ۋىن7 دە بىر سىزىق!!!؟؟؟
مۇشۇ ۋىندوۋس7نى ئىشلىتىۋاتقىنىمغا ئالاھەزەل ئىككى يىلچە بوپ قاپتۇ. شۇنداقمۇ بىر ھوزۇر، يەڭگىل سېزىلگەنىدى بۇ سېستىما. كۆنۈشۈمگە 3 كۈن كەتكەننى ھىسابقا ئالمىغاندا رازى بولمىغان بىر كۈنۈم يوق. بىراق...
بىر غەلىتە يېرى بۇ سېستىمىنى بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن تۇيۇقسىزلا ئېكراننىڭ ئۈستىگە بىرتال ئاق سىزىقچە پەيدا قىلىپ قويىدىكەن. دەماللىققا بايقاپ كېتەلمەپتىمەن. قارىسام شۇنچە يېقىشلىق ئېكرانىمنىڭ ئۈستىدە بىر ئاق سىزىقچە ئۇباشتىن بۇ باشقىچە... نىمە ھالكىن دەپ ئىزدىنىپ گوگىللاپ كۆرسەممۇ تۈزۈكرەك جاۋاب ئۇچرىتالمىدىم. تولىسى ئېكرانىڭىز بۇزۇلۇپتۇ دىگەندەك ئۇچۇرلار. بىرسى دەپتۇ، ۋەزىپە باشقۇرغۇچ دەمدۇق(任务管理器)ئىجرا جەريانى(进程)غا كىرىپ dwm ناملىق ئىجرانى توختاتسىڭىز يوقايدۇ دەپ. سىنىسام بولدى. بىراق قايتا قوزغالغاندا يەنە بار. ھەي......
تورداشلار ئىچىدە مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇققانلار بارمۇ؟ قانداق ھەل قىلىندى؟
ئىككىنچى گەپ:
ۋىندوۋس 8 گە office نى قانداق قىلدۇق؟ بۇنىڭ بىر يۈرۈش ئەزالىرىدىن بولۇپمۇ word بىلەن جەدۋەلچىسىدىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدىكەنمەن، office نىڭ بۇرۇنقى نەشىرلىرى مەسىلەن 2003دىگەندەكلەرنى)(ئەلۋەتتە يەشكەننى (ۋىن8 گە قاچىلاپ ئىشلىتىپ باققانلار بارمۇ؟
مەن 2003 نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن... نورمال ئىشلىدى... win7 بىلەن win8 نىڭ يۇمشاق دىتاللارنى قوللاش جەھەتتە جىق پەرقى يوقمىكى دىدىم.... لىكىن كۆرۈنمە يۈزى كاساپەت... باشلاش تىزىملىكى بەك ياقتى بەك ياقتى..... لىكىن ICON UTRACK دىگەن ئاۋاز كارتامنى تونىمايۋاتىدۇ..... قوزغىتىش پىروگراممىسىنى تاپالمىدىم.... win7 نىڭ بار ئىدى... نورمال قاچىلاندى.. تونىمىدى... ئامال بارمىدۇ... dwm نى ئۆچۈرسىڭىز يوقالغىنىغا قارىغاندا مەسىلە سىستېمىدا ئوخشايدۇ، سىستېمىنى يېڭىلاپ بېقىڭ.بۇرۇن ئىشلەتكەن office نى win8 دە سەللىمازا ئىشلەتكىلى بولىدۇ.
مانا مۇنۇ رەسىمنىڭ ئۈستى قىسمىدىكىدەك سىزىقچە. ئۆز كومپيۇتېرىدا كۆرۈپ باققان باشقىلار بارمۇ بۇ سىزىقنى؟
ۋىن8دە office 2003لەرنى بىمالال ئىشلەتكىلى بولسا بولدى سېستىمىنى ئالماشتۇرۇۋېتەيلا
بىراق يېڭى بىرمەسىلە. كومپيۇتېرىم macbook air ئىدى. ھازىر ئىشلىتىۋاتقىنىم بىر دانە ئەسلى سېستىما(يەنى ئالما سېستىمىسى)، بىر دانە ۋىن7 ئىدى. ئالما سېستىمىسىنى ساقلاپ قالاي دەيمەن. 7 نىلا ئۆچۈرۈپ ئورنىغا 8نى قاچىلىۋالسام بولغىدەك. بىراق،قانداق قىلسام ئالما سېستىمىسىنى نورمال ساقلاپ قېلىپ بۇ جەرياننى پۈتتۈرۈپ چىقارمەن؟ c دېسكىدا ۋىن7 قاچىلانغان. d دېسكا شەخسى كېرەكلىكلەر، e دېسكا مەخسۇس ئالما سېستىمىسى ئۈچۈنلا.
