[ھەپتىدە بىر ناخشا] Zombie
ئېنگلىزچە ناخشا ئاڭلاپ كېلىۋاتقىلى 20 يىلدىن ئېشىپتۇ، ئېسىمدە قالغان ۋە ھازىرمۇ ئاڭلاپ كېلىۋاتقان ناخشىلار ساناقلىق ئىكەن.بۈگۈندىن باشلاپ، ئاللاھ بويرۇسا، ھەپتىدە بىر ناخشا يوللاپ دوستلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە بۇ تېمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن.
دۇنياغا داڭلىق روك مۇزىكا
ئەترىتى-The Cranberries نىڭ 1994-يىلى چىقارغان پىلاستىنكىسى (دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە 17 مىليوندىن
ئارتۇق سېتىلغان بولۇپ، مەنمۇ 1996-يىلى ئۈنئالغۇ لېنتىسىنى سېتىۋېلىپ ئاڭلىغان
ئىدىم) ئىچىدىكى ۋەكىللىك خاراكتىرىدىكى ناخشىسى"Zombie" بولۇپ،بۇ ناخشا مەزكۇر مۇزىكا ئەترىتىنىڭ باش ناخشىچىسى Dolores O"Riordan تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ئورۇندالغان. بۇ ئەلبۇمدىكى ناخشىلاردا ئۇرۇش، ئۆلۈم،
مۇھەببەت ۋە ئۇمىدسىزلىك ...قاتارلىقلار مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ،"Zombie" ناملىق ناخشىنىڭ يېزىلىشىغا 1993-يىلى شىمالىي ئېرلاندىيەدە ‹‹ئېرلاندىيە
جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارمىيىسى›› تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق پارتىلتىش
ۋەقەسىدە ئۆلۈپ كەتكەن 2 بالىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەب بولغان ئىكەن.
بۇ پىلاستىنكىنىڭ
تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا:
http://music.douban.com/subject/1394708/
ئەلبۇمدىكى ناخشىلارنىڭ
تىزىملىكى ۋە توردىن ئاڭلاش:
http://music.sina.com.cn/yueku/a/131935.html
2011-يىلى 7-ئايدا بۇ
ئەترەت جوڭگوغا كېلىپ ئويۇن قويغان ئىكەن،تەپسىلاتى بۇ يەردە:
http://ent.sina.com.cn/f/y/cranberries/
مۇزىكا ئەترەتنىڭ تور
بېكىتى:
ناخشا تېكىستى: (مەن
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ قوياي دىسەم، خۇددى ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتلىرىدىكى
شېئىر تەرجىمىسىدەك بولۇپ قالدىكەن، قېنى شائىرلار بىر نىمە دەپ باقسۇن).
Zombie 无生气的人
Another head hangs lowly, child is slowly taken
又一颗头颅低垂,孩子渐已熬干生命的灯油
And the violence caused such silence
狂暴怎会带来如此的静谧
Who are we mistaken
而我们之中谁又是罪魁祸首?
But you see it`s not me, it`s not my family
你也看到我本善良,我的家人也跟我一样
In your head, in your head, they are fighting
在你的头脑之中,人们却在手足相残
With their tanks, and their bombs
用他们的坦克大炮
And their bombs, and their guns
用他们的钢枪铜弹!
In your head, in your head they are cryin`
在你的头脑之中,人们在哭喊
In your head, in your head, Zombie, Zombie
在你的头脑之中,在你的头脑之中,无生气的人,无生气的人!
In your head, what`s in your head Zombie
在你的头脑之中,究竟有怎样的邪恶,无生气的人!
Another mother`s breaking heart is taken over
又一位母亲的心已破碎,你把她的灵魂夺走
When the violence causes silence
当暴行引致死一般的沉寂
We must be mistaken
我们全都是罪魁祸首
It`s the same old theme since 1916
那是永恒的经典悲剧,自从
your head they`re still fightin`
在你的头脑之中,人们从末停止争斗
With their tanks, and their bombs
用他们那些坦克炸弹
And their bombs, and their guns
用他们那些钢枪铁炮
In your head, in your head they are dyin`
在你的头脑之中,人们在苟延残喘
In your head, in your head, Zombie, Zombie
在你的头脑之中,在你的头脑之中,无生气的人,无生气的人!
In your head, what`s in your head Zombie
在你的头脑之中,究竟有怎样的邪恶,无生气的人!
Zombie دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى ھەرخىل تەرجىمە قىلىنىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ‹‹بىلكان
لۇغىتى›› دە ‹‹مىسمىس ئادەم ›› دىيىلگەن. خەنزۇچە تەرجىمىلەردە
靠巫术起死回生的僵尸、迟钝无生气的人或动作呆板而不动脑筋的人
دەپ ئېلىنغان ئىكەن.
