alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 13:13:13

تۆمۈر يول تورى قانداقراق؟

مېنىڭ ئىشلىتۋاتقىنىم تېلىگرافنىڭ 4 مېگابايتلىق تورى بولۇپ، ئەمەلى چۈشۈرۈش سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 410kb ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 8-4kb   ئەتراپىدا. بۇنداق بولسىمۇ مەيلى ئىدى، چىداپ ئىشلىتىۋېرەتتىم، ئەمما بىر ئاي يەنى 30 كۈن ئىچىدە نۇرمال ئىشلەتكەن كۈنۈم 20 كۈنگە يەتمەيدۇ، تولا يوقاپ كېتىدۇ. نەچچە قېتىم پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغاندا ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم. ئەمما 2- ئايدا ئەمەلى ئىشلەتكەن ۋاقتىم 10 كۈنگىمۇ يەتمەي بوغۇلۇپ قالاي دەۋاتىمەن. شۇڭا تۈنۈگۈن كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىگە بېرىپ سۈرۈشتۈرسەم مەن بار ئورۇنغا ئەڭ يوقىرى بولغاندا  6مېگابايت تور ئورناتقىلى بولىدىكەن. بەيدۇغا قاراپ باقسام تۆمۈر يول تورىنى تىتىۋېتىپتۇ... قاپقارا يۇمۇرلار ..

شۇڭا دەيمەن قەشقەر تەۋەسىدە ( مارالبېشىدا)  تۆمۈر يول تورى ئىشىتىپ باققانلار بارمۇ ؟ ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتى قانداقراق...  تولا تور ئۈزۈلۈپ قالىدىغان ئەھۋاللار بارمۇ ؟ تۈنۈگۈن بەيدۇدا بىر ئىزدىتىپلا رايىم يېنىپ كەتكەن، ئەمما يەنىلا ئەمەلى ئىشلىتىپ باققانلاردىن سۇراپ باقاي دەپ بۇ ياردەم تېمىسىنى يازدىم. ناۋادا تۆمۈر يولنىڭ مۇ ناچار بولسا بۇ ھاياتىمدا تور ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىدىغاندەك قىپ تۇرىمەن. ئۇلارنىڭ 6مېگابايتلىق تورى 830 يۈەن ئىكەن، سىناپ ئىشلىتىپ باققىلى بولمىغۇدەك (تېلىگرافنىڭكىنى ئۈچ ئاي  سىناپ ئىشلىتىپ باققىلى بۇلاتتى)

بەيدۇدىكى گپلەر ئاساسلىقى 10 مىنۇتتا بىر تور ئۈزۈلىدۇ. تور ئويۇنى ئوينىغىلى بولمىغاچقا بالىڭىزنىڭ دەرستىن چېكىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمەيسىز، كىنو كۆرمەكچى بولسىڭىز كۆرەلەيسىز ئەمما چوقۇم ئەتىگەندە ئىشقا ماڭغاندا ياكى مەكتەپكە ماڭغاندا چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بېرىپ قويىشىڭىز كېرەك، كەچتە كەلسىڭىز چۈشۈپ بولىدۇ. توردا پاراڭلاشماقچى بولسىڭىز سىزگە توك تېجەپ بېرىدۇ. چۈنكى كامىرا بىلەن تىڭشىغۇچ ئىشلىتەلمەيسىز، پەقەت يېزىق ئارقىلىقلا ىشلىتەلەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سەل سەۋرچان بولىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ھەر ئون مىنۇتتا بىر قېتىم تور ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ... خەۋەر كۆرمەكچى بولسىڭىز يانفۇن نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان تور بەتتىن كۆرۈڭ... دېگەندەك گەپلەركەن...  تۆمۈر يول تورى ھازىرمۇ شۇنداقمۇ ؟ يەنە بەزىلەر تۆمۈر يولنىڭ تورىدا بىر نەرسە چۈشۈرگىلى بولمايدۇ، ئويۇن ئوينىغىلى بولمايدۇ، ئاساسلىق چۈشۈرۈش مۇلازىمەت پونكىتلىرى تېلىگراف بىلەن تور ئالاقىسى (ۋاڭتوڭ) نىڭ مۇلازىمىتىرى بىلەن باغلانغان دەيدۇ... بۇ گەپلارمۇ ئىككىلەندۈرۈپ قوياتىدۇ...

