Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 08:47:20

http://uyghur.xjedu.gov.cn ئۇيغۇرچىسى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى

2-ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى سىناق تەرىقىسىدە ئىچىۋىتىلدى.


شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ خىزمىتى كومېتىتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ باش توربىكىتى بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ فاڭجىن، لۇشەن ۋە سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ھۆكۈمەتئىشلىرىنى ئاشكارلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش،ھۆكۈمەت-خەلق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردەموھىم رول ئوينىماقتا. ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىئۇيغۇرچە تور بىكىتى بۈگۈن ئېچىۋىتىلدى. نۆۋەتتە تور بىكەتنىڭ ھەرتۈرلۈك ئىقتىدارلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ،ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى كەڭ ئامما ئۈچۈن  دەل ۋاختىدا، ئومومى يۈزلۈك مائارىپ ئۇچۇرى مۇلازىمتى تەمىنلەيدۇ.


شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتىنىڭ نىشانى: "مائارىپنى مەۋقە قىلىپ، جەمىيەتكە يۈزلىنىش". توربىكەتنىڭ مەزمۇنلىرى: خەۋەرلەر، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ،"موھىم مەزمۇنلار"، "مائارىپ خەۋەرلىرى"، "ۋىلايەت-ئوبلاست خەۋەرلىرى"، "ئوبزۇرلار"، "مەخسۇس تېما"، "مەدەنىيەتئۇچۇرلىرى"، "پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى"، "ساياھەت ئۇچۇرلىرى"، "ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى" قاتارلىق كۆپ خىلمەزمۇنلارنى  ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە، خەنزۇچە نۇسخىسى بىلەن ماس قەدەمنى يىڭىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭنوپوزلۇق، ئەڭ مول ۋە دەل ۋاختىدىكى مائارىپ ئۇچۇرلىرىنى ئىلان قىلىدۇ.


    كەڭ تورداشلارنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى، ئۇچۇر مەنبەسىبىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز)تېلفۇن، 0991-7606108: ئېلخەت (xjuyedu@163.com : شۇنداقلا،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.تور ئادرىسىمىز http://uyghur.xjedu.gov.cn:





يۇقارىقى چاپلانما مەزكۇر ئورگان تور بېتىدىن ئېلىندى.


دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرغايمىز.


http://uyghur.xjedu.gov.cn/index.htm

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 09:40:26

گەرچە كېچىككەن بولسىمۇ، مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىنىڭ ئېچىلغانلىقى ياخشى بولۇپتۇ.

ئەمما ئاۋۇ تور بەتنى قۇرغۇچىلارغا دەپ قويۇڭلار، ئۇيغۇرچىنى بىلدىغان ئادەملەرنى مەسئۇل قىلسۇن. باش بەتتىلا يوغان قىلىپ قىزارتىپ قويغان خەتلەردىلا ئىملا خاتالىقى باركەن. ئىلان ئەمەس ئېلان، بىكەت ئەمەس بېكەت. ئۆتگەن ئەمەس ئۆتكەن.
بەت: [1]
: http://uyghur.xjedu.gov.cn ئۇيغۇرچىسى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى