ئارىلىق ۋە كۆلەم ئۆلچىگۈچ [ئۇيغۇرچە ئەپ]
تېرىقچىلىققا ئىشلىتىدىغان يەرنىڭ كۆلىمىنى ئۆلچەش ئېھتىياجى تۇغۇلۇپ، يانفونۇمنىڭ GPS ئىقتىدارى بولغاندىكىن شۇنىڭدا ئۆلچىمەيمەنمۇ دەپ مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ئەپلەرنى قاچىلاپ سىناپ باققانتىم، ئارىسىدىن بىرسى دەل ئارزۇيۇمدىكىدەك چىقىپ قالدى. شۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ قويدۇم، ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان ئاندرويد يانفونى بارلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار.بۇ ئەپنىڭ ئالاھىدىلىكى GPS (سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى) ئارقىلىق ئارىلىقنى ياكى يەرنىڭ كۆلىمىنى توغرا ئۆلچەپ بېرەلەيدۇ. ھەم يانفون ئېكرانىدا بىز باسقان مۇساپىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ بېرىدۇ.
ئارىلىق ئۆلچىمەكچى بولسىڭىز ئەپنى قوزغىتىپ قويۇپ، باشلاشنى بېسىپ يەنە بىر نۇقتىغا قاراپ ماڭسىڭىزلا بولىدۇ. كۆلەم (مو، مېتىر كۋادرات) ئۆلچىمەكچى بولسىڭىز ئەپنى قوزغىتىپ قويۇپ باشلاشنى بېسىپ شۇ يەرنىڭ ئوزۇنلۇقىنى ئاندىن كەڭلىكىنى چامداپ ياكى ماشنىدا ماڭسىڭىز ئېكراندا شۇ يەرنىڭ كۆلىمى ھەم خەرتىسى چىقىدۇ.



مەنبەسى: ئالپ تورى
يەر ئۆلچەملىك تۆت چاسا بولماي قالسىمۇ توغرا چىقامدۇ، ما بېشى كەڭ، ئا بېشى سەل تار بولسا

1- قەۋەتتىكى berna0نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
يەر ئۆلچەملىك تۆت چاسا بولماي قالسىمۇ توغرا چىقامدۇ، ما بېشى كەڭ، ئا بېشى سەل تار بولسا![]()
توغرا چىقىدۇ.
ئۆلچەملىك تۆت چاسا يەر بولسا ئىككى تەرىپىنى ماڭسىڭىزلا بولىدۇ. ئۆلچەمسىز ئوزۇن-قىسقا، بىر تەرىپى كەڭ، يەنە بىر تەرىپى تار يەر بولسا ھەممە تەرىپىنى ماڭسىڭىز بولىدۇ. چەمبەر شەكىللىك ياكى شەكىلگە چۈشمەيدىغان يەر بولسىمۇ ماڭسىڭىزلا كۆلىمىنى ھېسابلايدۇ.
ۋاي بەك ياخشىكەنغۇ؟ ئاندىرويىدنىڭ ھەرقانداق نۇسخىسى قوللامدا؟ مۇشۇ سەنشىڭ ئاي809 نىڭ 2.2 نۇسخىكەن، ئۇيغۇرچىنى پەقەت كۆرگىلى بولمىدى، ئۇستاملار بولسا، تىخنىكاڭلارنى بىر سۆزلىۋەتسەڭلار بوپتىكەن. تۈزۈتۈپ قويۇڭلار: ئېنگلىس4- قەۋەتتىكى kabanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈزۈتۈپ قويۇڭلار: ئېنگلىس
نېمىنى تۈزۈتىمەن؟
ماركىسنىڭ ئاغىينىسى ئېنگىلىس ئەمەس ئۇ، ئىنگىلىز سىستېمىسى
5- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى kabanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈزۈتۈپ قويۇڭلار: ئېنگلىس
نېمىنى تۈزۈتىمەن؟
ماركىسنىڭ ئاغىينىسى ئېنگىلىس ئەمەس ئۇ، ئىنگىلىز سىستېمىسى
تەكلىپت توغ بوپتۇغۇ.
English نى ئېنگلىس دېسەك توغرا بولا؟
6- قەۋەتتىكى sal_manنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
4- قەۋەتتىكى kabanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تۈزۈتۈپ قويۇڭلار: ئېنگلىس
نېمىنى تۈزۈتىمەن؟
ماركىسنىڭ ئاغىينىسى ئېنگىلىس ئەمەس ئۇ، ئىنگىلىز سىستېمىسى
تەكلىپت توغ بوپتۇغۇ.
English نى ئېنگلىس دېسەك توغرا بولا؟
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ بېقىڭلار. ئاۋۇ گەپنىڭ خەنزۇچىسى 英制مەن بىر نەرسە تەرجىمە قىلغاندالۇغەتنى ئاساس قىلىمەن. كېيىنچە لازىم بولۇپ قالار،ئىنكاس يېزىپ ساقلىۋالاي.
English نى نېمىشقا «ئىنگلىس» دەپ يازىمىز؟
E نى «ئى» دەپ تەلەپپۇز قىلىشنى توغرا دەپ قارىمايمەن.
ماۋۇ ئەپنىڭ ئەسلى ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، كۆپىنچە ئەپلەرنىڭ ئايفۇن ، ئاندرويد ، ھەر ئىككىلا نۇسخىسى بولىدىكەن ،
ئەسلى ئىسمى ئارقىلىق ئايفۇن نۇسخىسىنى ئىزدەپ باقاي ... مىنىڭ يانفۇنۇم ئۇيغۇرتىلىنى قوللىمايتتى،خەنچە نۇسخسى بولسا قاچىلاپ ئىشلەتسەم دەيمەن.بۇ دىتالنىڭ خەنچە ئاتىلىشىنى دەپ بەرسەڭلار ياكى خەنچە نۇسقىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادرىسىنى يوللاپ قويساڭلار بوپتىكەن. بۇرۇن مىجەز خاراكتېرى غەلىتىرەك بالىلارنى «خىسلەت بالىلار» دەپ قوياتتۇق ئويان قىلىپ، مۇشۇ يەردە شۇ سۆزنى ئىشلىتىپ قويسام تازا كەلگۈدەك. تۈكى بار گەپنى تولا قىلماي ئانچە مۇنچە كىتاب كۆرۈڭلار، جەزىملەشتۈرەلمىسەڭلار دىمەڭلار. ئىنكاس يېزىش ئۇنچە كاتتا ئىش ئەمەسقۇ ئاخىر.
@alip ياخشى بىر ئەپنى تەرجىمە قىلىپسىز، ئەجرىڭىزگە رەخمەت!
10- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ماۋۇ ئەپنىڭ ئەسلى ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز ، كۆپىنچە ئەپلەرنىڭ ئايفۇن ، ئاندرويد ، ھەر ئىككىلا نۇسخىسى بولىدىكەن ،
ئەسلى ئىسمى ئارقىلىق ئايفۇن نۇسخىسىنى ئىزدەپ باقاي ...
ئېنگىلىزچە ئىسمى:Distance and area measurement