Putbol_net يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 12:54:59

پىلاتىنى: 2022 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى قىشتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك[تەرجىمە]

3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى رەئىسى پىلاتىنى‹‹ رەسىم گېزىتى ›› نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، 2022 - يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى قىشتا ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك ، دىگەن .



 قاتارنىڭ يازدىكى تىمپۇراتۇرىسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يىتىدىغان بولۇپ ، پىلاتىنىنىڭ قارىشىچە ، بۇنداق ئىسسىقتا مۇسابىقىنى نورمال ئېلىپ بارغىلى بولمايدىكەن ، بولۇپمۇ توپ مەستانىلىرى بىلەن ماھىرلار بۇنداق ئىسسىققا چىدىمايدىكەن . ئەمما 12 - ئاي ۋە 1 - ئايلارغا بارغاندا ، قاتارنىڭ تىمپۇراتۇرىسى 17 سېلسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولىدىكەن .



  ‹‹ رەسىم گېزىتى ›› زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، پىلاتىنى مۇنداق دىگەن : ‹‹ قاتار يازدا بەك ئىسسىق ، دۇنيا لوڭقىسى قىشتا ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك ، 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق تىمپۇراتۇرا مۇسابىقە ۋە پۇتبۇل مەستانىلىرىغا نىسبەتەن چىدىغىلى بولمايدىغان بىر ئىش ، يەنە يېقىن ئەتراپتىكى خەلىپىلىكمۇ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ ، بۇنداق تىمپۇراتۇرىدىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ قايسى رايونلاردا ئۆتكۈزۈلسە بولىدىغانلىقىنى ئۆز - ئارا مەسلىھەتلىشىشى كېرەك ›› .

مەنبەسى :  http://bbs.putbol.net

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 21:29:30

قاتارنىڭ بۇ قېتىملىق نۆۋەتنى پۇل خەجلەپ ئالغان سەتچىلىكى بىر مەزگىل غۇلغۇلا بولاپ كەتكىنىنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ ؟ شۇڭا ئويلاشماي بېرىۋەتكەندە ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 14:06:28

ئۆز ۋاقتىدا قاتارنى تاللىغاندا نىمىشقا تىمپىراتورا مەسلىسىنى ئويلاشمىغان؟

پۇتبولچىلارغا يازدا پەسىل ئوتتۇرىسىدىكى 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ بېشىغىچە ئۇزۇن ۋاقىت دەم ئېلىش ۋاقتى بار.

قىشتا بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىتنى دۇنيا لوڭقىسى ئۈچۈن ئاجراتقىلى بولمايدۇ.

ھەر قايسى بىرلەشمىلەرنىمۇ ۋاقىت پىلانىنى ئۆزگەرتىشكە كۆندۈرۈش تەس

ئاقمايدۇ ئەمدى

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 14:13:40

ئەرەب دىگەن پۇلى جىق ھەشەمەتچى خەق، ھاۋا تەڭشىگۈچ بىلەن سوۋۇتىدىغان يوغان پۇتبول مەيدانىدىن نەچچىنى ياساپ پۈتكۈزىۋىتىدۇ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 14:39:04

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 14:43:01

malchi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 15:08:55

ئاخشىمى چۈشىدە كۆرگىننى ئەتىىسى مۇخپىرلارغا سۆزلەپ ئولتۇرامدىكى بۇ قاقۋاش
بەت: [1]
: پىلاتىنى: 2022 - يىلى دۇنيا لوڭقىسى قىشتا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك[تەرجىمە]