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 20:32:11

ھەرگىز بۇ تايتۇڭ دېگەننى ئىشلەتكۈچى بولماڭ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ خادىملىرى ئۆزلىرى ئىزلەپ كېلىپ، تىلگىرافنىڭ تىلفۇنىنى بىزگە ۋاكالىتەن سۆكۈپ، ئۆيگە ئەكىرىپ بەرگەن. شۇ جەرياندا ناھايىتى بىزار بولدۇق. ئاخىرى ئالغۇزىۋىتەي دەپ بارسام ساق 25 كۈندە ئوشۇق نۇرغۇن پۇل تۆلەپ، ئۇلار بەرگەن تىلفۇننى بېرىپ ئاران يوق قىلغان. ھەرگىز ئەكىرمەڭ. قەشقەرشەھىرىدىكى گەپ بۇ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 21:13:48

ھەي ... تورۇم ھازىر ئوڭشىلىپتۇ. ئۆزىچىلا يوقاپ كېتىدۇ... يەنە پەيدا بوپ قالىدۇ... 10000 غا سائەتتە بىر تىلفۇن قىلىپ يۈرۈپ بايا ئاخرى ئۇلانغانىدى، ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېيتسام سىم يولىنى يېڭىلىۋەتسە بولغىدەك بىز ئەھۋالنى مەلۇم قىپ قويىلى دەيدۇ. مەن تۇرغان يەر مارالبېشىنىڭ شەھەر مەركىزى. تېلىگراف ئىدارىسى بىلەن ئارىلىقى 200 مېتىركېلەرمىكىن، مۇشۇنداق يەردىمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تور يوقكەن. ... باشقا كوچىلاردا 20 مېگابايتلىق تور بارمىش ...

ئۇلار سىم يولىنى يېڭىلاپ بەرسە ئوڭشىلىپ قالارمۇ ...

ياكى تۆمۈر يولنىڭكىنى ئەكىرىۋەرسەم بۇلارمۇ، مەسئۇل خادىمدىن ‹‹سىلەرنىڭ تورنى بەك ئاستا دەيدۇ›› دېسەم ئىلگىرى شۇنداقتى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن نۇركابىلغا ئالماشتۇرىۋەتكەن. سۈرئىتى ياخشى دەيدۇ، ‹‹نۇركابىل بولسا نېمىشقا 8مېگالىق تور ئەكىرگىلى بولمايدۇ؟›› دېسەم قاراپ تۇرىدۇ... تېلىگرافنىڭكىنى توختىتىۋەتمەي تۇرۇپ تۆمۈر يولنىڭكىنى ئىشلىتىپ باقايمىكىن دىسەم بىر يىللىق تور ھەققىنى بىراقلا تۆلە دەيدۇ. ئەتىگىچە تېلىگرافنىڭ خادىملىرى سىمنى يېڭىلاپ بەرسە كۆرۈپ بېقىپ بۇ ئايمۇ يەنە ئىلگىركىدەك بولسا تۆمۈر يولنىڭ تورىنى سېتىۋالاي \"\"

nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 21:37:07

8- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى دەل سىز دىگەن ئاشۇ تېلگىرافنىڭ 20مىگابايتلىق تورى، نۇر كابىل ئارقىلىق چىقىدىكەن تورغا، دىمەك 20-30 مىگابايتلىق نەرسىلەرنى ئۆھھۆ دەپ بولغۇچە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، بەزى تېخى شۇ نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ بولغانلىقىغا تازا ئىشىنەلمەي قايتا قايتا چۈشۈرۈپ سالىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتتى....

قارىغاندا يەنىلا تېلگراف تورىنى تاللىسىڭىز بولغۇدەك.10000غا داۋاملىق ئۇرۇڭ ،ھەقسىز بولغاندىكىن، تاكى ئۇلار نۇر كابىلنى ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىك بېشىغا ئەكەلگۈچى.......

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 15:14:22

تۆمۈريول تورى ئىشلەتكەنلىك قوتۇر ئىشەك مىنىپ مارالبېشىدىن قەشقەرگە بارغانلىق(سىز مارالبىىشىدىن ھە) \"\"

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 15:25:05

زادىلا يېقىن يولىماڭ بۇ نەرسىگە،ئىدارىدىن بىزگە ئولاپ بەرگەن،كۈندۈزى ئىشلىتىش زادى مومكىن بولمايىتتى،كەچ سائەت شىنجاڭ ۋاقتى ئىككىدىن كىيىن ئاندىن ئازارق ئەيۋاشقا كەپ قالاتتى،بىر يىللىق ۋاقىت توشقاندىن كىيىن دەرھال تىلگىراقنىڭكىگەئالماشتۇرۋەتتى،ھازىر ھەرھالدا بولىدۇ.بۇ نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭ،ھەر قىتىم تەكشۈرگىلى بارساق ناھىيىدىكى تۆمۇريول خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت زالىدا بىرلا ئادەم ئولتۇرىدۇ،ئۇ ھەم جىڭلى،ھەم خىزمەتچى ھەم تازلىقچى ئىشقىلىپ ھەممە نەرسىكەن،بۇلار تىلگىراقنىڭ سىم يولىنى ئىجارە ئېلىپ ئىشلىتىدىغۇ دەيمەن.

