itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 12:24:02

windows8 سېتىۋىلىدىغانلار يەنە بارمۇ؟

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم


windows8 سىستىمىسى يادروسىدىن ئانا تىلىمىزنى قوللىدى ،  نۇرغۇن كىشىلىرىمىز  ھاياجانغا چومدۇق ، بۇنىڭدىن پەخىرلەندۇق ، بۇ سىسىتىمىغا ئانچە ئىرەن قىلمىغانلار ئەلۋەتتە خىلىلا كوپ ، ئالى مەلۇماتلىق ، مائاشلىق نۇرغۇنلار ئۇدۇللا قىلىپ ، نېمە قىلىمىز windows8 نى بىرمۇنچە پۇلغا سىتۋىلىپ ، بەش كويغا سىستىما دىسكىسىدىن بىرنى ئىلىپ ئىشلەتسكمۇ ياكى توردىن چۇشۇرۇپ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ ، نېمە ئەخمەقلىق بۇ دىگۈچىلەرمۇ بولدى ..........  windows8 نىڭ ئانا تىلىمىزنى يادروسىدىن قوللىغانلىقىنى مۇشۇ گەپلەرنى دىگۈچىلەرمۇ پەخىرلەنگەنتى ، ھاياجانلانغانتى بولمىسا  ، خەيىر نېمە دىگۈلۈك ..


يەنە نۇرغۇن كىشىلىرىمىز windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتۋالدى ، بەزىلەر 248 كويدىن ، يەنە بەزىلەر ئىتبار نۇمۇرى ئارقىلىق 98 كويدىن سېتۋالدى ...


windows8 نىڭ ھەقىقى نەشىرىنى سېتۋىلىش ، قاچىلاش جەھەتتە نۇرغۇن كىشىلىمىز قىينچىلىققا يولۇقتى ، بۇ ئەھۋالدا نۇرغۇن دوستلار ئوتتۇرىغا چىقىپ خالىسلىق بىلەن windows8 نى سىتۋىلىش ، قاچىلاش جەھەتتە ياردەمدە بولدى ، ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنى قىلىش ئۈچۈن ئىككى ، ئۈچ سائەت ۋاقىت كىتەتتى . نۇرغۇن تور بەتلەر باش بىتىدە windows8 نى تەشۋىق قىلىدى ، windows8 نى ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدى ...


windows8  نى خالىسلىق سىتۋىلىپ ، قاچىلاپ بىرىدىغانلارنىڭ ئارقىسىدىن غاجاپ قويغۇچىلارمۇ بولدى ، نېمە ئامال دەيسىز ، ئۇلارغا پەرۋا قىلماي ئىشىڭىزنى قىلىۋەرسىڭىز بولدى ، چۇنكى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە


ئۇلار ئانا تىلىمىزنى مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ، ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشلىتش دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئۈچۈن ،ۋە شۇنداقلا ئوزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن توھپە قوشقىچىلاردۇر .......................


ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە چىن كوڭلىمدىن رەھمەت ...


3-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ windows8 نى ئىتبار نۇمۇرى بىلەنمۇ سېتۋالغىلى بولماس بولدى


مىكروسوفىت ئورگان تور بىتىدە windows8  نىڭ باھاسى 1988 يۇەن .مەكتەپ ئاۋانگارتلار ئورگان تور بىتىدە  488 يۇەن . windows8  نىڭ ئوسۇپ كىتىشىدىن ئالىم ئەھەت ئاكىمىز ئاللىبۇرۇن خەۋەر بەرگەن ... ھەقىقەتتە ئوسۇپ مۇشۇ باھاغا كەلدى


مەن ھازىرغىچە 100 دىن ئارتۇق ئادەمگە windows8  نى سىتۋىلىشىپ ، قاچىلىشىپ بىرىپتىمەن ،بۇ جەرياندا مەن windows8 نى قاچىلاتقۇچىلارنى قىلۋاتقان ئىشىغا ئاساسەن ئىككىگە ئايرىدىم


1. يەككە تىجارەتچىلەر ، ھۈنەۋەن كاسىپلار ، دىھقانلار .


2.مائاشلىقلار


ماڭا windows8 نى قاچىلاتقانلار ئىچىدە يەككە تىجارەتچىلەر ، ھۈنەۋەن كاسىپلار ، دىھقانلار 90%نى ئىگەللەيدۇ .


دولەت كادىرلىرى ، مائاشلىقلار 10%تىنى ئىگەللەيدۇ


نېمە ئۈچۈن خەلقنى يىتەكلەش رولىغا ئىگە زىيالىلارنىڭ windows8بولغان قىزغىنلىقى توۋەن بولىدۇ ؟! مۇشۇ ئىزدىنىشتىكى مائاشلىقلاردىن قانچىلىك ئادەم windows8 نى سېتۋىلىپ ئىشلەتتى ؟!نا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغىرىسىدا قاخشايمىزيۇ ، يادرسىدىن ئانا تىلىمىزنى قوللىغان ، دۇنيا مىللەتلىرى تىللىرى قاتارىدا ئورۇن ئىلىشقا مۇيەسسەر قىلغان بۇ سىستىمىنى زىيالىلار ئاز ئىشلىتىدۇ ؟؟


بۇ پەقەپ مېنىڭ قىشىمدا يۇز بەرگىنى ، باشقىلارنىڭ قىشىدا قانداق بۇنى مەن بىلمەيمەن ...مەن زىيالىلارغا يامان گەپ قىلماقچى ئەمەس ھە دوستلار ..


2- ئاينىڭ 1 -كۇنىدىن باشلاپ windows8 نىڭ ئوسۇپ كىتىدىغانلىقى توغىرىسىدا خەۋەر ھەممە يەردە تارقالدى ، windows8 نىڭ باھاسى مىڭ يۇەندىن يۇقىرى ئوسۇپ كەتسە نۇرغۇن ئۇيغۇرلىرىمىز سېتۋىلىشقا كۈچى يەتمەيدىغانلىقى ئىنىق ، ھەتتاكى قايناۋاتقان قازانغا سۇ قويغاندەك قىزغىن سىتۋىلىپ قاچلاتماقچى بولغانلارمۇ توختاپ قىلىشىمۇ ئىنىق ، ئەمىليەتتە شۇنداق بولدى ...........


شۇ سەۋەپتىن مەن1ئاينىڭ 31 - كۇنى windows8 دىن 14 نى مەكتەپ ئاۋانگارتلار تورىدىن 248 كويدىن سېتۋالغان ، يەنە شۇ 248 كويدىن سېتىپ بىرىمەن ، ھازىرغىچە 5 ى سېتىلدى ، ئەمما بىرشەرتىم بار، ئۇ بولسىمۇ بىر سوم پىلانىغا 50 سوم ئىئانە قىلىشىڭىز كىرەك


ئەگەر قەشقەردە بولسىڭىز دۇكىنىمغىلا ئەكىلىڭ ، ئۆزۈم سىستىمىنى قاچىلاپ ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۇشۇرۇپ ، تەڭشەپ قىلىپ بىرىمەن .



مەنزىل : قەشقەر مىرەن كومپىيۇتىر شەھەرچىسى 2-قەۋەت تارىم كومپىيۇتىر تىخنىكسى


QQ:184295957


تېلېفۇن : 13309981604               09982306690


  

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 20:42:20

ھازىر ئۈچىنچى ئاي كىردى. ئەمدى ئىتىبارلىق سېتىشمۇ ئاخىرلىشىپ كەتكەندىمۇ يا؟

ئاخىرلاشمىغان بولسا ئالىدىغانلار بار جۇما.  {:134:}  \"\"

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 20:59:59

مەن windows7 نى قاچىلاپ نۇرغۇن ئاۋارچىلىقلارغا ئۇچرىدىم. تىخى «ئىمپىريە دەۋرى ئويۇنى 2» تونۇمىدى

بولدىلا. windows8 مۇ تونۇماسلىقى مۇمكىن...مەن يەنىلا  xp نى ئىشلىتىۋىرەي

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 21:12:40

بۇگۇن بىر ساۋاقدىشىم خوتەندە بىرسى ماڭا 50سومغا ئىلىپ بەردى دەيدۇ، ئۇنداق بولسا ھەقىقى نۇسخدىكى ۋىن 8 ئەمەسكەن دىسەم، بۇنىڭ ئەڭ ئىتىبار باھاسى 98يۈەن ، خەق ھەقانچە بولسىمۇ ساڭا زىيىنىغا ئىش قىلىپ بەرمىگەندۇ دىسەم،  ھەقىقى نۇسىخسىنى بۇزۋەتكەن ھەقىقى نۇسىخسى دەمدۇ، ئىشقىلىپ بەك جاھىل بولغاچقا، پەقەت گىپىمىگە ئىشەنمىدى، مەنمۇ ھە دەپ قويدۇم،  



