cisco48h يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 21:59:15

[تېخنىكا] ئۆيىمىزدىكى تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى روتېر غا ئايلاندۇرۇش.

ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم .


كۆپ قىسىم تورغا چىققۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى جۇڭگۇ تېلگىرافىنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورىنى ئىشلىتىمىز. بۈگۈن سىلەرگە ئۆيىمىزدىكى كەڭ بەلباغلىق تېرمىنالنى روتېرغا ئۆزگەرتىش تىخنىكىسىنى كۆرسىتىپ قوياي بەلكىم سىلەرگە قۇلايلىق ئەپ كىلىشى مومكىن.


ئادەتتە خىلى كۆپ ئائىلەردە ھازىر نۇركابىللىق تېرمىنال ئىشلىتىۋاتىدۇ. بۇلار ئاساسلىق 中兴F460,420 تىپلىق تېرمىناللارنى 华为 8245،8240، ئىشلىتىۋاتىدۇ، بۇنداق روتىېرلارنىڭ ھەمىسىنىڭ ئالاھىدە مەخپى نومىرى بولىدۇ.


F460,420 تېرمىلانىڭ مەخپى نومۇرنى يىشىش ئۇسۇلى:


دوس موھىتىغا كىرىپ تۇرۇپ


telnet 192.168.1.1


كىرگەندىن كىيىن user:root password:root


#ھالىتىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن sendcmd 1 DB p UserInfoبۇيرىقىنى يازساق بىزگە ئالاھىدە مەخپى نومۇرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ. چوقۇم ھەرىپلەرنىڭ چوڭ كىچىكلىك ھالىتىگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك.


دوسلارنىڭ يەنە باشقا بىلىدىغان ئۇسۇللىرى بولسا ئورتاقلىشىپ باقساق.


ئەپۇ قىلىڭلار قىرىنداشلار بەك چولتا يىزىپساپتىمە.

بۇنى روتېرغا ئايلاندۇرشتىكى مەخسەت سىرىتتىنروتېر سىتىۋالماي تېلگىرافتىن بەرگەن تېرمىنالنى روتېرغا ئايلاندۇرۇش.

ئۆيىمىزدىكى تور نۇر كابىللىق بولسا F460,F420تېپلىق تېرمىنال بولسا، تېرمىنال ئىچىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن ئىچىدە 网路دەپ بىر تۈر بار شۇنىڭ ئىچىدە VLAN41دەپ بىر يەر بار شۇنى قايتا تەھرىرلەيمىز يەنى ئۇنى ئۈچۈرۋىتىپ قايتا بىر نى ھاسىل قىلساق كەڭبالباڭ ھىسۋات نومىرى ۋە مەخپى نومۇرىنى تولدۇرىدىغان بىريەر چىقىدۇ.

ئۇيەرگە كىرگۈزۈپ بولغاندىن كىين، WLAN دەپ بىر تۈربار ئۇيەرنىڭ wlan ئىسمى ۋە مەخپى نومۇرنى تەڭشىۋەتسەكلا بولىدۇ.

ئەگەر ئۆيدىىكى تېرمىنال ئادەتتىكى تېلىفۇن سىمى بولسا ، تېرمىنال ئىچىگە كىرگەندىن كىيىن، vpi/vciدەپ بىر تۈر بار بۇيەرنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىكى تىلگىراف بىرلىكى vpi=0/vci=32بولىدۇ.

بۇنى قىلىشتىكى مەخسەت ئازراق پۇلىمىزنى تىجەش، ھەم قولايلىق ئەپ كىلىش ئادەتتە تېلگىرافتىن بەرگەن تېرمىنالنىڭ مەخپىيەتلىكى كۈچلۈك، ئالدىراپ خاككېرلار ۋۇجۇم قىلالمايدۇ.

يەنە بىرسى بىز تېلگىرافتىن قانچىلىك توركەسپىنى بىجىردۇق، مەسىلەم 4mلىق تورنى بىجىرىپ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىسا، مۇشۇ تېرمىنال ئىچىدىن بىزنىڭ قانچىلىك تور سۈرئىتى ئىشلىتىۋاتقىلىمىز، ھەم تىلگىرافنىڭ قانچىلىك سۈرئەت بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

8192-640بولسا سىزنىڭ تور سۈپىتڭىز مەسىلە يوق يەنى 8m گىچە تور سۈرئىتىنى قوبۇل قىلالايدۇ. ئەگرە 4192-640 دىن چۈشۈپ كەتكەن بولسا سىزنىڭ سىم يولىدا چاتاق بارلىقىنى كۆرىىۋالغىلى بولىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 08:02:25

يەنىمۇ تەپسىلى يازسىڭىز قانداق ؟ مەسىلەن بۇ مەخپى نومۇرنى نەدە ئىشلىتىمىز دىگەندەك.



