Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 00:52:52

(بىلىك) يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش



كىرىش



ئېنىرگىيە مەسىلىسى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەڭ مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى بولىشى ئېنىق. چۈنكى ئىنسانلارنىڭ يەر يۈزىدىكى مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ ياشىيالىشىدا ۋە تەرەققىي قىلىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشىدە ئېنىرگىيە ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ...

ئۇنداقتا ئېنىرگىيە دىگەن نىمە؟ ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا ئېنىرگىيە دىگىنىمىز ئىش ئىشلەيدىغان كۈچ نى كۆرسىتىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ مەلۇماتى بار كىشىلەر بۇ ئىككى ئۇقۇم ھەققىدە مەلۇم تونۇشقا ئىگە بولىشى مۇمكىن. كۈچ، ئېنىرگىيە، قۇۋۋەت دىگەن ئۇقۇملارنىڭ بىرى بىلەن يەنە بىرىنى ئىزاھلىغىلى بولىدۇ. دىمەك،بۇ ئۇقۇملار ھەر بىرىمىزگە يات چۈشەنچىدە ئەمەس.


ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات بارچە مەخلۇقاتلار مەۋجۇتلۇقنىڭ ماددى ئاساسى،بۇ جەريان، يەنى ھەرىكەت ۋە تەرەققىيات جەرىيانى ئېنىرگىيە سەرىپ قىلىش ۋە ئالماشتۇرۇش جەرىيانىدۇر. ئىنسانلار ئىنىرگىيەنى ئۆزلىكىدىن يارىتالمايدۇ بەلكى ئۇنىڭدىن ئېچىپ، قېزىپ پايدىلىنىدۇ. ئېنىرگىيە بىلەن ماددى دۇنيا ئوتتۇرىسىدا ئالمىششى بولىدۇ دىسەك، ماددى مەۋجۇتلۇق ئىنىرگىيە ئالمىشىشتىن بولىدۇ.


ئەمسە شۇ قۇۋۋەت ۋە ئېنىرگىيەلەرنى قانداق تاپىمىز؟ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ بۇ ئاممىباپ يازمىدا مۇشۇ مەسىلىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېنىرگىيەنى تونۇش، ئىنىرگىيە شەكىللىرى، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ئېنىرگىيەلەرنىڭ ئالمىشىش قانۇنىيەتلىرى، بۇندىن كىيىنكى يۈزلىنىش ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى ھەققىدە ئاددى چۈشەنچىلەر بىرىلىدۇ. يازمىدا ئالدى بىلەن ئىنىرگىيەگە قىسقىچە ئىزاھات بىرىمىز ئاندىن ئوخشىمىغان ئېنىرگىيە شەكىللىرى تونۇشتۇرلىدۇ، كەينىدىن ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئالمىشىش جەريانى قىسقىچە شەرھىيلىنىدۇ. ئاخىرىدا، شۇنداقلا يازمىنىڭ ئاساسلىق مەخسىتىدە، بۇنىڭدىن كىيىنكى يۈزلىنىش بولغان يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ۋە پىرىنسىپى قىسقىچە تونۇشتۇرىلىدۇ.




ئېنىرگىيە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى


ئېنىرگىيە دىگەن بۇ سۆز ئۇيغۇر تىلى لوغەت تەركىۋىگە ئېنىگىلىزچە «energy » دىگەن سۆزنى لاتىن ھەرىپى بويىنچە ئەينى تەلەپپۇز قىلىنىشى بىلەن كىرگەن، ئېنگىلىزچىغا قەدىمكى گىرىكچە سۆز «energeia» دىگەن سۆزدىن كىرگەن بولۇپ ھەرىكەت، پائالىيەت، مەشخۇلات دىگەن مەنىلەردە كىلىدۇ. فىزىكىلىق مەنىسى بويىنچەئېنىرگىيە دىگىنىمىز بىر جىسىمنىڭ يەنە بىر جىسىمغا نىسبەتەن(قانچىلىك) ئىش ئىشلەش ئىختىدارىنى كۆرسىتىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىزنىڭ سىرىتقا نىسبەتەن قانچىلىك قۇۋۋەت سەرىپ قىلالىشىمىزنى، قانچىلىك ئىش ئىشلىيەلىشىمىزنى ئۆلچەيدىغان فىزىكىلىك مىقدارنى كۆرسىتىدۇ. باشقا فىزىكىلىق مىقدارلاردەك ئېنىرگىيەنى بىۋاستە ئۆلچىگىلى ۋە كۈزەتكىلى بولمايدۇ. دىمەك كۈچ بىلەن ئىش ئىشلىنىدۇ، قۇۋۋەت سەرپ بولىدۇ، ئېنىرگىيە ئالمىشىدۇ.ئادەمنى مىسالغا ئالساق، ئادەم بەدىنى سىرىتتىن ئېنىرگىيەنى ماددا شەكىلدەقوبۇل قىلىپ، ئادەم بەدىنى ئىچىدىكى توقۇلما ۋە مىكرو ئورگانلارنىڭ ھاياتلىق ھەرىكىتىگە سەۋەب ئېتىدۇ، ئۇندىن باشقا تاشقى ھەرىكەت ۋە ئىش-پائالىيەتلىرىمىز ئەمەلىيەتتە ئېنىرگىيەنىڭ ماددىغا ماددىنىڭ يەنە ئېنىرگىيەگە ئالمىشىش جەريانىدۇر. ئېنىرگىيەنىڭ فىىزىكىدا بىرلىكى جول (Joule) يەنە بىر كۆپ ئىشلىتىدىغان بىرلىكى كىلۇۋاتسائەت (kWh).


