Putbol_net يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 13:36:28

رونالدو GQ ژۇرنىلى زىيارىتىدە: ئۇتتۇرسام كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ[تەرجىمە]








GQ : كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى كىلىش مەنبەسىنى رونالىد . رىگىن ( سابىق ھوللىۋۇد چولپىنى ، سابىق ئامىرىكا زۇڭتۇڭى ) دىن كەلگەن دىيىشىدىكەن ، بۇ راسىتمۇ ؟ سىزنىڭ دادىڭىز رىگىنغا چوقۇنامدۇ ؟

 

CR : شۇنداق . لىكىن ئاپام رىگىننغا چوقۇنىدۇ .

  

GQ : ئاپىڭىز ؟

CR : ھەئە ، گەرچە دادام ماڭا بۇ ئىسىمنى قويۇش ئۇنىڭ پىكىرى ئىكەنلىكىنى دىگەن بولسىمۇ ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئاپام رىگىنغا شۇنداق چوقۇنىدۇ .

  

GQ : زۇڭتۇڭ رىگىنغا چوقۇنامدۇ ياكى ئارتىسىت رىگىنغىمۇ ؟

  

CR : زۇڭتۇڭ .

  

GQ : ئاپىڭىز قايسى پارتىيە ئەزاسى ؟

  

CR : مېنىڭچە جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىغۇ دەيمەن .

  

GQ : ئوباماچۇ ؟

  

CR : دىمۇكراتلار پارتىيىسىدىن .

 

GQ : سىز رۇمىنىيغا بېلەت تاشلامتىڭىز ؟ ( ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئامىرىكا چوڭ سايلامدىكى ئوبامانىڭ رىقابەتچىسى )

  

CR : ئەمەلىيەتتە مەن ئوباماغا ئامراق ، مېنىڭچە ئۇنىڭ ئامىرىكا رەھبىرى بولىشى ئىنتايىن ئاقىلانىلىك .

  

GQ : سىز رىگىن رول ئالغان كىنولارنى كۆرۈپ باققانمۇ ؟

  

CR : ئېسىمدە قالماپتۇ .

  

GQ : سىز غەربنىڭ كىنولىرىغا ئامراقمۇ ؟

  

CR : شۇنداق ، ئۆيدە بولساملا دائىم كۆرىمەن ، يەنە ھىندىستاننىڭ بوللىۋود فىلىملىرىنىمۇ كۆرىمەن .

  

GQ : سىز كىم بىلەن پورتۇگالىيەلىك گۇرۇھ ؟

  

CR : مېنىڭ خانلىق مادرىد كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە پورتۇگالىيەلىك قېرىنداشلىرىمدىن باشقا يەنە نۇرغۇن دوسىتلىرىم بار . ناھايىتى ئېنىقكى ، مېنىڭ پې پې ھەمدە كاكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئىنتايىن ياخشى ، چۈنكى بىز ئوخشاش بىر تىلدا پاراڭلىشىمىز ، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ گۇرۇھلىشىشتىن ، مەزھەپ تۈزۈشتىن دېرەك بەرمەيدۇ .

  

GQ : سىز ئۈچۈن ئېيىتقاندا ، سىزگە ئەڭ مۇھىم بولغىنى ھەممە نەرسىگە ئېرىشىشقۇ ؟

  

CR : مۇكاپات لوڭقىسى ئىنتايىن مۇھىم ، خانلىق مادرىد بولسا دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۇلۇب ، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ھەمىشە سىزنىڭ شۇنداق مۇكەممەل بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىدۇ ، مەنمۇ ئىزچىل ئۆزۈمنىڭ سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىۋاتىمەن .

  

GQ : ئوبرازىڭىزغا قانداق قارايسىز ؟

  

CR : ھەممەيلەن ئۆزىنىڭ نەزىرىدىكى مەننى كۆرۈشكە تەشنا ، مەن پەقەت ئىشنى ياخشى قىلىشقا تىرىشىمەن .

  

GQ : سىز دائىم تەنتەربىيە گېزىتى كۆرۈپ تۇرامسىز ؟

  

CR : مەن ئىشنى ياخشى قىلالمىغاندا ئاتايىتەن گېزىت ۋە تېلېۋۇزۇرغا قاراپ ، ئۆزىنى قانداق تەنقىد قىلغانلىقىنى كۆرۈپ ئولتۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ، ئەلۋەتتە ، تەنقىد بىزنىڭ كەسپىمىزنىڭ بىر قىسىمى ، چوقۇم قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك ، بىراق تەنقىد ماڭا تەسىر قىلمايدۇ ، ناۋادا مېنىڭ توپ ئويناش ئۇسلۇبىمنى تەنقىد قىلسا ، مېنىڭ ئاچچىقىم كەلمەيدۇ ، ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئاچچىقىمنى بەك كەلتۈردىغىنى مەيدان سىرتىدىكى ئىشلارغا قارىتا قىلغان تەنقىد . يەنە بىر قېتىم دەپ قوياي ، ناۋادا مەن پۇتبول مەيدانىدا ياخشى ئوينىيالمىسام ، بىرىنجى بولۇپ ئۆز - ئۆزۈمنى تەنقىد قىلىمەن .

