40يىلدىن كىيىنكى ئۈندىدار پاراڭلىرى[كۆچۈرۈلمە]
40يىلدىن كىيىن ئۈندىداردىكى دوستلىرىمغا يازىدىغان خەتلىرىم
1.باياتىن قاتناش ساقچىسىغا تۇتۇلۇپ قالدىم، ئۇ: يەنە بىنزىن كۆيدۈرىدىغان ئاپتوموبىل ھەيدەپ كوچىغا چىقساڭ، سىنى قاماپ قويىمەن، دەپ ئاخىرقى قېتىم ئاگاھلاندۇرى.
2. قان بىسىمىم ئۆرلەپ كىتىپ دوختۇرخانىغا كىرگەن، سېسىتىرا قىز تۇنجى مۇھەببىتىمنىڭ نەۋرىسىكەن ئەمەسمۇ!
3. تۈنۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، ئوغلۇم ماڭا ئەڭ يېڭى تىپتىكى ئايفۇن50 نى سوۋغا قىلدى، بىز قېرىلارغا نېمە كەپتۇ ئەمدى بۇنى تۇتۇپ، نەۋرەمگە ئوغىرلىقچە بىرىۋەتتىم.
4. كونا خىزمەتدىشىم ئابدۇللانىڭ ئوغلى بېسىمغا چىدىماي 300-قەۋەتتىن سەكرەپ ئۆلۈۋاپتىمىش، ھەي، ھازىرقى ياشلار ھاياتىنى نېمانچە قەدىرلىمەيدىغاندۇ.
5. قايسىلا ئۆيگە كىرسە ئېلىكترونلۇق تاماقئەتكۈدە پىشقان غىزالار، پەقەت ئاغزىمغا تېتىمىدى، يەنىلا ئايالىمنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئەتكەن تامىقى ياخشى ئىدى.
6. قارامايدىن ئۈرۈمچىگە كەلگۈچە نەق يېرىم سائەت كېتىپتۇ، ھازىرقى قاتناش قىستاڭچىلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.
7. تۇنجى قېتىم ئالغان مائاشىم 3000سوم چىقىپتىكەن، ئانامغا 400سومغا بىر يۇڭ پوپايكا ئېلىپ بەرگەنىدىم، ئۇ چاغلاردا قوي گۆشىنىڭ باھاسى 50سوم ئىدى، ھەي....، ھازىر 3000سومغا بىر تەخسە لەغمەنمۇ كەلمەيدۇ.
8. قوشنام راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىكەن، ئۈچ كۈن ئاسما ئوكۇل ئۇرۇپ، ئاران ساقىيىپتۇ.
9. ئوغلۇمنى گۆشكە بۇيرۇسام، ياخشى قارىماي كىلون قوينىڭ گۆشىنى ئەكەپتۇ، تاس قالدىم ھاسام بىلەن ئۇرۇۋەتكىلى.
10. ئاي شارى- مارىس، ئۈچ كېچە تۆت كۈندۈزلۈك ساياھەت تۈرىنىڭ باھاسىنى چۈشۈرۈپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، مۇشۇ يېشىمغا بولسىمۇ بىر چىقىپ كۆرۈپ كەلسەم بولاتتى.
مەنزىل: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
(نەجمىدىن نەسرىدىن) كەن ئاپتۇرى
_ ئاداش نىمىش قىلۋاتىسە؟_كومپىيوتىردا قوي، كالا سويۇپ شۇ... توغراق ئايلا، نەگە ماڭلا؟
-باچكا بىلەن زىيالى قۇدا بوپتۇ، شۇ تويغا ھەي قىز سىز ئادەممۇ ماشىنا ئادەممۇ؟ يەنە قىرىق يىلدىن كىيىن جاھان تەرەققىي قىلىپ كىشىلەر ئەنئەنىۋىي رادىئو تارقىتىش ۋە قوبۇللاشقا مۇھتاج بولمايدۇ ، ھەممىسى تور رادىئوسى ئاڭلايدىغان بولىدۇ . بىزدەك ئۇزۇپ -ئۇلاپ تارقىتىدىغانلارغىمۇ مۇھتاج بولمايدۇ . رادىئو تارقىتىش ئاپاراتىنىمۇ نازارەت قىلىش ، رىمۇنۇتلاش كەتمەيدۇ ...
ھەي رادىيوچى ، نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن ...
......
يىڭى توك يولى تەقلىد قىلىدىغان يۇمشاق دېتال چىقىپتىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشپ ...
يەنە قىرىق يىلدىن كىيىن پىنسىيىگە چىققىلى قويامدۇ ياق تىخى ...
پىنسىيە يىشىنى 65 كە كۆتۇرىدىغان گەپ بار ....
ئوغلۇم، ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ماشىنىلارنى ئادەملەر ھەيدەيتتى. رول دەپ بىر نېمىلىرى بولىدىغان ئوڭ سولغا بۇرىغاندا ئىشلىتىدىغان. جەڭچى نىمىش قىلۋىتسا ؟
؛؛-ئامرىكا ئاپتىنوم رويىندىكى ئارلاش قانلىقلار نىڭ كۆتۈرگەن توپىلىڭىغا ئالاقادار مەملىكەت خەۋەرلىرنى
كۆرۈپ ئولتۇردۇم ... {:92:} *** تىلى دەپ بىر تىل بولىدىغان، يەسلىلەردىن باشلاپ مەجبۇرىي ئۆگىتىدىغان. ۋاي شۇنچىلىك قاتتىق زامانلار بوپ كەتكەنەي. {:92:}
7- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
*** تىلى دەپ بىر تىل بولىدىغان، يەسلىلەردىن باشلاپ مەجبۇرىي ئۆگىتىدىغان. ۋاي شۇنچىلىك قاتتىق زامانلار بوپ كەتكەنەي.
،،،ساز ئىنكاس تىمام تەستىقلانغانمىدۇ دەپ كىرىپ بولغىچە، ئاخىرىنى چۈشۈرۈپ بوپ سىلەغۇ؟
6- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
جەڭچى نىمىش قىلۋىتسا ؟
؛؛-ئامرىكا ئاپتىنوم رويىندىكى ئارلاش قانلىقلار نىڭ كۆتۈرگەن توپىلىڭىغا ئالاقادار مەملىكەت خەۋەرلىرنى
كۆرۈپ ئولتۇردۇم ...
نېمىدېگەن ئۈمۈتۋار ئىنكاس
3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەي قىز سىز ئادەممۇ ماشىنا ئادەممۇ؟
توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال!!!
-قىزىم بىرلىندا ياتاقتا يىتىپ قالدىم، كەچكىچە قايتالمايدىغان ئوخشايمەن.
-نىمە ؟ دادا ھازىرلا قىشىڭغا باراي، ساڭا قەشقەرنىڭ كۆك ئامۇتى پايدا قىلاتتى ئالغاچ بارىمەن .
ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ئوغۇرلۇقچە شەھۋانى فىلىم كۆرتۇق ، ھازىر باغچىغىلا بارساق ھەقسىز كۆرەلەيمىز نەۋرەم ئىزدىنىشقا چىقىپ تىمىلارغا قاراپ باقە زىيالى بۇۋاڭنىڭ بالىسنىڭ تويى بولامدىكەن زادى ،ھەي ..بۇ بالا دادىسنى دورىدى جۇمۇ {:90:} {:92:}14- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەۋرەم ئىزدىنىشقا چىقىپ تىمىلارغا قاراپ باقە زىيالى بۇۋاڭنىڭ بالىسنىڭ تويى بولامدىكەن زادى ،ھەي ..بۇ بالا دادىسنى دورىدى جۇمۇ
شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتى ئوقۇغۇچىلىرى پاراڭلىرىدىن ئۈزۈندە
-ئاداش، ئاڭلىسام مىترونىڭ قەشقە بېكىتى يېنىغا بىر يەرلىك قوي گۆشى كاۋاپخانىسى ئېچىپتىمىش، بەك ئوخشايمىش، بۈگۈن چۈشلۈك ئارامدا بېرىپ يەپ كېلەمدۇق؟
- بولىدۇ، بارساق باردۇق. باشقا يەرگە بارمايلا يېنىپ كەلسەك دەرسكە چىقىشتىن يېرىم سائەت بۇرۇن كەلگۈدەكمىز. ئازراق ئۇخلىۋالغۇدەكمەن تېخى... ھەي ،بىرسى ھەممە نەرسىنى يەيدىغان بىر ئادەمسىمان مەخلۇقنى بايقاپتۇ، uytube قا چىقرىپ قويۇپتۇ .
ماڭەۋە ساراڭ ، شۇ گەپلەرگىمۇ ئىشنىپ . كىم مىنى كۈيئوغۇل قىلىۋالىدۇ؟
13- قەۋەتتىكى Elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ياش ۋاقىتلىرىمىزدا ئوغۇرلۇقچە شەھۋانى فىلىم كۆرتۇق ، ھازىر باغچىغىلا بارساق ھەقسىز كۆرەلەيمىز
نىمېدېگەن ئۈمۈتسىز ئىنكاس