xarbat_com يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 22:09:32

170يۈەندىن ئاخىرقى 3 كۈن win8 سېتىۋېلىپ بېرىمەن،پۇرسەت غەنىمەت[تېخنىكا]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ تەكرار ئاشكارا ئېلان چىقىرىش شەكلى بىلەن تورداشلارغا ياردەم قىلىشنى كۆزلەپ تاكى بۈگۈن دەل ھازىر موشۇ چاغقىچە 220 نەپەر قېرىندىشىمىزغا جەمئىي270 دانە  win8  يەنى Windows8 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىتىبار باھادا ئېلىپ بەردىم. مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ يېڭى پىلانىغا ئاساسەن  2012-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنىدىن 2013-يىلى1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەقىقى نەشىردىكى win7 سېتىۋالغان ياكى ھەقىقى نەشىردىكى win7 قاچىلانغان ماركىلىق كومپىيۇتىر سېتىۋالغانلارغا جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن win7 دىن win8 گە 98 يۈەن بىلەنلا نەشىر كۆتۈرۈش ئىتىبار ۋاقتى 2013- يىلى2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە قىلىپ بېكىتىلدى.دىمەك ھازىرمۇ يۇقارقى ۋاقىت ئىچىدە سېتىۋالغان ھەقىقى نەشىردىكى wi7 نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى قولىڭىزدا بولسىلا يەنىلا 98 يۈەنگە win8 سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كەسپى نەشىرىنى بىردەك 1988 يۈەندىن باشقا باھادا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. مەن ئارقىلىق سېتىۋالغان تورداشلارنىڭ رازىلىق نىسبىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ پۇلنى سېلىپ  ھەقىقى ئۈنۈملۈك نومۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالالمىغانلاردىن بىرسىمۇ يوق. خالىسا مەن ئارقىلىق سېتىۋالغان تورداشلار ۋاقتى بولسا مەزكۇر تېمىغا گۇۋاھلىق بېرىپ قويار.

قولىدا ھەقىقى نەشىردىكى win7 نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى يوق تورداشلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ئاز پۇل خەجلەپ ئانا تىلدىكى ھەقىقى نەشىردىكى سېستىما ھوزۇرىنى  سۈرۈشىگە ياردەم قىلىش يۈزىسىدىن ئىچكىرىدىكى ئىشەنچىلىك شىركەتتىن 4- قېتىم مۇۋاپىق باھادا مىكروسوفىت شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقىقى كۈچكە ئىگە  30 دانە ئىتىبار نومۇرى كىرگۈزۈپ قويدۇم.  ئىتىبار نومۇرنىڭ پۇلى، win8 نى سېتىۋالغاندىكى ھەق، پايپالغا پۇل قاچىلاش پىرىۋوت ھەققى قاتارلىقلارنى قوشقاندا ھەبىر دانە win8 نىڭ قولغا تىگىش باھاسى پەقەت ۋە پەقەت 170 يۈەندىنلا توختايدۇ. ئېتىبار نومۇرنىڭ باھاسى ئېتىبار باھادا سېتىلىش ۋاقىتنىڭ ئاز قېلىشىغا ئەگىشىپ بىراقلا چۈشكەن بولغاچقا بۇ قېتىم بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكىدىنمۇپەۋقۇلاددە ئەرزان چۈشىدۇ. يەنىلا شۇ گەپ سېتىۋېلىشنى خالىغانلار ۋە ئىشەنگەنلەر ھەرۋاقىت ئىزدىسەڭلار بولىدۇ.

سېتىۋېلىش ئۇسۇلى:

1-باسقۇچتا ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ،  ئىسىم-فامىلىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، تەپسىلى ئادىرسىڭىز ۋە Email يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىز،  پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى  تەمىنلەپ بېرىسىز. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى Email  بولۇپ  Email چوقۇم نورمال ئىشلەيدىغان،خەت كېلىدىغان بولۇشى كېرەك، چۈنكى سىز سېتىۋالماقچى بولغان win8 نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى(ئاچقۇچ نومۇرىمۇ دەيمىز) سېتىۋېلىش ئوڭۇشلۇق بولغان ھامان مىكروسوفىت شىركىتى تەرىپىدىن   سىز تەمىنلىگەن Email غا ئەۋەتىلىدۇ. يۇقارقى ئۇچۇرلارنى خەنزۇچە يېزىقتا كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش يىزىپ txt ھۈججىتى يەنى خاتىرە دەپتەر ھۈججىتىگە ساقلاپ ماڭا QQ ئارقىلىق يوللاپ بېرىسىز.خەنزۇچە يازالمىسىڭىز پىنيىنچە شەكىلدە يازسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما پىنيىنچە يازغاندا ئادرىس 30 ھەرىپتىن ئارتۇق بولسا ئۆتمەيدۇ.

