بېرلىن كىنو فېستىۋالىدا چاقنىغان ئۇيغۇر يۇلتۇزى
يېقىندىن بۇيان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بولۇپمۇ قازاقىستان ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا <<ئەزىز جامباقىيېف>>نىڭ ئىسمى تىلدىن تىلغا ئېلىنىپ بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا ناھايىتى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىماقتا،چۈنكى بۇ ئۇيغۇر يىگىتى ئۇيغۇرلار ئىچىدىن تۇنجى بولۇپ خەلقارا ئالدىنقى سەۋىيەدىكى كىنوفېستىۋالى بولغان «بېرلىن كىنو فېستىۋالى»دا كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.
قازاقىستانلىق بۇ ياش ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئىسمى ئەزىز جامباقىيىف بولۇپ بۇيىل 25ياشتا،دادىسىنىڭ ئسمى مۇھەممەتجان جامباقىيىف ئىكەن.بۇ قېتىملىق يەنى63-قېتىملىق بېرلىن خەلقارا كىنو فېېستىۋالى 7-فېۋرالدىن باشلىنىپ 16-فېۋرالغىچە داۋام ئەتكەن بولۇپ پۈتۈن دۇنيادىن 400دىن ئارتۇق كىنو مۇكاپاتلاشقا قاتناشتۇرۇلغان ئىكەن،بۇ كىنو كۈرىكىگە تۇنجى بولۇپ قاتناشقان قازاقىستان بولسا «قازاق فىلىم»ستۇدىيىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن «ئاھاڭداشلىق ساۋاقلىرى»ناملىق فىلىمى قاتناشتۇرۇلغان.ئەزىز جانباقىيېف بولسا دەل بۇ فىلىمنىڭ ئوپىراتورى ئىكەن.
«ئاھاڭداشلىق ساۋاقلىرى»ناملىق فىلىم بۇ فېستىۋالدا ئەڭ نادىر فىلىم،ئەڭ نادىر رېژىسسور،ئەڭ نادىر ئوپىراتور قاتارلىق تۈرلەر بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ نادىر ئوپىراتورلۇق تۈرى بويىچە كۈمۈش ئېيىق مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان.يەنى مۇشۇ 400فىلىم ئىچىدىن ئەڭ نادىر ئوپىراتور بولۇپ باھالانغان.ئەزىز جانباقىيېف بۇ فىلىمغا ۋاكالىتەن مۇكاپاتنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ قازاقىستان ۋە شۇنداقلا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن چوڭ شەرەپ ئېلىپ كەلگەن.
دۇنياۋى يۇقىرى سەۋىيەدىكى كىنو فېستىۋالىدا مۇكاپات ئالغان بۇ قېرىندىشىمىزغا مۇبارەك بولسۇن!
توردىن ئاختۇرۇپ بۇ فىلىم توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇر تاپالمىدىم،بەلكىم تېخى توردا يوق بولۇشى مۇمكىن،ئەتە ئۆگۈن چىقىپ قالار. فىلىمنىڭ ئىنگلىزچە ئىسمى:Harmony Lessons. ئەزىز جامباقىيېف Aziz Zhambakiev
مۇناسىۋەتلىك سۈرەتلەر:


مەخسىدىمنى توغرا ئىپادىلەپ بىرەلمەپتىمەن،ئەپۇ قىلغايسىزلەر،دوستلارنىڭ رەددىيە پىكىرلىرىنى خاتا دىگىلى بولمايدۇ،مىنىڭ يىزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش ئىقتىدارىم ئاجىزكەن،مىنىڭ تالاش-تارتىش پەيدا قىلغۇم يوق،كۈلەلمىسەڭ ھىجايما دىگەندەك ئىپادە قىلالمىغان ئىنكاسىمنى تەھرىرلىۋەتتىم.
«ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلدىم» دېگەن ئىشلارنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلىنغان بولۇشى ناتايىن، ئەمما «بىر ئۇيغۇر ئوپېراتور پالانچى مۇكاپاتقا ئېرىشىپتۇ» (مەيلى ئۇ كىنونى كىم ئۈچۈن ئىشلىگەن بولسۇن) دەپ ئاتالغاننىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلىنغان زور ئىش ھېسابلىنىدۇ، دەپ ئويلايمەن. مەسىلەن، ئىچكىرىدىكى سوغۇق تونۇرغا سامسا ياقىدىغانلارمۇ يانچۇقچىلىقنى ئۇيغۇر ئۈچۈن قىلمايدۇ، پەقەت ئۆزى ئۈچۈنلا قىلىدۇ. ئەمما «بىر ئۇيغۇر يانچۇقچى تېلېفونۇمنى ئوغرىلاپتۇ» دەپ ئاتالغاننىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ئۈچۈن «زور» ئىش قىلغانلىقتۇر.---
بىز نىمىشقا ئۇيغۇر ئۈچۈن خالىس،مىننەتسىز خىزمەت قىلىۋاتقانلارسىپىگە قوشۇلۇپ كىچىىككىنە ئەمەلى ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا ھە دىسىلا شوئار توۋلاپ ئاشقۇنلۇق پاتقىقىدا ئىغىناقلايمىز؟
---
خالىس ئىش قىلغاچ شۇئار توۋلىسا، بولمامدىكەن

خەنزۇلارنىڭ خەنزۇتىلى بىلمەيدىغان ئەۋلاتلىرى چەتئەللەردە ئەمەل تۇتسا، شىركەت قۇرسا 华人 ئاتىلىپ \"مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر\" گە چىقىدۇ، بىزدە شۇ بىر تور بار ئىكەن.
لى ئەننىمۇ خەۋەرلەردە ماختاپ تاس قالىدۇ ئېغىزىدىن كۆپۈك يېنىپ كەتكىلى.لى ئەن خەنزۇ بولغان بىلەن ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكى ئېىسدە يوق.شۇڭا بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ماختىغۇدەك ئىش قىلسا راسا ماختاپ قويايلى. بىز ( ئۇيغۇر ) مۇ قىلالايدىكەنمىزغۇ ئەنە . ...
مۇبارەك بولسۇن ، ئەزىز جامباقىيېفنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرىغا نۇسرەتلەر يار بولغاي .


بولسا ئەسىرنى بىر كۆرسەك بۇلتى
18- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەرەك بولسۇن!
بولسا ئەسىرنى بىر كۆرسەك بۇلتى
مېنىمۇ يا، \"ئەسىرى\" نىمۇ؟ (گېپىمنىڭ چاقچاق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان چىراي ئىپادىسى)