kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 12:33:59

شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى[كۆچۈرۈلمە]

شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇچە نۇسخىسى بۈگۈندىن باشلاپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى











2-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى http://uyghur.xjedu.gov.cn سىناق تەرىقىسىدە ئىچىۋىتىلدى.



شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ
خىزمىتى كومېتىتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ باش تور بىكىتى بولۇپ، پارتىيە ۋە
ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ فاڭجىن، لۇشەن ۋە سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ھۆكۈمەت
ئىشلىرىنى ئاشكارلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش،ھۆكۈمەت-خەلق ئۆز-ئارا پىكىر
ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردە موھىم رول ئوينىماقتا.
ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ مائارىپ
ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى بۈگۈن ئېچىۋىتىلدى. نۆۋەتتە تور بىكەتنىڭ
ھەرتۈرلۈك ئىقتىدارلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى
كەڭ ئامما ئۈچۈن  دەل ۋاختىدا، ئومومى يۈزلۈك مائارىپ ئۇچۇرى مۇلازىمتى
تەمىنلەيدۇ.



شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتىنىڭ نىشانى: "مائارىپنى
مەۋقە قىلىپ، جەمىيەتكە يۈزلىنىش". تور بىكەتنىڭ مەزمۇنلىرى: خەۋەرلەر،
ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ،
"موھىم مەزمۇنلار"، "مائارىپ خەۋەرلىرى"، "ۋىلايەت-ئوبلاست خەۋەرلىرى"،
"ئوبزۇرلار"، "مەخسۇس تېما"، "مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى"، "پەن-تېخنىكا
ئۇچۇرلىرى"، "ساياھەت ئۇچۇرلىرى"، "ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى" قاتارلىق كۆپ خىل
مەزمۇنلارنى  ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە، خەنزۇچە نۇسخىسى بىلەن ماس قەدەمنى
يىڭىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ نوپوزلۇق، ئەڭ مول ۋە دەل ۋاختىدىكى مائارىپ
ئۇچۇرلىرىنى ئىلان قىلىدۇ.




    كەڭ تورداشلارنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتىگە
قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى، ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى
ئالىمىز (تېلفۇن، 0991-7606108: ئېلخەت  xjuyedu@163.com )  شۇنداقلا، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.تور ئادرىسىمىز.


alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 19:42:03

كاللىسى پىلموتتەك ئىشلەيدىغانلار باركەن جۇمۇ مائارىپتا \"\"

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 19:45:08







    ماۋۇ ياخشى خەۋەر ئىكەن،مۇشۇنداق بىر تور بىكەت ھەقىقەتەن زۆرۈرتى.

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 21:25:39

بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، يېڭىدىن ئېچىلغاچقا خېلى كۆپ مەزمۇنلار خەنزۇچە بېكەتتىكىدىن كەمكەن. لېكىن بەك ياخشى بوپتۇ. ئۇچۇرلارنىڭ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. يەنە بىر گەپ مائارىپ ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى (پۇقرالارنىڭ) قوبۇل قىلىدىغان كۆزنەك بولىشى كېرەكمۇ قانداق

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 07:56:12

3- قەۋەتتىكى nurahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم، يېڭىدىن ئېچىلغاچقا خېلى كۆپ مەزمۇنلار خەنزۇچە بېكەتتىكىدىن كەمكەن. لېكىن بەك ياخشى بوپتۇ. ئۇچۇرلارنىڭ داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. يەنە بىر گەپ مائارىپ ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى (پۇقرالارنىڭ) قوبۇل قىلىدىغان كۆزنەك بولىشى كېرەكمۇ قانداق





  باركەن   


نازىر خەت ساندۇقى         |         خەت يېزىش            تەكشۈرۈش

بەت: [1]
: شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى[كۆچۈرۈلمە]