rawajtap يوللانغان ۋاقتى 2013-3-7 14:21:45

خانىم-قىزلار بايرىمىلىق سوۋغات

خانىم-قىزلار بايرىمىلىق سوۋغات

2013-03-07_151917.jpg



خانىم –قىزلارنىڭ جەڭگاھتىكى ھوقۇق-مەنپەئەتنى قوغداش قوللانمىسى

1. 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىدا دەم ئېلىشقا بولامدۇ؟ ئەگەر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت قىلىشنى بېكىتكەن بولسا، قانۇندا بېكىتىلگەن %300 لىك ئىسمىنا ھەققىنى بېرىشى كېرەكمۇ يوق؟

جاۋاب: 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىدا ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقى بار. لېكىن ئەدلىيە ئەمەلىيتىدە ئادەتتە ئىسمىنا ھەققى بېرىشنى قوللىمايدۇ. گوۋۇيۈەننىڭ «مەملىكەتلىك بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرىدە دەم ئېلىش تەدبىرى» نىڭ 3-تارمىقىدا، قىسمەن گىراژدانلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىلغان بايرام ۋە خاتىرە كۈنلىرى يەنى، «8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىدا خانىم-قىزلارغا يېرىم كۈن دەم ئېلىش بىرىلىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايال خىزمەتچىلەر يېرىم كۈن دەم ئېلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىسمىنا ھەققىگە كەلسەك، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەردە قىسمەن گىراژدانلار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بايرام-دەم ئېلىش كۈنلىرىدە، جەمئىيەت ياكى خىزمەت ئورنىدا تەبرىكلەش ياكى نورمال خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چوقۇم مائاش بېرىشى كېرەك، لېكىن ئىسمىنا ھەققى قوشۇپ بېرىلمەيدۇ. ئەگەر بايرام شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرىگە توغرا كېلىپ قېلىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەتچىلەرنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرغان بولسا قانۇن بويىچە دەم ئېلىش كۈنىدىكى ئىسمىنا ھەققىنى قوشۇپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن %300 لىك ئىسمىنا ھەققىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ. ئەلۋەتتە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئۆزى قوشۇپ بەرگىنى بۇنىڭ سىرتىدا.

تەكلىپ:  خانىم قىزلىرىمىزغا دەم ئېلىشنى تەلەپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. دەم ئالمىسىڭىز زىيان تارتقان بولسىز.



2. خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانىغا «ئەرلەر ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ»، «ئاياللار قوبۇل قىلىنمايدۇ» دەپ يېزىش قانۇنلۇقمۇ؟

جاۋاب: بۇ خىلدىكى قىلمىشلار ئاياللارنى كەمسىتىشكە چېتىلىپ قالىدۇ. «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسىدا«ھەر قايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار خىزمەتچى قوبۇل قىلغاندا، ئاياللارنىڭ قىلىشىغا ماس كەلمەيدىغان خىزمەت تۈرى ياكى خىزمەت ئورنىدىن باشقا، جىنسىنى سەۋەب قىلىپ ئاياللارنى رەت قىلىشقا ياكى ئاياللارنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىشتىكى شەرتلەرنى يۇقىرى كۆتۈرىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.

62-ماددىسىدا «ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مەزكۈر قانۇننىڭ بەلگىلىمىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئىشقا  قوبۇل قىلىش جەريانىدا كەمسىتىش ئېلىپ بارسا، ئەمگەكچى خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا بولىدۇ.» دەپ بەلگىلەنگەن.



3. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامدا بېكىتكەن «ئۈچ يىل ئىچىدە توي قىلىشقا، بالىلىق بولۇشقا بولمايدۇ.» دېگەندەك چەكلىمىلەر قانۇنلۇقمۇ؟

جاۋاب: بۇ خىل كېلىشىم قانۇنغا خىلاپ. «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» نىڭ 23-ماددىسى 2-تارمىقىدا، ھەرقايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئايال خىزمەتچىلەرنى ئىشلەتكەندە قانۇن بويىچە ئەمگەك توختامى ياكى مۇلازىمەت كېلىشىمى تۈزۈشى لازىم. توختام ياكى كېلىشىمدە ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى، بالىلىق بولۇشىنى چەكلەيدىغان مەزمۇنىلار بولماسلىقى لازىم. توختام ياكى كېلىشىمنامىدە شۇنداق مەزمۇنلار بولغان تەقدىردىمۇ ئىناۋەتسىز بولىدۇ، ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ توي قىلىشى، بالىلىق بولۇشى ئەمگەك توختامىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ئەمەس.

تەكلىپ: ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەتكە كىرىش ئۈچۈن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار چوقۇم مۇشۇ خىلدىكى مەزمۇن بولۇشنى تەلەپ قىلسا، ئۇلار بىلەن قارشىلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى توختامغا ئىمزا قويغان تەقدىردىمۇ بۇ مەزمۇن ئىناۋەتسىز، سىزنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە تەسىر يەتمەيدۇ.



4. خىزمەتكە كىرگەندە شىركەتكە ئۆزىنىڭ ھامىلدارلىقىنى ئۇقتۇرماي، خىزمەتكە كىرىپ بولغاندىن كېيىن شىركەت خىزمەتچىنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى يۇشۇرۇپ، ساختىلىق قىلدى دەپ خىزمەتتىن بوشىتىۋېتىشى قانۇنلۇقمۇ؟

جاۋاب: بۇ خىل قىلمىش ئەدلىيە ئەمەلىيتىدە ئادەتتە قانۇنسىز دەپ قارىلىدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ  قىلمىشى ئەمەلىيەتتە ئېغىر ئاياق ئاياللارنىڭ باراۋەر خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتچىنى خىزمەتتىن بوشۇتۇش ھەم جەمئىيەت ئەخلاقىغا خىلاپ، ھەم ئاياللارغا قىلىنغان بىر خىل كەمسىتىش بولىدۇ.



5. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ ھالدا بالىلىق بولسا تۇغۇت رۇخسىتى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك كەڭچىلىكلەردىن بەھرىمەن بولالامدۇ؟

جاۋاب: ئاياللارنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى قانۇندا ئېنىق بەلگىلەنگەن. مەيلى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە ئۇيغۇن بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئايال خىزمەتچىلەر تۇغۇت رۇخسىتى سورىغاندا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شەرتسىز تەستىقلىشى كېرەك. دۆلىتىمىز بېكىتكەن تۇغۇت رۇخسىتى 98 كۈن بولىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەد تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بولۇپ، تۇغۇت رۇخسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە رىئايە قىلىشنى شەرت قىلمايدۇ. پەقەت بالىلىق بولغان بولسىلا بەھرىمەن بولسا بولىۋېرىدۇ.

ئەلۋەتتە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا  ئادەتتە بەھرلىنىشكە تېگىشلىك بولغان توغۇت مەزگىلىدىكى تەكشۈرتۈش ھەققى، تۇغۇت ھەققى، ئوپراتسىيە ھەققى، بالنىستا يېتىش ھەققى ۋە دورا پۇلى قاتارلىقلاردىن، شۇنداقلا توغۇت مەزگلىدىكى مائاش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدۇ.



6. پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپ بالىلىق بولغان خىزمەتچىلەرنى خىزمەتتىن بۇشۇتۇش قانۇنلۇقمۇ؟

جاۋاب: بۇ مەسىلىگە قارىتا ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن تالاش-تارتىش بار. ئەسلىدە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىنى باھانە قىلىپ ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشنىڭ قانۇنى ئاساسى كەمچىل. قانۇندا بەلگىلەنگەن توختامنى بىكار قىلىشنىڭ شەرتلىرى ئىچىدىمۇ بۇنداق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. لېكىن ئەدلىيە ئەمەلىيتىدىن قارىغاندا خىزمەتتىن بوشۇتۇشنى قوللايدىغان دېلو مىساللىرى ئاز ئەمەس. ئۇنىڭدىن باشقا بىر قىسىم رايونلار ئېنىق قىلىپ خىزمەتتىن بوشۇتۇشقا بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن. مەسىلەن، شېنجىن شەھىرىنىڭ «‹2010-يىللىق شەھەرلىك ئەمگەك ماجرالىرىدىكى قىيىن، گۇمانلىق مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش يىغىنى يىغىن خاتىرىسى»دا، ئەمگەكچى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ سەۋەبتىن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا قوللاش كېرەك، دەپ بەلگىلەنگەن.



7. ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ ئەمگەك كاپالىتى ئالاھىدە بەلگىلىمىسىدە توغۇت رۇخسىتىنى 8 كۈن ئۇزارتقان، لېكىن كېچىكىپ بالىلىق بولغانلارغا ئۇنداق بەلگىلىمە يوق، بۇ ئازراق ئادالەتسىزلىكمۇ قانداق؟

جاۋاب: بەزى كىشىلىرىمىز كىچىكىپ بالىلىق بولغانلارنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى يوق بولۇپ كىتىپتۇ، بۇ بەك ئادالەتسىزلىك دەپ قاقشاپ كەتتى. ئەمەلىيەتتە ئەمگەك مىنىستىرلىكىنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئەسلىدىنلا كېچىكىپ بالىلىق بولغانلارنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى ھەققىدە بەلگىلىمە يوق بولۇپ، بۇ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ مۇكاپاتلاش تەدبىرى، ھەر قايسى ئۆلكىلەر پىلانلىق تۇغۇت بەلگىلىمىلىرىنى ئۆز ئالدىغا بېكىتىدۇ. كىچىكىپ بالىلىق بولغانلارنىڭ تۇغۇت رۇخسىتى ئۆلكە-رايونلارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.



8. ئايال خىزمەتچىلەرنىڭ «ئۈچ مەزگىلى(ھامىلدارلىق، تۇغۇت، بالا ئىمىتىش)»دە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى ئىجرا قىلىشنى توختاتسا ياكى بىكار قىلسا بولامدۇ؟

جاۋاب: بىرىنچى، ئەمگەك توختامىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا، ئەمگەك توختام قانۇنىنىڭ بەلگىمىسى بويىچە، «ئۈچ مەزگىل»ئىچىدە توختام ۋاقتى توشقان بولسا، ئايال خىزمەتچىلەر توختامنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمىسا، ئەمگەك توختامىنى بالا ئىمىتىش مۇددىتى توشقىچە ئۇزارتىش كېرەك.

ئىككىنچى، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشتا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» نىڭ 26-ماددىسىدا، ھەر قانداق بىر ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئايال خىزمەتچىلەرنى ھامىلىدار بولغانلىق، تۇغۇت ئىچىدە بولغانلىقى ياكى بالا ئىمىتكەنلىكى سەۋەبىدىن خىزمەتتىن بوشاتماسلىقى، مائاشىنى تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىكى، ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلماسلىقى لازىم.» دەپ بەلگىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا شۇ مەزگىلدە تۇرۋاتقان ئايال خىزمەتچىلەرنى داۋالىنىش مەزگىلى ئىچىدە خىزمەت قىلالمىغانلىقى، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىغانلىقىنى سەۋەب قىلىپ خىزمەتتىن بوشۇتۇشىغا بولمايدۇ.

ئايال خىزمەتچىلەردە تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە، «ئۈچ مەزگىل» ئىچىدە بولسىمۇ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلسا بولىدۇ.

1. سىناپ ئىشلىتىش مەزگىلىدە خىزمەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقى ئىسپاتلانغان بولسا؛

2. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ تۈزۈملىرىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلغان بولسا؛

3. خىزمەتتە ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، شەخسى مەنپەئەتى ئۈچۈن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئېغىر زىيان سالغانلار؛

4. ئەمگەكچى باشقا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، مەزكۇر ئورۇندىكى خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن بولسا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەسكەرتكەن بولسىمۇ ئۆزگەرتمىگەنلەر؛

5. ئالدامچىلىق، تەھدىت ئىشلەتكەنلىكى ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەمگەك توختامىنىڭ بىكار بولۇشىغا سەۋەپ بولغان بولسا؛

6. قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان بولسا؛


------------------------------


ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرىدىن: سەھەر تەييارلىغان


مەنبە ئادرېسى: http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=334

بەت: [1]
: خانىم-قىزلار بايرىمىلىق سوۋغات