بەرگەن پۇلدىن تىنىۋالدى قانداق قىلاي؟
مەن بىر يۇلداش بىلەن بىر تىجارەتتە ھەمكارلاشقان، ھەمدە ھەر ئايدا ئۇنىڭ يىزا-ئىگىلىك بانكا كارتىسغا 15مىڭ يۇئەندىن جەمى بىر يىل ئۇرۇدىغانغا كىلىشكەن،
ئەپسۇس بىر يىل تۇشقاندىن كىيىن قارىسام ئايالىم 3 ئايلىق بانكا ئىسپاتىنى يۇتتۇرۇپ قۇيۇپتۇ، ئۇ يۇلداش بانكا ئىسپاتى بۇلمىسا قايتا تۇلەيسەن! دەپ تۇرۇۋالدى
بانكىغا ھەر قىتىم پۇل تۇلىگەندە بانكا خىزمەتچىلىرى كىملىكىمنى كۇپەيتىپ ئىلىپ قالغانتى.
بانكىغا بىرىپ ئىسپات چىقىرىپ بىرىڭلار! دىسەم . سەن پۇل سالغان كارتا ئىگىسى كىملىكنى ئىلىپ قىشىمىزغا كەلسە ئاندىن بۇلدىۇ دەيدۇ
ئۇ يۇلداشقا..دىسەم بۇگۇن ئەتە دەپ بەكلا ئاۋارە قىلىۋەتتى،،
شۇڭا مۇنبەرداشلىرىمدىن مەسلىھەت سۇراپ ئۇلتۇردۇم.
ئايالىم چاشقان دۇرىسنى ئىچىۋالىمەن دەپ قۇقاتقىلى تۇردى،،
ياخشى ئامال بارمىدۇ؟
سىز ئۇنىڭدىن تىگىشلىك نەرسىنى ئىلىپ بولغانمۇ، ئەگەر ئىلىپ بولغان بولسىڭىز چاتىقىڭىز بولمىسۇن ، يۇرىۋىرىڭ، ئۇ ئىزدەپ كەلگەندە قۇلدىن يىتىلەپ بانكىغا ئاپىرىپ قۇيۇڭ،
ئەگەر سىز ئۇنىڭىدىن ئىلىشقا تىگىشلىك نەرسىنى ئالمىغان بولسىڭىز، يەنى ئۇ پۇلنى بەرسەڭ ئاندىن بىرمەن دىگەن بولسا، جۇرە بانكىغا دەڭ، ئۇ يەنە كەينىگە تارتىسا ، سوتقا ئەرىز قىلىڭ
ئۇنىڭ قەستەن كەينىگە سورگىنىگە قارغاندا، ئۇنىڭ سىزنى قاختا سوختا قىلىش مەقىسىتى بار ئوخشايدۇ، ئەڭ ياخشى سوتقا بىر ئەرىز سۇنۇڭ ھارامدىن بولغانلارلا خەقنىڭ ھەققىنى يەۋىتىپ كۆزىنى پارقىرتىپ تۇرالايدۇ ........ساخچىغا مەلۇم قىلىپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ شۇ يوۋلىداشى بانكىغا بارسىلا بولىدىكەنغۇ ساقچىخانىغا بۇگۇن كىردىم، سوتقا ئەرىز قىلىڭ دەيدۇ؟ ئەگەر بانكىدىن ئىسپات ئالالمىسام45مىڭ يۇقايدۇ دىگەن گەپ؟
تولا ئىكىلىنىپ ئولتۇرماي ئەرىز قىلىڭ ئىش ئاسانلا پۈتىدۇ . بولمسىا ئىزدىنىشتىكى سالام ھايات پىشقان ئادۇۋكات . شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشىپ مەسلىھەت سوراڭ .
سىز پۇلنى تۆلەپ بولدۇم، تۆلىمەيمەن دېسىڭىز، ئەگەر ئۇ نوچى بولسا ئەرز قىلىدۇ، شۇ ۋاقىتتا ھەممە مەسىلە ھەل بولىدۇ. ئۇنىڭ بىلەن باشقا سودا مۇناسىۋىتىڭىز بولمىسا 去你的 دەپ قويۇپ، بۇ يىل بەك ئېسىل كىنولار چىقتى، ئۆيدە ئولتۇرۇپ كىنو كۆرۈڭ. كارتىدىن ، كاردىغا ئۇرغان بولسىڭىز كارتىڭىزدا كىرگەن چىققان پۇلنىڭ ھەممىسى ساقلىنىپ قالدۇ بانكا چىقىمنامىڭىزنى چىقىرىپ بېرىشى كېرەك. خاتىرجەم ئۇخلاڭ، ئايالىڭىز نېمىشقا چاشقان دورىسى ئىچىۋالغۇدەك؟ «نېمە بولسا بولسۇن ھايات ئاججايىپ گۈزەل»! بانكىدىكىلەرگە دېسىڭىز چىقىرىپ بېرىدۇ.
