taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 10:58:13

كىشىنى تەقەززا قىلىۋاتقان12خىل ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە

1.بۇ بولسا iPhone 5نى قوشۇمچە توك بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان سىرتقى قاپ بۇلۇپ،بۇ ئارقىلىق 80%توكنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ،ئۇنىڭدىن سىرت بۇ خىل قاپ يانفوننى قوغدىغاندىن باشقا يەنە ئىنتايىن يېنىك ۋە نەپس لاھىيلەنگەن.







2. Wikipadبولسا مەخسۇس ئويۇنخۇمارلار ئۈچۈن لاھىيلەنگەن7دىيوملۇق يۇقۇرى ئىنىقلىقتىكى ئېكران سەپلەنگەن ئاندىرويىد سېستىمىلىق تاختا كومپىيۇتېر بۇلۇپ، ئەڭ يېڭى تىپتىكى كۆچمە بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە باتارىيە تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن.ئويۇن ئويناشقا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس كۇنۇپكا ئورۇنلاشتۇرۇلغان سىرتقى قېپىنى چىقىرىپ ساپقىلى بولىدىغان قىلىپ لاھىيلەنگەن بولۇپ،سىرتقى قاپنى چىقىرىۋەتكەندە ئادەتتىكى تاختا كومپىيۇتېرنىڭ ئورنىدىمۇ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ.






3.سامسۇڭنىڭ سودا سۈيى ياسىيالايدىغان توڭلاتقۇسى ،بۇ توڭلاتقۇ سودا سۈيى ياسىيالىغاندىن باشقا يەنە ساپ سۇ ۋە مۇز پارچىسى ئايرىپ چىقالايدۇ.






4. Bowblade Activeناملىق ئويۇنچۇق ئۈسكىنىسى.بۇ ئۈسكىنىنى 35خىلدىن ئارتۇقiOSۋە ئاندىرويد ئەپلېرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بولۇپ،بۇلاردىن باشقا يەنە NintendoنىڭWii غا ماسلاشتۇرۇپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ. مىكروسوفتنىڭ Xboxھەمدە Sonyنىڭ Playstationقاتارلىق ئۈسكىنىلېرىگە ماسلاشتۇرۇش پىلانىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.






5. Sony نىڭ4 Playstationناملىق ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇقى.ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا Sonyتەرەپ 4 Playstationنى ئېلان قىلماي نۇرغۇن كىشلەرنى ئۈمدسىزلەندۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتى نوچى بولغان بىر  ئېلىكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ كونتىروللىغۇچى قايتا لاھىيەلەنگەن بولۇپ،4دانەUSB3.0لىق ئېغىزى بار.8يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە مۇستەقىل سىنكارتا سەپلەنگەن بولۇپ،ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە قاتتىق دېسكىسىنىڭ سىغىمى ئايرىم ئايرىم ھالدا8گىگا بايت ۋە160گىگا بايت كېلىدۇ.






6. StickNFindناملىق كۆك چىشلىق ئىز قوغلاش تۈگمىسى.

StickNFindنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى تۆۋەندىكىدەك:ئۇنى تىزگىنەك،ئەرمەك ھايۋاننىڭ بوينىدىكى ئارقان ۋە ياكى كىچىك بالىلارنىڭ سومكىسىغا چاپلاپ قويسا،ئايفون ياكى ئاندىرويدلىق يانفونلار ئارقىلىق StickNFindنىڭ ئورنىنى بېكىتكىلى ھەمدە StickNFindنى تىتىرەتكىلى ۋە نۇر چاقناتقىلى بولىدۇ.ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئارىلىقى30مىتىر ئەتراپىدا.






7.گوگۇل كۆزئەينىكى.

بۇ بولسا بىر خىل ئېسىپ يۈرگىلى بولىدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە بولۇپ،يانفون بىلەن ئوخشاش ئىقتىدارغا ئىگە،ئۇنى ئىشلىتىپ ئاۋاز ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ تۇرۇپ رەسىمگە تارتقىلى،سۆرئەتلىك سۆزلەشكىلى ،تورغا چىققىلى،ئېلخەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا يەنە گوگۇل كۆزئەينىكىنى ئايفون ۋە ئاندىرويدلىق يانفونلار بىلەن ئۇلاپ ئىشلەتكىلىمۇ بولىدۇ.






8.ئاۋىستىرالىيە Sharetapesشىركىتى ئىشلەپ چىقارغان مۇزىكا ھەمبەھىرلىگۈچ.

بۇ ئۈسكىنە NFC(يېقىن ئارلىقتا سىمسىز ئالاقىلىشىش)تېخنىكىسى ئارقىلىق مۇزىكا تىزىملىكىنى ھەمبەھىرلىيەلەيدىغان ئىناۋەتلىك كارتا چوڭلىقىدىكى ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە بولۇپ،ئىشلەتكۈچىلەر ئۇ ئارقىلىقSpotify、YouTube、8tracksقاتارلىق تور بەتلەردىكى ناخشا مۇزىكىلارنىڭ تىزىملىكىنى خاتىرىلىيەلەيدۇ،ھەمدە NFCياكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننىرلاش ئارقىلىق دوستلېرىغا ئۆزىنىڭ مۇزىكا تىزىملىكىنى ھەمبەھىرلىيەلەيدۇ.دوستلېرىڭىز ئەقلىفونىنى بۇ ئۈسكىنىگە يېقىنلاشتۇرسا ياكى ئۈسكىنە ئۈستىدىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكاننىرلىسا سىزنىڭ مۇزىكا تىزىملىكىڭىزدىن تەڭ بەھرىمان بۇلالايدۇ.






