدىلىكنى ئۆزىدە ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۆز ھەرىكىتىنى ئاشۇ \" ياخشى بالا سالاھىيىتى\" نىڭ ئوبرازىغا ماس ھالدا كونترول قىلىدۇ.



ئۇنداقتا، ئائىلىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان قانداق تەربىيە بالىدا \"ياخشى بالا سالاھىيىتى\" قارىشىنى شەكىللەندۈرىدۇ؟ ئانىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى، سۆزلەش ئۇسۇلى قاتارلىقلار بالىنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئېنىقلاش مەقسىتىدە ئانىنىڭ ئۈچ يېرىم ياشلىق بالىغا قوللانغان تەربىيە ئۇسۇلى ئۈستىدە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە سېلىشتۇرۇلۇپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. تەكشۈرۈشتە بالىنىڭ ئورۇنسىز سۆز - ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، ئانىدىن ئۆز بالىسىنىڭ ھازىر ئاشۇنداق سۆز - ھەرىكەتنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىشى ۋە مۇشۇ خىل ئەھۋالدا نېمە دېيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. مەسىلەن \"بالىڭىز كەشلىك تاماقتىكى قورۇمىلارغا ئۆچلىگىنى ئېيتىپ، يېيىشنى خالىمىسا، سىز بالىڭىزغا نېمە دېيسىز؟ بالىڭىزنى ھازىر مۇشۇ يەردە شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ بىلىپ جاۋاب بېرىڭ\" دېگەندەك سوئاللار قويۇلغان. ياپونىيەلىك ئانىلارمۇ، ئامېرىكىلىق ئانىلارمۇ ئوخشالا \"ئۇنداق گەپنى قىلماي يېگىن\" \"يەپ باقە، بەك مەززىلىك\" دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ يېگۈزمەكچى بولغان. ئوخشىماسلىق پەقەت \"يەنىلا يېمىسىچۇ؟\" دەپ ئانىلاردىن داۋاملىق سورىغاندىلا ئىپادىلىنىپ چىققان. نېمە ئۈچۈن يېمىسە بولمايدىغانلقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ قايىل قىلىدىغان چاغدا ئوتتۇرىغا چىقىدىغان ئاساسلاردا ئوخشىماسلىق كۆرۈلگەن. مەزكۇر ئاساس \"ئاتا - ئانىلىق نوپۇز\" \"قائىدە\" \"كەيپىيات\" \"نەتىجە\" قاتارلىق تۆت تۈرگە يىغىنچاقلانغان.



مۇشۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى ئادەمنى جەلىپ قىلىدىغان نۇقتا \" ئاتا - ئانىلىق نوپۇز\" دۇر. بالىنى ئانىنىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلدۇرۇشتا ئاتا - ئانىلىق نوپۇزغا تاينىمىز دېگۈچىلەر ئامېرىكىدا50% بولغان، ياپونىيەدە 18% بولۇپ، ئامېرىكىدىن يېرىمدىن كۆپرەك تۆۋەن تۇرغان. ياپونىيەدە ئەڭ كۆپ بولغىنى \"نەتىجە\" بولغان. مەزكۇر تۈرلەردىكى \"قائىدە\" نى نوپۇز خاراكتېرىنى ئالغان نەرسە، \"كەيپىيات\" نى بولسا بىر خىل نەتىجە دەپ قارىساقلا، پەرقلەر بىردەك روشەنلىشىدۇ. يەنى، ئامېرىكىدا تەربىيە ئېلىپ بېرىشتا \"نوپۇز مۇناسىۋىتى\" زۆرۈر بولسا، ياپونىيەدە بالىلارنىڭ \"ياخشى بالا\" بولۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي مەيدانىدا تۇرۇپ، ئورۇنسىز سۆز – ھەرىكەتلەرنى قىلغانلىقىنى بالىنىڭ ئەھۋالنى ياخشى بىلمىگەنلىكىدىن بولغان دەپ قاراپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى چۈشەندۈرۈش ۋە كەيپىيات ئارقىلىق بالىغا بىلدۈرۈش زۆرۈر بولغان. بالىنى پۈتۈن ېۇجۇدى بىلەن تەربىيەلەش ھېسسىياتى ئامرىكىلىق ئانىلاردىمۇ، ياپونىيەلىك ئانىلاردىمۇ ئوخشاشلا كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما \" ياخشى بالا سالاھىيىتى\" ھەققىدىكى تەپەككۇرنىڭ ئوخشىماسلىقىدىن تەربىيەدىكى ئوخشىماسلىق كېلىپ چىققان.



2.3. سىڭىپ كىرىش تىپىدىكى تەربىيە



بۇ يەردە \"ياخشى بالا سالاھىيىتى\" نىڭ ئائىلىدىكى ئەمەلىي تەربىيەگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە سېلىشتۇرۇلىدۇ.



ئامېىركا – ياپونىيە ئانا – بالىلار تەتقىقاتىدا ئانىنىڭ بالا تەربىيەلەش پوزىتسىيەسى يۈز تۇرا ئىمتاھان شەكلىدە تەكشۈرۈلگەن. \"بالىڭىزغا ھەرپ ئۆگىتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلدىڭىز؟\" دېگەن سوئالمۇ سورالغان. بالىلار تۆت يېشىدا ھەرپلەرنى راۋرۇس ئوقۇيالايدىغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ياپونىيەنىڭ مائارىپقا بەكلا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ياپونىيەلىك ئانىلار بالىلىرىغا ئائىلىدە بىرنېمىلەرنى ئانچە ئۆگىتىپ كەتمىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلاردا ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دېگەن قاراش بەكلا كۈچلۈك بولغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرما بولىدىغىنى، ئامېرىكىلىق ئانىلار ئۆزى بالىلىرىغا ئۆگەتكەن نەرسىلەردىن ئىككى، ئۈچ خىلنى ئېيتىپ بەرگەن.



بۇ تەكشۈرۈشتە ئېنىق بولغىنى شۇكى، ياپونىيەلىك ئانىلار ئوقۇش يېشىدىن بۇرۇن (يەسلى مەزگىلىدە) باللىرىغا بىلىم خاراكتېرىدىكى نەرسىلەرنى \"ئۆگەتمەيدىغان\" خائىشقا ئىگە. ھەقىقەتەن ياپونىيەدىكى \"مائارىپپەرەس ئانا\" دەپ ئاتىلىدىغان مائارىپقا بەكلا ئاكتىپ مۇئامىلە قىلىدىغان ئانىلار ئۆزى ئۆگەتكەنگە قارىغاندا بالىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى ماتېرىياللىق تەبىيىلەش مەركەزلىرى ۋە ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىرىغا تاپشۇرغان ياخشى دەپ قارايدىغان بولۇپ، ئۇلاردا يەكمۇيەك ئۆگىتىشتىن ساقلىنىش خائىشى كۈچلۈك، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.