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 20:09:57

ئۆزىڭىزنى بىسۋىلىنىڭ ، پارتىلاپ كەتسىڭىز ، ئۆزى پارتىلاپ كىتىپتۇ دىمەي ، پۈتۈن جەددى جەمەتىڭىزنى ت**رچى دەپ ئىسلىۋالدۇ .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 22:33:04

ئىشقىلىپ ئوخشاش ھەممىسى دىگۈدەكلا. تېلىگراف ئازراق قىممەت ماۋۇلاردىن. مۇئامىلىسىمۇ بارغانچە ناچارلىشىپ كېتىۋاتىدۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 01:14:11

يامان ئەمەس. ئۇزۇن بولدى ئىشلىتىۋاتىمەن.

xadiman0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-2 23:07:03

گەپنىڭ ئۇچۇقىنىلا قىلاي : 2011-يىلى 7-ئايدا تۈمۈر يول تورىنى چۈشۈرمەكچى بولۇپ بارسام يللىقى 600 يۈئەن ئىكەن ، قىممەت دىسەم مەلۇم بىرسىنىڭ توختاپ كەتكەن تورىنى 480 يۈئەنگە چۈشۈرۈپ بەردى ، 2012-يىلى 7-ئايدا پۇل تۆلىگىلى بارسام 480 نى تۆلىسەڭ 200 نى يانفۇنىڭغا ئۇرۇپ بېرىمەن دىدى ، ماقۇل دەپ شۇنداق قىلىدىم ، ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتىمەن ،

سۈرئەت 200 كىلو بايت ھەر سىكونت (چۈشۈرۈش ) ،نورمالنى توردىن پايدىلىنىشقا بولىدۇ ، مەن ئۇيۇن ئوينىمايمەن ، كىنو كۆرمەيمەن ، ناخشا بولسا يىنيۆېتەي دىن 1200 پ لىق ناخشىلارنى چۈشۈرۈپ تىلۋىزوردا كۆرىمەن شۇ ، ھازىرغىچە بىر قېتىممۇ تور ئۈزۈلۈپ باقمىدى ، (تور بىكەت ياسىغۇچىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ)

ئەينى ۋاقىتتا 163 غا نۇمۇر بۇراپمۇ مۇنبەر ئوينىغان ،

كەمچىللىكى ماك ئادرىسنى باغلاپ قويىدا ، كومپىيوتېر ياكى توركارتا ئالماشتۇرغاندا تېل قىلساق بىر مىنوتتا ھەل قىلىپ بېرىدۇ ،

مەن سىمسىز يول ئايرىغۇچتىن(路由器) بىرنى ئېلىپ ماك ئادرىسنى كىلون قىلىپ ئۇلاپ قويدۇم ، شۇنىڭ بىلەن بىر كومپىيوتېر ،ئىككى دانە تېلفۇن ، بىر تىلۋىزور تورغا چىقالايدۇ ،

مەن دەۋاتقان گەپلەر قەشقەر شەھەر تىلۋىزىيە ئىستانسى ئەتراپىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار .

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 22:33:49

9- قەۋەتتىكى nawa717نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي ... تورۇم ھازىر ئوڭشىلىپتۇ. ئۆزىچىلا يوقاپ كېتىدۇ... يەنە پەيدا بوپ قالىدۇ... 10000 غا سائەتتە بىر تىلفۇن قىلىپ يۈرۈپ بايا ئاخرى ئۇلانغانىدى، ئۇلارغا ئەھۋالنى ئېيتسام سىم يولىنى يېڭىلىۋەتسە بولغىدەك بىز ئەھۋالنى مەلۇم قىپ قويىلى دەيدۇ. مەن تۇرغان يەر مارالبېشىنىڭ شەھەر مەركىزى. تېلىگراف ئىدارىسى بىلەن ئارىلىقى 200 مېتىركېلەرمىكىن، مۇشۇنداق يەردىمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تور يوقكەن. ... باشقا كوچىلاردا 20 مېگابايتلىق تور بارمىش ...

ئۇلار سىم يولىنى يېڭىلاپ بەرسە ئوڭشىلىپ قالارمۇ ...

ياكى تۆمۈر يولنىڭكىنى ئەكىرىۋەرسەم بۇلارمۇ، مەسئۇل خادىمدىن ‹‹سىلەرنىڭ تورنى بەك ئاستا دەيدۇ›› دېسەم ئىلگىرى شۇنداقتى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۆتكۈزىۋالغاندىن كېيىن نۇركابىلغا ئالماشتۇرىۋەتكەن. سۈرئىتى ياخشى دەيدۇ، ‹‹نۇركابىل بولسا نېمىشقا 8مېگالىق تور ئەكىرگىلى بولمايدۇ؟›› دېسەم قاراپ تۇرىدۇ... تېلىگرافنىڭكىنى توختىتىۋەتمەي تۇرۇپ تۆمۈر يولنىڭكىنى ئىشلىتىپ باقايمىكىن دىسەم بىر يىللىق تور ھەققىنى بىراقلا تۆلە دەيدۇ. ئەتىگىچە تېلىگرافنىڭ خادىملىرى سىمنى يېڭىلاپ بەرسە كۆرۈپ بېقىپ بۇ ئايمۇ يەنە ئىلگىركىدەك بولسا تۆمۈر يولنىڭ تورىنى سېتىۋالاي \"\"

مېنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنى دەل سىز دىگەن ئاشۇ تېلگىرافنىڭ 20مىگابايتلىق تورى، نۇر كابىل ئارقىلىق چىقىدىكەن تورغا، دىمەك 20-30 مىگابايتلىق نەرسىلەرنى ئۆھھۆ دەپ بولغۇچە چۈشۈرۈپ بولىدۇ، بەزى تېخى شۇ نەرسىلەرنى چۈشۈرۈپ بولغانلىقىغا تازا ئىشىنەلمەي قايتا قايتا چۈشۈرۈپ سالىدىغان ئىشلارمۇ بولۇپ ئۆتتى....

قارىغاندا يەنىلا تېلگراف تورىنى تاللىسىڭىز بولغۇدەك.10000غا داۋاملىق ئۇرۇڭ ،ھەقسىز بولغاندىكىن، تاكى ئۇلار نۇر كابىلنى ئۆيىڭىزنىڭ ئىشىك بېشىغا ئەكەلگۈچى.......

نۇركابىلنى قاچان ئەكىلىسىلە دەپ تولا ھېرىپ كەتتىم، ھازىر تېلىگرافنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 4مېگابايتلىقنى ئىشلىتەلەيدىكەنمەن، تۆمۈر يولنىڭ 6مېگابايتلىق... قالغان ئەھۋاللار يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك. 20 مېگابايتلىق تور كەلسە 穿越火线ئوينىسام پىڭ دېگەن نەرسى 30 دىن تۈۋەن  ئۇلانسا. ئاقبۈركۈتتە كىنو كۆرسەم بىر باشتىن قويۇلۇپ ماڭسا... ئىزدىنىشنى باسساملا ئېچىلسا بۇنىڭدىن باشقا كۈتۈدىغان تەلىپىم يوق ئىدى. \"\"

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 22:44:32

سىز رادىئو تىلىۋىزىيە بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىنى ئەكىرىڭ. قەشقەرنىڭ يوپۇرغا قاتارلىق ناھىيىسىدە مۇشۇ تور سۈرۈپ كەتتى، يىللىقى 680 كوي، 500 كوي كارتىغا سۆزلىشىش ھەققى قىلىپ ئۇرۇپ بېرىلىدۇ. سىلەرنىڭ تەرەپكە بارغاندۇ چوقۇم ... سۈرۈشتە قىلىڭ

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 22:49:47

11- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى بولسا قالدۇرۇپ قويامسىز؟

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 22:49:47

11- قەۋەتتىكى bahwan0998نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز رادىئو تىلىۋىزىيە بىلەن بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ تورىنى ئەكىرىڭ. قەشقەرنىڭ يوپۇرغا قاتارلىق ناھىيىسىدە مۇشۇ تور سۈرۈپ كەتتى، يىللىقى 680 كوي، 500 كوي كارتىغا سۆزلىشىش ھەققى قىلىپ ئۇرۇپ بېرىلىدۇ. سىلەرنىڭ تەرەپكە بارغاندۇ چوقۇم ... سۈرۈشتە قىلىڭ

مۇلازىمەت تېلېفون نومۇرى بولسا قالدۇرۇپ قۇيامسىز؟
بەت: [1]
: تۆمۈر يول تورى قانداقراق؟