  

GQ : سىز ئۆزىڭىز ئويناپ بولغان مۇسابىقە ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش قىلامسىز ؟

  

CR : ھەممە مەيدان مۇسابىقىنى ئەمەس ، بىراق كۆپ قىسىم مۇسابىقىدە شۇنداق قىلىمەن ، بۇنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بار ، مېنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ياخشى قىلىشىمغا ياردىمى تېگىدۇ .

  


مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويساق ئىككى - ئۈچ كۈن ئۇخلىيالمايمەن



  

GQ : مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويسىڭىز ئۇخلىيالامسىز ؟

  

CR : ئەگەر ئىنتايىن مۇھىم مۇسابىقە بولۇپ قالسا ، مەسلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە دىگەندەك ، بۇنىسى ئىنتايىن ئېنىق ، مەن ئۇخلىيالمايمەن ، پەقەت شۇ كېچىسىلا ئەمەس ، ھەتتا ئىككى - ئۈچ كۈن ياخشى ئۇخلىيالمايمەن . بىراق سىز ئۆزىڭىزنىڭ دائىم ئۇتتۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلىسىز .

  

GQ : خانلىق مادرىدتىمۇ شۇنداقمۇ ؟

  

CR : ئەلۋەتتە شۇنداق ، مېنىڭ ئەزەلدىنلا ئۇتتۇرۇپ قويغۇم يوق ، بىراق ھەمىشە ئۇتتۇرىمەن .

  

GQ : يىغلىدىڭىزمۇ ؟

  

CR : شۇنداق ، ناھايىتى كۆپ قېتىم ، ئەلۋەتتە بۈگۈن ھەرگىز يىغلىمايمەن .

  

GQ : ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن ، ئۆزىڭىز يالغۇز كۆتۈرەمسىز ياكى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشامسىز ؟

  

CR : قىز دوستۇم ياكى باشقا دوسىتلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىمەن .

  

GQ : مۇسابىقە مەيدانىدىكى مەغلۇبىيتىڭىزدىن ئۆكۈنگەن چاغدا ، تۇرمۇشتىكى مەغلۇبىيتىڭىزدىنمۇ ئۆكۈنەمسىز ؟

  

CR : نىمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، مەن ھەممە ئىشلارنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  

GQ : سىز ھەر كۈنى 3000 قورساق قاتلاش ، ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى قىلامسىز ؟

 

CR : كەسپىي پۇتبولچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز ھەرۋاقىت ياخشى بولغان بەدەن ساپايىمىزنى ساقلىشىمىز كېرەك ، بىراق مەن قانچىنى قىلغانلىقىمنى نەزەرگە ئالمايمەن .

  

GQ : سىز ھەر كۈنى قانچە سائەت بەدەن چېنىقتۇرىسىز ؟

  

CR : ئېھتىمال سىزگە ئېيىتىپ بېرەلمەسلىكىم مۇمكىن . چۈشتىن بۇرۇن مەشىق قىلىمەن ، چۈش ۋە چۈشتىن كىيىن بەدەن چىنىقتۇرىمەن ، بىراق مەنمۇ ئۆزۈمنى دەم ئالدۇرۇپ تۇرىمەن .

  

GQ : روھىي ھالەت مەشىقىگىمۇ ئەھمىيەت بېرەمسىز ؟

  

CR : ئەلۋەتتە شۇنداق ، بىر مەيدان مۇسابىقىنى ياخشى ئويناش ئۈچۈن چوقۇم بەدەن بىلەن پىسخىكا جەھەتتە يىتەرلىك تەييارلىق بولۇشى كېرەك ، مۇسابىقە باشلانغان ۋاقىتتا ، سىز چوقۇم زىھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرىشىڭىز ھەمدە سوغۇققان بولىشىڭىز كېرەك .

  

GQ : خاراكتېرىڭىزدىكى ئەڭ چوڭ كەمچىللىك قايسى ؟

  

CR : بىر قانچىسى بارغۇ دەيمەن ، پەقەت بىرسىنىلا دەيدىغان ئىش بولسا ، مېنىڭچە مەن بەك جاھىل .