ياپونىيەلىكلەرنىڭ تەربىيەسى ئامېرىكىلىقلارنىكىگە ئوخشاش ئايرىم – ئايرىم مۇستەقىل شەخسلەر ئارىسىدا نوپۇز مۇناسىۋىتى ئاساسىدا بولمايدۇ، مەزكۇر تەربىيەگە بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان ئارزۇ – ئارمانلار سىڭدۈرۈلگەن بولىدۇ. يەنى، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىغا \"سەن ياخشى بالا، ياخشى بالا ئۇنداق ئىشنى قىلمايدۇ\" دېيىش ئارقىلىق بالىلارغا \"ياخشى بالا\" دا بولۇشقا تېگىشلىك ھالەتلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئوزۇما (東) مۇشۇنداق تەربىيەنى ئامېرىكىلىقلارنىڭ \"سىڭدۈرۈش\" تىپىدىكى تەربىيەسىگە نىسبەتەن \"سىڭىپ كىرىش\" تىپىدىكى تەربىيە دەپ ئاتاپ، ئۇنى ياپونىيەچە تەربىيەنىڭ ئالاھىدىلىكى، دەپ تەشەببۇس قىلغان.



3.3. مەكتەپ تەربىيىسىدىكى ئوخشىماسلىق



ئەمدى گەپنى ئامېرىكا ۋە ياپونىيە مەكتەپلىرىنىڭ ئومۇمىي تەربىيە قۇرۇلمىسغا قارىتىمەن. ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرى دىققەتنى ئوقۇغۇچىلارنىىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، بولۇپمۇ ھېسسىيات ۋە مۇددىئاسىغا ماس كېلىدىغان ئەمەلىي قۇرۇلمىغا قاراتماقتا. مەسىلەن، تازىلىق قىلغاندا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھەمكارلاشتۇرۇش نەتىجىسىدە دەرسخانىنىڭ پاكىزە بولىدىغانلىقى ۋە ئۆگىنىشكىمۇ قولايلىق بولىدىغانلىقىنى بالىلارغا ھېس قىلدۇرۇپ ئۇلارنى \"ئۆزلۈكىدىن\" ھەمكارلىشىدىغان قىلىشقا كۆڭۈل بۆلۈش. تازىلىق قىلىشلا ئەمەس، تەشكىللىك بېكىتىلگەن كوللېكتىپ نىشاننى ئەتىگەنلىك يىغىن (شۇ كۈنلۈك پائالىيەتلەرنى باشلاشتىن بۇرۇنقى كىچىك يىغىلىش) دا ئاڭلىتىش ۋە ئېلان تاختىسىدا كۆرسىتىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ مەزكۇر نىشاننى ئىچكىيلىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش. نىشاننى ئىچكىيلەشتۈرگەن ئەھۋالدا ھەرىكەت ئۇنىڭغا بويسۇنمىسا بالىلاردا روھىي ئارامسىزلىق پەيدا بولىدىغان بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ھەمكارچىسىنىڭ چەكلىمىسى ئۇنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە بولسا دەرسخانىدا كۆپ قېتىلىق ئۆزئارا پاراڭلىشىش ئارقىلىق، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى ئاساسىدا بالىلار ئۆز نىشانى ئۈستىدە مەسلىھەتلىشىشكە ۋە قارار قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق بالىلاردا ئۆزى بېكىتكەن نىشان ياكى تۈزۈمگە \"ئۆزلۈكىدىن\" بويسۇنىدىغان ھالەتنى شەكىللەندۈرۈش مەقسەت قىلىنىدۇ.



مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە پىدايى بولۇپ بارغان چېغىمدا باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئەھۋالنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىمۇ ئوخشاش داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان. دەرسخانىغا كىرگىنىڭىزدە دوسكىنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تەلىمى، يىللىق نىشان ئېسىلغانلىقىنى، دەرسخانىنىڭ ئارقا تېمىغا بولسا سىنىپ ھەيەتلىرىنىڭ شۇ ئايلىق نىشانى ئېسىلغانلىقىنى كۆرۈسىز. ئادەتتە ئوقۇغۇچىلارنى نىشانلار ئورۇۋالغان بولىدۇ، يەنە ئەتىگەنلىك يىغىن ۋە قايتىش يىغىنى (بىر كۈنلۈك دەرس ئاياغلاشقاندىن كېيىنكى كىچىك يىغىلىش) دىمۇ ئوقۇتقۇچى شۇ كۈنلۈك نىشان ھەققىدە كۆرسەتمە بېرىدۇ. دېمەك، نىشاننى ئىچكىلەشتۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى ماڭدامدا بىر بايقاشقا بولىدۇ.



دىققەتنى ھېسسىيات ۋە مۇددىئا دېگەنلەرگە قارىتىش بولسا پەقەت نىشان بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بىز ئاسانلا تۇيغۇداش (empathy) بولالايدىغانلار ئائىلە ئەزالىرى ۋە دوست – بۇرادەرلەر دېگەندەك بىر بىرىمىز ھەققىدە كوپ ئۇچۇرغا ئىگە بولغان ۋە ئورتاق تەرەپلىرىمىز كۆپ بولغان ئادەملەردۇر. مۇشۇ قاراش بويىچە بولغاندا، ياپونىيە باشلانغۇچ مەكتەپلىرىنى ئامېرىكا باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە يوق بولغان، يەنە تۇيغۇداشلىق ئۆز فونكسىيەسىنى ئاسانلا جارى قىلدۇرالايدىغان نۇرغۇن شارائىتقا ئىگە دېيىشكە بولىدۇ. سىنې يوشى (恒吉) نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، \"ماسلاشما ھەرىكەت\" ئورتاق كەچمىش ئارقىلىق بىر بىرىنىڭ ئىشىنى بىلىش، ئوخشاپ كېتىدىغان تەسىرنى ئاسانلا قۇبۇل قىلىش دېگەنلىك بولۇپ، بۇنىڭدا تۇيغۇداشلىق شارائىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتى چوڭ بولىدۇ. مەسىلەن، ياپونىيە مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ ھەر خىل مەشغۇلات ۋەزىپىلىرىنى سىنىپ كوللېكتىپنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈپىتىدە ئۈستىگە ئالىدۇ. سىنىپ كوللېكتىپىنى بىرلىك قىىلغان قىسقا يىغىلىشلار دائىم بولۇپ تورىدۇ. پۈتۈن مەكتەپتە ئەتىگەنلىك يىغىن ئېچىلىدۇ. كۇلۇب ۋە دالا پائالىيەتلىرى گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ تۇرىدۇ. مانا بۇلار ئوقۇغۇچىلارنى ئاز بولمىغان ماسلاشما ھەرىكەت قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە بولسا سىنىپنى بىرلىك قىلغان كوللېكتىپ ھەرىكەتلەر تەكىتلەنمەيدۇ. دەرسلىكتە گۇرۇپپا پائالىيىتىدىن پايدىلىنىش تىلغا ئېلىنسىمۇ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىقلا بولىدۇ.