ھازىر كۆپىنچى ئائىلىلەر يەنىلا تېلفۇن سىمى بىلەن ئۇلايدۇ، بۇ ئۇسۇل ئىشلەمدۇ ؟ تېلگىرافنىڭ ئەسلىدىكى روتىرىدا سىمىز تورغا چىقىش ئىقتىدارى بولسا كىرەك، ئەمما ئىشلىمەيدىكەن، شۇڭا كۆپىنچەيلەن ئۇ روتىرغا يەنە بىر سىمسىز روتىر چىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.

wakit110 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 08:30:47

مەنمۇ تېلگىرافتىن ئورنىتىپ بەرگەن مودىمنىڭ سىمسىز تارقاتقان سىگنالىنى ئىشلىتەلمەي ئاخىرى باشقىدىن بىرنى سېتۋېلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن ، بولسا تەپسىلىرەك دەپ بەرگەن بولساڭلا مۇشۇنى قانداق ئىشلىتىشنى

function يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 10:44:59

بۇ ئىمنى تاپقاندىن كىيىن نېمە مەقسەتلەر ھاسىل بولماقچى؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 12:51:13

دۇكاندىكى كومپيۇتىرلاردىمۇ قىلغىلى بولامدۇ؟

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 19:12:44

مېنىڭ ئۇچقۇر تور دېسكامدا يىشىش ئۇسۇلىنىڭ خەنچە چۈشەندۈرۈلىشىنىڭ ۋورد نۇسقىسى بار ، ئۆيىدە تىلگىرافنىڭ مۇشۇ خىل مودىمىنى ( سىملىق ھەم سىمسىز روتېرلىق رولى بار پىخسىق تېلگىراف شىركىتى بۇخىل ئختىدارىنى يوشۇرۇپ قويغان يەشكەن چاغدا ئاندىن بۇ رولىنى ئىشلەتكىلى بولىدۇ) ئىشىلتىدىغانلار قىزىقسا كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.


ئۆيىمدىكى ۋايفاي ئىقتىدارى بارلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسى مۇشۇ نەرسىدىن تورغا چىقىۋاتىدۇ ھازىر .


http://uqkur.cn/viewfile.php?file_id=16324&file_key=StCEPpSP

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-3-3 14:00:49

نۇر كابىل بىلەن كىرگەن كەڭ بەلۋاغ تورى بولسا، مودېمنىڭ ئىچىدىكى تەڭشەشلىرىنى ئاپىراتخانا ئاپتۇماتىك تەڭشەيدۇ. ئۇنى كونترول قىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى ئۆزگەرتىپ روتېرغا ئۆزگەرتىمەن دەپ ئاۋرە بولغاننىڭ ئەھمىيىتى يوق. يەنە كېلىپ نەچچە كومپۇتېر تەڭ شۇ لىنىيەدىن تورغا چىقىشىنى ئايلىق ھەققىگە قاراپ ئاپىراتخانىدىن تەڭشەپ قۇيىدۇ. 2 كومپۇتېر تەڭ ئىشلىتىدىغان قىلىپ قويسا، 3 كومپۇتېرنى تەڭ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى بۇ خىل مودېم بىلەن ئېتىشماڭلار. كاشىلا چىقىپ تېلىگىرافنىڭ خىزمەتچىلىرىنى ئاۋارە قىلىشىڭلار مۇمكىن.

ئەگەر ADSL (تېلىفۇن سىمى بىلەن ماڭىدىغىنى )ئارقىلىق تورغا چىقماقچى بولغانلار، ئۇنى(مودېمنىڭ روتېر ئىقتىدارى بار بولسا) روتېرغا تەڭشەپ قويسىمۇ بولىدۇ. ئەمما بىخەتەرلىكى سەل تۆۋەن بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۇزاق ۋاقىت بىرلا IP ئادىرىسىنى ئىگەللەپ تۇرىدىغان بولغاچقا، باشقىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدىغان ئەھۋال بولىشى مۇمكىنچىلىكى چوڭراق بولىدۇ.
بەت: [1]
: [تېخنىكا] ئۆيىمىزدىكى تېرمىنال ئۈسكۈنىسىنى روتېر غا ئايلاندۇرۇش.