millitim3 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 02:27:36

سەنشىڭ I9300 نى Root لاش ئۇسۇلى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!


بۈگۈن ئەتىگەندە ئۈرۈمچى جۇڭسەن خەلقئارا خەۋەرلىشىش مەيدانى 7- قەۋەتتىن SAMSUNG I9300 دىن بىرنى سېتىۋالغان ئىدىم. مۇشۇ يانفۇننى Root لاش جەريانىنى ئۆزۈم سىنىغان ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئۇسۇلنى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچىمەن. مۇشۇنداق يانفۇنى بارلار پايدىلىنارسىلەر.


1. يانفۇننى ئىتىۋېتىپ Download ھالىتىدە قوزغىتىمىز (ئاۋاز تۆۋەنلىشىش كونۇپكىسى + باش بەت كونۇپكىسى + توك مەنبە كونۇپكىسى) نى بېسىپ تۇرۇپ قوزغاتسىڭىز Volume تاللاش تۈرىدىن ئىككى خىل تاللاش تۈرى چىقىپ قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاۋاز يۇقىرىلىتىش كونۇپكىسىنى باسسىڭىز Download ھالىتىدە قوزغىلىدۇ.


تۆۋەندىكى ئادېرىستىن SAMSUNG I9300 نىڭ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسىنى كومپيۇتېرغا چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز:


SAMSUNG I9300 نى قوزغاتقۇچ دېتال-سېرلىق.


ئەگەر بۇ قوزغاتقۇچ پىروگراممىسى ئارقىلىقمۇ يانفۇننى كومپيۇتېر تونۇمىسا 驱动精灵 نىڭ يېڭى نەشىرىنى قاچىلاپ شۇ ئارقىلىق قاچىلىسىڭىز بولىدۇ.


. Odin بىلەن Odin دىن پايدىلىنىپ قاچىلىماقچى بولغان tar ھۆججىتىنى چۈشۈرىمىز:


I9300_روت ئىلېش دېتالى-سېرلىق


I9300_Root.rar دېگەن بۇ پېرىس ھۆججەتنى يايغاندىن كېيىن ئىچىدە تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك 5 دانە ھۆججەت كۆرۈنىدۇ:





بۇنىڭدىن Odin3 v3.07.exe دېگەن قورالنى ئىجرا قىلىمىز ھەم PDA ناملىق كونۇپكا ئارقىلىق Galaxy3_ROOT.tar ناملىق ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىمىز:




يانفۇن بىلەن كومپيۇتېر نورمال ئۇلانغان بولسا بۇ ئورۇندا ئىنكاس بولىدۇ. ئاندىن PDA ناملىق كونۇپكىدىن مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتنى كۆرسىتىپ بېرىپ ئاستىدىكى Start دېگەن كونۇپكىنى باسساق بىر ئازدىن كېيىن يانفۇن قايتا قوزغىلىدۇ. يانفۇن قايتا قوزغالغاندىن كېيىن يانفۇننىڭ ئىقتىدار تىزىملىكىگە قارايدىغان بولسىڭىز Root باشقۇرغۇچمۇ قاچىلىنىپ بولدى.


ئەمدى 甜椒刷机助手 دېگەن قورال ئارقىلىق يانفۇننى كۆرگەندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى:





بۇ روتلىنىپ بۇلغاندىن كىيىنكى يانفۇن نىڭ ئېكرانى.




تېلېفوننى Root لاپ بولغاندىن كېيىن خەت نۇسخىسىنى ئالماشتۇرۇپ ھوقۇق بېرىۋەتكەندىن كېيىن ئۇيغۇرچە ئەپلەرنى قاچىلاپ ئىشلەتسەكلا ئۇيغۇرچە خەتلەر شۇنداق چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.



[ئەسكەرتىش] بۇ تولۇق سىناقتىن ئۆتكەن جەريان بولۇپ، مەن مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەتلىك قىلدىم.  (millitim)

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 10:55:43

ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. مۇشۇ باھانىدا بىر نەرسىنى سورىۋالسام:

مېنىڭ يانفونۇم samsung s5830i دېگەن يانفون ئىدى. رۇتلاپ بولۇپ ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان بولساممۇ ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. ھەرپلەر ئايرىم ئايرىم چىقىۋالىدۇ. پەقەت ئوڭشىيالمىدىم. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار. بايقىشىمچە يەنە پارسچە، ئەرەبچە قاتارلىق يېزىقلارمۇ شۇنداق باغلاشماي چىقىۋالىدىكەن.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 18:05:56

1- قەۋەتتىكى tursunnنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئورتاقلاشقىنىڭىزغا رەھمەت. مۇشۇ باھانىدا بىر نەرسىنى سورىۋالسام:

مېنىڭ يانفونۇم samsung s5830i دېگەن يانفون ئىدى. رۇتلاپ بولۇپ ئۇيغۇرچە فونت قاچىلىغان بولساممۇ ئۇيغۇرچىنى نورمال كۆرسىتەلمەيۋاتىدۇ. ھەرپلەر ئايرىم ئايرىم چىقىۋالىدۇ. پەقەت ئوڭشىيالمىدىم. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار. بايقىشىمچە يەنە پارسچە، ئەرەبچە قاتارلىق يېزىقلارمۇ شۇنداق باغلاشماي چىقىۋالىدىكەن.




ئۇيغۇرچىنى ئوڭۇشلۇق تونۇتالىسىڭىز ئېغىر كۆرمەي ماڭا ھايت دەۋېتىڭە.مەن ئۇزۇن قېرىشىپ ھېرىپ قېلىپ توختاپ قالدىم.

ablikimjan يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 15:17:02

N7100 نىڭ روتلاش ئۇسۇلى مۇشۇنىڭغا ئوخشاشمىدۇ؟ بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار.
بەت: [1]
: سەنشىڭ I9300 نى Root لاش ئۇسۇلى