ۋىندوۋستا لازىملىق كىچىككىنە ساۋات[تېخنىكا]
دىمەكچى بولغىنىم ئالاھىدە چوڭ بىلىممۇ ئەمەس، لازىم دەپ بىلگەنلەرنىڭ رەھمىتىگە رەھمەت . ئاددى كۆرگەنلەرنىڭ ئىلمىنى ئاللاھ تېخىمۇ زىيادە قىلسۇن.
كومپيۇتېر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كۈندە ئىشلىتىلىدىغان بولدى. ئۇنى ئىشلىتىش جەريانىدا چوڭ مەسىلىلەرنى ئەلۋەتتە كۆڭۈل قويۇپ ئوڭشاپ ماڭىمىز. بىراق بىر قىسىم ئۇششاق ئىشلار كۆزگە كۆرۈنمىگەندەك قىلىدۇ ئەمما داۋاملىق ئادەمنى جىلە قىلىپمۇ قويىدۇ. بۈگۈن شۇ جىلىخورلارنىڭ تۈرىدىن كومپيۇتېرنى قوزغاتساقلا بىزگە لازىم بولمىسىمۇ ئاپتوماتىك قوزغىلىۋالىدىغان بىر قىسىم دېكتاتۇر دېتاللارنىڭ تازا ئوبدان تورمۇزىنى تاپتىم. بەلكىم كۆپىنچە تورداشلار بۇ تورمۇزنىڭ ئورنىغا ھېلىقى 360دەمدۇ، چچ باشقۇرغۇچىسى دەمدۇ... بىر نىمىلەرنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇلارنىڭ ئۆزىمۇ بىر دېكتاتۇر دېتال تۇرسا... ئەزەلدىن خۇشام يوقلۇقىدىن بۇنداق نەرسىلەر بىلەن، ئۇ يىلدىن بۇ يىلغا كومپيۇتېرىمغا پەقەتلا قاچىلاپ سالمايمەنغۇ...
دىمەك يۇقارقىدەك نەرسىلەرنى ئىشلەتمەيمۇ ۋىندوۋسنىڭ ئۆزىدىلا خالىغان دېتاللارنىڭ سېستىما قوزغالغاندىكى ئاپتوماتىك قوز غىلىشىنى توسقىلى بولىدىكەن(بۇ ئەلۋەتتە بولىدۇ، بىراق مېنىڭ ۋە مەندەك بۇرۇن ئىشلىتىپ باقمىغانلارنىڭ پەقەت ۋاقتىدا بىلىشكە كۆڭۈل بۆلمەي بىلمىگەنلا يېرىمىز بار). بۇ ئۇسۇل ناھايىتى ئاددى بولۇپ تۆۋەندىكىچە:
ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىن7(بىراق بۇ ئۇسۇل مېنىڭچە ۋىندوۋسنىڭ ھەرقايسى نەشىرلىرىدە ھەم ئوخشاش ئىشلىشى مۇمكىن).ئىجراغا كىرىمىز ۋە msconfig نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىمىز. چىققان رامكا تىزىملىكىدىن قوزغىتىش يەنى 启动 نى تاللايمىز. ئىچىدىن، بىز قوزغىلىشنى خالىمىغان ھەرقانداق دېتالنىڭ ئىسمىنى ئېنىق جەزم قىلىپ تۇرۇپ (قالايمىقان قىلىپ قويسىڭىز چاتاقمۇ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا دېتالنىڭ ئىسمىنى ئېنىق جەزم قىلىڭ) ئالدىدىكى تاللاشنى بىكار قىلىمىز. ئاندىن بېكىتىۋەتسەكلا، كېلەر قېتىم قوزغالغاندا بۇ نەرسىلەر ئاپتوماتىك قوزغىلىۋېلىپ ئىچىڭىزنى سىقمايدۇ.
(جىمجىت ئاخشامدا ئەدەبىي ھىسلىرىم قۇۋۋەت تېپىپ قاپتىكەن. شۇڭا ھىكايە سۈپەت يېزىپ قويدۇم، يارىماي قالسا ئىگىز قەۋەتتىن چۈشىمەن دىمەي بىلىم تامچىلىرىڭىزدىن ياغدۇرۇپ قويارسىز... شۇ كۇپايە)
رەھمەت كوسەن ، بۇ ئىنكاس ئاندرويدتا يېزىلدى
«, %windir%explorer.exe»نى چاپلاپ جەزىملەشتۈرسەك «ئامبار» يەنى 库 ھۆججەت قىسقۇچ ئېچىلماي «مېنىڭ كومپيوتىرىم» ئېچىلدۇ. چۈنكى «ئامبار» ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ رولى ئانچە چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭدىن مېنىڭ كومپيوتىرم ئېچىلغان ياخشىراق.
kosanنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئىشلىتىۋاتقىنىم ۋىن7(بىراق بۇ ئۇسۇل مېنىڭچە ۋىندوۋسنىڭ ھەرقايسى نەشىرلىرىدە ھەم ئوخشاش ئىشلىشى مۇمكىن).ئىجراغا كىرىمىز ۋە msconfig نى كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىمىز. چىققان رامكا تىزىملىكىدىن قوزغىتىش يەنى 启动 نى تاللايمىز. ئىچىدىن، بىز قوزغىلىشنى خالىمىغان ھەرقانداق دېتالنىڭ ئىسمىنى ئېنىق جەزم قىلىپ تۇرۇپ (قالايمىقان قىلىپ قويسىڭىز چاتاقمۇ چىقىشى مۇمكىن، شۇڭا دېتالنىڭ ئىسمىنى ئېنىق جەزم قىلىڭ) ئالدىدىكى تاللاشنى بىكار قىلىمىز. ئاندىن بېكىتىۋەتسەكلا، كېلەر قېتىم قوزغالغاندا بۇ نەرسىلەر ئاپتوماتىك قوزغىلىۋېلىپ ئىچىڭىزنى سىقمايدۇ.
ctfmonدىن باشقا ھەممىنى ئېتىۋىتىمەن. بىرەر چاتاقنى سەزمىدىم.
مەن تېخى سېستىمىنىڭ بىر قىسىم ھۈججەتلىرىنى قوزغىلالماس قىلىپ قويۇپ ئىش تاپامىكىن دەپتىمەن

مۇشۇ نەرسىگە بەكمۇ ئۆچ بولدۇم،تۇرۇپلا 搜狗update 拼音up دەيدىغان نەرسىلىرى چىقۋالسا تورنىڭ سۈرئىتى شاپپىدە ئاستىلاپ كېتىدۇ، مەن كۆپىنچە مۇشۇنى ئىشلىتىمەنغۇ، ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈپ باقمىدىم.
بولمىسا گوگېلنىڭكىنى ئىشلىتىڭ ئۇمۇ ئالامەت ياخشى. مەن كۆپىنچە مۇشۇنى ئىشلىتىمەنغۇ، ئۇنداق ئەھۋال كۆرۈپ باقمىدىم.
بولمىسا گوگېلنىڭكىنى ئىشلىتىڭ ئۇمۇ ئالامەت ياخشى.