ئىنىرگىيەنى ئوخشاشمىغان كاتاگورىيەلەر بويىنچە ھەرخىل تۈرلەرگە ئايرىشقا بولىدۇ، ئۇ ھەرخىل شارائىتلاردا ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.بىز بىلىدىغان ئېنىرگىيە شەكىللىرىنى يىغىنچاقلاپ تۆۋەندىكى ئۈچ كاتاگورىيەگە ئايرىشقا بولىدۇ:

1) (يېقىلغۇلارنى مەنبە قىلغان) ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى،

2) (ھاياتلىق زەنجىرىدىكى) خېمىيلىك ئېنىرگىيە،

3) (ماسسا-ئېنىرگىيە قانۇنىدىكى) يادرو ئېنىرگىيەسى.

بىز كۆپ پايدىلىنىۋاتقان ۋە تىلغا ئالىدىغان يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسى، ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى، مېخانىك ئېنىرگىيە، ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسى،... قاتارلىقلار يۇقارقى ئۈچ شەكىلدىكى ئېنىرگىيەنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى دىيىشكە بولىدۇ.كىلىش مەنبەسى جەھەتتىن ئېنىرگىيەنى قايتا پەيدا بولىدىغان ۋە قايتا پەيدا بولمايدىغان ئېنىرگىيە دەپ ئىككى رايۇنغابۆلۈشكە بولىدۇ. فىزىكىدا بولسا ئېنىرگىيە پوتېنسىيال ئېنىرگىيە ۋە ھەرىكەت ئېنىرگىيە دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى جىسىملارنىڭ ئورۇنى ۋە مولىكولىلىق تۈزۈلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىرى جىسىمنىڭ ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىز بۇ يەردە ھەرىكەت ۋە پوتېنسىيال ئېنىرگىيەلەرنى تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت (قايتا پەيدا بولىدىغان) يېڭىئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە توختىلىپ،بۇ يازمىنىڭ ئەسلى مۇددىئاسىغا يول ئاچىمىز. ئاساسلىق مەخسىدىمىز قوياش ئېنىرگىيەسى، ئۇنىڭ ئايلىنىش جەريانى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يۈزلىنىشى ۋە تېخنىكا پىرىنسىپلىرىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈشتۇر. ئەمەلىيەتتە يەر يۈزىدىكى ئىنسانلار پايدىلىنىۋاتقان ئېنىرگىيەنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى قوياش نۇرى ۋە ئىسسىقلىقىدىنكىلىدۇ...


يەريۈزىدىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىش جەريانى


ھەممىمىز بىلىدىغان ئاددى چۈشەنچە، قوياش يەر يۈزىدىكى بارچە ئېنىرگىيەنى تەمىن ئەتكۈچى مەنبە. قوياش ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنىرگىيەنى قانداق چۈشىنىمىز؟ قوياش بولسا يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 150 مىلىيۇن كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر تۇرغۇن يۇلتۇزدىن ئىبارەت. ئۇ يەرشارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ماسسا ۋە ھەجىم جەھەتتىن غايەت زور بىر ‹‹ئوت شارى›› بولۇپ، ئۇنىڭ يەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە پىلانىتى ۋە ئۇلارنىڭ ھەمرەھلىرى قوياش سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ...

