aurora يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 14:52:35

ئېنگىلىزچە ئۈگىنىدىغان تېلىفون ئەپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق


















ھۆرمەتلىك ئىزدىنش تور ئەھلى .


مەن يېقىندا تېلىفونىمغا قاچىلىۋالغان توفىل ئىمتىھان ۋە ئايلتىس ئىمتىھان سۆزلۈكلىرىنى ئۈگىنىش ئەپلوىرى ھەقىقەتەن بەك ياخشى ئىكەن . ھازىر تېلفون ئەپلىرى تەييارلانغان 91 تورىدا ئېنگىلىزچە ئۈگىنىشنىڭ ھەر قانداق ماتىرىيالىنى تاپقىلى بولىدىكەن . ئەڭ دەسلەپكى ساۋات كىتاپلاردىن يېڭى ئۇقۇم ئېگنلىز تىلى قاتارلىق كىتاپلاردىن يۇقۇرى سەۋىيەدىكى توفېل ۋە ئايلتىس ئىمتىھانلىرىنىڭ يېزىقچىلىق قىسمى ، سۆزلۈك يادلاش ، ۋە ئېنگىلىزچە ئوكسفورد نىڭ لۇغەتلىرىگىچە ھەممە ئېنگىلىزچە ماتىرىياللارنى 91 تورى ۋە 360 تورى تەمنلىگەن تېلفون ئەپلىرى ئارىسىدىن تاپقىلى بولىدىكەن .


ھازىر بىزنىڭ كومپىيۇتېر ساھەسىدىكى ئوغلانلىرىمىز ئۇييغۇرچە تېلفون ئىشلەپچقىرىپ بازارغا سالدى . ۋە ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى ئىشلەشكە باشلىدى .


بۇ يەردە مەن تېلىفونىمغا قاچىلىۋالغان توفېل سۆزلىرىنى يادلاش ئەپ نى ئۇيغۇرچىلاشتۇراي دىسەم ، كومپىيۇتېر سەۋىيەم يەتمەيدىكەن . ئەمما ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق ، بەلكىم مۇشۇ ئىزدىنىش تورىدىكى ئېنگىلىزچە سەۋىيەسى ياخشى بالىلار بىرلىكتە قىلساق مېنڭچە تەس كەلمەيدۇ .


ئادەم بىر تىلدىكى سۆزلەر مەنىسىنى ئۆز ئانا تىلىدا شەرھىيسىنى كۆرسە ئەستە تۇتىۋېلىشى بەكرەك تېز بولىدىكەن .


ھازىر كۆپلىگەن سىتۇدېنتلىرىمىز چەتئەلدە ئوقۇش ئۈچۈن ئايلتىس ۋە توفېل ئىمتىھانلىرىنى بېرىۋاتىدۇ . ئەمما بازارغا ئۇيغۇرچە سېلىنغان توفېل ۋە ئايلتىس توغرىلىق كىتاپلار پەقەتلا يوق . (شەخسەن مەن ھازىرغىچە كۆرمىدىم ) . شۇ ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتقان بالىلار بولسا  ئىچكىرىدىكى نەشرىياتلار تۈزگەن توفىل ۋە ئايلتىس ئىمتىھان ماتىرىياللىرىنى كۆرىۋاتىدۇ .


ئەمدى دىمەكچى بولغىنىم ، كىتاپ تۈزۈپ قاچان نەشىر قىلىنىاركىن ، دەپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرغاندىن مۇشۇ 91 تورىدىكى ئېنگخلىزچە ئۈگىنىدغان ئەپلەرنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق دەپ ئويلايمەن . ئۇنداقتا ئاندورىيد سېستىمىلىق ئادەتتىكى بىر تېلىفوندا بۇ ئەپلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇنۋېرسىتىتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن بەكمۇ قولايلىق ئىش بولاتتى .

momiya يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 19:55:45

بۇ ئەپلەرنى تەرجىمە قىلىش ناھايتتى ياخشى بىر ئىش. لىكىن ئونۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆگۈنۈشكە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن تەرجىمە قىلىش دىگەن بۇ ئوي مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى ئونۋىرسىتىتىتا ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار خەنزۇتىلىدىن تولۇق ھاجىتىدىن چىقالىغۇدەك بولالماي ئېنگىلىسچە ئۆگىنىمەن دىسە قانداق بولىدۇ. ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش بىلەن بىرگە جەمىيەتنىڭ ئىھتىياجى بولغان خەنزۇتىلىنى ئانا تىلىغا ئوخشاش ئۆگۈنۈپ، ئۇنىڭدىن ماتىرىيال كۆرەلىگۈدەك ھالەتكە كىلەلمىسە قانداق بولىدۇ.

  ئونۋىرسىتىتا كومپىيوتىر كەسىپلىرىدە ئوقىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار دەل مۇشۇنداق ئانا تىلدىكى ئەپلەرنى ئىشلىسە بولىدۇ، ‹‹تەرجىمە قىلايلى›› دىگەن چاقىرىقنى ‹‹ياسايلى، ئىشلەيلى›› دىگەن چاقىرىققا ئۆزگەرتەيلى. قاچانغىچە باشقىلار تەييار ياساپ بەرگەن نەرىسىنى تەرجىمە قىلىپلا ئىشلىتىمىز.

  بۇ مىنىڭ شەخسى پىكىرىم، تەنقىتلەش ئوبىكتى بولۇپ قالساممۇ مەن رازى.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-6 02:21:12

بەشىنچى رەسىمدىكى ئەپ بەك چىرايلىق كۆرۈنۈپ كەتتى كۆزۈمگە ، ئىسمى نېمە ئۇ ئەپنىڭ ؟
بەت: [1]
: ئېنگىلىزچە ئۈگىنىدىغان تېلىفون ئەپلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرساق