emetbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 12:08:13

چىلان سورتىنى تاللاش ۋەئۇلاش

چىلان سورتىنى تاللاش ۋەئۇلاش


ئەمەتجان ئۆمەر (چاقلىق ناھيىلىك چىلانچىلىق تېخنىكا مۇلازىمەت مەركىزىدىن ، ئىنژېنېر)


مەملىكىتىمىز چىلان چىقىدىغان ئاساسلىق دۆلەت بولۇپ چىلاننىڭ سورتى 700خىلدىن ئاشىدۇ . چىلان سورتلىرى چوڭ جەھەتتىن ھۆل ئىستىمالقىلىندىغان سورتلار ۋە قۇرۇق ئىستىمال قىلىندىغان سورىتلار دەپ ئىككى تۈرگەبۆلىنىدۇ . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز چىلان ئۆستۈرۈشتە قۇرۇتىلىدىغان سورتلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بولۇپمۇ2000-يىلىدىن ھازىرغىچە چىلان كۆلىمى شىددەت بىلەن كۆپەيدى . ھازىر تەخمىنى كۆلەم 5مىلىيۇن مودىن ئارتۇق ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە .رايۇنىمىزدا كېڭەيتىلىۋاتقان چىلان سورتلىرى ئاساسلىق كۈلرەڭ چىلان (سۈر چىلان ياكى بىۋاستە خەنزۇچە خۇيزاۋ灰枣دەپمۇ ئاتىلىدۇ) . قاپاق چىلان (ئاتباش چىلانياكى بىۋاستە خەنزۇچە جۈنزاۋ骏枣 دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) ۋە قومۇل چوڭ چىلنىنى ئاساس قىلىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا زەنخۇاڭ چوڭ چىلىنى ، جى شىن زاۋقاتارلىق سورتلارمۇ مەلۇم كۆلەمدە بار ، ھۆل ئىستىمال قىلىنىدىغان سورتتىن دۇڭزاۋ ئاساسلىق ئۆستۈرۈلمەكتە .


ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق چىلان سورىتلىرى ۋەتارقىلىش ئەھۋالى


      1.كۈلرەڭ چىلان[灰枣] كۈلرەڭچىلان شنجېڭ چىلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئەسلى خېنەن ئۆلكسنىڭ شىنجېڭ ناھيسىدە ئۆسىدىغان بۇلۇپ، ئاساسلىقىشىنجېڭ،جۇڭمۇ، لەنكاۋ، شنخوا ناھيىلىرىگە تارقالغان. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىداجەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ، ھازىر بۇ سورىت ئاقسۇ ۋىلايتى ، قەشقەرۋىلايتى ۋە بايىغولىن ئوبلاستىنىڭ چاقلىق ، چەرچەن ناھيسىگە كىرگۈزۈلۇپ كەڭ كۆلەمدەئۆستۈرۈپ مۇۋاپىقىيەت قازنىلنىپ، ياخشى ئىقتىسادى ئۈنۈم ۋە ئىجتماىې ئۈنۇم يارتىلىدى.بۇسورىت نۆۋەتتە جەنۇبىيشىنجاڭدا ئەڭتېز كېڭەيتىلىۋاتقان ۋە ئەڭ قارشى ئېلىنۋاتقان سورىتتۇر .

          كۈلرەڭ چىلان ساغلام،قاۋۇل، يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، دەرەخ تاجى يۇمۇلاق، شاخلىرى شالاڭ ئەمما توم.شاخ ئۇچىئادەتتە 10 بۇغۇم ئەتىراپىدا بۇلۇپ،ئۈگەشاخلىرىبىر قەدەر چوڭ،3-5 تال تۆكۇلگۈچىمېۋە شېخى ئۆسىدۇ، مېۋىسى سوزۇنچاق ئىللىپىسمان بۇلۇپ،بىر بېشى چوڭ، بىر بېشى كىچىك، ئادەتتە ئۇزۇن دىئامېتىرى 3.8 سانتىمېتىر، توغرادىئامېتىرى2.6سانتىمېتىركېلىدۇ. مېۋىسى ئوتتۇرھال چوڭلۇقتا بۇلۇپ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى 9.7 گرام،ئەڭ چوڭىنىڭ13.3 گرام. پوستىنىڭ قىلىنلىقى ئوتتۇرھال، رەڭگى قوڭۇرراق، ئەتلىك، رەڭگى كۆكۈشرەكئاق، ئېتى چىڭ ھەم چۈرۈك، سۇلۇقراق، تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ياخشى . ھۆل چىلاننىڭ قەنت تەركىبى %30 ئەتراپىدا، ئېرشچان مۇقىملاشتۇرغۇچى ماددا تەركىبى% 32 ئاشىدۇ. ئۇرۇقىكىچكرەك بۇلۇپ، ئۇزۇنچاق ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇرۇقى بىلەن ئېتى ئاسان ئاجرايدۇ، يېيشىكەبولىدىغان قىسمى%97.3 ، قۇرۇش نىسبتى% 55ئەتراپىدا. قۇرۇق چىلاننىڭ رەڭگى توق، ئېتى چىڭ،ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ، خېلى چۈرۈك، قەنت تەركىبى%65 ، يېيىشلىك ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، بېسىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ،ساقلاش ۋە تۇشۇشقا چىداملىق. كۈلرەڭ چىلاننى ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتسىمۇ، پىششقلاپئىشلىسىمۇ بولىدۇ . ئوتتۇرھال مېۋىلىك ئەڭ ياخشى سورت ھېسابلىنىدۇ.

      9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىداپىشىدۇ ، دەرىخى تىك ، قاۋۇل ئۆسىدۇ ، شېخى كۈل رەڭ ، توم ئەمما شالاڭ، يېيىلىپ ئۆسىدۇ، قۇرغاققچىلىققا، ئۈنۈمسىز تۇپراققا ، كېسەل ، ھاشاراتقا چىداملىق ، بورانغا،شورلىشىشقا چىداملىق . مۇقىم ، يۇقىرى ھوسۇل بېرىدۇ، قۇملۇق يەرلەردە كەڭ كۆلەمدە راۋاجلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كېلىدۇ .


         2.قاپاق چىلان [骏枣 ] :جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر قايسى چىلان رايونلىرىغا تارقالغان .


         ئەسلى ماكانى شەنشىئۆلكىسىبولۇپ گەنسۇ ، چىڭخەي ئۆلكىلىرىدىمۇ كۆپلەپ ئۆستۈرۈلگەن ، 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا دۇنخۇاڭ ئارقىلىق جەنۇبى شىنجاڭ رايونىغا كىرگۈزۈلگەن بۇلۇپ ھازىر ئاقسۇ ، قەشقەر ، خوتەن ۋىلايەتلىرىدە كۆلەملىك كېڭەتىلىۋاتىدۇ . قاپاقچىلان دەرىخى يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، دەرەخ تاجى يۇمۇلاق،شاخلىرى شالاڭ،توم ئۆسىدۇ . مېۋىسى چوڭ،تۇخۇمسىمان ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى22.9گىرام ، ئەڭ چوڭلىرى 30گىرامدىن ئاشىدۇ . پوستىنىڭ قېلىن ، رەڭگى قوڭۇر ، ئەتلىك،رەڭگى سارغۇچراق ئاق، ئېتى چىڭ ھەم چۈرۈك، ، تەمى تاتلىق ، سۈپىتى ياخشى . ھۆل چىلاننىڭ قەنت تەركىبى %24 ئەتراپىدا، ئېرشچان مۇقىم ماددا تەركىبى% 33 ئاشىدۇ. ئۇرۇقى چوڭ بۇلۇپ،ئۇزۇنچاق ئۇرچۇق شەكلىدە، ئۇرۇقى بىلەن ئېتى ئاسان ئاجرايدۇ، يېيشىكە بولىدىغانقىسمى%96.3 ، قۇرۇش نىسبتى% 55 ئەتراپىدا.قۇرۇق چىلاننىڭ رەڭگى توق، ئېتى چىڭ،ئۇرۇقىدىن ئاجرايدۇ، خېلى چۈرۈك، قەنت تەركىبى%65، يېيىشلىك ، ئېلاستىكىلىقى ياخشى، بېسىلغاندىن كېيىن ئەسلىگە كېلەلەيدۇ، ساقلاش ۋەتۇشۇشقا چىداملىق. قاپاق چىلاننى ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتسىمۇ، پىششقلاپ ئىشلىسىمۇ بولىدۇ. چوڭ مېۋىلىك ئەڭ ياخشى سورت ھېسابلىنىدۇ.

         3.قۇمۇل چوڭ چىلىنى


       قارا دۆۋە چىلىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئەسلى ماكانى شىنجاڭ قۇمۇل شەھرىنىڭ قارا دۆۋە يېزىسى.قۇمۇل چىلىنىنىڭ گەۋدىسى ئېگىز، تۈز ئۆسىدۇ، تاجى يۇمۇلاق، يېيىلىپ باراقسان ئۆسىدۇ،شاخلىرىساغلام، قاۋۇل.چېچەك مەزگىلى 2 ئايغا يېتىدۇ،ئادەتتە 5 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىردىن 7 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چېچەكلەيدۇ، بۇلۇق چېچەكلەش مەزگىلى 6 – ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، مېۋىلەيدىغان ھەر بىر قىسقا ئانىلىق شاختا3-5تال تۆكۈلىدىغان مېۋە شېخى ئۆسىدۇ . مېۋە يېتىلىش مەزگىلى 100 كۈنئەتىراپىدا .

مېۋىسى شەكلى ئىللىپىسمان بۇلۇپ، 2.4 سانتمېتىر × 3.8 سانتمېتىر چوڭلۇقتا، پوستى قېلىنىراق، رەڭگىقارامتۇل قىزىل، ھۆل مېۋىسىنىڭ ئوتتۇرىچە يەككە ئېغىرلىقى 14.5گرام،ئەڭ چوڭىنىڭ24.2گرام.ئېتى ئاق، ئۇرۇقى ئورچۇقسىمان، ئۇرۇنلۇقى 1.8سانتمېتىر،توملۇقى 0.8 سانتمېتىر، مېغىزى يېتىلمەيدۇ. ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىگى ئاقسىل تەركىبى يۇقىرىبۇلۇپ، مېۋىسى توق، تاۋارلىق خۇسۇسىيىتى كۈچلۈك.

       قۇمۇل چىلىنى قۇرغاقچىلققا،قۇم بورانغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا چىداش، تۆۋەنتېمپېراتۇرىغاۋە كېسەل، ھاشارات ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك . چىلان ماكانى قارا دۆۋەىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى℃41 ،ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃28 – بولسىمۇ، چىلان دەرىخى يەنىلا زىيان- زەخمەتكە ئۇچرىمىدى،ئەينى يىلى ھۆل-يېغىن مىقدارى ئاران 33مىللىمېتىر،پارلنىش مىقدارى 3200 مىللىمېتىر بولغاندىمۇ، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە 3 قېتىم سۇغرىلىپلانورمال ئۆسۈپ مېۋىلىگەن.

      قۇمۇل چىلىنىدا كېسەل،ھاشاراتزىيىنى ئاز كۆرۈلىدۇ، نۆۋەتتە پەقەت قىسمەن چىلانلىق باغلاردىلا پۈرمە قاسسراقلىق قۇرت،كومستوك پسېۋدوكوككۇس قۇرتى، قىزىل ئۆمۈچۈكنىڭ زىيىنىلابايقالدى.

      قۇمۇل چىلىنى ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىۋاتقان رايون قۇمۇل شەھىرى بۇلۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى باشقاۋىلايەت، ئوبلاستلاردىمۇ ئۆستۈرۈپ كېڭەيتىشكەبولىدۇ .



          4. زەنخۇاڭ چوڭچىلىنى

         ئەسلى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ زەنخۇاڭ ناھىيىسدە ئۆسكەن. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى تەيخاڭشەن رايونىغا تارقالغان بولۇپ، 20 –ئەسىرنىڭ 70 –يىللىرىنىڭ باشلىرىدا جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرگۈرۈپ ئۆستۈرۈلگەن.   

         زەنخۇاڭ چىلىنى ئاراخۇسۇسىيەتلىك دەرەخ بۇلۇپ، يېيىلىپ ئۆسىدۇ ، شاخلىرى شالاڭ ، دەرەخ تاجى كۆپ باشلىق،شاخلاش ئىقتىدارىئاجىز .

         مېۋە شەكلىسوزۇنچاق يۇمىلاق ياكى تۇخۇمغا ئوخشاش بولۇپ، ئوتتۇرىچەمېۋە ئېغىرلىقى 17.3گرام ، ئەڭ چوڭىنىڭ 29گرام ، مېۋەيۈزىسىلىق ، پوستى قىلىنراق ، ئېتى ئاققامايىل ، چىڭ ، بىر قەدەر سۇلۇق ، سەل چۈچۈمەل تاتلىق ، ئېرىشچان قۇرۇقماددىسى %30.5 ، ئەتلىك ھەم چىڭ، تەملىك بۇلۇپ قۇرۇتۇشقاتازا باپ كىلىدۇ، قۇرۇق مېۋە نىسبىتى %48.7 ، قەنت تەركىبى %71.5 ، ھۆل پىتى يېسە تەمىبىر قەدەر ياخشى، قۇرۇتۇلغان چىلان قورۇلۇپ قالمايدۇ، ئېلاستىكىلىقىنى يوقاتمايدۇ، ساقلاش ۋە تۇشۇشقا چىداملىق،سۈپىتى ياخشى. مېۋىسىخىل ھەم تەكشى بولغاچقا، يېقىنقى يىللاردا كۆپىنچە چىلان قەندالەت ئىشلىنىۋاتىدۇ ،مەھسۇلات سۈپىتى ياخشى . بۇ سورتنىڭ ماسلشىشچانلىقى كۈچلۈك، قۇرغاقچىلققا ، ئۈنۈمسىزتۇپراققا چىداملىق ، مۇقىم ۋە يۇقىرى مەھسۇلات بېرىدۇ ، ئىشلىتىلىش دائىرىسى كەڭ، جەنۇبىيشىنجاڭدىكى رايونلارنىڭ ھەممىسدە ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بولغاچقا ، زور كۆلەمدەراۋانلاجلاندۇرۇش ئىستىقبالىغا ئىگە .

      زەنخۇاڭ چىلىننىڭ ئۆزچېچىكىدىن چاڭلىنىپ مېۋىلەش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇپ ، تىككەندە 2:1بويىچەچاڭلاشتۇرغۇچى سورىت ، يەنى ئىككىقۇر زەنخۇاڭ چىلىنىغابىر قۇر باشقا سورىت كىرىشتۈرۈپ تىكىشكېرەك.



      5.سېرىق ئەتلىككىچىكچىلان

          سېرىق ئەتلىككىچىكچىلانئەسلى شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لېلىڭ ناھىيسىدە ئۆسكەن.شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇدى،چىڭيۈن، ياڭشىن، جەنخۇا،شۇگۇاڭ رايونلىرى ۋە خېبېيئۆلكىسىنىڭ ساڭجۇ رايونىغاكەڭ تارقالغان. 20 –ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ بېشىداجەنۇبىي شىنجاڭدىكى چىلان ئۆستۈرۈلىدىغان رايونلارغا كىرگۈزۈلگەن. بۇسورتھازىر ئېلىمىزدە ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ سورت بولۇپ، مەھسۇلاتى مەملكەت بويىچە ئومۇمىچىلان مەھسۇلاتىنىڭ 15/1-4/1ىنى ئىگىلەيدۇ.

         سېرىق ئەتلىككىچىكچىلان ئارا خۇسۇسىيەتلىك دەرەخ بۇلۇپ ، روشەن مەركىزىي غولى بولىدۇ ، تۈز ئۆسىدۇ ، شەكلىكونۇسىسمان بولىدۇ ؛ دەرەخ تاجى كىچىكرەك ، شاخلىرى ئىنچىكە ، ئۇزۇن ھەم قويۇق ، يېڭىشاخلىرى سارغۇچ يېشىل ئۆسىدۇ . شاخلاش ئىقتىدارى خېلى كۈچلۈك ، مېۋە شېخى ئوتتۇرھالۋە ئۇزۇن ئۆسىدۇ . جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا ئادەتتىكى يىللىرى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرا- ئاخىرلىرىدابىخلىنىپ، 5-ئاينىڭ ئاخىرىدىن -6ئاينىڭ بېشىغىچە چېچەكلەپ،6-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدامول گۈللەشمەزگىلىگەكىرىپ، مېۋىسى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى، ئاخىرلىرىدا پىشىدۇ .

          مېۋىسى ئىللىپىسمان، تۇخۇمسىمان دېگەندەك ھەر خىل ، ئۇششاقراق ، ئوتتۇرىچە مېۋە ئېغىرلىقى6-7 گرام ، پوستى نېىپىز ، رەڭگى ئوچۇق قىزىل، پارقىراق ھەم كۆركەم ، ئېتى چىڭ ھەمچۈرۈك ، تەمى تاتلىق ، سەل-پەل چۈچۈمەل ، ئېرىشچان قۇرۇق ماددىسى%34-%38، 100گىرام چىلان تەركىبىدىكى ۋىتامىن C تەركىبى 560 مىللىگرام، يېگىلىبولىدىغان قىسىمى%95-%97 ، قۇرۇتۇلغان چىلاننىڭئېتى چىڭ ، شەكلى توق ، ئىلاستىكىلىقى ياخشى ، قەنىت تەركىبى -80%%74، ساقلاش ۋە توشۇشقا چىداملىق .

       بۇ سورت شورلۇق يەرگە، قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ، قىلىن ، مۇنبەت تۇپراققا مايىل . بىراق ، قۇم بورانغا،كېسەل، ھاشاراتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىداى ئاجىز .

         بۇ سورىت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ۋىلايەت، ئوبلاستلاردا ئۆستۈرۈشكە مۇۋاپىق كېلىدۇ ، يەڭگىل شورلۇق سېغىزتۇپراقلىق رايونلاردا ئوبدان ئۆسىدۇ . بىراق قۇملۇق يەرلەردە ئۆستۈرۇشكە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ.


چىلاننى ئۇلاش تېخنىكىسى


1.ئۇلاقلىقتەييارلاش : ئۇلاقلىقتەييارلاشتا ساغلام، ئۇششۈك ۋە كېسەللىك ، ھاشارەتلەنىڭ زىيىنى بولمىغان ، بىخلىرى تولۇق پىشقان بىر–ئىككى يىللىق نوتىلار يىغىۋېلىنىدۇ . ئۇلاقلىقنىڭ بىر نەچچە خىل ساقلاش ئۇسۇلى بولۇپ نۆۋەتتە كۆپرەك قوللىنىۋاتقانلىردىن موم يېپىشتۇرۇپ ساقلاش ، قۇمغا كۆمۈپ ساقلاش ياكى گەمىدە ساقلاش ئۇسۇللىرى بار .


2.موم يېپىشتۇرۇپ ساقلاش : ئالدى بىلەن شۇ كۈندىكى يىغىۋېلىنغان ئۇلاقلىق كېسىپ تەييارلىنىدۇ ، ئۇلاقلىق كەسكەندە بىر تال بىخنى بىر بۆلەك قىلىپ كېسىمىز ، كېسىش ئۇزۇنلىقى ئىككىلەمچى شاخلارنىڭ ئارلىقى ئۆلچەم قىلىنىدۇ . ئاندىن سانائەتكەئىشلىتىغان مومنى قازاندا سۇس ئوتتا ئېرىتىمىز . ئاندىن كېسىپ تەييارلانغان ئۇلاقلىقنى چويلا بىلەن قازاندىكىئېرىتىلگەن مومغا بىرلا چۆكۈرۈپ تارتىۋېلىپ ئالدىن تەييارلىۋالغان تاختا ئۈستىگە چاچىمىز . ئۇلاقلىقنى مومغا چۆكۈرۈپ تارتىۋېلىش ئارلىقى ئۇلاقلىقنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ ھالقىلىق مەشغۇلات بولۇپ ، ئۇلاقلىقنى قازاندا بەك ئوزۇن تۇرغۇزۋەتكەندە ئۇلاقلىق كۆيۈپ كېتىشى مۇمكىن ، مەشغۇلات بەك تېز بولۇپ كەتكەندە موم ياخشى يېپىشماي قېلىشى مۇمكىن .يەنە بىر مۇھىم ھالقا ئۇلاقلىقتىكى مومنى تېز سۈرئەتتە قۇرۇتۇش بولۇپ بۇنىڭ ئۈچۈن قازاندن سۈزۈپ ئېلىنغان ئۇلاقلىقنى كەڭرىتاختا ئۈستىگە تەكشى چاچىمىز .بۇنداق قىلغاندا ئۇلاقىلىق تېز قۇرۇيدۇ . ئەگەر بۇنداق قىلماي دۆۋلەپ قويۇلسائۇلاقىلىق كۆيۈك كېتىشى مۇمكىن . تەييارلانغان ئولاقلىقنى چىگە تاغارلاغاقاچىلاپئادەتتىكى ئۆي شارئىتىدا ئىككى–ئۈچ ئاي ،سوغۇق ساقلاش ئىسكىلاتلىرىدابەش –ئالتە ئاي ساقلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، ساقلاش جەريانىدا ھاۋا ئۆتۈشۈپتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ، ئەگەر ئادەتتىكى ئۆيلەردە ئۇزاقراق ساقلاشقاتوغرا كەلسە نەم قۇمغا كۆمۈش ئارقىلىق ساقلاش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ، ھاۋا ئىسىپ كەتكەن. بۇ خىل ئۇسۇلدا تەييارلانغان ئۇلاقلىقنىڭئارتۇقچىلىقىئۇزۇن ساقلىغىلى بۇلىدۇ، كەمچىلىكى تەييارلاش جەريانىدادىققەت قىلمىسا ھەر ۋاقىت كۆيۈك كېتىش ئېھتىماللىقى مەۋجۈت .


   1.قوۋزاق ئاستى ئۇلاق : بۇ يەنە قوۋزاق ئاستى ئۇلاق دەپمۇ ئاتىلىدۇ . ئالدى بىلەن ئۇلاق ئۇستىنىڭ بىر تەرىپىدىن 5~3سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا سىلىق قىلىپ ئۇزۇن شۈلىنىدۇ.ئاندىن بۇئۇزۇن يۇزنىڭ ئارقا تەرىپىنىڭ ئاستىدىن 0.5سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىسقا يۇز شۈلۇپ چىقىرىلىدۇ . بۇنداقتا ئۇلاقلىقنى سانجىپ كىرگۈزۇشكە قۇلايلىق بولىدۇ . ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭقوۋزىقىنىڭ سىلىق يىرىدىن ئۇلاق ئاستىنى كېسىپ،كەسمە يۇزى تەكشىلىنىدۇ. ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ بىرتەرىپىدىن پىچاق بىلەن چوڭقۇرلىقنى ياغاچلىق قىسىمىغا يەتكۈزۇپ تىك كېسىلىدۇ . شۇ يۆلىنىش بويىچە ئۈستى تەرەپنىڭ قوۋزىقىنى ياغاچلىق قىسىمىدىن ئاجىرىتىمىز . ئۇلاق ئۇستىنى سالغاندا ئۇزۇن شىلىنغان تەرىپىنى ئىچى تەرەپكە ،قىسقا شىلىنغان تەرىپىنى تېشى تەرەپكە قارىتىپ كېسىككە توغرىلاپ ئاستا-ئاستا سانچىلىدۇ.بۇچاغدائۇلاق ئۇستىنىڭ كەسمە يۈزىنى ئۇلاق ئاستىغا پۈتۈنلەي كىرگۈزۋەتمەي ،تەلەپ بويىچە0.5~0.4سانتىمىتىر جاينى ئاق قالدۇرۇش كېرەك.بۇنداق قىلىش ئۇلاقنىڭ ئۆز-ئارا بىرىكىپ تۇتىشىغا پايدىلىق .ئاخىرىدا سۇلياۋلىنتا بىلەن سۇلياۋ لىنتا بىلەن چىڭ تېڭىلىدۇ .بۇ خىل ئۇلاش ئۇسۇلى ئۇلاق ئاستى ئۇلاق ئۇستىدىن توم بولغان ئۇلاق ئاستىغا باپ كىلىدىغان بۇلۇپ، پەقەت ئۇلاق ئاستى بىخلىنىپ قوۋزىغى ئوڭاي سويىلدىغان مەزگىلگە كەلگەندىلائۇلاشقا بۇلىدۇ .


   2.ياغاچلىق بىخ ئۇلاق:ئۇلاقئۈستىدىن ئۇلاق بىخىنى ياخشى تاللاپ ئاساسى بىخنىڭ ئۈستى تەرپىدىكى ئىككىلەمچى شاخنى 1سانتىمىتىر قالدۇرۇپ كېسىمىز .ئاندىن ئاساسى بىخنىڭ ئارقا تەرىپى ياكى يان تەرىپىدىن 3~2.5سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا بىرئۇزۇن يۈز شۈلۈپ چىقىرىلىدۇ . ئاندىن ئۇزۇن يۈزىنىڭ ئارقا تەرپىدىن 1سانتىمىتىر ئۇزۇنلىقتا بىر قىسقا يۈز شۈلۈپ چىقىرىلىدۇ . ئۇلاق ئاستى يەر يۈزىدىن20سانتىمىتىر جايىدىن سىلىق يېرى تاللاپ كېسىلىدۇ . ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلاق ئاستى ياغاچلىق قىسىمىغا يەتكۈزۇپ توغرىسىغا پىچاق بىلەن تىلىنىدۇ . ئاندىن ئاستىدىن ئۈستىگە قارىتىپ كېسىپ قوۋزىقىچىقىرېۋتىلىپ ، شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتىنى تېپىپ چىقىپ ،ئۇلاق پىچىقى بىلەن شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتىنى بويلاپ ئاستى تەرەپكە قارىتىپ 5-3سانتىمىتىر كېسىلىدۇ،ئاندىن ئۇلاق بىخنىڭ ئۇزۇن شىلىنغان تەرىپىنى ئىچى تەرەپكە، قىسقا شىلىنغان تەرىپنىتېشى تەرەپكە قارىتىپ شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتلىرىنى ئوبدان توغرىلاپ كېسىك ئاغزىغا سېلىنىدۇ . ئاندىن ئۇلاق بىخى بار جاينىلا قالدۇرۇپ قالغان جايى سۇلياۋ بىلەن تېڭىۋېتىلىدۇ .بۇ خىل ئۇلاشئۇسۇلىنى قوللانغاندا تۇتۇش نىسبىتىنى%90دىن ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ .


    3. تىل ئۇلاق:ئۇلىغان ۋاقىتتا ئۇلاق ئاستى بىلەن ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئاستى تەرىپى ھەر ئىككلىسى قىيپاش ئۇچلىنىدۇ . ئۇزۇنلىقى تەخمنەن 3سانتىمىتىر بولسا بۇلىدۇ . قىيپاشلىقى ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بۇلۇشىكېرەك .ئۇنىڭدىن كىيىن ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئۇچلىغان يۇزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىچى تەرەپكە تىك قارىتىپ بىر كېسىك كېسىلىدۇ ،ئاندىن ئۇلاق ئۈستى بىلەن ئۇلاق ئاستى ئۇلاپ بىرىكتۇرۈلىدۇ . تىل ئۇلاقتا ئەڭ ياخشىسى ئۇلاق ئۈستى بىلەن ئۇلاق ئاستىنىڭ توملىقى تەڭ بۇلىشى كېرەك . مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن شەكىللەندۈرگۈچى قەۋەتلىرى ئۆز-ئارا ئۇدۇل كېلىدۇ . ئەگەرتوملىقىدا ئازىراقپەرىق بۇلۇپ قالساچۇقۇم بىر تەرىپىنى بولسىمۇ ئۇدۇللاش كېرەك. ئاخىرىدا ئۇلانغان جايسۇلياۋ لىنتا بىلەن چىڭ تېڭىۋېتىلىدۇ .


      4. بېقىن ئۇلاق:قايچا ياكى ئۇلاقچىلىق پىچىقى بىلەن ئۇلاق ئۈستىنىڭ بىر تەرىپىدىن 3 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر ئۇزۇن يۈزشىلىپ چىقىرلىدۇ، ئاندىن بۇ ئۇزۇن يۈزنىڭ ئارقا تەرىپىدىن 1.5 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا بىر قىسقا يۈز شىلىپ چىقىرلىدۇ .ئۇلاق ئۈستىنىڭ شىلىپ چىقىرىلغان جايىنىڭ بىر تەرىپى قېلىن ، بىر تەرىپى نىپىز بۇلىدۇ . ئاندىن ئۇلاق ئاستىنىڭ ئۇلىنىدىغان جايىدىن قايچا ياكى پىچاق بىلەن ئاستىغا قارىتىپ4~3 سانتىمىتىر ئۇزۇنلۇقتا قىيپاش كېسپ بىر ئېغىز ئېچىلىدۇ ، ئاندىن ئۇلاق ئاستىدىكى بۇ ئېغىزنى ئىتتىرىپ ئېچىپ ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئۇزۇنيۈزىنى تېشى تەرەپكە، قىسقا يۈزىنى ئىچى تەرەپكەقارىتىپ دەرھالچىڭ قىستۇرۇپ سېلىنىدۇ . ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئۇچلاپ چىقىرىلغان شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتى بىلەن ئۇلاق ئاستىنىڭ شەكىللەندۈرگۈچى قەۋىتى ئۆز-ئارا ئۇدۇل كېلىشى كېرەك . ئۇلاق ئاستى ئۇلانغان جاينىڭ ئۈستىدىن قىيپاش قىلىپ كېسىۋېتىلىدۇ ، ئاندىن بۇ كېسلگەن جاي ئۇلاق ئېغىزى بىلەن قوشۇپ چىڭ تېڭىۋېتىلىدۇ .


ئۇلانغان كۆچەتنىڭ پەرۋىشى:


سۇغىرىش، ھارام پۇتىقىنى ئېلىۋىتىش ، يۆلەنچۈك باغلاش ، تېڭىقىنى بوشىتىش ، (يازلىق )غولىنى بەلگىلەش ، تېڭىقىنى ئېلىۋېتىش.تولۇقلاپ ئۇلاش .....


شۇ باھانىدا قوشۇمچە ئېلانىمنى بېرىۋالاي :ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتتا مەخسۇس چىلان ئۇلاقلىقى (كۆز) يىغىپ موملاپ تەييارلىغان نەچچە يۈزكىلوگىرام ئۇلاقلىق بار ،بۇ يىل چىلان ئۇلىتىدىغانلار ،ئېتىياجلىقلار تېزدىن ئالاقلىشىڭلار ،تېلفۇن نومۇرۇم: 15109961868، ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداشلارغا چىلانچىلىق تېخنىكىسىدىن ھەقسىزمەسلىھەت بېرىمەن . چىلانچىلىق بىلىملىرىمنى ئېلان قىلغان بلوگىم : http://lopluq.blogbus.com/

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 13:06:33

چىلاننىڭ چېپىۋېتىلگەن يەرلىرىنى ئۇلىسا تۇتامدۇ{:92:}

chilan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 13:08:45

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلاننىڭ چېپىۋېتىلگەن يەرلىرىنى ئۇلىسا تۇتامدۇ \"\"

شۈلىۋالغان دەيلى زىيالى!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 13:13:21

2- قەۋەتتىكى chilanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلاننىڭ چېپىۋېتىلگەن يەرلىرىنى ئۇلىسا تۇتامدۇ \"\"

شۈلىۋالغان دەيلى زىيالى!


راستلا شۈلىۋالۇرما؟\"\"


شاكىلات يېپىشتۇرغان خاسىڭ بولسا شاكىلىتىنى يالاپ يالىۋېلىپ ئۈستىگە يەنە شاكىلات يېپىشتۇرسا بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان.


چىلاننىڭ ئېتىنى شۈلىۋالسا قانداق يېپىشتۇرىدىغان ئىشتۇ؟

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 13:35:59

osmanuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 13:39:11

‏ما ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئەمەتجان ئۆمەرنى ئېنژىنىرمىكىن دىسەم ئەسلى ئىنجىنىركەن ئەمەسمۇ؟؟

emetbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 14:15:19

4- قەۋەتتىكى adolifنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باغۋەنچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنى ئاگرانوم دەيدىغان ئەجەپ ئېلىكتىر بىلەن شۇغۇللانمىسا ئېنژىنىر دەپتا .


ئورمانچىلىق ساسەسىدىكىلەر ئېنژىنىرلىق ئۈنۋانى ئالىدۇ .دېھقانچىلىق سېستىمىسىدىكىلەر ئاگرانۇملىق ئۈنۋانى ئالىدۇ .

chilan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 14:18:06

3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى chilanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىلاننىڭ چېپىۋېتىلگەن يەرلىرىنى ئۇلىسا تۇتامدۇ \"\"

شۈلىۋالغان دەيلى زىيالى!


راستلا شۈلىۋالۇرما؟\"\"


شاكىلات يېپىشتۇرغان خاسىڭ بولسا شاكىلىتىنى يالاپ يالىۋېلىپ ئۈستىگە يەنە شاكىلات يېپىشتۇرسا بولىدۇ دەپ ئاڭلىغان.


چىلاننىڭ ئېتىنى شۈلىۋالسا قانداق يېپىشتۇرىدىغان ئىشتۇ؟




يالايدىغاننىڭ گېپىنى قىمىساڭلار! \"\"مەن شۈلىۋىلىنىشقا رازى.


emetbeg يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 14:22:00

5- قەۋەتتىكى osmanuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‏ما ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئەمەتجان ئۆمەرنى ئېنژىنىرمىكىن دىسەم ئەسلى ئىنجىنىركەن ئەمەسمۇ؟؟

كەسپى ئادەت ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنگىلىزچىدىمۇ ئىنجىنىرغا يېقىن تەلەپپۇر قىلدىكەن . كەچۈرۈڭ ، مەن تۈزتىۋالاي .


قىزىق ئىش ھەمىڭلارنىڭ ماقالە مەزمۇنى بىلەن قالماي مىنىڭ ئۈنۋانىم بىلەن قالغىنىڭلارغا ھەيرانمەن . كەسپىڭلار ، قىزىقشىڭلار تېمىغا ماس كەلمىسە تېمنى كۆرمىسەڭلارمۇ ، ئىنكاس يازمىساڭلارمۇ خاپا بولمايمەن . بۇ تىمنى يېزشتا باغۋەنلەرنى كۆزدە تۇتتۇم .

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 14:27:03

تېمىڭىزنى ياقتۇردۇق بۇرادەر

سىزلەرگە ئوخشاش كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ مۇنبەرلەرگە كىرىپ تۇرىشىنى قارشى ئالىمىز.

تورداشلارنىڭ ئارىسىدا چىلان تىكىدىغانلارغا قارىغاندا گۈل باقىدىغانلار جىقراقمىكىن دەيمەن.

ئارىلاپ شۇ توغۇرلۇق تېمىلارمۇ چۈشۈپ قالىدۇ.

