win8 ئاكىتىپلاش ھەققىدە ياردەم
ھۆرمەتلىك تورداشلار، بۈگۈن كۆزنەك 8 نى توردىن چۈشۈرۈپ، بارماق دېسكا بىلەن قاچىلىغان ئىدىم، لېكىن ھېچقانداق ئاچقۇچ نۇمىرىنى سورىماي قاچىلاپ كەتتى، قاچىلاپ بولغاندىن كىيىنمۇ، شۇنچە قىلىپ ئاكىتىپلايدىغان ئورۇننى تاپالمىدىم. ئاكىتىپلاشنى باسساممۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى،
زىلتار ئەپەندى دېگەن تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلمۇ ئاقمىدى.
زىلتار ئەپەندىنىڭ كۆرسەتمىسى:
ndows8نىڭ مەھسۇلات ئاچقۇچنى سېتىۋالغان بولسىڭىزمۇ،Windows8نى قاچىلاپ ئاكتىپلاش جەريانىدا
Invalid Product Key Windows 8 provided by Microsoft- Windows 8 installer not functioning code: Oxc004f061
خاتالىق كۆرۈلسە، يەنى ئىناۋەتسىز مەھسۇلات ئاچقۇچى دېگەن خاتالىق.
بۇ خىل خاتالىق بىر قانچە خىل ئەھۋالدا كۆرۈلىشى مۇمكىن ئىكەن.
I. باشقا كومپىيۇتېردا مەھسۇلات سېتىۋىلىپ يەنە باشقا كومپىيۇتېردا قاچىلىغاندا
II. سىستېمىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۋېتىپ دېسكىدىن قاچىلىغاندا
III. ماك كومپىيۇتېرلارغا دېسكىدىن قاچىلىغاندا
ۋە باشقىلار
ھەل قىلىش ئۇسۇلى:
1-باسقۇچ: سىستېما دېسكىسى ئاستىدىكى يەنى س پەن ئاستىدىكى Windows ئاستىدىكى Registry Editor نى قوزغىتىمىز.
2-باسقۇچ: MediaBootInstall نى ئىزدەپ، قىممىتىنى 0 قىلىمىز.
3-باسقۇچ:
(command prompt (run as administrator
نى قوزغىتىمىز. يەنى C:WindowsSystem32 ئاستىدىكى CMD نى قوزغۇتۇپ slmgr /rearm بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىمىز.
4-باسقۇچ: كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغۇتىمىز.
5-باسقۇچ: سېتىۋالغان مەسھۇلات ئاچقۇچنى سىلىپ ئاكتىپلايمىز.
شۇڭا ئورگان تەرەپكە تېلفۇن قىلماي تۇرۇپ، سېستمىنى قايتا قاچىلىماستىن ھەل قىلىدىغان ئۇسۇل بارمىدۇ ؟
2. پۈتۈن چۈشۈرىدىغاننى چۈشۈرۈپ بولۇپ، سېستىمىنى بىر كۇنۇپكا بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۋالساقمۇ بولامدۇ ياكى بىھاجەتمۇ ؟ 一键恢复
مەن دەسلەپتە32بىتلىق سېستىمىنى قاچىلاپ كەينىدىن پاكىزە يۇيىۋېتىپ 64بىتلىقنى قاچىلىغانتىم سىزدېگەندەك ئاكتىپلاش نومۇرىنى تونىمىغانتى.مېنىڭ ھەل قىلغان ئۇسۇلۇم تۆۋەندىكىچە:
Win+x بېسىپ ئىچىدىن:بۇيرۇق ئەسكەرتمە بەلگىسى(باشقۇرغۇچى) خەنزۇچىسى:命令提示符(管理员)دېگەن تاللاشنى باسسىڭىزۋىندوۋس بۇيرۇق پروگراممىسى ئېچىلىدۇ(دوس ھالىتىدە)
ئۇ يەرگە slmgr /ipkبۇيرۇقىنى كىرگۈزۈپ بىر بوشلۇق كۇنۇپكىسىدىن كېيىن سىزنىڭ ئاچقۇچ نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ( slmgr /ipk xxxx-xxxxx-xxxxx-xxxxx-xxxxx يەنى xنىڭ ئورنىغا ئاچقۇچ نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ)ئىنتىرنى بېسىپ چىكىنىپ چىقىپ كەتسىڭىز سېستىمىڭىز ئاكتىپلىشىدۇ
مەن يۇقىرقى ئۇسۇل بىلەن win8 pro 64bitنى ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلىۋالدىم،ئورگان تەرەپكە تېلفۇنمۇ قىلمىدىم.سىناپ بېقىڭ ئەگەر سېستىمىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز يۇقىرقى ئۇسۇل بويىچە slmgr /xprبۇيرۇقىنى بېسىپ ئىجراقىلسىڭىز ئىنگىلىزچە ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىق توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىدۇ
2- قەۋەتتىكى adil621نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەگەر سېستىمىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىقىنى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز يۇقىرقى ئۇسۇل بويىچە slmgr /xprبۇيرۇقىنى بېسىپ ئىجراقىلسىڭىز ئىنگىلىزچە ئاكتىپلانغان ياكى ئاكتىپلانمىغانلىق توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىدۇ
سىز دېگەن بۇيرۇقنى پەقەتلا تونىمىدى، بۇنداق بۇيرۇق يوق دەپ ... مەنمۇ 64 لىككە ئالماشتۇرسام بولىدىغان ئوخشىمامدۇ ؟
مۇشۇ باھانىدە سورىۋالاي ،كومپىيۇتىرىم ۋىن8 سىستىمىلىق ،سىمسىز تورغا چىقىپ شۇنلىينى قوزغاتسام ئۆزلىكىدىن توردىن ئۈزۈلۈپ كىتىپ بارىدۇ ،شۈنلىينى قايتا قاچىلاپ باقتىم يەنىلا شۇنداق ،،،،سىلەردىمۇ شۇنداق ئەھۋالغا ئۇچۇرغانلار بارمۇ؟ شۈنلىيگە ئۇلانمىغان شارائىتتىمۇ ئۈزۈلۈپ كىتىدىكەن ،شۈنلىينى ئۇلىسا ناھايتى تېز ئۈزۈلۈپ كىتىدىكەن توردىن ،
خەنچە تور بەتلەردىن ئىزدىسەم نۇرغۇن كىشىلەر مۇشۇ خىل ئەھۋالغا ئۇچراپتۇ لىكىن ھەل قىلىش ئۇسۇلىنىڭ تۈزۈك تايىنى يوق..

مانى چۈشۈسىلە مانى