مەكتەپلەردىكى ھېسسىيات ۋە مۇددىئانى مۇھىم نۇقتا قىلغان سىستېمىغا \"ماسلاشما ھەرىكەت\" لەرنىڭ كۆپلەپ ئورۇنلىشىۋاتقانلىقىنى \"سىڭىپ كىرىش\" تىپىدىكى تەربىيەنىڭ ئىپادىسى دېيىشكە بولىدۇ. يەنى، بالىلار ئۆزلۈكىدىن ماسلاشما ھەرىكەت قىلالمايدىغان بولۇپ، بۇ يەردە نىشاش دەپ ئاتىلىدىغان ئىستەك سىڭدۈرۈۋېتىلىدىغان بولغاچقىلا، بالىلارنىڭ ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. ئەمما، ھەدېسىلا \"سىڭىپ كىرىش\" (مەشغۇلاتتا ئۆگىتىش) تىپىدە تەربىيە ئېلىپ بېرىشنى ياخشى دەپ قاراشقىمۇ بولمايدۇ. \"سىڭدۈرۈش\" (نۇتۇقتا ئۆگىتىش) تىپىدىكى تەربىيە، يەنى نۇتۇقتا ئېنىق يېتەكلەش ئارقىلىقمۇ ئوقۇغۇچىلارغا تەپەككۇر ۋە مۇئەييەن مەيداننى روشەن ھېس قىلدۇرۇشقا بولىدۇ. \"سىڭىپ كىرىش\" تىپىدىكى تەربىيە بىلەن \"سىڭدۈرۈش\" تىپىدىكى تەربىيەنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ يېتەكلەش بۇندىن كېيىنكى مائارىپتا مۇھىم نۇقتا بولىدۇ.



4. مەكتەپتىكى تىل مائارىپى



1.4. \"ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى\" نىڭ مۇھىملىقى



ھازىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ \"ئانا تىل\" (ياپون تىلى) دەرسلىكى \" ئانا تىلدا مۇۋاپىق ئىپادىلەش ۋە توغرا چۈشۈنىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە مۇلاھىزە ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان تىل سەزگۈسىنى بېيىتىش ئارقىلىق ئانا تىلىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئانا تىلغا نىسبەتەن ھۆرمەت پوزىتسىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش\" نى نىشان قىلىدۇ.



مەن بۇ يەردە \"ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى\" ھەققىدە نۇقتىلىق توختىلىمەن. \"ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى\" زادى قانداق ئىقتىدار؟ \"تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئۆگىنىشكە يېتەكلەش پروگراممىسى\" دا \"ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى\" نى تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرگەن:



\"<ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى> دېگىنىمىز ئادەم بىلەن ئادەم مۇناسىۋىتىدە بىر بىرىنىڭ مەيدانى ۋە ئويلىغىنىغا ھۆرمەت قىلىپ تىل ئارقىلىق مۇۋاپىق ئىپادىلەش ۋە توغرا چۈشۈنىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، دەرس ۋەقتىدا ئۆزئار پاراڭلىشىش، ئۆزئارا مەسلىھەت بېرىش، ئۆزئار پىكىر بايان قىلىش قاتارلىق ئۆزئارا يەتكۈزۈش سورۇنىنى مەقسەتلىك لاھىيەلەپ ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەشكە كۆڭۈل بۆلگەندە ئوقۇغۇچىلار دوستلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى قۇبۇل قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ.



جىددىي ئۆزگىرىش بولىدىغان بۇندىن كېيىنكى جەمئىيەتتە تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن مەيدان ۋە ئوي – پىكىرلەرنى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشىپ بىر بىرىگە يەتكۈزۈشنى ئۈنۈمدارلىققا ئىگە قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مول ئىنسانىي مۇناسىۋەتنى بەرپا قىلىپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ھەمكارلىق ئاساسىدا تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر.



ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا زۆرۈر بولغان تىل ئارقىلىق ئۆزئارا يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ، <ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى> نى يۇقىرى كۆتۈرۈش بولسا ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئانا تىل دەرسلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنىدۇر.



ھازىرقى دەۋر تېز ئۆزگىرىش بولىدىغان ئۇچۇرلاشقان دەۋر. ئىنتېرنېتمۇ ئومۇملاشقان بولۇپ، بالىلار كۆپلىگەن ئۇچۇرلارغا ئاسانلا ئېرىشەلەيدۇ. ئۇچۇر تاشقىنى كۆرۈرۈلىدىغان، چوڭ ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدىغان جەمئىيەتتە ئادەملەرنىڭ تونۇشىمۇ كۆپ خىللىشىپ ماڭىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا <باشقىلارمۇ ماڭا ئوخشاش تەپەككۇر قىلىشى كېرەك> دەپ ئويلىغاندا، ئۆزئارا يەتكۈزۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. <باشقىلار تەپەككۇر جەھەتتە مەن بىلەن پەرقلىنىدۇ> دەپ ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشقاندا بولسا <ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى> نى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.\"



  ئىنوئۇئې (井上) \"ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى\" بىلەن \"ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىشى\" ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: \"تېخىمۇ بەك دىققەت قىلىش كېرەك بولغىنى، <ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى> نىڭ ئۆز ۋە ئۆزگە دەپ ئاتىلىدىغان سوبيېكتلار مۇناسىۋىتىگە چېتىلىدىغان ئادىمىيلىكنى شەكىللەندۈرۈش رولىنى تەشەببۇس قىلىش، <ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى> نى ھەرگىزمۇ نۇقۇل ھالدىكى ئالاقە ئىقتىدارى مەسىلىسى دەپ قارىماسلىق. ... (قىسقارتىلدى) باي ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىشى ئىنسانىي مۇناسىۋەتنى تەلەپ قىلىدۇ.\"



مەكتەپ مائارىپىنى (باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى) قۇبۇل قىلىدىغان مەزگىلدە بالا ئالاقە قىلىدىغان ئادەملەر ئائىلە ئەزالىرىدىن مەكتەپكە، ئەينى رايونغا ۋە جەمئىيەتكە كېڭىيىدىغان بولۇپ، مۇشۇ مەزگىل بالىنىڭ پىششىپ يېتىلىدىغان مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئاتا – ئانا بىلەن بالىنىڭ ئالاقىسى توغرا ۋە يوسۇنلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ياكى ئەمەسلىكى، ئوخشىمىغان ياشتىكىلەر ياكى چوڭلار بىلەن بولغان ئالاقىدە ئۆزمەركەزچىلىك قىلماي ئۆز تىلىدا ئويلىغىنىنى يەتكۈزەلەيدىغان ئالاقە ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ياكى بولمىغانلىقىمۇ مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە مەكتەپتە يېتەرلىك تىل تەربىيەسىنى قۇبۇل قىلىپ، مۇناسىۋەت ئىىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ.