شۇنداق ۋاقىتلاردا سىزلەردەك كەسىپ ئىگىلىرى تەجرىبىڭىزلەرنى سۆزلەپ بەرسىڭىزلەر بەك خوش بولاتتۇق \"\"

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 14:33:56

مەنغۇ ئىشقىلىپ شۆلگەي تەگكەن ئۇرۇق ئۈنمەيدۇ دەپ بىلىمەن.

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 14:41:38

ۋەتەندىن كەلتۈرۈلگەن ئازراق چىلان كېلىپ قېلىۋېدى، ياتاقداشلىرىمنى تەكلىپ قىلسام ھېچكىم ئۇنىماي قويدى. «ئوشششششششششششش، ئىشىڭنى قىلىشە، ئۆزەم يەيمەن بولدى» دەپ تۇرسام، بىرسى قولۇمدىكى ئوتقاشتەك قىپقىزىل چىلانغا بىر قارىۋېتىپ: «مەن تېتىپ باقايمۇ-يا؟» دەيدۇ. «ئالە ئەمسە» دەپ قولۇمدىكىنى بەردىم. ئاندىن چىلانلىرىم ئۆزەمگە قالمىدى. \"\"

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 16:06:36

خەنلەرنىڭ باھاربايرىمىدا بىرنەچچىمىز چەرچەن ۋە چاقىلىق ناھىيىلەردە قىسقا ۋاقىت ساياھەتتە بولدۇق،بۇقېتىملىق ساياھەتتە ماڭا تەسىر قىلغان بىر ئىش چاقىلىق ناھىيىسىدە ئەھيا قىلىنغان چىلانلىقلار مىنىڭ دىققىتىمنى ئالاھىدە تارتتى. كۈلەملەشكەن ھەم ناھايىتى ياخشى پەرۋىش قىلىنغان بۇچىلانزارلىقلار مىنى ئالاھىدە قىززىقتۇردى،ئاتايىتەن شۇيەرلىك كىشىلەردىن چىلاننىڭ مەھسۇلاتى ۋە باشقا ئەھۋاللارنى ئىگەللەشكىمۇ ئۈلگۈردۇم.بىزنىڭ خۇتەن تەرەپلەردىمۇ 2012-يىلى چىلانلار خېلىلا مەنپەئەت بەردى.بۇيىلمۇ چىلان سېلىش ،سورتىنى ياخشىلاش ئىشلىرىنىڭ تەييارلىقى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.مىنىڭ چاقىلىقتىكى چىلانزارلاردىن ھەم كىرورەن مۇزىيىدىكى چىلان ئەۋرىشكىلىرىنى كۈرۈپ يەنە بىرقېتىم كۈرۈپ چىلانزارلىق بارپاقىلىش نىيىتىگىمۇ كەلدىم.ئاڭلىسام چىلاننىڭ موسىنى 2012-يىلى 19مىڭدىن 20مىڭغىچە ئاپتۇ .مەن قارىسام خەنزۇلار يەرلەرنى كۆپرەك ھۆددىگە ئېلىپ بۇئىشلارنى يۈرۈشتۈرۋاتقاندەك بىلىندى.قانداقلا بولمىسۇن چاقىلىق چىلانزارلىقلىرىنى بىركۈرۈشكە ئەرزىيدىكەن.

upukjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 16:12:35

بولسا چىلانزارلىقلارنى ھەم سورتلىرىنىڭ رەسىملىرى بولسا يوللاپ قويسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولغىدەك.خۇتەن تەرەپلەردە چىلانلىق يىلدىن يىلغا كۈپىيىۋاتىدۇ. چىلان پەرۋىشى توغرىسىدا چوڭراق ئىلمىي ئەمگەكلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ھازىر بەك زۈرۈر مىكىن دەپ قارايمەن .يازمىڭىز ماڭا يارىدى.بولسا مۇشۇ تەرەپلەردە يەنىمۇ ئىزدىنىپ ماقالىلارنى يېزىپ بىزلەرگە يەتكۈزۈپ تۇرغايسىز.چاقىلىقتىكى چىلانزارلىق بىرتەرەپتىن ئىختىزادى قىممەت ياراتقاندىن باشقا ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىدىغان ساياھەت تۇرى ئىكەن.مەن مۇزىيدىكى قىزچاقتىن چاقىلىقتا يەنە قانداق ساياھەت نوختىلىرى بار دىسەم مۇشۇمۇزىي ئۇندىن باشقا چىلانزارلىق بار دەپ جاۋاپ بەردى.

karizqi يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 17:03:24

چىلاننىڭ باھاسى گۆشتىنمۇ قىممەت ،ياخشى پەرۋىش قىلىپ ئۆلچەملىك مەھسۇلات چىقىرىلسا ،جۇڭگودا چىلاننىڭ بازىرى ناھايتى ياخشى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 21:30:58

چىلاننى چىپىۋەتسە دەھشەت ئاۋۇپ كېتىدىكەن. چىلان كېسەل تارقىتىپتۇ دەپ ئۈچ يىل بۇرۇن مەھەللىمىزدىكى ھەممە چىلان كېسىۋىتىلدى. بىزنىڭ كېسىلگەن بىر تۈپ چىلان ئون تۈپ بوپ ئۆسۈپتۇ.
بەت: [1]
: چىلان سورتىنى تاللاش ۋەئۇلاش