ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 11:05:18

خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقى

خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقى







تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(25.02.2013) خەۋىرى:

بۇ ھەپتە خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقى.

ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا تەرىپىدىن ئىرقى قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئېلمان ئابدۇللايېۋ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتتا، «خوجائەلى ۋەقەسىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە چەت ئەللەردىكى ۋەكالەتخانىلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دىئاسپورا تەشكىلاتلىرى جىددىي خىزمەت ئىشلىمەكتە. ئەرمېنىيە بولسا خوجائەلىدا يۈرگۈزگەن ۋەھشىيانە قەتلىئامىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. بىزمۇ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى بۇ ۋەھشىيانە قىلمىشقا بۇراشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.

ئابدۇللايېۋ، بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەرنىڭ تاكى ئەرمېنىيە قانۇنىي جەھەتتىن يۈزلەرچە ئەزەربەيجان پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانغا قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇللايېۋ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئاركانساس ئىشتاتى بىلەن رومېنىيە پارلامېنتى خوجائەلى قەتلىئامىنى ئىرقى قىرغىنچىلىق سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلدى. دېمەك خەلقئارا جامائەتچىلىكمۇ ھەقىقەتلەرنى تونۇپ يېتىشكە باشلىدى.»

خوجائەلى قەتلىئامى، قاراباغ ئۇرۇشى مەزگىلىدە 1992-يىلى 26-فېۋرال كۈنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىىتىنىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىغا جايلاشقان خوجائەلى يېزىسىدا يۈز بەرگەن ۋە ئەزەربەيجان پۇقرالىرى ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئاممىۋى ھالدا قەتلە قىلىنغان ۋەقەدۇر.

«Memorial» كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش مەركىزى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، «‹ New York Times› گېزىتى» ۋە «‹ Time› ژۇرنىلى»غا كۆرە، خوجائەلى قەتلىئامى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 366-موتورلاشقان پىيادە قىسمى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خوجائەلى قەتلىئامىنى تاغلىق قاراباغ ئىشغال قىلىنغاندىن بۇيان يۈرگۈزۈلگەن ئەڭ ۋەھشىيانە قەتلىئام دەپ ئاتىدى.

ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەسمىي باياناتىغا كۆرە، خوجائەلى قەتلىئامىدا 106 سى ئايال، 83 ى نارىسىدە بالا بولۇپ، جەمئىي 613 ئەزەربەيجان پۇقراسى ھاياتىدىن ئايرىلغان.

★★★★★

http://www.trtuyghurche.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=c19d8b1d-4dd0-4ff1-ae4a-748d24c58609

★★★★★





خوجائەلى قەتلىئامى ئەسلەندى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(25.02.2013) خەۋىرى:

ئەزەربەيجاننىڭ خوجائەلى بازىرىدا يۈز بەرگەن قەتلىئام، يېقىنقى 100 يىل ئىچىدە يۈز بەرگەن ئەڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكىگە 21 يىل بولغان بولسىمۇ، ئازابى ھازىرغىچە ئاخىرلاشقىنى يوق.

بۇ يىلمۇ تۈركىيەدە «ئىككى دۆلەت بىر مىللەت، خوجائەلىغا ئادالەت» شوئارى ئاستىدا، خوجائەلى شېھىتلىرىنى ئەسلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى. ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئەزەربەيجانلىق بىگۇناھ پۇقرالار ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ۋەھشىلەرچە قەتلىئامى ئەنقەرە سىھھىيە مەيدانىدا ئەسلەندى. خوجائەلىدە قەتلىئامغا ئۇچرىغانلار ئىستانبۇلدىمۇ ئۇنتۇلۇپ قالمىدى. قەتلىئام يۈز بەرگەن كۈنگە ساناقلىق كۈنلەر قالغاندا، ئىستانبۇل دولماباغچىدا توپلانغان 150 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا پىيادە يۈرۈش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. كىشىلەر يۈزلەرچە كىچىك بالا ئۆلتۈرۈلگەن ۋەقەگە قارشى رەسىملەر ۋە لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ نارازىلىقىنى بىلدۈردى.

رەسىملەرنى كۆرگەن زىيارەتچىلەر كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى.

★★★★★

http://www.trtuyghurche.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=cac7904c-9eab-4fe1-bef8-da388d5ba3ef

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 11:26:43

ئامېرىكىدىكى ئەزەربەيجانلىقلار باراك ئوبامانى ئەرمەنىلەر ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى




\"\"



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(16.02.2013) خەۋىرى:

ئامېرىكىدىكى ئەزەربەيجانلىقلار باراك ئوبامانى ئەرمەنىلەر ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى

ئاق ساراي رەسمىي ئىنتېرنېت تور بېتىدە، ئەرمەنى قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ 1914-يىلدىن 1922-يىلغىچە ئاندولۇدا ئېلىپ بارغان قەتلىئام قىلمىشلىرىدىن دۇنيانى خەۋەردار قىلىش ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوبامانىڭ قەتلىئام قىلمىشلىرى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە ئىمزا توپلاش سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلدى.

ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈرك ۋە ئەزەربەيجان ئاممىۋى جەمئىيەتلىرى، ئوباما ھاكىمىيىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىنىڭ «خەلقىمىز» كاتىگورىيەسىگە «ئىرقىي قىرغىنچلىقىنى ئەسلەڭلار ۋە خاتىرلەڭلار» ئىسىملىك ئىلتىماس كىرگۈزۈلدى.

ئاتالمىش «ئەرمەنىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» قۇربانلىرىغا ئاتاپ پىرىزېدېنت باراك ئوبامانىڭ بايانات ئېلان قىلىشى ئۈچۈن ئەرمەنىلەر تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىگە قارشى ھالدا ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ئامېرىكا خەلقى ۋە سىياسەتچىلىرىنى ئەرمەنىي قەتلىئاملىرىدىن خەۋەردار قىلىش مەقسەت قىلىنغان ئىلتىماسنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

«1914-يىلدىن 1922-يىلغىچە ئەرمەنىلەرنىڭ تاشناك بىلەن ھىنچاك قوراللىق ئۇنسۇرلىرىۋەرۇسىيە، گىرېتسىيە ۋە فىرانسىيە ئارمىيەسىگە قوشۇلغان ئەرمەنىي پىدائىيلىرى، سىستېمىلىق ھالدا ئانادولۇ ۋە كاۋكاز رايونلىرىدىكى تۈركلەر ۋە كۈرتلەرنى ۋەھشىيلەرچە قىرغىن قىلدى. 523مىڭ 955 مۇسۇلمان، بۇ ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچلىقنىڭ قۇربانى بولدى. نۇرغۇن ئادەم ئىز-دېرەكسىز  يوقاپ كەتتى ياكى كوللېكتىپ ھالدا كۆمۈۋېتىلدى. غەربلىك تارىخچىلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا، ئەينى دەۋىردە ئەڭ ئاز 2 يېرىم مىليون ئادەم مىللەتچى ئەرمەنىلەر تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئامېرىكىدىكى تۈركلەر ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋاكالىتەن بىز پىرىزېدېنت باراك ئوبامانى ئەرمەنىيلەر ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىمىز.»

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، بۇ خىلدىكى سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىدە بېكىتىلگەن مۇددەت ئىچىدە يېتەرلىك ئىمزا توپلانغان ئەھۋالدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرىزېدېنتى باراك ئوبامانىڭ مەزكۇر مەسلە ھەققىدە رەسمىي بايانات بېرىشىنى ۋەدە قىلىدۇ. سەپەرۋەرلىك پائالىيىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە قانۇنى كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن 15-مارتقىچە 100مىڭ ئىمزا توپلىنىشى شەرت. ئەزەربەيجانلىقلار، ئۆتكەن ئايمۇ خوجائەلى قەتلىئامى توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، پىرىزېدېنت باراك ئوبامادىن خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقىدا قەتلىئام ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىشى تەلەپ قىلىنغان ئىلتىماسقا قىسقا مۇددەت ئىچىدە 100مىڭ ئادەم ئىمزا قويغان ئىدى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=ae82d02a-c993-4e43-8be9-dce8e2b2e47f

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 11:28:01

قوشۇمچە:

«خوجائەلى ئۈچۈن ئادالەت»



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(27.02.2012) خەۋىرى:

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، 2-ئاينىڭ 26-كۈنى خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ خاتىرە كۈنى. ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيەدە خوجائەلى قەتلىئامىغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە يىغىنلار، لېكسىيە سۆزلەش شۇنداقلا ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن فوتوگراپ ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى بۇلارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام تەشكىلاتى ياشلار مۇنبىرىنىڭ «خوجائەلى ئۈچۈن ئادالەت» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق پائالىيىتى دائىرىسىدە خوجائەلى قەتلىئامىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان فوتوگراپ ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى تاكسىمدا ئېچىلدى. كۆرگەزمىنىڭ باشلىنىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇئاۋىن تەنتەربىيە مىنىستىرى ئىنتىگام بابايېۋ، دۇنيانىڭ خوجائەلى قەتلىئامى ھەققىدە ناھايىتى ئاز مەلۇمات بېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ھەقتە ئېچىلىۋاتقان يىغىن ۋە رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىنى خوجائەلىدە قانخورلارچە قەتلىئام قىلغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ يەنە، خوجائەلىدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقنىڭ بىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ياشلارنىڭ زىممىسىگە چوڭ ۋەزىپىلەرنىڭ چۈشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«خوجائەلىغا ئادالەت» پائالىيىتى دائىرىسىدە گوللاندىيە پارلامېنتىدا خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى ئۈچۈن توپلانغان بىر مىليون كىشىلىك ئىمزا سۇنۇلدى. ئەزەربەيجاننىڭ گوللاندىيەدىكى ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، گوللاندىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان «خوجائەلىغا ئادالەت» پائالىيىتىنىڭ ۋەكىللىرى، خوجائەلى قەتلىئامىدىن ئۇچۇر بېرىپ، 20 يىل بۇرۇن ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئەزەربەيجان خەلقىگە قارشى ئۆتكۈزۈلگەن بۇ جىنايەت جاۋابكارلىرىنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇ پاجىئەنىڭ گوللاندىيە پارلامېنتىدا مۇھاكىمە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلغان.

