Windows 8 نى سېتىۋالغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە سىتاتىستىكا
بۈگۈن ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم . Windows 8 نىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغانلىق خەۋىرى يىتپ كېلىشى بىلەن ھەممەيلەن ھاياجانلاندۇق . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Windows 8 نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى سېتىۋالماقچى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كۆپ بولۇشى ۋە ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقى ئادەمنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى . نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز Windows 8 سېتىۋېلىشتا تېخنىكىلىق ياردەمگە مۇھتاج بولغانلارغا خالىسەنە ياردەملەرنى قىلدى . بۇ پەقەت ئانا - تىلىمىزنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈنلا ئىدى . ئاشۇ قېرىنداشلارغا ئۆز نۆۋىتىدە تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن .
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا Windows 8 نى سېتىۋالغان قېرىنداشلارنىڭ سانى ھەققىدە يۈزەكى مەلۇماتلارغا ئېرىشكۈم كەپ قالدى . كەڭ دوستلارنىڭ بۇ سىتاستىكىغا يېقىندىن ماسلىشىپ بېرىشىنى ئۈىد قىلىمەن .
سىتاتىستىكا ئۇسۇلى مۇنداق بولىدۇ
مۇشۇ تېمىغا ئۆزىڭىز قانچىنى سېتىۋالغانلىقىڭىز ھەققىدە كونكىرىت ساننى يېزىپ قالدۇرۇڭ . سىتاتىسكىنىڭ توغرا چىقىشى ئۈچۈن باشقىلارغا خالىسانە ئېلىشىپ بەرگەن قېرىنداشلىرىمىز ئومۇمى ساننىلا يازسا ، بۇلارنىڭ ياردىمىدە سېتىۋالغان قېرىنداشلار يېزىپ قالدۇرمىسىمۇ بولىدۇ . ئاخىرىدا ھەممىسىنى قۇشۇپ ئومۇمى سانىنى چىقىرىلىدۇ . كۈندە بىر جەملىنىپ ، كۈندىلىك سىتاتستىكا بىرىنچى قەۋەت ئىنكاس ئورنىغا چىقىرىلىدۇ .
ماسلاشقان قېرىنداشلارغا رەھمەت .
896 يۈرۈش
91 - قەۋەت (91 - قەۋەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )كىچە سىتاتىستىكا سىتاتىستىكا قىلىندى

ئىككى يۈرۈش
8- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇر تىلى بولىقى نەچچە قېتىم چۈشۈرۈلگەن شۇنى مىكروسوڧىتتىن سورىساقلا تۈگىمىدىمۇ![]()
سېتىۋېلىپ، قاچىلىمىغانلارمۇ خېلى بار.
مەسلەن: مەن ئىككىنى سېتىۋالغان. بىرنى قاچىلدىم، يەنە بىرسىنى قاچىلاپ باقمىدىم.
مەن ئۆزۈمگە ئىككى يۈرۈش، دوستلىرىمغا تۆت يۈرۈش سېتىۋالدىم. بۇ سىستېما ھەقىقەتەن كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. لېكىن تۇللۇق ئۇيغۇرچىلىشىپ كەتتكەن بولسا ھە. بارلىق كۆرۈنمە يۈزلىرىنى ئۇيغۇرچە ھالەتتە قاچان كۆرەرمىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا مىكروسوفتنى خەلقئارا سوتقا ئەرز قىلىدىغان ئىشمىكىن. {:92:} مەن تەپسىلى ئېنىق ئىستاستىكا قىلىپ باقمىدىم، چۈنكى ئۇدۇللۇق ئېلىپ بەرگەنلەرنىڭ ئۇچۇرىنى ئۇدۇللۇق ئۆچۈرۈپ ماڭغان بولغاچقا سەل تولۇقسىز بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. ئەمما دەل ھازىرقى موشۇ ۋاقىتىچە ئېلىشىپ بەرگەن ۋە ئېلىپ قويۇپ ئالالمىغانلارغا بېرىش ئۈچۈن ساقلاپ قويغاننى قوشقاندا جەمئىي مەن ئارقىلىق ئېلىنغىنى 350 يۈرۈشتىن ئاشىدۇ. ھازىرقى موشۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە قولۇمدا يەنە ئېلىپ قويغان 20 يۈرۈش بار. لازىملىقلار بولسا ئۆتۈنۈپ بېرىمەن، تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى تېمىدىن كۆرگەيسىلەر:http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52963
ياكى:
http://www.xarbat.com/thread-8085-1-1.html مەن ئۆزەمگە ۋە باشقىلارغا بولۇپ 10 يۈرۈش ئېلىپتىمەن . بىر تېمىدا بىر تورداش ئېتىبار نۇمۇر تارقىتىۋېتىپتىكەن، ئېتىبار نۇمۇرىنى ئېلىپ، مەھمۇت دىگەن توردىشىمىزنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بىرنى سېتىۋالغانتىم. ئېتىبار نۇمۇر بەرگەن شۇ تورداشنى دەلىل ئىسپات بىلەن تەمىنلەپ قوياي دەپ ، {:90:} {:90:} ، ئاچقۇچ نۇمۇرى بىلەن تەڭلا ئېكراننى كېسىپ چ چ سىغا يوللىۋېتىپتىمەن. يوللاپ بولۇپ مەنمۇ چانداماي ........ئىسپات دىگەننى تەمىنلىگەنكىن ماندا راۋرۇس تەمىنلەيلىز دەپ قويدۇم. {:92:} {:92:} لېكىن ھازىرغىچە ئۇ نۇمۇرنى ئىشلىتىپ باقمىدىم. مەن ۋە باشقىلارغا ۋەكالىتەن ئالغىنىم ئۈچ يۈرۈش.
8- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇر تىلى بولىقى نەچچە قېتىم چۈشۈرۈلگەن شۇنى مىكروسوڧىتتىن سورىساقلا تۈگىمىدىمۇ![]()
مۇشۇ بىر قەدەر ئاقىلانە ئامالكەن، Windows 8 نى ئالغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ \"ئىزدىنىش\"كە كىرىپ كېتىشى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، يېقىندا ئارىمىزدىكى بىر تىل تەتقىقاتچىسىنىڭ \"ئىزدىنىش\" دىگەن قانداق تور بېكىتى دەپ سورىغىنى ھىلىمۇ ئېسىمدە
مەن 7يۈرۈش ئالدىم!