خوشخەۋەر ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ئاندىرويىد ئەپ دېتالى ئىلان قىلىندى
ئۇيغۇر خەۋەر تورىمىز قۇرۇلغان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يوقلۇقتىن بارلىققا كىلىپ ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى قوللىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا رەھمەت ئېيتىش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر خەۋەر تورىمىزنىڭ ئاندىرويىد ئەپ دىتالىنى ئىلان قىلدۇق .
ئەپ نۇسقىسىنىڭ ئاسالىق ئالاھىدىلىكلىرى :
1-پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلىش ئەمەلگە ئاشتى.
2. ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان تىلفۇنلار بولسىمۇ ئۇيغۇرچە نۇرمال كۆرۈنۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
3-ئىھتىياجغا قاراپ ئىشلىتىش ئۈچۈن خەتلىك ۋە رەسىملىك ئىككى خىل كۆرۈنۈش ئۇسۇلى تەمىنلەندى.
4- ئاپتۇماتىك يىڭىلىنىش ئىقتىدارى قۇشۇلدى. بىز ئەپ دىتالىغا قارىتا يىڭىلاش ئېلىپ بارساق يانفۇنىڭىز يىڭىلانغانلىق ئۇچۇرى چىقىرىدۇ شۇنداقلا ئاپتۇماتىك يىڭىلىنىدۇ.
ئىنسان بولغانكەنمىز ھەر قانداق بىر كەمچىلىكتىن خالى ئەمەسمىز شۇڭلاشقا ئەپتە قانداق مەسىلە،يىتەرسىزلىك كۆرۈلگەن بولسا مەلۇم قىلىپ قۇيۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئەپنى چۈشۈرۈش ئادىرىسى :
ئۇيغۇرچىنى تۇلۇق قوللايدىغان تىلفۇنلار بۇنى بېسىڭ چۈشۈرۈڭ
ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغاتىلفۇنلار بۇنى بېسىڭ چۈشۈرۈڭ
ئەپ دىتالىنىڭ رەسمى نەشىرىنى ئىلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىدىكى سىناق ئەپ دىتالىغا قارىتا 3-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچ سائەت 6 دە پۈتۈن مۇلازىمەتنى توختاتماقچىمىز شۇڭلاشقا سىناق ئەپنى قاچىلىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىز ئەپنى ئۆچۈرۋېتىپ رەسمى نۇسقىسىنى قاچىلىۋېلىشىڭىزلارنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.
ئەپنى سىناشقا قاتناشقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا كۆپ رەھمەت .
Hawar.cn نىڭ ئېپى شۇمۇ ئەمەسمۇ ؟ خەۋەر تورى
بۇ تور نۇر تورىدىكى خەۋەرلەرنى 100% كۆچۈرۈپ بۇرنىنى قولغا تىقىپ تۇرامدىكى دەيمەن
چۈنكى ئىككىسىدىكى خەۋەر ئوخشاش، ھەتتا رەت تەرتىۋىمۇ...
شۇڭلاشقا مەندە نۇرتورى ئەپ دىتالى بولغاندىكىن بۇنى چۈشۈرۈشنىڭ ھاجتى يوققۇ!؟ مەن مۇشۇ ئۇيغۇر دىگەننى قىسقارتىپ يىزىشتا ئۇي دىيىشكە زادى بەك قارشى .
بۇمۇ uynews كەن . يەنە بىرى بارتى ئۇي سودا uysoda دەپ ، كالا سودىسى قىلىدىغاندەك .
بەك قىسقارتقىسى بولسا UG دەپ ئالسىمۇ بولاتتى . لىكىن مۇشۇنداق ئەپلەرنىڭ كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . مەيلى قايسىنىڭ چىقسۇن،مەيلى قايسىنىڭ چىقمىسۇن،مېنىڭ كارىم يوق،مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ چىقسا ماڭا يېتەرلىك ئىدى....
4- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن مۇشۇ ئۇيغۇر دىگەننى قىسقارتىپ يىزىشتا ئۇي دىيىشكە زادى بەك قارشى .
بۇمۇ uynews كەن . يەنە بىرى بارتى ئۇي سودا uysoda دەپ ، كالا سودىسى قىلىدىغاندەك .
بەك قىسقارتقىسى بولسا UG دەپ ئالسىمۇ بولاتتى .
ھازىر كالا گكشىنىڭ باھاسى ئۆسەۋاتىدۇ.
كالا ھەققىدىكى خەۋەرلەر ۋە كالا سودا ئۇچۇرى ئادەمنى قىزىقتۇرۇدىغان بولۇپ قالدى.
قىسقارتمىسىمۇ بولىدۇ.
uyghurnews
uyghursoda
ئادەمنى ئاخماق قىلۋاتامسىز تىما ئىگسى ،،قالدۇرغان ئۇلىنىشلار نورمال ئەمەسقۇ ......... {:107:}