بۇ خىل ھالدا پەقەت c دېسكىنىلا فورماتلاپ، 8 نى شۇنىڭغىلا قاچىلاپ چىقساق باشقا دېسكىدىكىلەر نورمال ئىشلەۋېرەرمۇ؟
LibreOffice ، مەن مۇشۇنى تەۋىسىيە قىلاي ، مەن بىر ھەپتە ئىلگىرى بۇ دىتالنى كۆزنەك 8 قاچىلانغان كومپىيۇتېرىمغا قاچىلاپ سۆيۈنۈپ كەتتىم ، ئىقتىدارى كۈچلۈككەن ، كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ، ئىشلىتىلىشى 2003 بىلەن ئاساسى جەھەتتىن ئوخشايدىكەن، تۆنۈگۈن ئىشخانىدىكى بارلىق xp قاچىلانغان كومپىيۇتېرلارغا نورمال قاچىلىدىم ، ئۇيغۇرچە تەڭشىگەندە تىزىملىك سىتونىدىكى خەتلەر بەك ئىنچىكە چىقىۋالغانىدى ، سېستىمىدىن خەت نۇسخسىنى توملاشتۇرۇش ۋە چوڭايتىش مەشخۇلاتىدىن كېيىن مۇۋاپىق بولدى . باشقا ئىشخانىدىكى خىزمەتداشلارغىمۇ يېقىپ قاپتىكەن غەلۋىسىنى قىلىۋاتىدۇ ، دەسلىپىدە كۆنەلمەسلىك بولىدىكەن ، بىراق يېرىم كۈندىلا چىقىشىپ كەتكىلى بولىدىكەن، ھازىر رەسمى ئىشلىتىۋاتىمىز . 2013 نى ساقلىغاچ مۇشۇنىڭدىن پايدىلانغاچ تۇرساق بولغۇدەك.
مۇناسىۋەتلىك تېما ئادرىسى http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52721
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=52690
دىتالنى چۈشۈرۈش:http://download.documentfoundation.org/libreoffice/stable/4.0.0/win/x86/LibreOffice_4.0.0_Win_x86.msi
يېڭى ئويۇنلارنىڭ پەقەت تاينى يوق.
يەنىلا XP ياخشى جۇما ئويۇن ئوينايدىغانلارغا مانداق. مۇشۇ ئىنكاس يازغاندا ئىتنىڭ ئۈچىيىدەك يېزىپ كېتىۋەرمىسەك،بەتنى ئۇياق-بۇياققا سىيرىيدىغان ئىش چىقىدىكەن.
ئىنكاس يېزىش ئورنى توشاي دېگەندە ئېنتىرنى بېسىپ تۆۋەن قەۋەتكە چۈشسەك.
8- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇشۇ ئىنكاس يازغاندا ئىتنىڭ ئۈچىيىدەك يېزىپ كېتىۋەرمىسەك،بەتنى ئۇياق-بۇياققا سىيرىيدىغان ئىش چىقىدىكەن.
ئىنكاس يېزىش ئورنى توشاي دېگەندە ئېنتىرنى بېسىپ تۆۋەن قەۋەتكە چۈشسەك.
بۇ ئىنكاسنىڭ ئۇزۇنلۇقىدىن ئەمەس. بەلكى رەسىمنىڭ بەك كەڭ بولۇپ كەتكەنلىكىدىن. رەسىم قوشقاندا كەڭلىكىنى 810 دىن ئاشۇرىۋەتمەي تەڭشىسە يۇقىرىقىدەك بەت يۈزى كېڭىيىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئاغىنىلە قانداق قىلىش كېرەك؟ مېنىڭ قاتتىق دېسكام 3 رايونغا بۆلۈنگەن. يوشۇرۇن رايوندىن كومپيۇتېر بىلەن بىللە كەلگەن 7 نى پەقەت C رايونغىلا قاچىلاشقا بولاتتى. D رايونغا 8 نى قاچىلىدىم. 7 گە ھېچقانداق تەسىر يەتمىدى. ھازىر قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ھەر بىر سېستىمىغا 50G بوشلۇق ئايرىدىم. شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. سىزنىڭ MacBook Air بولسا بەلكىم باشقىچىرەك بولامدىكىن بىلمىدىم. ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن. مېنىڭكىسى Toshiba ماركىلىق.
11- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مېنىڭ قاتتىق دېسكام 3 رايونغا بۆلۈنگەن. يوشۇرۇن رايوندىن كومپيۇتېر بىلەن بىللە كەلگەن 7 نى پەقەت C رايونغىلا قاچىلاشقا بولاتتى. D رايونغا 8 نى قاچىلىدىم. 7 گە ھېچقانداق تەسىر يەتمىدى. ھازىر قوش سېستىما قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ھەر بىر سېستىمىغا 50G بوشلۇق ئايرىدىم. شۇنداق نورمال ئىشلەۋاتىدۇ. سىزنىڭ MacBook Air بولسا بەلكىم باشقىچىرەك بولامدىكىن بىلمىدىم. ئالمىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى تازا چۈشىنىپ كەتمەيمەن. مېنىڭكىسى Toshiba ماركىلىق.
مەسىلەن مەن 8 نى قاچىلاش جەريانىدا ھازىرقى 7قاچىلاقلىق c دېسكىنى فورماتلىۋېتىپ شۇنىڭغىلا 8نى قاچىلىسام يەنە بىر دېسكىدىكى ئالما سېستىمىسى تەسىرگە ئۇچرارمۇ ئۇچرىماسمۇ بىلمىدىم.
ماۋۇ تېمىنىڭ جاۋابى چىقماي تۇرۇپ كۆپ ئىنكاسلىققا كىرىپ قالغىنىنى.........
7- قەۋەتتىكى Dana0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
7 نۇرغۇن ئويۇنلارنى قوللىمايدىكەن.
يېڭى ئويۇنلارنىڭ پەقەت تاينى يوق.
يەنىلاياخشى جۇما ئويۇن ئوينايدىغانلارغا مانداق.
--------------------------------------------
مەن\" ئىمپېريە دەۋرى 2\" ئوينايمەن، بىلمىدىم XP بۇ ئويۇننى تۇنۇغان
لىكىن يىقىندا win7 نى قاچىلىغان ئىدىم بۇ ئويۇننى تونۇمىدى،
بۇ زادى نىمە ئىش،
تورلاشتۇرۇپ ئوينىغىلى بولمايۋاتىدۇ
win8 نى قاچىلاپ باقسام قانداق بولار،
بۇمۇ تۇنۇماسمىكىن دەيمەن
ئالمىغا ۋىندوۋس قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئىشقا ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ تا ھازىرغىچە ئەقلىم ھەيران.
15- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالمىغا ۋىندوۋس قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئىشقا ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ تا ھازىرغىچە ئەقلىم ھەيران.![]()
ناۋادا سىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىڭىز ئالما بولسا، ئالما سېستىمىسى بويىچە بانكا، ۋە ھەر قايسى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ سېستىمىلىرىنى نورمال ئىشلىتەلىگەن بولسىڭىز، بۇنىڭ ئۇسۇلىنى ئۈگىتىپ قويۇشىڭىزنى سورايمەن. چۈنكى ئالما سېستىمىسىدا ئادەتتىكى تورغا چىقىش ۋە پاراڭلىشىشلار ھەقىقەتەن ھوزۇرلۇق. ئۇنىڭدىن باشقا كومپيۇتېر تېخنىكىسىغا ئالاقىدا ر ئىشلارمۇ شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەندەك ئۇ بۇ ئورگان ۋە بانكىلارنىڭ سېستىمىلىرىغا ھەركۈنى ئون چاپىدىغانلارغا بۇ سېستىما زادى ئەپلەشمەي قويدى. يا مەن بىلەلمىدىممۇ؟
ئالما ئىشلىتىشنىڭ ئالدىدا شۇلارنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىشىتۇق ئەمەسما
ئىككى ھەمتىنىڭ ئالدىدا بىر ئاكاش ئالمىنىڭ 一体机 سىنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ. ئالما سىستىمىسىنى ئۆچۈرۈپ WIN7 قاچىلاپ بىرىڭ دەپ... ئىككى سائەت تەربىيە ئىشلەپ يۈرۈپ ئاكاشقا قوش سىستىما قىلىپ بەردىم....
17- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئالما ئىشلىتىشنىڭ ئالدىدا شۇلارنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئويلىشىتۇق ئەمەسما![]()
مەن ئالمىنى سېتىۋالغاندا ئۇنىڭ كىچىك، ئېلىپ يۈرۈشكە شۇ ۋاقىتتىكى بازار بويىچە ئەڭ ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەمدە ۋىندوۋس قاچىلاپ ئىشلەتلىكى بولىدىغانلىقى ئۈچۈن خاتىرجەم سېتىۋالغانىدىم. ئارزۇيۇم بويىچە ئىشلار پەچەت...
ئەمدى ۋىن8نى ياخشى كۆرىمىزدە!