قوياش يۈزىدە ھەرۋاقىت شىددەتلىك زەنجىزسىمان يادرو رىئاكسىيسى يۈز بىرىپ تۇرىدۇ، يەنى ئېنىشتىيىننىڭ مەشھور بولغان ماسسا ئېنىرگىيە تەڭلىمىسى (E=mc2) گە ئاساسەن ھىدروگىن ئاتوم يادرولىرى بىرىكىپ گېللىي (He4) نى ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگەئېنىرگىيەنى يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق شەكىلدە سىرىتقا تارقىتىپ تۇرىدۇ...




قوياش يۈزىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ تەخمىنەن 5700 كېلىۋېن (K)كىلىدۇ. يەر بىلەن بولغان ئارلىقى مۇۋاپىق يىراقلىقتا بولغاچقا يەريۈزىگە تەخسىملەنگەن مۇۋاپىق تېمپىراتۇرا ۋە يۇرۇقلۇق يەر يۈزىدىكى ھاياتلىقنى ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدۇ...

زادى قانداق؟ يەر يۈزىنىڭ قوياشنى ئايلىنىش دەۋرىيلىكى پەسىللەرنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئىسسىق-سوغۇقنىڭ ئالمىششى يەر يۈزىدىكى سۇنى ھەر قايسى يەرلەرگە تەخسىملەيدۇ، ئۆسۈملۈك ، ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار زەنجىرسىمان ئوزۇقلۇق تورىنى، ھاياتلىق تەڭپۇڭلىقىنىشەكىللەندۈرىدۇ،...دىمەك قوياش نۇردىن ئالغان ئېنىرگىيە يورۇقلۇق ۋە ئىسسىقلىق تىن ماددى ھالەتكە يەنى، خىمىيلىك ئېنىرگىيەگە، ھەرىكەت ھالەتكە يەنى، فىزىكىلىق ئېنىرگىيەگەئۆزگۈرىدۇ، بۇ ماددى ھالەتتىكى ئېنىرگىيە يەنە ھەرخىل شەكىلدىكى ئېنىرگىيەگە ئايلىنىپ ھەرىكەت ۋە مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ تۇرىدۇ...



ئېنىرگىيە كىرزىسى



ئىنسانلار ئەزەلدىن قوياش ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ كەلگەن بۇلۇپ، كۈنىمىزدە ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ماددا نىفىت ۋە كۆمۈر، يەنى يېقىلغۇ بولىۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە نىفىت ۋە كۆمۈرمۇ قوياش ئېنىرگىيسىنىڭ مەسھۇلى دىيىشكە بولىدۇ. ماشىنىلار، ئايروپىلانلار، زاۋۇت-كارخانىلار بۇلارسىز كىرىكى يوق تۆمۈر-تەرسەك دۆۋىسىدىن ئىبارەت. ھالبۇكى، بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرى قايتىلانما ھالەتتىكى ئېنىرگىيە مەنبەسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ ۋە دەۋىرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ كۈندىن-كۈنگە ئېنىرگىيە كىرزىسى يىقىنلاپ كىلىۋاتماقتا، ئېنىرگىيە بىلەن بىرگە دۇنيا سىياسىتى ۋە تەرتىپىدىمۇ ئۆزگۈرۈشلەر بولماقتا (نۆۋەتتە دۇنيادىكى تۈرلۈك جەڭگە جىدەللەر ۋە ئارامسىزلىق، قىرغىنچىلىقلار مۇشۇ ئېنىرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك).

ھازىرقىدەك ماشىنا-ئاپتۇمبىللار قۇمدەك كۆپ بولغان، ئايروپىلانلار قىتئەمۇ قىتئە ئۇچۇپ يۈرگەن دەۋىر بەلكىم بىر زامانلاردا تارىخقا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن! ئىنسانلار بۇ ئېنىرگىيەنىڭ ئورۇننى تولۇقلايدىغان يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە كۆپ ئىزدىنىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. يادرو ئېنىرگىيسى گەرچە ياخشى بىر كاندىدات بولسىمۇ ئۇنىڭ خەۋىف- خەتىرى، تەھتىدى ئۇنى غايىدىكىدەك ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىشقا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. چىرنوبىل ۋەقەسى،ياپۇنىيەدىكى يادرو ئېلىكتېرزاۋۇتى ۋەقەسى ئىنسانلارنى قاتتىق چۆچۈتتى! ئۇنىڭدىن باشقا يادرو يىقىلغۇسىنى تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش بىر باش ئاغرىتىدىغان مەسىلە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ...