رۇسىيەنىڭ 366-ماشىنىلاشقان پىيادە قىسمىنىڭ ياردىمىنى ئالغان ئەرمەنى كۈچلىرى، 1992-يىلى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاغلىق قاراباغقا جايلاشقان خوجائەلى رايونىدا ئەزەربەيجانلىقلارغا قەتلىئام يۈرگۈزۈپ، 106 ئايال، 63 كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي 613 ئادەمنى ئۆلتۈردى. ۋەقەدە 150 ئادەم غايىپ بولدى. 487 ئادەم ناھايىتى ئېغىر يارىلاندى.

ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، قىرغىنچىلىقتا كىشىلەر ئوتتا كۆيدۈرۈلۈپ ئۆلتۈرۈلگەن، كۆزلىرى ئويۇۋېلىنغان ۋە باشلىرى كېسىلگەن.

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 11:28:55

قوشۇمچە:

خوجائەلىي قەتلىئامى خاتىرلەندى



تۈركىيە ئاۋازى رادىئوسى(27.02.2010) خەۋىرى:

26 – فېۋرال خوجائەلىي قەتلىئامىنىڭ 18 يىللىقى خاتىرلەندى.

1992– يىلى 26 – فېۋرال رۇسىيىنىڭ ياردەم قىلىشى ئارقىسىدا ئەزەربەيجاننىڭ خوجائەلىي يېزىسىغا كىرگەن ئەرمەنىيلەر، كۆپىنچىسى ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالىلار ۋە ياشانغان كىشىلەر بولۇپ، جەمئىي 613 ئەزەرىي تۈركىنى قەتلىئام قىلغان ئىدى.

20- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىكى چوڭ قەتلىئامنىڭ قۇربانلىرى مۇراسىملار بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىڭلىغان ئەزەربەيجان خەلقى باكۇدىكى خوجائەلىي قەتلىئامى مازارلىقىنى زىيارەت قىلدى.

ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسى ئىلھام ئەلىيىۋ، مازارلىققا گۈلچەمبىرەك قويدى ۋە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇردى.

تۈركىيىنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلىكىدىمۇ خوجائەلىي شىھىتلىرى مۇراسىم بىلەن خاتىرلەندى.

★★★★★

http://www.trt.net.tr/trtworld/luy/newsDetail.aspx?HaberKodu=0517e451-5521-42da-8246-9e0bc1bd6d73

★★★★★

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 14:12:42

تېمىنى غۇلجا قەتلىئامى دەپ ئوقۇۋاپتىمەن ، توۋا....  {:136:}

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 14:37:18

قايسى بىر كىنولاردا روس چوشقىسى دىگەن نامنى داۋاملىق ئاڭلاپ تۇراتتۇق.ئەمدى چۈشەندىمكى بۇلار چوشقىدىنمۇ؟؟؟؟؟نىمىلەركەن! \"\" \"\"

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 14:53:01

نېمە دېگەن ئېچىنىشلىق! بېگۇناھ ئاۋامغا قارشى قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ئېنسانىيەتنىڭ ئەخلەتلىرى مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر جاجىسىنى يېيىشى كېرەك!

ئىلگىرى «ئەرمىنىيە قىرغىنچىلىقى» دېگەن گەپنى تولا ئاڭلايتۇق. يەنى ئەرمەنلەر تۈرىكلەر ئەينى دەۋىردە ئانادولونىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى ئەرمەنلەرنى كافكازغا كۆچۈرگەن ۋە شۇ جەرياندا قارشىلىق قىلغان ئەرمەنلەرگە سېستېمىلىق ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىپ مىليوندىن ئوشۇق ئەرمەن پۇقراسىنى ئۆلتۈرگەن دەپ. مۇشۇ سەۋەب تۈپەيلى فىرانسىيە تۈركىيىنىڭ ياۋروغا ئەزا بولۇشىغا قارشى تۇرغانغۇ دەيمەن.خەلىقئارادا مۇشۇ ئەرمىنىيە قىرغىنچىلىق داۋاسى يەھۇدىيلارنىڭكىدىن قالسا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرامدىكى دەپ ئويلىغان.

ئەمدى بۇ ئىشنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولىدۇ، خەتكۈچ قالدۇرۇلدى.

Anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 17:47:23

دانا0999، سىلىنىڭ ئايكىيۇ 170كەن ھە؟  {:92:}

Anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 18:12:51

170 ئايكىيۇنى بانكىغا قويۇپ ئۈسۈمىنى ئىشلىتىۋاتقان ئوخشايسىلە ھازىر ، ئا قەدىمكى زاماندىكى قىرغىنچقىلىققا ياۋرۇپا ئىتتپاقىغا كىرگۈزمەيدىغان ئىش بولسا گىرمانىيە ،فىرانسىيەلەر ئافرىقىغا كۆچۈپ كەتسە بولىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاساسلىق باھانىسى كۈرتلار مەسلىسى ،لىكىن ئاساسلىق سەۋەبى ئىختىسادى ئامىل ،چۈنكى تۈركىيە دۇنيادىكى ھاياتى كۈچى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ياۋرۇپا ئتتىپاقىغا كىرسە ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگۇنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىكىدەك ئەھۋال شەكىللىنىپ ،فىرانسىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتپاقىدىكى باشلامچىلىق ئورنىغا خىرىس ئىلىپ كىلىدۇ ،شۇڭا مۇشۇ باھانىنى تاپقان .ئەرمەنلەر مەسلىسىنى داۋراڭ قىلىپ باققان ، لىكىن بۇ ئىش ياۋرۇپا ئىتتپاقىغا كىرىش مەسلسى بىلەن باغلىنىشلىقى يوق ،پەقەت شۇ مەسلىنى ئىتراپ قىلىش ۋە شۇ بىر دۆلەت قانۇنىغا كىرگۈزۈش بىلەن تۈگدى ، تىخى بىر كىم بۇ قانۇننى ھەقىقىي ئىجرا بولغىنىنى ئاڭلىمىدى. يەنە بىر گەپ ئەرمەن مەسلسى بىلەن بۇ مەسلىنىڭ خاراكتىرى ئوخشىمايدۇ ،ئەرمەن مەسلسى تىخى تولۇق ئىتراپ قىلىنمىدى ، تىمىدىكى ۋەقە تىمىدىكىدەك ئىنىق.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 18:18:05

تۈرك دۇنياسىدا خۇجائەلى قەتلىئامىدا قۇربان بولغانلار ئەسلەپ ئۆتۈلدى



\"\"



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(26.02.2013) خەۋىرى:

ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى خۇجائەلى شەھىرىدە 613 بىگۇناھ كىشىنىڭ قەتلى قىلىنغانلىقىنىڭ 21-يىللىقىدا خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلدى.

گوللاندىيەدە ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىدىكى خۇجائەلى شەھىرىدە 1992-يىلى ئەرمەنى قىسىملىرى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغانلارنىڭ ئېچىنىشلىق تىراگېدىيەسىنى تەسۋىرلىگەن «خوجا» ناملىق فىلىم قويۇلدى. خۇجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن گوللاندىيەنىڭ لاھېي ۋە روتتېردام شەھەرلىرىدە قويۇلغان فىلىم، تۈركلەر ۋە ئەزەربەيجانلىقلاردىن سىرت، گوللاندىيەلىكلەرنىڭمۇ قىزىقىشىنى قوزغىدى.

قىرغىزىستاندا بۇ ئاي ۋەزىپە باشلىغان ئەزەربەيجاننىڭ بىشكەكتە تۇرۇشلۇق ئەلچىسى ئىدايات ئورۇدجېيېۋ، خۇجائەلى قەتلىئامىنىڭ قۇربانلىرىنى ئەسلەش مەقسىتىدە قىرغىزىستاندىكى ئەزەربەيجانلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئەلچىخانىغا يىغىلدى. خۇجائەلى قەتلىئامى تەسۋىرلەنگەن فوتو-سۈرەت گۆرگەزمىسى بىلەن تارىخ كىتابلىرى ئورۇن ئالغان يىغىن زالىدا، قۇربانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ بىر مىنۇتلۇق ھۆرمەت بىلدۈرۈلگەندىن كېيىن «خۇجائەلى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. ئورۇدجېيېۋ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «خۇجائەلى قەتلىئامى يالغۇز ئەزەربەيجان خەلقىگە ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئام ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق بولماستىن، پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچلىقتۇر.» خۇجائەلى قەتلىئامىنىڭ 20-ئەسىردە يۈز بەرگەن ئەڭ قانلىق جىنايەتلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئورۇدجېيېۋ، «ئەرمەنى دۆلىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغانلىقى»نى تەكىتلىدى. بۇ ئارىلىقتا، قىرغىزىستان تۈركىيە ماناس ئۇنىۋېرسىتېتىدا خۇجائەلى قەتلىئامىنى تېما قىلغان 102 مىنۇتلۇق «خوجا» ناملىق فىلىم قويۇلدى.

خۇجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ھاجى ھاجەر  جامەسىدە، ئىغدىر ئەزەربەيجان جەمئىيىتى تەرىپىدىن قەتلىئامدا شېھىت بولغانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلىندى. خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلغان ئىغدىر ئەلھىبەيت ئالىملىرى جەمئىيىتى باشلىقى ۋەلى بەدەر، ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىك ئىچىدە ياشاش كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، خۇجائەلى قەتلىئامىنى سادىر قىلغۇچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىدى. ئەزەربەيجان جەمئىيىتى باشلىقى سەردار ئۈنسال مۇنداق دېدى: «شېھىت بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەپ ئۆتتۇق. ئەرمەنلەر 1915--1920-يىللىرى ئارىسىدا ئىغدىر ۋە ئەتراپىدا قەتلىئام ئېلىپ بېرىپ 80 مىڭدىن ئارتۇق قېرىندىشىمىزنى قەتلى قىلدى. يەنە شۇ ئەرمەنلەر ۋەھشىيلىكلىرىنى ۋە قانخورلۇقىنى 1992-يىلى خوجائەلىدە يەنە تەكرارلىدى. خوجائەلىدە 600دىن ئارتۇق ئادەم شېھىت بولدى. ھازىر 1 مىليون 500 ئادەم مۇساپىرلىق ھالىتىدە تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئەزەربەيجان زېمىنلىرىنىڭ ئۈچتە بىرى ئىشغالىيەت ئاستىدا تۇرماقتا. بۇ سەۋەبتىن ئەرمەنىلەرنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز ۋە بۇ زېمىنلاردىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلىمىز.»

ئەرزۇرۇمدا ئاساسسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋالىرىغا قارشى كۈرەش قىلىش جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئەرمەنىيەنىڭ 1992-يىلى ئەزەربەيجان زېمىنىنى ئىشغال قىلىش جەريانىدا خوجائەلى ناھىيەسىدە ئېلىپ بارغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشلىرىغا كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى بۇراش ئۈچۈن تۆت خىل تىلدا ھۆججەتلىك فىلىم تەييارلاپ چىقتى.

بۈيۈك بىرلىك پارتىيەسى باشلىقى مۇستافا دەستىجى، خۇجائەلى قەتلىئامىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ خەلقئارا ئەدلىيە مەھكىمىسىدە سوتلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاناۋەتەن پارتىيەسى باشلىقى ئىبراھىم چەلەبى، خۇجائەلى قەتلىئامىنىڭ تۈرك مىللىتىگە قارشى سادىر قىلىنغان جىنايەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

چەلەبى خۇجائەلى قەتلىئامى توغرۇلۇق بايانات ئېلىپ قىلىپ، 1992-يىلى 25-، ۋە 26-فېۋرالدا ئەزەربەيجاننىڭ تاغلىق قاراباغ رايونىنىڭ خۇجائەلى ناھىيەسىدە ئەرمەنلەر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان قەتلىئامنىڭ 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ بالايى-ئاپەتلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تارىخى سەھىپىلەردە خاتىرىلىنىپ قالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=3877d08a-b70d-4d6f-a107-800521048596

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 18:27:06

ئەزەربەيجان




\"\"

  

دۆلەت نامى:

ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى



مۇھىم بايراملىرى:

مۇستەقىللىق كۈنى: 8-ئاينىڭ 30-كۈنى (1991-يىلى)



دۆلەت رەھبەرلىرى:

زۇڭتۇڭ ئىلھام ئەلىيېف، 2003-يىلى 10-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، 2008-يىلى 10-ئايدا قايتا سايلانغان.



\"\"



تەبىئىي جۇغراپىيەسى:

ئاسىيا قىتئەسى بىلەن ياۋروپا قىتئەسى چېگرىلىنىدىغان جايدىكى تاشقى كاۋكازنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، كۆلىمى 86 مىڭ 600 كۋادرات كىلومېتىر. شەرقىدە كاسپى دېڭىزى بار، جەنۇبتا ئىران ۋە تۈركىيە بىلەن، شىمالدا رۇسىيە بىلەن، غەربتە گىرۇزىيە ۋە ئەرمىنىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئوتتۇرا ئاراس ئويمانلىقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەرمىنىيە بىلەن ئىراننىڭ ئوتتۇرىسىغا كىرىپ قالغان ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ۋە ناگورنو قاراباخ ئاپتونوم ئوبلاستى تاشقى زېمىنلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ %50تىن كۆپ زېمىنى تاغلىق بولۇپ، شىمالىدا چوڭ كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى، جەنۇبىدا كىچىك كاۋكاز تاغ تىزمىلىرى بار. ئاساسىي دەريا ئېقىنلىرىدىن كۇرا دەرياسى ۋە ئاراس دەرياسى بار. كىلىماتى كۆپ ئۆزگىرىشچان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.



پايتەختى:

پايتەختى باكۇ مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت مەركىزى، شۇنداقلا كاسپى دېڭىزىدىكى ئەڭ چوڭ پورت. بۇ شەھەر ئاپشېرۇن ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، نېفىت سانائەت مەركىزى ھېسابلىنىدۇ، «نېفىت شەھىرى» دېگەن نامى بار. 10 مەمۇرىي رايون ۋە 46 شەھەر-بازاردىن تەركىب تاپقان، يەر كۆلىمى 2200 كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 1 مىليون 828 مىڭ 800. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 4 سېلسىيە گىرادۇس، 7-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 27.3 سېلسىيە گىرادۇس.