سىتىۋىلىش جەرياندىن قارسام ھەقىقى نەشىرى ئەمەس ئىكەنلىكى ئىنىق،  مۇشۇنداق نەشىرىدىكى ۋىن 8دىمۇ ئۇيغۇرچە قىلىغىلى بۇلامدۇ؟ ئۇنىڭ دىيىشىچە ئۇيغۇرچە ئىكەن،  بۇنداق نەشىر بىلەن ھەقىقى نەشىرىنىڭ قانداق پەرقىلىرى بار؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 14:39:35

مەن تونۇيدىغان مۇئاشلىقلار ۋە بىر قىسىم يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىغا سېتىۋېلىپ ئۆزى قاچىلاپ ئىشلەتتى.

سىلنىڭ خالىسانە ياردىمىڭلارىن ناھايتى سۆيۈندۈم، ئەمما كىشىلەرنى بىرنەچچە تۈركۈمگە بۈلۈپ قېشىڭلارغا كەلمىگەن تۈركۈملەرنى سېتىۋالمىدى، باشلامچى بولمىدى دىگەندەك يۈزەكى خۇلاسەڭلارنى ئوقۇپ قىلچە چۈشەنمىدىم.



نۇرغۇنلار باشقىلارنى ئاۋەر قىلماي، ئۆزلىرى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى توردىن ئۆگۈنۈپ، ئۆزى قاچىلاپ ئىشنى پۈتتۈرۋەتكەنلەرمۇ بارغۇ  {:90:}  



ئەمما ماۋۇ خالىسانە ھەركىتىڭلار ھەقىقەتەن مۇشتاق \"\"

nawkeran يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 15:50:06

ئاقسۇدىمۇ مۇشۇنداق ياردەم بىردىغانلار بولسا بولمامدۇ دەيمەن ، مىنىڭ مۇنۇ خاتىرە كومپىيوتېرىمنى يەتتىنچى ئايدا ئالغان ، لىكىن مەن كۆزنەك 8نى ئىتىبارغا ئالالمىدىم ، قىسقىسى بىلمىدىم ، 2-3 تۇنۇشۇمغا دىسەم ئۇلارمۇ قىلامىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىشلىتىش خىيالىدىن ئامالسىز ۋاز كەچتىم

aral52 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 16:31:11

تارىمكا رەھمەت سىزگە ...سودىنىمۇ شۇنداق ئىچىڭىزدىن چىقرىپ قىلدىكەنسىز...سىز دىن نەرسە ئالغان خېرىدارمۇ بەك رازى بولۇپ ماڭدىكەن....ۋاقتىم يەتسە مەن يەنە بارىمەن.

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 16:34:25

2- قەۋەتتىكى nawkeranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقسۇدىمۇ مۇشۇنداق ياردەم بىردىغانلار بولسا بولمامدۇ دەيمەن ، مىنىڭ مۇنۇ خاتىرە كومپىيوتېرىمنى يەتتىنچى ئايدا ئالغان ، لىكىن مەن كۆزنەك 8نى ئىتىبارغا ئالالمىدىم ، قىسقىسى بىلمىدىم ، 2-3 تۇنۇشۇمغا دىسەم ئۇلارمۇ قىلامىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىشلىتىش خىيالىدىن ئامالسىز ۋاز كەچتىم



ئىزدىنىشتىكى زىلتار ئاقسۇدىن ، ئۇمۇ win8 ئۈچۈن ئاز بولمىغان كۈچ سەرپ قىلدى ، سىز ئۇنى ئىزدىمىدىڭىزمۇ ؟

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 17:15:55

1- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن تونۇيدىغان مۇئاشلىقلار ۋە بىر قىسىم يەككە تىجارەتچىلەر ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتىسىغا سېتىۋېلىپ ئۆزى قاچىلاپ ئىشلەتتى.

سىلنىڭ خالىسانە ياردىمىڭلارىن ناھايتى سۆيۈندۈم، ئەمما كىشىلەرنى بىرنەچچە تۈركۈمگە بۈلۈپ قېشىڭلارغا كەلمىگەن تۈركۈملەرنى سېتىۋالمىدى، باشلامچى بولمىدى دىگەندەك يۈزەكى خۇلاسەڭلارنى ئوقۇپ قىلچە چۈشەنمىدىم.