2.4. تىل مائارىپى نۇقتىسىدىن ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيەنى سېلىشتۇرۇش



ياماموتو (山本) ئەنگىلىيەنىڭ \"ئانا تىل\" (ئىنگلىز تىلى) مائارىپى ھەققىدە توختىلىپ \"ئەنگلىيەدە ئانا تىل دەرسلىكى باشقا ھەرقانداق دەرسلىكتىن مۇھىم دەپ قارىلىدۇ\" دەپ ئېيتقانىدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئانا تىل سۈپىتىدىكى ئىنگلىز تىلى مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. مەن بۇ نۇقتىنى ياپونىيەنىڭ ئانا تىل مائارىپى بىلەن ئوخشاش دەپ قارايمەن. ئەمما، ئەنگىلىيەدىكى مەكتەپلەر نۇقۇل بالىلارنى ئۆزئارا پاراڭلاشتۇرۇش، خۇلاسىلىتىش، دېكلاماتسىيە قىلدۇرۇش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئەنگىلىيە مائارىپىدا دەرسنىڭ ئىجادىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ. ئەنگلىيە ئانا تىل مائارىپىنىڭ ئەمەلىي ھالىتى تۆۋەندىكىدەك:



ئەنگىلىيەدە 7 ياشتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلارنى ئوبيېكىت قىلىپ سېلىشتۇرما خاراكتېرىدە كەڭ دائىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان \"كۆرسىتىش ۋە چۈشەندۈرۈش\" دەپ ئاتىلىدىغان سىناق بار. بۇ سىناقتا بالىلار ئۆزلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىنى كۆرسەتكەچ ئۇ نەرسىنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. بۇ يەردە كۆرسەتكەن نەرسىنىڭ ئۆزى مۇھىم ئەمەس، بەلكى بالىلارغا سۆزلەش پۇرسىتى بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ. ئۆزلىرى بىلىدىغان نەرسىلەر بولغاچقا بالىلار ئىشەنچ بىلەن سۆزلىيەلەيدۇ، تەييارلىق قىلىشمۇ ئاسانغا توختايدۇ. يەن ئاتا – ئانىلاردىن سوراپ ئۆگىنىش پۇرسىتىمۇ يارىتىلغان بولىدۇ.



تېمىنى ئۆزىگە تەييارلاتقۇزۇش بالىلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈررىدىغان بولۇپ، ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىلىدۇ. بىرىنچى مەزمۇندا بايان قىلغىنىمدەك ياپونىيە ئانا تىل مائارىپىدىمۇ ئۆزئارا يەتكۈزۈش مۇھىتىدا ئالدى بىلەن بالىلارنىڭ ئۆزلىرى يەتكۈزمەكچى بولغىنى ئەڭ مۇھىم دەپ قارىلىدۇ. بالىلارنىڭ قىزىقىش – ھەۋەسلىرى پەرقلىنىدىغان بولغاچقا، تېمىنى ئۆزلىرى تەييارلىسا ۋە سۆزلەش پۇرسىتى بېرىلسە، ئۇلار سۆزلەشكە كۆنەلەيدىغان بولىدۇ.



ئەنگىلىيەلىك بالىلار ئادەتتە باشقىلارنىڭ ئالدىدا قورۇنماي ئەركىن پىكىر قىلىش ئادىتىنى ئۆزلەشتۈرگەن بولىدۇ. مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى بارلىق ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار قاتناشقان چوڭ يىغىندا مەكتەپ مۇدىرى نۇقۇل سۆز قىلىش بىلەنلا توختاپ قالماي، سۆزلەش جەريانىدا باشتىن ئاخىر ئوقۇغۇچىلارغا سوئال تاشلىغان، ئوقۇغۇچىلار بو سوئاللارغا جاۋاب بەرگەن. مەكتەپ مۇدىرى سۆزىنى دىئالوگ شەكلىدە داۋاملاشتۇرغان. مەكتەپ مۇدىرى ئىسمىنى ئاتىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك باشقىلار ئاڭلىيالىغۇدە ئاۋازدا جاۋاب بەرگەن. ئەتىراپمۇ جىمجىت بولۇپ، يىغىن جەريانىدا \"گەپ قىلماڭلار\" دېگەن ئەسكەرتمە ئاۋازمۇ ئاڭلانمىغان.



ياپونىيە مەكتەپلىرىدىكى چوڭ يىغىنلاردا بولسا بالىلارنىڭ سۆزلەش پۇرسىتى يوق، پۇرسەت بېرىلگەن تەقدىردىمۇ سۆزلەيدىغان بالىنىڭ چىقىشى بىر گەپ. يۇقىرىقى مىسال ئاڭلىغۇچى سۈپىتىدىكى پوزىتسىيەنىڭ يېتىلىۋاتقانلىقىغا دەلىل بولىدۇ دەپ قارايمەن. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ مۇدىرى سۆز قىلىۋاتقان چاغدا ئۇنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ۋە تولۇق ئاڭلاپ ئۆزىدە مۇئەييەن پىكىر شەكىللەندۈرمىسە، پىكىر بايان قىلالمايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئاڭلىغۇچىنىڭ مەيدانىنى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىدا چۈشىنىشكە باشلايدۇ. پىكىر بايان قىلغۇچى \"ئاڭلىغۇچى مېنىڭ پىكىرىمنى قىزىقىپ ئاڭلاۋاتىدۇ\" دەپ ئويلىيالايدىغان مۇھىت بولغاندىلا سۆز قىلىش ئاسانغا توختايدۇ. سۆز قىلىشقا قولايلىق مۇھىتنى بەرپا قىلىش مەسىلىسى تىل مائارىپىدىكى مۇھىم مەسىلىدۇر. نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئالدىدا سۆز قىلىش چوڭلاردىمۇ جىددىيلىك پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا، بالىلاردا ئويلىغانلىرىنى خاتىرىجەم بايان قىلالايدىغان مۇھىتنى بەرپا قىلىش ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.



