ios ئۈچۈن ئىلكىتاب ياساشتا ...
نەق گەپنىلا دەي : ios ئۈچۈن ئىلكىتاب ياساشتا ، بىرەر يۇمشاق دىتال بىلەنلا ئىلكىتاب ياسىغىلى بۇلامدۇ ياكى مەخسۇس ئۆگىنىش كىتەمدۇ ؟ ئادەتتە pdf كىتابلارنى ياساشقا ، ئەسلى ئىلكىتاب قىلماقچى بۇلغان مەزمۇن بولسىلا ، يۇمشاق دىتال ئارقىلىق ياسىغىلى بۇلىدۇ. ئەمدى ئالما تىلغۇنلىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداقمۇ ياكى باشقىچىمۇ ؟ ئەگەر باشقىچە بولسا ، قانداق ئۆگىنىشكە بۇلىدۇ ؟ قانچىلىك ھەق بىلەن ئۆگەنگىلى بۇلىدۇ ؟ ئۇچۇر بەرسەڭلار !
pdf نى قوللامدۇ ياكى باشقا پىچىمدىكىنىمۇ؟ ios ئۈچۈن ئىلكىتاب ياساشتا epub فورماتىدا ھۆججەت ھاسىل قىلالايدىغان يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ.Indesign دىگەن يۇمشاق دېتال بار، يەنە باشقىلارمۇ بار.توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز بولىدۇ.يەنە HTML ۋە CSS 3 دىن پايدىلىنىپمۇ ئېلكىتاپ ياسىغىلى بولىدۇ.
يەنە باشقا پروگرامما ئېچىش يۇمشاق دېتاللىرىدىن پايدىلىنىپمۇ ئېلكىتاپ ياسىغىلى بولىدۇ.
مەسىلەن:
epubBuilder، EpubSTAR، Calibre، Stanza
، Book Glutton
Adobe InDesign
Feedbooks
eCub
بۇلاردا word ياكى text ھۆججىتىنى بىۋاستە epub فورماتىغا ئايلاندۇرىدۇ، بەلكىم بۇلار سىز ئۈچۈن ئەڭ ياخشى تاللاش بولىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۈگىنىش ئاسان، قوللىنىش ئەپلىك، تېخنىكىلىق تەلىپى تۆۋەن.
pdf فورماتىدىكى ئېلكىتاپلارنى تەۋسىيە قىلمايمەن، چۈنكى ئايفوندا كۆرگەندە فونت چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولمايدۇ، خەتنى چوڭراق چىقىرىش ئۈچۈن بەت سانىنى ئاشۇرۇشقا، ھۆججەت سىغىمىنى چوڭايتىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنىلا epub فورماتىدا بولسا ياخشى، چۈنكى ھۆججەت سىغىمى كىچىك، ئوقۇشقا ئەپلىك، فونت چوڭ-كىچىكلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.
سىز itunes ئارقىلىق ھەقسىز تارقىتىلغان ئۇيغۇرچە كىتاپلارنى كۆرۈپ بېقىڭ، ھەم ئاشۇ كىتاپلارنى ياسىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ، شۇلار تەپسىلى بىلىشى مۇمكىن. چارۋىچى تورداش، كۆپ تەشەككۈر .
مەن ھازىرلا توردىن چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي . pdf فورماتىدىكى ئېلكىتاپلاردىن دەھشەت زىرىككەنتىم
بەت:
[1]