نۇرغۇنلار باشقىلارنى ئاۋەر قىلماي، ئۆزلىرى سېتىۋېلىش ئۇسۇلىنى توردىن ئۆگۈنۈپ، ئۆزى قاچىلاپ ئىشنى پۈتتۈرۋەتكەنلەرمۇ بارغۇ \"\"



ئەمما ماۋۇ خالىسانە ھەركىتىڭلار ھەقىقەتەن مۇشتاق \"\"

كوڭلىڭلىنى رەنجىتكەن بولسام خاپا بولماڭلار ، بىرنەچچە مائاشلىق دوستلارغا تەشەببۇس قىلسام ، ئۇلار جىمجىت ، بەزىلەر تىخى نېمە قىلىمىز ئاداش بىرمۇنچە پۇلغا سېتۋىلىپ بۇ سىستىمىنى ، 5كويلۇق سىستىمىنىمۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىتۋاتىمىز دىگەنتى شۇ..




tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 17:54:54

راست گەپنى قىلسام مەن مۇشۇ كۆزنەك 8 نىڭ ئۇيغۇرچە قوللايدىغانلىقىنى، ھەمدە @esir@, @ziltar قاتارلىق مۇنبەرداش ئاغىنىلەر بەرگەن ئىتىبار نۇمۇردا 98 يۈەنگە چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى دىمىسەم مەنمۇ 5 سومغىمۇ ئالماي توردىن چۈشۈرۋالغان سېستىمىنى ئىشلىتىۋېرەركەنمەن.



مەن قىلچىمۇ خاپا بولمىدۇم،

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 18:33:53


2- قەۋەتتىكى nawkeranنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاقسۇدىمۇ مۇشۇنداق ياردەم بىردىغانلار بولسا بولمامدۇ دەيمەن ، مىنىڭ مۇنۇ خاتىرە كومپىيوتېرىمنى يەتتىنچى ئايدا ئالغان ، لىكىن مەن كۆزنەك 8نى ئىتىبارغا ئالالمىدىم ، قىسقىسى بىلمىدىم ، 2-3 تۇنۇشۇمغا دىسەم ئۇلارمۇ قىلامىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىشلىتىش خىيالىدىن ئامالسىز ۋاز كەچتىم  



بىلشىمچە قۇتيار تورىدىكى كۈلكە ئەپەندىنىڭمۇ  ئورنى ئاخسۇدا !  شۇ  ئاكاممۇ خېلى جىق دوسلارغا ياردەم قىلىۋاتىدۇ




yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 18:40:48

6- قەۋەتتىكى piinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋىن 8 نى 98 كويغا سىتىۋىلىپ قاچىلىغاندىن كىيىن، قاچىلىنىپ بولۇپلا قىتىۋالدى، توك مەنبەسىدىن ( ئامال يوق ) قايتا قوزغاتسام، 1 سائەتتىن كىيىن يەنە قىتىۋالدى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە سىستىما ياماقلىرى تولۇق چۈشۈپ قاچىلاندى.



ۋىن8 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى سىستىما قىتىۋىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ، مۇشۇ ئىنكاسىم ئاستىغا بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرسە؟



ئىچكى ساقلىغۇچ: 2G ،



مەشغۇلات سىستىمىسى: ۋىن8 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسى 98يۈەن.

قايتا قاچىلاپ بېقىڭ ياكى زاۋۇت ھالىتىگە (ئەسلىگە) قايتۇرۇپ بېقىڭ.

yasinjanaks يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 19:15:23

مەنمۇ ئەسىر قېرىندىشىمىز تەمىنلەپ بەرگەن ئېتىبار نومۇرغا 3 نى ئالدىم.. ئىككىنى قاچىلاپ ئىشلىتۋاتىمەن.. لېكىن بىرسىنى زاپاس ئېلىپ قويدۇم... شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.. ئازراق كۆنەلمىگەننى ھېسابقا ئالمىغاندا شۇنداق نارازى بولمىدىم(شۇنداق رازى بولدۇم) ( مەمنۇنلۇق چىراي ئىپادىسى)

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 10:03:15

12- قەۋەتتىكى piinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ۋىن8 نى 2 قىتىم قاچىلاپ باقتىم.