3.4. دىئالوگدىكى ئادىمىيلىك



مۇراماسى (村松) \"ئۆزئارا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى\" غا \"دىئالوگ ئىقتىدارى\" سۈپىتىدە قايتا قاراپ چىقىشنى تەكىتلەيدۇ. \"دىئالوگ\" ئەمەلىيىتىدە \"ئاڭلاپ ئىنكاس قىلىش\" يېتەكلەش رولىنى ئوينايدۇ، مۇشۇنداق بولغاندا \"يېزىش\" نى ئوقۇرمەن بىلەن، \"ئوقۇش\" نى يازغۇچى بىلەن بولىدىغان دىئالوگ دەپ چۈشىنىش ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدۇ.



بۇ يەردە دىئالوگ ھەققىدە توختىلىمەن. ۋاشىدا (鷲田) \"سۆزنى ئاڭلاش\" نى دىئالوگنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ قاراپ، ئۇنىڭ مۇنازىرە بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيدۇ: \"مۇنازىردە مۇنازىچىنىڭ قارىشى مەيلى قانچىلىك قاتتىق رەدىيە ۋە زەربىگە ئۇچرىشىدىن قەتئىينەزەر باشتىن ئاخىر ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەمما، دىئالوگ مۇھىتىدا بولسا سۆزلىگۈچى بىلەن ئاڭلىغۇچىنىڭ پىكىر – قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ. بۇنداق ئۆزگىرىشكە \"ئاڭلاش\" كاتالىزاتور بولىدۇ.\"



دەرس ۋاقتىدا ھازىرلانغان سۆزلىگۈچى بىلە ئاڭلىغۇچىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇھىتىدا سۆزلىگۈچىنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى بولۇشى، سۆزلەش ئۇسۇلى دېگەنلەر يېتەكلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىنىدىغاندەكلا تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەمما \"ئاڭلاپ ئىنكاس قايتۇرۇش\" دىئالوگ ئارقىلىق بولىدىغان بولغاچقا، ئۇ ئىككىلا تەرەپنىڭ پىكىر – قارىشىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئادىمىيلىكنىڭ شەكىللىنىش مۇھىتى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. بالىلار دىئالوگ ئارقىلىق بىر بىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىغان بولسا، ئاڭلاشنى نۇقۇل ھالدىكى پاسسىپ ھەرىكەت دېيىشكە بولمايدۇ.



5. بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل مائارىپى



1.5. ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى ئۆگىنىش



تۆۋەندە، بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل مائارىپى تەلەپ قىلىدىغان مۇھىم نۇقتا \"ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش\" ھەققىدە توختىلىمەن.



خىراكى (平木) ئامېرىكا پسىخولوگىيە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قاراشلىرى ئاساسىدا كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۇسۇلىنى چوڭ جەھەتتىن تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە ئايرىپ بايان قىلغان:



① ئۆزىنىلا ئويلاپ باشقىارنى چۆكۈرۈدىغان ئۇسۇل = زەربە خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئىپادىلەش



② باشقىلارنىڭ ئىشىنى مۇھىم بىلىپ، ئۆزىنىڭكىنى كېيىن قالدۇرىدىغان ئۇسۇل = غەيرى تەشەببۇسكار ئۆزىنى ئىپادىلەش



③ ئۆزىنىڭ ئىشىنى ئاۋۋال ئويلىشىدىغان، ئەمما باشقىلارنىڭ ئىشىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئۇسۇل = ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش



ئەمدى كونكرېت مۇھىتنى ئويلىشىپ باقايلى. تاللا بازىرىنىڭ پۇل تاپشۇرۇش ئورنىدا نۇرغۇن ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتقاندا بىرەيلەن ئۆچىرەتنى بوزۇپ قىسىلىپ كىرىۋالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا بىرىنچى خىلدىكى \"زەربە خاراكتېرلىك ئۆزىنى ئىپادىلەش\" كە مايىل ئادەم يۇقىرى ئاۋازدا \"ھوي، سېنى دېيمەن، ھەممە ئادەم ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتىدۇ، كەينىگە بېرىپ تۇر\" دەپ ۋارقىرايدۇ. بۇ پەقەت يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىراشلا بولماستىن، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى ئېتىبارغا ئالماي ئۆز مەيلىچە ھەرىكەت قىلىش ۋە ئۇستىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ نەپسىنى بېسىش ئارقىلىق قارىشى تەرەپنى ئۆزىنىڭ ئويلىغىنى بويىچە ئىش قىلغۇزۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ يەردە قارشى تەرەپنى قۇربانلىق قىلىش بەدىلىگە ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىككىنچى خىلدىكى \"غەيرى تەشەببۇسكار ئۆزىنى ئىپادىلەش\" كە مايىل ئادەم ئۆچىرەتكە قىسىلىپ كىرىۋالغان ئادەمگە ھېچنېمە دېمەيدۇ، ئاچچىقى كەلسىمۇ چىداپ تۇرىدۇ. بۇ خىلدىكى ئىپادە ئېنىقسىز سۆزلەش، سەۋەب چۈشەندۈرگەندەك سۆزلەش، ئەگىتىپ سۆزلەش، بوش ئاۋازدا سۆزلەش دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ياپونىيەلىكلەر قارىشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھېسسىياتىنى چىقىش قىلىدىغان كۈلتۈر ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى سەۋەبىلىك، ياپونىيەدە غەيرى تەشەببۇسكار ئادەملەر كۆپ دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق ئادەملەر قارىشى تەرەپكىمۇ، ئۆزىگىمۇ تۈز مۇئامىلە قىلالماي ئۆزىدىكى بېسىمنى ئاشۇرىۋېتىدۇ.



ئۈچىنچى خىلدىكى \" ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش\" كە مايىل ئادەملەر قانداق بولىدۇ؟ ئاۋۋال ئۆچىرەتكە قىسىلىپ كىرىۋالغان ئادەمگە سوغۇققان ھالەتتە \"بۇ يەردە كۆپچىلىك ئۆچىرەتتە تۇرىۋاتىدۇ، شۇڭا كەينىگە بېرىپ تۇرسىڭىز بولارمۇ؟\" دەپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى ۋە قارىشىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئەينى مۇھىتقا ماس كەلگەن ئۇسۇل ئارقىلىق ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. مۇشۇنداق قىلسىلا، ئىشنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە بولۇپ كېتىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇڭا توقۇنۇشنىڭ يۈز بېرىشىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايدىغان، توقۇنۇش يۈز بەرسىمۇ ئۇنى قۇبۇل قىلىدىغان بوزىتسىيە \"ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش\" نىڭ ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ھەر كىشى ھەر خىل پىكىر – قاراشلارغا ئىگە بولغاچقا، \"ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش\" كىشىلەر ئارىسىدىكى چۈشىنىشنى ۋە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.