9. Novatelنىڭ سەزمە ئېكرانلىق سىمسىز يول باشلىغۇچى(روتىر).

بۇ ئۈسكىنىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنىڭغا2.8دىيوملۇق رەڭلىك سەزمە ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ،كومپىيۇتېرغا ئۇلىماي تۇرۇپمۇ تەڭشەش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ،بۇرۇنقى يول باشلىغۇچلارنىڭ ئېكرانى يوق بولۇپ تەڭشەش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چوقۇم كومپىيۇتېرغا ئۇلاش كېرەك ئىدى.






10.گوگۇلنىڭChromebook Pixelناملىق خاتىرە كومپىيۇتېرى.

بۇ خاتىرە كومپىيۇتېر ئىنتايىن نەپس لاھىيلەنگەن بولۇپ،سەزمە ئېكران سەپلەنگەن.گوگۇلنىڭChromeمەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان.






11.ئۈچلىك ئۆلچەملىك مودىل چىقىرالايدىغان قەلەم3Doodler

3Doodlerبولسا سۇلياۋنى قىزىتىش ۋە تېز توڭلىتىش ئۇسولى ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەمدە مودىل چىقىرالايدىغان ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە.ئۇنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى ئاددىي،قەلەم ئۇچچىدىن  بىر خىل  ABSسۇلياۋ(ئۈچ ئۆلچەمدە بېسىپ چىقىرالايدىغان پىرىنتىر ئىشلىتىدىغان ماتىرىيال)چىقىرالايدىغان بولۇپ،بۇخىل سۇلياۋ ھاۋاغا يۇلۇققاندا دەرھال قاتىدۇ،ئۇ ئارقىلىق بىز ھاۋاغا ياكى تەكشىلىككە ئۈچ ئۆلچەملىك مودىللارنى چىقىرالايمىز.








12. Pebble E-Inkئەقلى ئىقتىدارلىق سائىتى.

بۇخىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ئارقىلىق يانچۇقتىن يانفوننى چىقارماي تۇرۇپمۇ قىسقا ئۇچۇر ئوقۇغىلى،مۇزىكا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.













ئىملا ۋە تەرجىمىدە خاتا كەتكەن يەرلەر بولسا ئۈزرىلىكمەن.

مەنبەسى:http://tech.163.com/photoview/0AI20009/3309.html?1362007849789#p=8ONP51OM0AI20009

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 21:19:01

9- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

Chromebook Pixel ئانچە «نەپىس» ئەمەسمۇ نېمە؟!




ئالمىنىڭكىگە ئوخشاپ قاپتۇ...

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 12:48:12

گووگلې كۆزئەينەكنىڭ باھاسى 94800 يۈەنگە چىقىپتىمىز.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 17:01:19

Wikipad نى تېلىفۇن ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولغان بولسا ياخشى بولاتتى. مەن NOKIA QD تېلىفۇنىغا بەك ئامراقتىم شۇنىڭغا ئوخشاۋاتىدۇ.

\"\"

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 17:48:58

نەدە ساتىدىكەن ؟

huxqiray يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 18:18:50

ئاۋۇ سەنشىڭنىڭ توڭلاتقۇسى بولىدىكەن ھە ...

ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ياپونىيەنىڭ توك كەتمەيدىغان توڭلاتقۇسى كەلسە بولاتتى تىزراق ...  {:107:}  ئۇنداق بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئۆيىدىكى 12 يىللىق رىمونتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان توڭلاتقۇسىنى تاشلىۋېتىپ شۇنىڭدىن ئالاتتى ، پايدا ماڭا بولاتتى ... \"\"

huxqiray يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 18:18:52

ئاۋۇ سەنشىڭنىڭ توڭلاتقۇسى بولىدىكەن ھە ...

ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ياپونىيەنىڭ توك كەتمەيدىغان توڭلاتقۇسى كەلسە بولاتتى تىزراق ...  {:107:}  ئۇنداق بولغاندا كىشىلەر ھازىر ئۆيىدىكى 12 يىللىق رىمونتقا كاپالەتلىك قىلىدىغان توڭلاتقۇسىنى تاشلىۋېتىپ شۇنىڭدىن ئالاتتى ، پايدا ماڭا بولاتتى ... \"\"

قىساسكا يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 20:32:29

\"\"

function يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 23:09:25

توك كەتمەيدىغان توڭلاتقۇ دېگەننى پارتىلىمايدىغان بومبا دېگەندەك چۈشەندىمغۇ، نەدە ئېنىرگىيە سەرپ قىلمايدىغان ئىش باركەن باللا...

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 23:44:30

ھەممىسى دېگۈدەك ئايپاتەم بىلەن ئەنجۈر تېلفۇنلارغىلا چۈشىدىغان نەرسىلەركەنغۇ،ۋىندوۋس تېلفۇنلىرىغا چۈشمەمدىكىنە \"\"

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 02:31:47

Chromebook Pixel ئانچە «نەپىس» ئەمەسمۇ نېمە؟!

Uyghuronline يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 16:52:25

دىمەك بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى تېخى بازارغا چىقمىدى دىگەن گەپما ؟! \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 22:35:44

Google كۆزئەينىكى


مەن مۇشۇنىڭغا قىزىقتىم، ئەپسۇسكى باھاسى 15900 دوللارنىڭ گېپى بولىۋاتىدۇ.


بىر توردىشىمىز يازغان 10 تۈرلۈك ئالاھىدىلىكىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى باركەن.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-4 14:47:59

3- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەدە ساتىدىكەن ؟

ئالدىرىماي تۇرسىڭىز تورلاردا ساتىدۇ.
بەت: [1]
: كىشىنى تەقەززا قىلىۋاتقان12خىل ئېلىكتىرونلۇق ئۈسكىنە