گەپنى يىغىنچاقلىغاندا، ئېنىرگىيە كىرزىسىنى ھەل قىلىش، يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىش، يەر يۈزىنىڭ ئۆچمەس ئېنىرگىيە چىرىقى قوياش تەمىنلىگەن ئېنىرگىيەدىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات يولىنى ئېچىش ھازىقى تەتىقىقاتچى، ئالىملارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بىر ئېغىر مەسئۇلىيەت! ھازىر پۈتۈن دۇنيادا نەچچە يۈزمىڭلىغان، ھەتتا مىليۇنلىغان تەتقىقاتچىلار ئاساسلىقى مۇشۇ ئېنىرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، پاكىزە ۋە ئايلانما ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. بۇلاردىن ئەڭ ئاساسلىقى «قوياش ئېنىرگىيە باتارىيىسى» تەتقىقاتىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.



قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى






توك بىلەن ھەرىكەتلەندۈرىلىدىغان كىچىك تىپتىكى ماشىنىلار بىزگە ناتونۇش ئەمەس، لىكىن رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك قوياش نۇرىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىدىغان ماشىنىلارنى كۆپىنچىللىرىمىز كۆرمىگەن بولىشىمىز مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى قارا تاختا دەل بىز سۆزلىمەكچى بولغان قوياش ئېنىرگىيە تاختىسىدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا ئۇنىڭ پىرىنسىپى قانداق؟


1. فوتو-ۋولتەيىك (photovoltaic) يەنى نۇر-ئېلىكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنىمى


نۇر-ئېلىكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنىمى بولسا يورۇقلۇقنىڭ (يىرىم ئۆتكۈزگۈچ) جىسىمغا چۈشكەندە يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسىنىڭ ئېلىكتىر توكىغا ئايلىنىش جەرىيانىنى كۆرسىتىدۇ. يەنى نۇر، نۇردىن توك ھاسىل قىلالايدىغان جىسىم يۈزىگە چۈشكەندە جىسىمدا ئېلىكتېر بىسىمى ھاسىل بولۇش جەرىيانىنى كۆرسىتىدۇ.

نۇر-ئېلىكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنىمى 1839-يىلى فىرانسىيە فىزىكا ئالىمى ئالېكساندر ئەدموند بېكۈرېل (Alexandre-Edmond Becquerel ) تەرىپىدىن بايقالغان.





ئومۇمەن نۇردىن ئېلىكتىر توكى ھاسىل قىلىنسىمۇ نۇر-ئېلىكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنىمى فوتو-ئېلىكتىر ئىففىكتى يەنى نۇر-ئېلىكتىر ئۈنىمى بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرىقلىنىدۇ. نۇر-ئېلىكتىر ئۈنىمى ھەققىدە ئىلگىرى «نۇر دىگەن نىمە» دىگەن تېمىدا تەپسىلى توختالغان ئىدۇق، بۇ يەردە ئۇنى قايتا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمايمىز. بۇ يەردىكى نۇر-ئېلىكتىر يۈرگۈزۈش ئۈنىمىدە يورۇقلۇق (يىرىم ئۆتكۈزگۈچ) جىسىم يۈزىگە چۈشكەندە جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلىكترونلارنىڭ جىسىم ئېنىرگىيە بەلباغلىرى ئارىسىدا يۆتكىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەقتە تۆۋەندە تېخىمۇ تەپسىلىيرەك توختىلىمىز:


قاتتىق جىسىملارنىڭ ئېلىكتىرلىق خۇسۇسىيەتلىرى ئاتوم تۈزۈلۈشلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىسدۇ. ئاتوم تۈزۈلۈشلىرى ئوخشاش بولمىغاچقا ئۆتكۈزگۈچ، يىرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئېزىلياتۇر دەپ ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ. بۇنىڭ ئاددى سەۋەبى شۇكى، ئۇلارنىڭ ئېنىرگىيە بەلباغلىرى ئوخشىمايدۇ. ئېنىرگىيە بەلباغلىرى ئۆتكۈزگۈچ بېغى ۋە ۋالېنتلىق بېغى دەپ ئىككى قىرغاققا بۆلۈنىدۇ. ئادەتتە ئېلىكترونلار ۋالېنتلىق باغ قىرغىقىدا تۇرىدۇ، (بۇ دىگەنلىك ئېلىكترونلار ئاتوملارغا باغلىنىپ تۇرىدۇ) ئەگەر سىرىتتىن ئازىراقلائېنىرگىيە قوبۇل قىلىنسا ئېلىكترون ۋالېنتلىق باغدىن ئۆتكۈزگۈچ باغ قىرغىقىغا سەكرەيدۇ،-دە نىسبەتەن ئەركىن ئېلىكتىرونغا ئايلىنىدۇ.