نوپۇسى:

8 مىليون 246 مىڭ (2003-يىل 10-ئايدىكى ئىستاتىستىكا).

ئاساسلىق مىللەتلەردىن ئەزەربەيجانلار(%77.3نى ئىگىلەيدۇ)،

ئەرمەنلەر(%5.6نى ئىگىلەيدۇ)

رۇسلار(%5.2نى ئىگىلەيدۇ) بار.

ئاھالىلەر، ئاساسلىقى، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.

ھۆكۈمەت تىلى ئەزەربەيجان تىلى(ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ جەنۇبىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا تەۋە)، رۇس تىلى ئورتاق قوللىنىلىدۇ.



قىسقىچە تارىخى:

مىلادى 3-ئەسىردىن 10-ئەسىرگىچە پېرسىيە، ئەرەب خەلىپىلىكى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان. 9-ئەسىردىن 16-ئەسىرگىچە شىرۋان فېئودال دۆلىتى قۇرۇلغان. 11-ئەسىردىن 13-ئەسىرگىچە ئەزەربەيجان مىللىتى شەكىللەنگەن. 11-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە سالجۇقىيلار، تاتارلار، تېمۈرىيلەرنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىران سەفەۋىيلەر سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1813-يىلى ۋە 1928-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ شىمالىي قىسمى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان. 1917-يىلى 11-ئايدا سوۋېت ھاكىمىيىتى قۇرۇلغان. 1918-يىلى يازدا ئەنگلىيە ۋە تۈركىيەنىڭ قوراللىق مۇداخىلىسىگە ئۇچرىغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ياردىمىدە سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1920-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئەزەربەيجان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان، 1922-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تاشقى كاۋكاز سوۋېت فېدېراتىپ سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىگە قوشۇلغان، شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 30- كۈنى مۇشۇ فېدېراتسىيەنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا كىرگەن. 1936-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت بولغان. 1991-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى دۆلەت نامىنى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتكەن. شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان، ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

★★★★★

http://uyghur.people.com.cn/157624/15141187.html

★★★★★

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 18:42:01

ئېسىمدە قېلىشىچە رەھىمىسىز فىرۇنت دىگەن تىلۋىزىيە فىلىمىنىڭ ئاخىرقى بۆلىكى  گىرمانىيىنىڭ ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىدە ئەزەربەيجاننىڭ نىفىتىنى كۆزلەپ ئېلىپ بارغان سىتراتىگىيلىك پىلانى ئاساسى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىدۇ.

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 18:47:58

Anty_almas. تېمىنىڭ ئاستىدىكى ئېنكاسلارغا ئانچە ئېنچىكە دېققەت قىلىپ كەتمەپتىمەنكەن. شۇ تۈرىك- ئەرمەنلەرنىڭ زىدىيتىگە مۇناسىۋەتلىك قىرغىنچىلىق ئوخشايدۇ دەپلا ئويلاپتىمەن.

لېكىن مېنىڭ پوزىتسىيىرىم ئېنىق، مەيلى كىم كىمنى قىرغىن قىلغان بولسۇن، بۇنداق؟؟؟؟؟؟؟؟ئىشنى قىلغۇچىلاردىن نەپىرەتلىنىمەن. بۇنىڭ كىمنىڭ قىرغىنچىلىقى بولۇشى مېنىڭ پوزىتسىيىرىمگە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.

لېكىن فىرانسىيەنىڭ ئەرمىنىيە قىرغىنچىلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ۋە بۇنى تۈركىيىنى ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىرگۈزمەسلىككە باھانە قىلغانلىقىنى بىلىمەن. نەچچە يىللار ئالدىدىكى ئىشقۇ بۇ. ما تېمىغا توغرا كېلىپ قالغاچقا شۇنداقلا دەپ قويغان.

لېكىن سىزنىڭ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ئىتىپاقىغا كىرىشكە ئىقتىسادى ئامىل سەۋەبچى بولغان دېگىنىڭىزگە قايىل ئەمەس. چۈنكى بۇ پەقەت نۇرغۇن ئامىللارنىڭ ئىچىدىكى بىرى خالاس.

ئامرىكا ۋە فىرانسىيەدە كۆرىنەرلىك نىسبەتتە ئەرمەن نوپوسى بار. ئەنە شۇلار ئەشۇ دۆۋلەتنىڭ سىياسىتىگە مۇئەييەن ئەمەلى تەسىر كۆرسەتكۈچىلەر. ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئەينى ۋاقىتتا شۇ توپىلاڭلارنىڭ ۋە قىرغىنچىلىقلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كۈشكۈرىتكۈچىسى روسىيە بولغان.

تۈركىيىنىڭ ئىقتىسادى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېنتايىن تېز تەرەققى قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ فىرانسىيىنىڭ ئىقتىسادىغا رىقابەت ئېلان قىلىشىغا تېخى بالدۇر. ئەينى ۋاقىتتا تېخىمۇ شۇنداق ئېدى.