زاۋۇت سىتىۋالغان دەسلەپكى ھالىتىگە قانداق قايتۇرىدۇ؟ قانداق قەدەم باسقۇچلارنى ئوروندايمىز؟



كومپىيۇتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسىنى تولۇق قالدۇرۇڭ ، كومپىيۇتىرىڭىز خاتىرە كومپىيۇتىرمۇ ؟ ئۇستەل كومپىيۇتىرمۇ ؟ كومپىيۇتىرىڭىزدا بەك قىزىۋالىدىغان ئىش بارمۇ ؟ ئىھتىمال قىزىپ كىتىش سەۋەبىدىن قىتىپ قالغان بولۇش ئىھتىمالىقى بار

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 10:06:16

بىرمۇنچە پۇل سەرپ قىلىپ سىستىمىنى ئىلىپ قويسام ئالىدىغان ئادەم يوقيا ... ئاپلا ما ئىشنى بىر مۇنچە پۇلنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ \"\" ، بوپتۇ نېمە ئامال ...

turker يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 10:25:36

18- قەۋەتتىكى itarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرمۇنچە پۇل سەرپ قىلىپ سىستىمىنى ئىلىپ قويسام ئالىدىغان ئادەم يوقيا ... ئاپلا ما ئىشنى بىر مۇنچە پۇلنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ \"\" ، بوپتۇ نېمە ئامال ...


ھازىرمۇ مۇمكىن بولسا مەن ئالاي


turker يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 10:26:05

18- قەۋەتتىكى itarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرمۇنچە پۇل سەرپ قىلىپ سىستىمىنى ئىلىپ قويسام ئالىدىغان ئادەم يوقيا ... ئاپلا ما ئىشنى بىر مۇنچە پۇلنى تۇتۇپ تۇرىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟ \"\" ، بوپتۇ نېمە ئامال ...


ھازىرمۇ مۇمكىن بولسا مەن ئالاي. مەن قەشقەردە


itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 10:43:26

ئەلۋەتتە مۇمكىن ، 9 دانە ئاچقۇدىن بىرنىمۇ ساتمىدىم تىخى ، دۇكىنىمغىلا ئەكەلسىلا .......  {:107:}

ruslan127 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 17:36:13

مەندە 98يۈەن ئېتىبار باھادا سېتىۋىلىپ ئېلىپ قويغىنىدىن 10 يۈرۈش بار. سېتىۋالغۇچىلارغا 200يۈەندىن سېتىپ بېرىمەن. سېتىۋىلىش جەريانىدا printscreen كونۇپكىسى ئارقىلىق رەسىمگە تارتىپ قويغان. شۇ رەسىمنى ، ۋە ماڭا كەلگەن ئېلخەتنى ئەۋەتىپ بېرىمەن. قەشقەردە بولسىڭىز يېنىڭىزغا بېرىپ، يىراقتا بولسىڭىز چ چ دا يىراقتىن كونترول قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل قاچىلاش، ئۇيغۇرچىلاش جەريانىنى قىلىپ بېرىمەن. خالىغانلار ئالاقىلىشىڭلار. تېلىفۇن: 18909988229  چ چ: 15918327

xamxar117 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 20:20:18

6- قەۋەتتىكى piinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋىن 8 نى 98 كويغا سىتىۋىلىپ قاچىلىغاندىن كىيىن، قاچىلىنىپ بولۇپلا قىتىۋالدى، توك مەنبەسىدىن ( ئامال يوق ) قايتا قوزغاتسام، 1 سائەتتىن كىيىن يەنە قىتىۋالدى، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە سىستىما ياماقلىرى تولۇق چۈشۈپ قاچىلاندى.



ۋىن8 نى قاچىلىغاندىن كىيىنكى سىستىما قىتىۋىلىشنىڭ سەۋەبىنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ، مۇشۇ ئىنكاسىم ئاستىغا بىلىدىغانلىرىنى سۆزلەپ بەرسە؟



ئىچكى ساقلىغۇچ: 2G ،




مەشغۇلات سىستىمىسى: ۋىن8 64بىتلىق مەشغۇلات سىستىمىسى 98يۈەن.





2 گىگالىق ئىچكى سىغىم بولغاندىن كىيىن  32 بىتلىقنى  قاچىلاپ  سىناپ بېقىڭ .  




بەت: [1] 2
: windows8 سېتىۋىلىدىغانلار يەنە بارمۇ؟