ئۇنداقتا، مەكتەپ ئەمەلىيىتىدە \"ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش\" قانداق جارى بولۇپ ماڭىدۇ؟ ئۆزئارا سۆزلىشىش مۇھىتىدا \"ئاۋال سۆزلەپ كۆرۈش\" ھەممىدىن مۇھىم. ئەمما، مۇشۇنداق \"سۆزلەپ كۆرۈش\" پۇرسىتگىمۇ نائىل بولالمايدىغان بالىلارنى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەقەللىي دىئالوگنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماي ئارامسىزلىنىۋاتقان بالىلارنى ئاز دېگىلى بولمايدۇ.



ئانا تىل دەرسىكىدىكى ھۆرمەت ئاساسىدىكى ئۆزىنى ئىپادىلەش تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي مىساللىرى ئىچىدىكى بىرىنى كۆرۈپ باقايلى. كىنجو (金成) \"ئانا تىل يىللىق ئوقۇتۇش پىلان تېمىسى\" نىڭ بىرسىنى \"ئادەم بىلەن ئۇچرىشىش\" دەپ بېكىتىپ، ئوقۇتۇش پىلانى بىلەن تېمىنى بىرلەشتۈرۈپ دەرس ئۆتكەن. مەزكۇر دەرسنىڭ ئوبيېكتى كېيئو شونان فۇجىساۋا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئىككىنچى يىللىقتىكى تۆت سىنىپ، جەمىئىي 160 نەپەر ئوقۇغۇچى بولغان. بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزىگىمۇ، قارشى تەرەپكىمۇ ئەھمىيەت بەرگۈزۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆزىدىكى ئىچكى ئامىللارنى ۋە بىر بىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن كېلىدىغان ئازادىلىكنى ئەمەلىي ھېس قىلدۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. ئانا تىل دەرسى بىلەن ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ۋە ئانا تىلنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن. مەسىلەن، ئوقۇغۇچىلارغا قەغەزنى پوملاپ ئاتما توپ قىلىپ، ئۇنى ھەر قېتىم قارشى تەرەپكە ئاتقاندا گەپكە بىرلەشتۈرۈپ ئېتىش ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ خىل ئاتما توپ ھەرىكىتىدە ئېتىش ئىستىكى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ قەلبىنى توپ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارشى تەرەپكە يەتكۈزىدىغان بولغاچقا، بەدەن سەزگۈسى بىلەن تاۋۇشلۇق تىل بىرلەشتۈرۈلگەن مەزكۇر ئاتما توپ ھەرىكىتى ئارقىلىق قەلب بىلەن قەلبنىڭ دىئالوگىنىنى ھېس قىغۇزغان.



مۇشۇنداق بولغاندا ئانا تىل دەرسى بىلەن ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنىڭ ئىمكانىيىتى تۇغۇلىدىغان بولۇپ، ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش تەربىيەسىدە بالىلارنى كۈندىلىك ئالاقە مەشىقى قىلدۇرۇشقا بولىدۇ.



\"ئەستايىدىل ئاڭلاش مەشىقى\" دىكى \"ئەستايىدىل ئاڭلاش\" بولسا پسىخىك مەسلىھەت بېرىش ئۇسۇلىنىڭ بىرى بولۇپ، \"قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلاش\" \"قىزغىن ئاڭلاش\" دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ. \"ئاڭلاش\" سۆزىنىڭ مۇنداق ئىككى خىل مەنىسى بار: بىرى، قۇلاققا يېتىپ كىرگەن تەبىئىي ئاۋازنى ھېس قىلىش؛ يەنە بىرى، قۇلاقنى دىڭ تۇتۇپ قارىشى تەرەپنىڭ گېپىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش. خىراكى (平木) \"قارشى تەرەپنىڭ سۆزىنى دىققەت بىلەن ئاڭلاش\" نىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېيدۇ: \"ھەركىم ئۆزى يەتكۈزمەكچى بولغان مەنىنى قارشى تەرەپكە ئۆزى ئويلىغاندەك توغرا يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەمما، قارىشى تەرەپ پەقەت ئۆزىنىڭ كەيپىيات رامكىسىدا تۇرۇپ قارىشى تەرەپ يەتكۈزگەن مەنىنى قۇبۇل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا، قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى قارىشى تەرەرپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ چۈشىنىشكە تىرىشىش ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ كۆرسەك بۇ تولىمۇ ئەقەللىي بىر ئىش، ئامما ھازىرقى جەمئىيەتتە بۇ نۇقتىغا ئومۇمەن سەل قارىرىلۋاتىدۇ.\"



سۇزۇكى (鈴木) نىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش بولسا ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى مۇھىم بىلىدىغان، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىنى ھۆرمەت قلىدىغان ئالاقىدىن ئىبارەت بولۇپ، \"ئەستايىدىل ئاڭلاش ئىقتىدارى\" نى مەكتەپ مائارىپىدا يېتىلدۈرۈش كېرەك. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوقۇتقۇچى سۆزلىگۈچىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، قارشى تەرەپنىڭ گېپىنى ئاخىرىغىچە ئەستايىدىل ئاڭلاپ چۈشىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىشى زۆرۈر. بۇ يەردە ئاۋۋال ئوقۇتقۇچىنىڭ \"ئەستايىدىل ئاڭلاش\" جەھەتتە ئەمەلىي ئۈلگە كۆرسىتىشى ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئوقۇتقۇچى ئۆزى سۆزلىگەندە ئوقۇغۇچىلارغا \"ئەستايىدىل ئاڭلىغىنىڭلاردىن خۇشال بولىۋاتىمەن\" \"گەپلىرىمنى تەستىقلىدىڭلار. ئەستايىدىل ئاڭلاۋاتقىنىڭلار چىىقپ تۇرۇپتۇ\" دېگەندەك ئىنكاسلارنى قايتۇرسا، ئوقۇغۇچى سۆزلىگەندە ئوقۇتقۇچى \"يەنىمۇ تەپسىلىيرەك سۆزلەڭ\" دېيىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا سۆز قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرسە، يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا \"خۇلاسە قىلغاندا مۇنداقراق بولامدۇ نېمە؟\" \"ئوبدان بىلىۋالدىم، رەخمەت\" دېگەندەك گەپلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىدا كۈچلۈك تەسىر پەيدا قىلسا، ئوقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچى مېنىڭ گېپىمنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، دېگەن ئەمەلىي تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ.