  

GQ : كىچىك بالا مىجەزىڭىز بارمۇ ؟

  

CR : مېنىڭ كىچىك بالىدەك مىجەزىم يوق ، مەن چوڭ بولدۇم .

  

GQ : ئۇنداقتا سىز ھازىرقى ئۆزىڭىزنى ياقتۇرامسىز ، ياكى بالا ۋاقتىڭىزدىكى ئۆزىڭىزنى ياقتۇرامسىز ؟

  

CR : مېنىڭچە ئىككىلىسىنىڭ ھېچقانچە پەرقى يوق ، مېنىڭ كەسپىىم چوقۇم ئۆز - ئۆزۈمنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدىغان تام قۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، بىراق مېنىڭ خاراكتېرىمدە ئۆزگىرىش يۈز بەرمىدى .

  

GQ : سىزنىڭ بالىلىق دەۋرىڭىز قانداق ؟

  

CR : ئىنتايىن ئاددىي .

  

GQ : بالىلىق دەۋرىڭىزدە ياتاق ئۆيىڭىزدىكى تامدا كىمنىڭ خەۋەرلىرى بار ئىدى ؟

  

CR : يوق ئىدى ، چۈنكى مېنىڭ ئايرىم ياتاق ئۆيۈم بولۇپ باقمىغان ، مەن ۋە ئاكام ئىككەيلەن بىر ياتاق ئۆينى ئىشلىتەتتۇق .

  

GQ : نىمە ئۈچۈن ئۆيىڭىزدىن ئايرىلدىڭىز ؟

  

CR : چۈنكى مەن ئۆز ئارزۇيۇمنى ئىشقا ئاشۇرۇشۇمنى بىلىمەن ، چوقۇم شۇنداق قىلمىسام بولمايىتتى ، ئۇ ۋاقىتتىكى قارار مېنىڭ ھاياتىمدىكى ناھايىتى تەستە چىقىرىلغان قارارلارنىڭ بىرى ئىدى ، ساق بىر يىل مەن لىسىبوندا تۇرۇمۇش كەچۈردۈم ، ناھايىتى چوڭ شەھەردە مەن ئاپامنى شۇنداق سېغىندىم ، يەنە ئائىلەمدىكىلەرنى ھەمدە دوستىلىرىمنى سېغىندىم ، مېنىڭ بۇ يولنى داۋاملاشتۇرىشىمنىڭ بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسا ، دەل ئۇلارنىڭ مېنى قوللاپ تۇرۇشى .

  

GQ : ئاندىن كىيىن ئەنگىلىيەگە كەلدىڭىز .

  

CR : شۇنداق ، ئۇ چاغلاردا مەن بەك ياش ئىدىم ، مېنىڭ مانچېستېردىكى بارلىق ئەسلىمىلىرىم ئاجايىپ گۈزەل ، مەن ئۇ يەردە 6 يىل تۇرمۇش كەچۈردۈم ، دەل شۇ يەردە ، مەن دۇنيا دەرىجىلىك پۇتبولچى بولدۇم .

GQ : فورگۇسىننىڭ سىزگە ئۆتكەن بىرىنجى سائەتلىك دەرىسى ئېسىڭىزدىمۇ ؟

CR : كەسىپلىشىشنى ساقلاش ، داۋاملىق ئۆزى بولۇش ، نىشانىغا كۆڭۈل قويۇش ، ئېتىقادتىن مەڭگۈ ئايرىلىپ قالماسلىق . بىزنىڭ ئارىمىزدا ئىلگىرى بىر ئاز ئىختىلاپ بولغان ، بىراق بۇ ئىنتايىن نورمال ، چۈنكى بىز بىللە خىزمەت قىلغىلى بەك ئۇزۇن بولدى ، ئەمەلىيەتتە ، مېنىڭ فورگۇسىنغا پەقەت مىننەتدارلىق ھېسىياتىم بار ، مەيلى ترېنېر بولسۇن ياكى ئادەتتىكى بىر كىشى بولسۇن ، ئۇ يەنىلا شۇنداق ئۇلۇغ كىشى .

  

GQ : ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلامسىز ؟

  

CR : ئەڭ ياخشى ترېنېر بىلەن ھەمكارلىشىش مەڭگۈلۈك بىر شەرەپ .

  

GQ : مۇرىنھو بىلەنمۇ شۇنداقمۇ ؟

 

CR : ئەلۋەتتە شۇنداق .