2-باسقۇچتا سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان 170 يۈەن خەلق پۇلىنى(سىزدە كۈچكە ئىگە ئىتىبار نومۇرى بولسا 120 يۈەننى سالسىڭىز بولىدۇ) بانكا كارتامغا سالىسىز ياكى يۆتكەيسىز ۋە پۇل سېلىپ بولغاندىن كېينلا ماڭا تېلىفون قىلىپ ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاپ ۋە ياكى QQ ئارقىلىق ئۇچۇر قىلىپ پۇل تاپشۇرغانلىقىڭىزنى ئۇقتۇرىسىز(قىسقا ئۇچۇر مەزمۇنىدا QQ دىكى نامىڭىز بولسۇن). سودا سانائەت بانكىسى ، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، 支付宝 يەنى ئالىپاي(پۇل تۆلەش گۆھىرىمۇ دەيمىز) لارنىڭ بىرىنى تاللاپ قايسىسى قولايلىق بولسا شۇ ئارقىلىق پۇل تاپشۇرسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا بانكىنىڭ تور كەسپى ئوچۇق كارتىڭىز بولسا ئاۋۋال 支付宝غا پۇل قاچىلاپ ئاندىن مېنىڭ ئالىپاي ھېساۋاتىمغا يۆتكەش شەكلى ئارقىلىق تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

3-باسقۇچتا مەن سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى باشلايمەن، كۆپ بولسا 15-20 مىنۇت ئەتىراپىدا microsoft شىركىتىدىن  تەمىنلىگەن win8 نىڭ سېستىما ئاچقۇچ  نومۇرى ۋە سېتىۋالغان چاغدىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىز سىزنىڭ Email ڭىزغا يەنى ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزغا بارىدۇ. پەقەت يۇقارقى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش جەدىۋىلىگە تولدۇرۇپ ،ۋاكالىتەن پۇل تاپشۇرۇپ سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى ئورۇنداپلا بېرىمەن. مەن سىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى قىلغاندىن كىيىن Email نى ئېچىپ تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ ۋە شۇ ئاچقۇچ نومۇرىنى ئېلىپ ماۋۇ(http://www.xarbat.com/thread-7922-1-1.html) تېمىدا دىيىلگەن ئۇسۇل بويىچە win8 نى قاچىلىۋالسىڭىز بولىدۇ. كۈندۈزلىرى خىزمەت بىلەن سەل ئالدىراش  بولۇپلا قالمىسام شۇ ھامان، بولمىغاندا كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ئېلىپ بېرەلەيمەن. پۇلنى ئۇرۇپ بولۇپ ماڭا ئۇچۇر يوللىۋىتىپ سەل تەخىر قىلىپ كۈتۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، ئالاقىلىشەلمەي قالسىڭىز جىددىلىشىپ كەتمەڭ، 170 يۈەن پۇلنى دەپ توردىكى ئىناۋىتىم ۋە بېكىتىمنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇرىدىغان ئىشلار ماڭا يات، مەن ۋاقىت چىقىرىپ سىز بىلەن ئالاقىلىشىمەن.

خالىسىڭىز ئالاقىلىشىڭ، پۇرسەت غەنىمەت پەقەت ۋە پەقەت 3 كۈنلا ۋاقىت قالدى، ئانا تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھازىرچە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ كامىدا بىر ئىككى نۇسخا ئېلىپ قويۇپ قاچانلا قاچىلىسىڭىز بولۇۋىرىدۇ، بۇرۇن ئېلىپ بولغان بولسىڭىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە ھىچ بولمىسا بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويۇڭ، كومپىيۇتىرىم بۇزۇلمايدۇ، كومپىيۇتىرنى موشۇ پېتى يېڭىلىمايمەن دىيەلمەيسىز، win8 بەلكىم يەنە 10 يىللار دەۋر سۈرۈپ قېلىشى مۈمكىن .ئۆزىڭىز ئىشلەتمەي قالسىڭىز بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن لازىملىق دوستلىرىڭىزغا ۋە ئۇرۇق تۇققان، خىزمەتداشلىرىڭىزغا 1988 يۈەندىن باشقا باھاغا ئالغىلى بولمايدىغان كۈنلەر كەلگەندە سىز سېتىۋالغان باھادا پايدا ئالماي بەرسىڭىز ئۇلار سىزدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا خۇش بوپ قالىدۇ. 170 يۈەن ھازىر كۆپ پۇل ئەمەس، پۇرسەت ئۆتۈپ كەتكەندە پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار بولۇپ قالمىسۇن.




ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى:

QQ:359903451

يانفون:13899269786

(ئالاقە ۋە مەشخۇلات ئاساسى جەھەتتىن QQ ئارقىلىق بولىدۇ).




ئەگەر ئۆزۈم ئالالايمەن دىسىڭىز مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدىن ئالسىڭىز بولىدۇ:

http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/download-shop




ئەگەر ئىشىنەلمەي قالسىڭىز ماۋۇ تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ:

http://www.xarbat.com/thread-8058-1-1.html

http://www.xarbat.com/thread-7974-1-1.html

http://www.xarbat.com/thread-7948-1-1.html

http://www.xarbat.com/thread-7877-1-1.html

http://www.xarbat.com/thread-7889-1-1.html

http://www.xarbat.com/thread-7922-1-1.html

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 10:48:51

باشقىلار پايدا ئالماي 95يۈەندىن 120يۈەنگىچە ئېلىشىپ بىرىۋاتىدۇ بۇرادەر !!سىزمۇ نەچچە كۈن قالغاندىكىن پايدىنى كۆزلىمەي ھەقسىز ياردەم قىلسىڭىز بولمامدۇ؟مۇنداق دىسەم باشقىلارنىڭ ئۇنداق مىنىڭ مۇنداق دەپ يۈرمەڭ ماڭا بىر قېرىندىشىمىز 120 يۈەنگە ياردەملىشىپ ئېلىپ بەرگەن شۇنداق ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ .يەنە بىر يېقىنىمغا باشقا بىرەيلەن 100يۈەنگە ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرگەن ئۇ ئاغىنەممۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ!!مۇشۇنچىلىك ئىشلاردا ياردەمنى پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز قاملاشماس !

Oz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 16:54:11

دوستۇم، ماۋۇ ئىنكاسىڭىز بولماپتۇ.

پايدىمۇ ئۇ ياكى ئەجىر ھەققىمۇ؟

سىزچە قىلغان ئىشنىڭ ھەممىسى خالىس ياكى زىيىنىغا بولۇشى كېرەكمۇ؟ ئازراق ئەجىر ھەققى تەلەپ قىلىش شۇنچە يامان كۆرىدىغان ئىشمۇ؟

بوپتۇ، سىز ئاشۇنداق ۋاقىت چىقىرىپ، زېھىن ئاجرىتىپ، ماڭا سېتىۋېلىشىپ بېرىڭ، نەچچە پۇل ئالىسىز؟

Oz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 16:57:54

سىز ئۆزىڭىز شۇنداق نومۇر تېپىپ، ئېتىبار نومۇرغا ئېرىشىپ، ئاندىن كومپيۇتېردا مەشغۇلات قىلىپ، قاچىلاش جەريانىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن ئارخىپ تولدۇرۇپ، پۇل تۆلەپ كۆرۈڭ، ئاشۇ ھەقىقىي نەشرىدىكى نومۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت، زېھىن ئاجرىتىش لازىم بولار؟

خالىسلىق ھېسسىياتىنىڭ بولغىنى ياخشى، لېكىن يەنىلا رېئاللىققا يۈزلەنگەن ياخشى، ھازىر 170 يۈەن ئالسىمۇ مۇشۇنداق قىلىشىپ بېرىدىغانلار بار ئىكەن، مەندە 40-50 ئېتىبار نومۇرى ئالغىلى بولىدىغان ۋىندوۋس 7 نومۇر بار، لېكىن پۇل تۆلىشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق يۈرۈپتىمەن. خەق ئالىمەن دېسە 1998 يۈەنگە ئالىدۇ، سالماقلىق بىلەن ئىككىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ

xarbat_com يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 00:31:23

1- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقىلار پايدا ئالماي 95يۈەندىن 120يۈەنگىچە ئېلىشىپ بىرىۋاتىدۇ بۇرادەر !!سىزمۇ نەچچە كۈن قالغاندىكىن پايدىنى كۆزلىمەي ھەقسىز ياردەم قىلسىڭىز بولمامدۇ؟مۇنداق دىسەم باشقىلارنىڭ ئۇنداق مىنىڭ مۇنداق دەپ يۈرمەڭ ماڭا بىر قېرىندىشىمىز 120 يۈەنگە ياردەملىشىپ ئېلىپ بەرگەن شۇنداق ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ .يەنە بىر يېقىنىمغا باشقا بىرەيلەن 100يۈەنگە ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرگەن ئۇ ئاغىنەممۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ!!مۇشۇنچىلىك ئىشلاردا ياردەمنى پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز قاملاشماس !

سىز قارىغاندا بۇنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە جەريانىنى چۈشەنمەيدىغان چىراي، قولىڭىزدا ئۈنۈملۈك ئېتىبار نومۇر بولسا ھازىرمۇ 120 يۈەنگە ئېلىپ بېرىمەن، ئېتىبار نومۇر بارمۇ؟

xarbat_com يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 00:34:02

4- قەۋەتتىكى xarbat_comنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقىلار پايدا ئالماي 95يۈەندىن 120يۈەنگىچە ئېلىشىپ بىرىۋاتىدۇ بۇرادەر !!سىزمۇ نەچچە كۈن قالغاندىكىن پايدىنى كۆزلىمەي ھەقسىز ياردەم قىلسىڭىز بولمامدۇ؟مۇنداق دىسەم باشقىلارنىڭ ئۇنداق مىنىڭ مۇنداق دەپ يۈرمەڭ ماڭا بىر قېرىندىشىمىز 120 يۈەنگە ياردەملىشىپ ئېلىپ بەرگەن شۇنداق ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ .يەنە بىر يېقىنىمغا باشقا بىرەيلەن 100يۈەنگە ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرگەن ئۇ ئاغىنەممۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ!!مۇشۇنچىلىك ئىشلاردا ياردەمنى پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز قاملاشماس !

سىز قارىغاندا بۇنى سېتىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە جەريانىنى چۈشەنمەيدىغان چىراي، قولىڭىزدا ئۈنۈملۈك ئېتىبار نومۇر بولسا ھازىرمۇ 120 يۈەنگە ئېلىپ بېرىمەن، ئېتىبار نومۇر بارمۇ؟

سىز ھەقىقى چۈشىنىدىكەنسىز، رەھمەت سىزگە!

قولىڭىزدا نومۇر بولسا مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، ئاخىرقى ئىككى ئاخشام ئۇخلىمىسام ئۇخلىمايكى قانچىلىك ئالغىلى بولسا شۇنچىلىك ئېلىپ پۇل تۆلەپ بېرەي. ئاۋۋال ماۋۇ تېمىدىن پايدىلىنىپ ئېتىبار نومۇرغا ئېرىشىڭ:

http://www.xarbat.com/thread-7873-1-1.html

xarbat_com يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 00:35:05

1- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

باشقىلار پايدا ئالماي 95يۈەندىن 120يۈەنگىچە ئېلىشىپ بىرىۋاتىدۇ بۇرادەر !!سىزمۇ نەچچە كۈن قالغاندىكىن پايدىنى كۆزلىمەي ھەقسىز ياردەم قىلسىڭىز بولمامدۇ؟مۇنداق دىسەم باشقىلارنىڭ ئۇنداق مىنىڭ مۇنداق دەپ يۈرمەڭ ماڭا بىر قېرىندىشىمىز 120 يۈەنگە ياردەملىشىپ ئېلىپ بەرگەن شۇنداق ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ .يەنە بىر يېقىنىمغا باشقا بىرەيلەن 100يۈەنگە ياردەم قىلىپ ئېلىپ بەرگەن ئۇ ئاغىنەممۇ شۇنداق ياخشى ئىشلىتىپ كىلىۋاتىدۇ!!مۇشۇنچىلىك ئىشلاردا ياردەمنى پايدا ئېلىشقا ئۆزگەرتىۋالسىڭىز قاملاشماس !

ئاشۇ 120 يۈەنگە ئېلىپ بەرگىنىمۇ مەندىمەن ھېلى، سۈرۈشتۈرۈپ بېقىڭ
بەت: [1]
: 170يۈەندىن ئاخىرقى 3 كۈن win8 سېتىۋېلىپ بېرىمەن،پۇرسەت غەنىمەت[تېخنىكا]