ماتىرياللاردا دىيىلىشىچە، ئافرىقا ۋە كارىپ دىڭىزى رايونلىرىدىكى بەزى قەۋملەردە
ئەپسۇن ئوقۇش ئارقىلىق تىرىك ئادەمنىڭ ھۇش-ئەقلىنى يوقىتىش، ساراڭ قىلىش،شەيتانغا
ئايلاندۇرۇش، ماڭقۇرت قىلىش،پەرۋاسىز ئادەم ...دىگەندەك مەنىلىرى باركەن.چىڭغىز
ئايتماتوپنىڭ ‹‹قىيادىكى ئوۋچىنىڭ زارى›› ناملىق ئەسىرىدە مۇشۇنداق بايانلارمۇ
بار.
ناخشا تېكىستىدە 1916 –يىلى دىگەن سۆز كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ، ئېرلاندىيە
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئەنگىلىيىنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ كەلگەن بولۇپ، 1-دۇنيا
ئۇرۇشى مەزگىللىرىدە ئەنگىلىيە ئۇرۇش پاتقىغىغا پېتىپ قېلىپ، ئېرلاندىيىلىكلەر
ئۈچۈن مۇستەققىللىققا ئېرىشىش پۇرسىتى كەلگەندەك قىلغان. 1916-يىلى 4-ئاينىڭ
24-كۈنى،يەنى پاسخا بايرىمىدىن كىيىنكى دۈشەنبە كۈنى مىڭدىن ئارتۇق ئېرلاندىيىلىك
دوبلىن شەھرىنىڭ كۆپ قىسمىنى ‹‹ئازاد›› قىلىپ، ‹‹ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى››
قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، ئەنگىلىيە 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئەۋەتىپ دوبلىن
شەھرىنى قانغا بويىغان ھەم قولغا ئېلىنغان توپىلاڭچىلارنىڭ 15 نەپەر باشچىللىرىنى
ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان. دەسلەپتە مۇتلەق كۆپ قىسىم ئېرلاندىيىلىكلەر بۇ ھەرىكەتنى
قوللىمىغان بولسىمۇ، كىيىنكى تۈرلۈك باستۇرۇشلاردىن ئويغىنىپ، 1921-يىلى
‹‹ئېرلاندىيە ئەركىن فېدىراتسىيىسى›› نى قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. ئېرلاندىيە
1922-يىلى ئەنگىلىيەدىن ئايرىلىپ دۆلەت بولغان، بىراق ‹‹شىمالىي ئېرلاندىيە››
رايونى ھازىرغىچە تالاشتا تۇرماقتا. ‹‹ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئارمىيىسى››
1919-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەنگىلىيە كونتروللىقىدىكى ‹‹شىمالىي ئېرلاندىيە›› نى
ئازاد قىلىپ، ‹‹بۈيۈك ئېرلاندىيە›› قۇرۇش مەقسىدىدە ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بىلەن
قوراللىق توقۇنۇشقان، كۆپ قېتىم تېرورلۇق ۋەقەسىنى تۇغدۇرغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن
دۆلەتلەر تەرىپىدىن تېرورلۇق تەشكىلات دەپ قارالغان.خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئۇزۇن
مەزگىللىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا 2005-يىلى 7-ئايدا قوراللىق كۆرەشنى
توختىتىپ، سىياسى يول بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىنى تۇتقان.
نۇ ناخشىنىڭ MTV نۇسخىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XMjkzMjY0NA==.html
نەق مەيدان نۇسخىسى:
http://v.youku.com/v_show/id_XNDYxNDEyNTI=.html
زامبى دېسە Zombie دەيدىغان ئەترەت ئىسىمگە كېلىپ، مۇشۇنىمۇ ئاڭلايدىغانلار باركەن مەندەك دەپتىمەن.
ماۋۇ Cranberries نىڭ ئەڭ ياخشى ناخشىسى animal instinct دېگەن ناخشىسى ئەڭ خوش ياقىدۇ ماڭا.
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر ئاڭلاپ ئامراق بولۇپ قالغانتىم بۇناخشىغا،ھازىرغىچە ئاڭلاپ قويىمەن بەزىدە،كىلاسسىك ناخشىلاردىن بىرى

مەن تۇلۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە ئەكپەر قەھرىماننى ئاڭلىغان.
ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كىيىن ئاندىن بونجوۋى نېرۋانا سىلەش...........
ھازىر ھەممىنى ئاڭلايدىكەنمەن
يېقىنقى ئىككى يىلدىن بېرى ئەڭ تولا ئاڭلىغان ناخشام ئەسقەرنىڭ دولان دىگەن ناخشىسى بىلەن ئېكىس جاپاننىڭ قىزىل دىگەن ناخشىسى بولسا كېرەك