بەلكىم ھازىرقىدەك سۈرئەتتە تەرەققى قىلسا يەنە ئون يىلغىچە شۇ دەرىجىدىكى ئىقتىسادى رىقابەت كۈچىگە يېتىشى مۇمكىن. مەنمۇ قېرىنداش مىللەت بولغان تۈرىكلەرنىڭ دۇنيادىكى قۇدرەتلىك بىر ئەلگە ئايلىنىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.

ئەمدى ئەرمىنيە قىرغىنچىلىقى ياكى ئەرمەنلەر قىلغان قىرغىنچىلىققا كەلسەك، ئالدىنقىسىنىڭ ۋاقتى 1905- يىلىغۇ دەيمەن، ئۇ ئاللىقاچان تارىخقا ئايلاندى. ئەينى يىللاردا شۇ ئىشلارغا باش بولغانلار (ئەگەر راس بولسا) ئاللىقاچان چىڭ دۇنياغا كەتتى. ئەمما ئەگەر شۇ ئىشلار راس بولسا تۈرىكلەرمۇ ئەرمەنلەردىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

قارىسام ھەر ئىككى تەرەپ كەمتەرلىك ۋە سەمىيمىيلىك بىلەن بىر قەدەم ئارقىغا چېكىنمىسە ئۆچمەنلىك پەسىيىدىغاندەك ئەمەس.

ئەمدى ماۋۇ مەسىلگە كەلسەك، بۇ يېقىندا يۈز بەرگەن ئىشكەن، مېنىڭچە، بۇ رەزىل قىرغىنچىلىقنى يۈرگۈزگۈچىلەر چوقۇم خەلىقئارالىق سوتقا تاپشۇرۇلۇپ، ناتسېسلارغا ئوخشاش بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.

مەن بۇ تېمىدا بىر جەھەتتىن تارازىنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىنى ئويلىشىپ ئۆز ھېسىياتىمنى مۇنداقلا يېزىپ قويغان، بۇنىڭغا ئەقىل بۆلۈنمىسى 170 نى تىلغا ئېلىش ھاجەتسىز.  {:107:}

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 19:07:50

ما ئەزەربەيجانلار ئەرمەنلەرنىڭ ئەدىپىنى بىرىدىغاننىڭ چوتىنى قانداقراق سوقىۋاتىدىكىن...ھۇشيارراق تۇرمىسا روسلار ئەرمەنلەرنىڭ كۆتىگە ئوت يېقىپ يەنە يەلپۈيدىغان چىراي

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 19:13:22

قىرغىنچىلىق نىمە مەقسەت، قانداق بېر ئۇلۇغۋار غايە ئۇچۇن ئىلىپ بېرلىغان بۇلشىدىن قەتىنەزەر قىرغىنچىلىقتۇر، قىرغىنچىلىق قىلغۇچىلار جىنايەتچلاردۇر.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 20:52:34

تۈركىيەدە خوجائەلى قەتلىئامىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا




\"\"



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(26.02.2013) خەۋىرى:

خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقىنى ئەسلەپ ئۆتۈش مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدە تۈرلۈك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئەنقەرەدە تۈركىيە ھئاۋىئاتسىيە ئورگىنى خوجائەلى قەتلىئامىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزدى.

يىغىن قەتلىئام تونۇشتۇرۇلغان ۋىدېئولۇق كۆرۈنۈشلەر بىلەن باشلاندى.

يىغىندا، خوجائەلى قەتلىئامىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيە يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

يىغىنغا ئەزەربەيجاندىن ئىشتىراك قىلغان بىر پارلامېنت ئەزاسى تۈركىيە-ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

يىغىن ئىشتىراكچىلىرى، «خوجائەلى قەتلىئامىنى ھەرگىزمۇ ئۇنۇتمايمىز ھەمدە ئۇنۇتتۇرمايمىز» دېيىشتى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=3ef5f1f5-5626-440b-b3be-5cab17501b74

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:01:29

خوجائەلى قەتلىئامى ئۇكرائىنادمۇ خاتىرىلەندى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(26.02.2013) خەۋىرى:

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكىگە ئوخشاشلا ئۇكرائىنادىمۇ خوجائەلى شېھىتلىرى ئۇنۇتۇلمىدى.

ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىئېۋدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە خوجائەلى قەتلىئامى تونۇشتۇرۇلغان فوتۇ-سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى.

پائالىيەتكە قاتناشقان تۈركىيەنىڭ كىئېۋ باش ئەلچىسى مەھمەت سامسار، خوجائەلى قەتلىئامى توغرۇلۇق توختالغاندا، ھەممە كىشىنىڭ بۇ ۋەقە توغرۇلۇق ۋىجدان ھېسابى قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

سامسار، قەتلىئامنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا تونۇشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ھەمىشە ئەزەربەيجاننى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەم شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەزەربەيجاننىڭ كىئېۋ باش ئەلچىسى ئەينۇللاھ مەدەتلىمۇ، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ دوستانە ۋە قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

مەدەتلى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ دەرد-ئەلەملىرىمىزمۇ، تەقدىرىمىزمۇ، غەم-قايغۇمىزمۇ، خۇشاللىقىمىزمۇ بىردۇر، ھەيدەر ئېلىيېۋ ئېيتقاندەك، بىز بىر مىللەت ئىككى دۆلەتمىز.»