ئۆزىنىڭ مۇھىم سانىلىدىغانلىقىنى ئەمەلىي ھېس قىلىدۇرىدىغان تەجرىبىلەرنى كۆپەيتىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلار ئۆزىنىمۇ، قارشى تەرەپنىۇ مۇھىم دەپ قاراشقا يېتەكلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىشىدا ئوقۇغۇچىنىڭ كۆڭلىنى خاتىرىجەم قىلالايدىغان كۈچ بولامدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەستايىدىل ئاڭلىشى ئوقۇغۇچىلارنى \"ئوي – پىكىرلىرىمنى بايان قىلساممۇ بەرىبىر\" دېيدىغان ئىلاجىسىزلىققا ۋە پەرۋاسىزلىققا دەۋەت قىلماسلىقى كېرەك. ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەم ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئاڭلايدىغان خۇلق ۋە تۇرقنى ئۆزلەشتۈرۈشكە ئىنتىلىشى كېرەك.



2.5. ئوقۇغۇچىنىڭ تۇيغۇسىغا يۈزلەنگەن دەرس



2008 – يىلى 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنىدىكى (ئوساكادا نەشر قىلىنغان) \"سەھەر گېزىتى\" گە بالىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر ماقالە بېسىلغان. بۇ ماقالىدا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلار، يەنى ئانچىكى گەپ تالاشسىلا قارشى تەرەپنىڭ يۈزىنى كاچاتلىشى، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچى سوغۇققان بولالماي پۇرسەت تېپىپ قارشى تەرەپنىڭ دۈمبىسىگە قايچا تىقىۋېتىشى دېگەندەك ئادەمنى چۆچىتىدىغان ھادىسىلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بالىلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىگە نىسبەتەن قاتتىق ئەندىشە ئىپادىلەنگەن. مەسىلىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توكيودىكى مەلۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ساقلىققا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى \"تىل ئارقىلىق ئالاقە قىلىش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولمىغاچقا، ئاسانلا قول تەگكۈزىدىغان ئىش يۈز بېرىدۇ\" دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. مۇشۇنداق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئوساكادىكى توموروگى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ساقلىققا مەسئۇل ئوقۇتقۇچىسى سىجىموتو كايو (辻本佳代) نىڭ \"غەزەپنى كونترول قىلىش ئۇسۇللىرى\" نى ئۆزلەشتۈرۈش دەرسى تۇنۇشتۇرۇلغان. بۇنىڭدا \"غەزەپ\" نىڭ ھەر خىل مۇھىتتىكى تېمپېراتۇراسىنىڭ (دەرىجىسىنىڭ) قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى \"غەزەپ تېرمومېتىرى\" ئۇقۇمى ئارقىلىق سانلىق ئىپادە قىلىنغان. مەسىلەن، \"دەرسخانىدا باشقىلار <مەن> نى سوقىۋېتىپ كەچۈرۈممۇ سورىماي كېتىپ قالسا 80 سېلىتسىيە گىرادۇس\" \"ئۆزى ھەققىدىكى ئۆسەك سۆز ياكى يامان گەپنى ئاڭلىسا20 سېلىتسىيە گىرادۇس\" دېگەندەك.



سىجىموتونىڭ دەرسىدىكى ئەھمىيەتلىك نۇقتا شۇكى، ئۇنىڭدا \"غەزەپ تېرمومېتىرى\" نى ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم – ئايرىم سان ئارقىلىق ئىپادە قىغۇزغاندىن كېيىن بىرقانچىسىنىڭ جاۋابلىرىنى تۈۋرۈكسىمان دىئاگرامما ئارقىىق سېلىشتۇرۇلۇپ، غەزەپنىڭ قوزغىلىش مۇھىتى ۋە غەزەپ دەرىجىسى ھەر كىشىنىڭ ھەرخىل بولىدىغانلىقى ئىپادىلەنگەن. دېمەك، ئۆزىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ئىش باشقىلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ سۆز – ھەرىكىتىنى دەڭسەپ كۆرۈش، مەسىلىنى قارىشى تەرەپنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ئويلاش تەبىئىي رەۋىشتە دەرستىكى ئاساسى تېما قىلىنغان.



ئامېرىكىنىڭ نۇئېۋا ئۆگىنىش مەركىزىدە ئوقۇغۇچىنىڭ ھېسسىياتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان دەرس ئۆتۈلمەكتە. دەنىيول گولمېن ئىلگىرى \"ئۆزلۈكشۇناسلىق\" دەپ ئاتىلىدىغان دەرس ھەققىدە توختالغان. ئۆزلۈكشۇناسلىق دەرسىنىڭ تېمىسى شەخسنىڭ ئۆزىدىكى تەبىئىي ھېسسىيات بىلەن كىشىلىك مۇناسىۋەت جەريانىدا پەيدا بولغان ھېسسىياتقا چېتىلىدۇ. مەزكۇر دەرستە چەتكە قېقىلىش سەۋەبلىك دىل يارىسىنىڭ پەيدا بولۇشى، ھەسەت قىلىش، پىكىر ئوخشىماسلىقىنىڭ جىدەلگە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى دېگەندەك نۇقتىلاردا ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىي كەچمىشلىرىنى ئاساس قىلىپ پاراڭلىشىدۇ. ئۆزلۈكشۇناسلىق دەرسىلىكى ھەققىدە كۆپ ئىزدەنگەن كاللېن ماكېرىننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئۆگىنىش بالىلارنىڭ ھېسسىياتىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ. كەيپىياتتىكى ئەقلىي خاراكتېر ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ھېساب دەرسى، ئانا تىل دەرسى دېگەنلەرگە ئوخشاشلا مۇھىم ھېسابلنىدۇ. پەقەت ھاياتىغا \"مەسىلىلىك بالا\" (problem child) تامغىسى بېسىلغان بالىلارغىلا قارىتا تولۇقلاش خاراكتېرىدە كەيپىيات تەربىيەسى ئېلىپ بېرىلماي، بارلىق بالىلارغا نىسبەتەن ياشاشتىكى زۆرۈرۈ تېخنىكا ۋە بىلىم سۈپىتىدە كەيپىيات تەرەبىيەسى بېرىلىشى كېرەك.



يۇقىرىدا تىل مائارىپىنىڭ يۈزلىنىشى سۈپىتىدە \"ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش\" بىلەن \"كەيپىيات ئۆگىنىش\" ھەققىدە توختالدىم. ئۆزىنىمۇ، قارشى تەرەپنىمۇ مۇھىم دەپ بىلىدىغان ئالاقە ھەرگىزمۇ شەخسنىڭ ئىجتىمائىي ماھارىتىنى چېكىندۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنى تاۋلايدۇ. روھىيەتنى \"پەرۋىش قىلىش\" قا ئەھمىيەت بېرىدىغان، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا سوئال تاشلىيالايدىغان دەرسلەرنى كۆپەيتىش كېرەك. بۇرۇنلاردا كوللېكتىپ ئۇيۇن ئويناش جەريانىدا بالىلار ئۆز ھېسسىياتىغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇلنى ئۆزلەشتۈرىدۇ دېيىلەتتى، ئەمما ھازىر بولسا بالىلار ئۆز ھېسسىياتىغا ماسلاشقان ئۇسۇلنى دەرس ئارقىلىق ئۆگىنىش دەۋرىدۇر. ئەمما، ئالاقە ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلىدۇرىدىغىنى يەنىلا بالىنىڭ ئۆزى بولىدۇ. بالىنى قوللايدىغان ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ رولى بولسا بالىغا تىل ئارقىلىق روھىيىتىنى پەرۋىش قىلىشى ئۈچۈن مۇھىت ھازىرلاپ، بالىغا ئۆزىنىڭ مۇھىم مەۋجۇتلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر.