  

GQ : ئۆزىڭىزنىڭ كىيىن بىر ترېنېر بولۇشىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز ؟

  

CR : پۇتبول مېنىڭ ھاياتىم ، سەپتىن چېكىنگەندىن كىيىن ، مەن يەنىلا پۇتبول چەمبرىكىدە تۇرىمەن ، بىراق ھازىر ، مېنىڭ كەسپىي ھاياتىم ناھايىتى ئۇزاق ، ۋاقىت بىزگە جاۋابىنى بىرىدۇ .

  

GQ : سىز ئوغلىڭىزنىڭ پۇتبولچى بولىشىنى تەلەپ قىلامسىز ؟

  

CR : ناۋادا راسىتىنلا مۇشۇنداق بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى .

  

GQ : ئوخشاش بىر ئىسىم ، ئوخشاش بىر كەسىپ ......

  

CR : ھەممىسى ئۇنىڭغا ( ئوغلۇمغا ) باغلىق ، ئەگەر ئۇ ياقتۇرمىسا ھېچقىسى يوق ، ئۇنىڭ ئارزۇسى ھەممىدىن مۇھىم .



يازما ئەسلىي مەنبەسى : پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى - http://bbs.putbol.net

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 19:59:03

سىز ھەر كۈنى 3000 قورساق قاتلاش ، ئولتۇرۇپ قوپۇش ھەرىكىتى قىلامسىز ؟

________________________________

ئىرادە دېگەن با يەدە باكەن جۇما...شۇڭا 1مېتىر 10 سانتا سەكرەپ ھاۋادا 1-2 سېكۇنت تۇرۇپ كاللا توپ ئۇرۇپ نومۇر ئالالايدۇ. پۇتبولچىلارنىڭ گۈلى-دە رونالدو. \"\"

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 20:04:33

تەرجىمە ياخشى چىقماپتۇ، شۇڭا ئاخىرىنى ئوقۇمىدىم.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 20:16:18

4- قەۋەتتىكى oygak2005نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمانچە ئۇششاق سۇئاللار ئۇ، مەندىن سورغان بولسا تۆتىنجى سۇئالغا كەلگۈچە ‹‹ يوقال !!›› دەپ بولىدىكەنمەن!!!

\"\"

ئاڭلىمىغانما؟


مۇخبىر - ھەقىسىم سۇئاللارنى يۈزى قىزارماي سورايدىغانلار.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 21:06:33

ئالدىنىقى قىتىمىلىق بىر زىيارەتتە،  مۇخىپىر قانداق قىلغاندا سىزدەك چولپان بولغىلى بۇلۇدۇ دەپ سورسا، رونالدۇ قاتتىق جاپالىق مەشىق قىلىش كىرەك دەپ جاۋاپ بەرگەن،  

بەزىلەر رونالدونىڭ بۇگىپىنى كەمتەرلىك بىلەن ئىيتىپ قويغان دىدى، مىنىڭچە رونالدۇ كەمتەرلىك بىلەن ئەمەس، سەمىمى گەپ قىلىدى،  بۇنداق چولپان بۇلۇش ئۇچۇن ھەقىقەتەن تالانىت ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، لىكىن ئۇنىڭىدىنمۇ مۇھىمى قاتتىق ئىرادە،


korqak يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 16:34:20

كىمنىڭ ئوتتۇرغىسى بار دەيسىلەر،تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە زىھىن سىناش مۇسابىقلىرىگە قاتنىشىپ ئۇتتۇرۇپ قويساممۇ شۇنداق كۆڭلۈم يېرىم بۇلۇپ ئىچىم پۇشۇپ كىتەتتى....................................ئەمدى بۇ چولپانلارغا كەلسەك،پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىپ تۇرغان پەيىتتە ئۇتتۇرۇپ قويسا،بىرسى ئۆزىنىڭ غايسى(ئۇتۇپ چىقىش)گە يىتەلمەسلىك ، يەنە بىرسى نەچچە ئون مىڭ ئادەمگە يۈز كىلەلمەسلىك نوقتىسىدىن بولسىمۇ كۆڭلى يېرىم بولىدۇ ئەلۋەتتە......................

korqak يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 16:35:16

ئۇتتۇرۇش دىگەن خەتنى ئوتتۇرۇش دەپ قۇيۇپتىمەن،خىجىلمەن!!!!!!

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 16:42:35

تەرجىمە تازان راۋان چىقماپتۇ

oygak2005 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 18:43:22

نىمانچە ئۇششاق سۇئاللار ئۇ، مەندىن سورغان بولسا تۆتىنجى سۇئالغا كەلگۈچە ‹‹ يوقال !!›› دەپ بولىدىكەنمەن!!!

\"\"
بەت: [1]
: رونالدو GQ ژۇرنىلى زىيارىتىدە: ئۇتتۇرسام كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ[تەرجىمە]