پائالىيەت، خوجائەلى قەتلىئامى تونۇشتۇرۇلغان ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ قويۇلۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=db700dde-b125-413f-bc2f-ccc5bacbbc05

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:18:01

ئامېرىكا تېكساس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنتى خوجائەلى قەتلىئامىنى ئېتىراپ قىلدى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(26.02.2013) خەۋىرى:

قەتلىئام يۈز بەرگەنلىكىگە 21 يىل بولغان كۈندە خوجائەلى شېھىتلىرى ئۇنتۇلۇپ قالمىىدى. ئامېرىكىنىڭ خوستون شەھىرىدە خوجائەلى شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تۈرك كۈلتۈر مەركىزىنىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە، تېكساسلىق سىياسەتچىلەر يېقىندىن كۆڭۈل بۆلدى. پائالىيەتكە قاتناشقان پارلامېنت ئەزاسى جېيىن ۋۇ تېكساس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنتى خوجائەلى قەتلىئامىنى ئېتىراپ قىلغان قارارنامىنىڭ بىر نۇسخىسىنى ئەزەربەيجان مەسئۇللىرىغا تاپشۇردى.

جېيىن ۋۇ: «تېكساس ئىشتاتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزمۇ خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقىنى خاتىرىلەيمىز. بۇ بىگۇناھ كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان تىراگېدىيەلىك بىر ۋەقەدۇر، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەپسۇسلىنىشى لازىم» دېدى.

ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مەمەت تالىبوۋ، تۈركىيە مەسئۇللىرىغا پائالىيەتكە ساھىبخانلىق قىلغانلىقلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ يەنە، ئەرمېنىيە يۈرگۈزگەن قەتلىئامنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلنىشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=dac77d46-7d73-48c7-ad20-3370097bc587

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 21:37:51

خوجالى قەتلىئامى ھېچ ئۇنتۇلمىدى



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(22.02.2013) خەۋىرى:

خوجائەلى بۈگۈنكى كۈندە ئەرمېنىيەمنىڭ ئىەشغالىيىتى ئاستىدىكى بىر يېزا بولسىمۇ ئەمما بارلىق رەسمىي ئورگانلىرى بىلەن ئاقچاكەنتتە ياشىتىلماقتا.

خوجائەلى بۇنىڭدىن 21 يىل ئىلگىرى ئەرمېنىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. ئۈمىد، ھاياجان ۋە سۆيگۈ بىلەن بىرلىكتە خوجائەلى يېزىسىمۇ بىر كۈندە خەرىتىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كەتتى.

خوجائەلى قەتلىئامىدا 613 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 487 كىشى ئېغىر يارىلاندى.

قەتلىئام يۈر بەرگىنىگە شۇنچە ئۇزۇن يىللار بولغان بولسىمۇ ئەمما خوجائەلى ھېچ ئۇنتۇلمىدى.

ئاقچاكەنتتە، ۋىلايەتنىڭ ئىسمىمۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمىمۇ، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئىسمىمۇ خوجائەلى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق بارلىق رەسمىي ئورگانلاردا ياشىتىلماقتا.

ئاقچاكەنت، ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ ۋاقىتلىق تۇرالغۇسى. چۈنكى ئۇلار ھامان بىر كۈنى چوقۇم خوجائەلىغا قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=b01242dc-89d6-4fa1-a2ca-bf7384d03ff4

★★★★★

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 22:07:18

ئەرمەنلەرنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنىغا كۆچۈشلىرى داۋاملاشماقتا



تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(22.01.2013) خەۋىرى:

ئەرمەنى ئائىلىلىكلەرنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئەزەربەيجان زېمىنىغا كۆچۈشلىرى داۋاملاشماقتا.

2012-يىلى 114 ئائىلىلىك ئەرمەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى قاراباغقا كۆچتى.

415-كىشىدىن تەشكىل تاپقان بۇ ئائىلەلەر ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قاراباغنىڭ تۈرلۈك رايونلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، سۈرىيەدىن قاچقان ئەرمەنلەرنىمۇ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرى داۋاملاشماقتا.

ئەرمېنىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا كۆرە، ھازىرغىچە 30 سۈرىيەلىك ئەرمەن قاراباغقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

2011-يىلى ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقىي بىلەن رايونغا 169 كىشى كۆچكەنىدى.

★★★★★

http://www.trtui.com/trtworld/uy/newsDetail.aspx?HaberKodu=91d47371-60ba-49a0-a3b0-9812306f48d5

★★★★★
بەت: [1] 2
: خوجائەلى قەتلىئامىنىڭ 21-يىللىقى