6. تۈگەنچە



يۇقۇرىدا ئائىلە تەربىيەسى بىلەن مەكتەپ مائارىپىنى تىلشۇناسلىق يېقىدىن كۆزىتىش جەريانىدا بالىلارنىڭ تىل ئارقىلىق بىلىم ئېلىشىلا ئەمەس، يەنە روھىيىتىنى پەرۋىش قىلىشى ئۈچۈن قانداق مائارىپ بولسا ياخشى بولىدىغانلىقى؛ ئائىلىدە تىل ئىگىلەشتە \"ئامراق ئادەم\" بىلەن قانچىلىك دەرىجىدە ئىشەنچ مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقى ئۆزلۈكنىڭ تەرەققىياتىغا ماس ھالدا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، يەنى ئائىلىدە دىئالوگنىڭ كۆپرەك ئېلىپ بېرىلىشى بالىنىڭ ئۆزلۈك تەرەققىياتىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى؛ ئامېرىكا بىلەن سېلىشتۇرغاندا ياپونىيە مائارىپىدا \"سىڭىپ كىرىش\" شەكلى ___ نۇتۇق ئارقىلىق بىلدۈرۈش ئەمەس، بەلىكى كۆرسىتىپ ئۆگىتىش ئاساس قىلىنغان تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ يىلتىز تارتقانلىقى ۋە مەسىلىنى ئويلاشقاندا ئۆزىنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلىشىشنىڭ تەكىتلىنىدىغانلىقى، ئەمما ئەنگلىيە ئانا تىل مائارىپى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ياپونىيە ئانا تىل مائارىپىدا \"پىكىر ئالماشتۇرۇش\" نىڭ يېتەرسىز تەرەپ ئىكەنلىكى، بۇنىڭغا ھە دېگەندىلا قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىنى ئويلىشىپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادە قىلالماسلىقنىڭ سەۋەب بولغانلىقى؛ بالىلار قانداقلا بولمىسۇن ئۆز ھېسسىياتىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدىغانلىقى ... دېگەندەك تەرەپلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مۇشۇ ئاساستا بۇنىڭدىن كېيىنكى تىل مائارىپىدىكى زۆرۈرۈ نۇقتا سۈپىتىدە \"ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش\" ھەققىدە نۇقتىلىق مۇھاكىمە بولۇندى. ھۆرمەت ئاساسىدا ئۆزىنى ئىپادىلەش بولسا ئۆزىنىمۇ، قارشى تەرەپنىمۇ مۇھىم بىلگەن ئاساستا ئۆزىنى ئىپادىلەشتۇر. بۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىنىلا تەشەببۇس قىلش بولماستىن، بەلكى قارشى تەرەپنىڭ ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى تەشەببۇس قىلىشتۇر. بۇ چوڭلارغا نىسبەتەنمۇ ئاسانغا توختىمايدىغان ئىش بولغاچقا، ئوتتۇرا – باشلەنغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىش خېلىلا ۋاقىت تەلەپ قىلىدىغان ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، پەقەت ئانا تىل دەرسلىكىگىلا ئەمەس، يەنە پۈتكۈل مەكتەپ مىقياسىدا يېتەكچىلىك قىلغاندا بالىلار كۈنىنى بىر بىرىنىڭ مەيدانى ۋە پىكىرىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۆتكۈزەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە بولالايدۇ.



مەزكۇر ماقالىدا يەنە تىل مۇھىتى سۈپىتىدىكى ئائىلە ۋە مەكتەپ ھەققىدە توختىلىپ ئاساسەن ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىغا نىسبەتەن تىل ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىش ئۇسۇلى مەركەزلىك بايان قىلىندى. ئانا بىلەن ئوقۇتقۇچى بالىغا نىسبەتەن ئوخشىمايدىغان مەۋجۇتلۇق، ئەمما ئۇلار بالىنى قوغداش نۇقتىسىدا بولسا پەرقلەنمەيدۇ. \"ئەستايىدىل ئاڭلاش\" قىياپىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش پەقەت ئوقۇتقۇچىنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى يەنە ئائىلىنىڭمۇ ئىشى بولۇشى كېرەك. ئائىلە ۋە مەكتەپتە خاتېرىجەم سۆزلەش مۇھىتىنىڭ بولۇشى بالىنىڭ تىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈدۇ. بىر بالىنىڭ تىل ئىگىلىشدە تىل مائارىپىنى قۇبۇل قىلىشتىن باشقا يەنە ئەتراپتىكىلەرنىڭ رىغبىتى ۋە مېھىر – مۇھەببىتى كەم بولسا بولمايدۇ. مۇھىم سانالغانلىق كەچمىشىگە ئىگە بولغان بالا ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشقا، ئۆزى بىلەن قارىشى تەرەپنى مۇھىم دەپ بىلىدىغانلىقىنى سۆز – ھەرىكىتىدە ئىپادىلەشكە يۈزلىنىدۇ.







ئەسلى ماقالىنىڭ تور ئادرېسى:



http://www.ndsu.ac.jp/1000_guid/1400_depa/1430_japa/1434_gobun/1434_gobun_index.html#GOBUN1

abral37 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 16:53:37

مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەشنىڭ يېغىنىغا قاتناشقان جۇڭگۇ ئىجدىمائى پەنلەر ئىنىستۇتىدىن كەلگەن ۋەكىل جاڭ شۇ خۇا دىگەن كېشى مۇنداق دەپتۇ.

جۇڭگۇلۇق ئوقۇغۇچىلار ئىنگىلىز تىلىنى ئۈگىنىش جەريانىدا ئىنگىلىز تىلىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ، ئۇقۇشى تاشلىنىپ قالغان، نەتىجىدە پۈتۈن جۇڭگۇنىڭ مائارىپ سۈپىتى ۋەيران قىلىش خارەكتىرىدىكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان. خەنزۇ تىلىمۇ ھىچقاچان ئۇچراپ باقمىغان كىرىزىسقا ئۇچرىدى دەپتۇ.

مەنبەسى: http://news.163.com/13/0312/14/8PP7G12A0001124J.html?frp091
بەت: [1]
: ئانا تىل ___ ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى[تەرجىمە]