ئايدا 15 مىڭ پۇل ئۇرالايدىغان ئادەم شۇنىمۇ بىلمەمسىز؟ سىزدەك چوڭ خېرىدارغا قوش قوللاپ چىقىرىپ بېرىدۇ. تور بانكىسى ئېچىقلىق بولسا شۇ يەردىنلا پۇل يۆتكەش ئىسپاتى چىقارسىڭىزلا بۇلىدۇ ئەمەسمۇ... ئاشۇنداق ئادەمگىمۇ بىر يىل ئۇدا پۇل سالامسىز.
«پۇل سالدىم ئاداش» دەپ تېلېفون قىلسىڭىز، «ھە، تاپشۇرۇپ ئالدىم، ئاداش!» دەيدىغان ئادەم بىلەن بانكا ئىسپاتى ئۇچى-بۇچى كەتمەيدۇ. داۋاملىق ھەمكارلىشىش كېرەك.
بانكا ئىسپاتى بولمىسا ئېتىراپ قىلمايمەن دېگەن ئادەمگە تازا «پۇل ئالدىم» دەپ ھۆججەت يازغۇزۇپ، 8 يەرگە 10 بارمىقىنى تولۇق باسقۇزۇۋېلىش كېرەك! بولمىسا، ھامان ناچارلىق قىلىدۇ. خۇمسى نىمىكەن ئاۋۇ !
ئادۋۇكاتتىن بىرسىگە دەڭ ، مەسلىھەت بەرسۇن ، ياكى شۇ ئادۋۇكاتقا ئىش ھەققى بېرىپ ئاندىن بانكىغا باشلاپ بېرىپ ، كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپلا ئىسپات ئالىمەن ،پالانى كارتىغا پۇستانى ئىسىملىك كىشى قاچان قانچە پۇل ئۇرغان چىقىرىپ بېرىسىلە دەپ تۇرۋالسا بولامدىكىن دەيمە ! بۇ ئىشتىن ھىچقانداق ئەنسىرىگىدەك يىرى يوقكەن . خاتىرجەم ئولتۇرىۋېرىڭ . مەن پەستى ئولتۇرۋېلىپ سىزگە تەسەللىگە دەۋاتقان گىپىم ئەمەس . ئەنسىرەشنىڭ ، جىددىلىشىشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ، چۈنكى بۇ مەنمۇ بۇنداق ئىشنى بېشمدىن كەچۈرگەن ئىش ،
ئادۇۋكات تېپىپ سوتقا چىقسىڭىزلا ھەممىسى مانا مەن دەپلا چىقىدۇ . ھېساۋات خاتىرىسىنى سىزگە بەرمىگەن بىلەن ئادۇۋكات كىنىشكىسىنى كۆرسەتسىلا ھەممىنى كۆرسىتىدۇ .. بانكا ئارقىلىق ئۇرۇلغانلا بولسا يىتىپ ئاشقىدەك ئىسپاتلارنى تاپالايسىز .. بۇئىشتىن قىلچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق، بانكىنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدا قارشى تەرەپكە قاچان، نەدىن، كىمنىڭ پۇل سالغانلىقى ئېنىق خاتىرلىنىپ ماڭىدۇ، ئاۋۋال ئۇ يولداش ھەق تەلەپ ئەرزى قىلسۇن، سوت مەھكىمىسىگە بانكىدىن ئىسپات ئېلىپ بېرىش توغۇرلۇق بىر دانە ئىلتىماس يازسىڭىز سوت مەھكىمىسى ئالاقە يېزىپ بېرىدۇ، شۇنى ئېلىپ بارسىڭىزلا ئىسپات ئالالايسىز، ئەگەر ۋاقتىڭىز بولسا ئۆزىڭىز قىلىڭ، ۋاقتىڭىز بولمىسا ئادۋۇكات ياللاڭ. ئىلگىرى سىزدە بار بولغان تالۇنلارنىڭ كوپىي نۇسقىسىدىن بىرىنى كىنىشكە بىجىرىدىغانلارغا بەرسىڭىز سىز دىگەندەك چىسلا بويىچە چىقىرىپ بىرىدۇ . تورداشلار شۇنداق ياخشى مەسلىھەتلەرنى بېرىپتۇ،45مىڭ يۈەندىنمۇ ئۈمد باركەن.
45مىڭ پۇل يوق بۇلىدىغان ئىش بولسىمۇ،ئايالىڭىزنىڭ چاشقان دورىسى ئىچىمەن دىگىنى قەتئىي قالماشماپتۇ.