بۇ ئەركىن ئېلىكترونلار مۇسپەت زەرەتلىك ئېلىكترود تەرىپىدىن تارتىلىپ تۇيۇق زەنجىر ھاسىل قىلىنسا يورۇقلۇق ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلانغان بولىدۇ.


2. قوياش ئېنىرگىيە باتارىيسى(Solar Cell)




رەسىمدە قوياش ئېنىرگىيە باتارىيسىنىڭ ئاددى سىخىمىسى كۆرسۈتىلدى. قوياش باتارىيسى يەنە فوتو-ۋولتەيىك باتارىيسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ پىرىنسىپى فوتو-ۋولتەيىك ئۈنۈمى دە چۈشەندۈرۈلدى. قوياش باتارىيسىنىڭ ئىشلەش مىخانىزىمىنى تۆۋەندىكى ئۈچ باسقۇچقا يىغنچاقلاشقا بولىدۇ:

1) نۇر سۈمۈرۈپ جىسىمدا ئېكىسايتونلار(ئېلىكتىر-تۆشۈك جۈپتى)نى ھاسىل قىلىدۇ،

2) زەرەت توشۇغۇچىلىرى ئىككى رايۇنغا ئايرىلىدۇ،

3) سىرىتقى زەنجىرگە ئۇلاپ توك ھاسىل قىلىنىدۇ.




مۇشۇنداق پىرىنسىپ بىلەن ياسالغان قوياش باتارىيلىرىنى توپلاپ قوياش ئېنىرگىيە تاختىسىنى بەرپا قىلىمىز. قوياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ نۇرنى توكقا ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى قوياش باتارىيلىرىنىڭ ماتېرىيالى بولغان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ جىسىم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئىختىسادى ئۈنۈمى، قوللىنىشچانلىقى، مۇھىت مەسىلىسى قاتارلىقلارنى ئويلاشقاندا قوياش باتارىيسىنىڭ توك ھاسىل قىلىش ئۈنۈمى بىلەن تەتۈر تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. مەسىلەن، ماتېرىيالى ياخشى يىرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنى ئىشلەتلەندە قوياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ تەننەرخى خىېلىلا يۇقىرلاپ كىتىدۇ، بۇ ھالدا ئۇنى ئاممىباپ ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ. ئەرزان ۋە قايتا قوللانغىلى بولىدىغان، مۇھىت بۇلغىنىشى يوق ماتېرىياللارنىڭ بولسا ئۈنۈمى يۇقىرى بولمايدۇ... شۇڭا نۆۋەتتىكى تەتقىقات دەل ئۈنۈمى يۇقىرى، تەننەرخى تۆۋەن، مۇھىت مەسىلىسى يوق يەنى قايتا قوللانغىلى بولىدىغان قوياش باتارىيسى ماتېرىياللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتتىن ئىبارەت.

قوياش نۇرى كۆپ ۋە ياخشى چۈشىدىغان جايلارغا قوياش ئېنىرگىيە تاختا بازىلىرىنى قۇرۇپ، چوڭ كۆلەمدىكى تاختايلار سىستىمىسدىن كۆپ مىقتاردا ئېلىكتىر توكلىرىنى ھاسىل قىلىش ۋە ئۇنى تۇرمۇش ۋە سانائەت ئۈچۈن قوللىنىش مۇمكىن. يەنە دەسلەپكى رەسىمدىكىدەك، قوياش ئېنىرگىيە بىلەن توك ھاسىل قىلىپ، توك كۈچى بىلەن ماڭىدىغان كىچىك تىپتىكى ماشىنىلارنى ياساش مۇمكىن. نۆۋەتتە قوياش ئېنىرگىيە تاختىسىنىڭ قوللىنىش دائىرىسى بارا-بارا كىڭەيمەكتە ۋە ئاممىۋىلاشماقتا. مۇشۇ يۈزلىنىشنى ئېلىپ ئېيتقاندا كەلگۈسىدە قوياش ئېنىرگىيە باتارىيسى ئەڭ ئىسسىتقباللىق ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.



شامال كۈچى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىش








شامال كۈچى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەسى ماھىيەت جەھەتتىن مىخانىك ئېنىرگىيەنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلىنىش جەرىيانىدىن ئىبارەت. بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىخانىك ئېنىرگىيەنىڭ ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلىنىش جەرىيانىنى قىسقىچە ئەسلەپ ئۆتىمىز. ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىدا گېنىراتۇر ۋە ئېلىكتىر ماتورى ھەققىدىكى ئاساسى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن بولىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپى ئۆزگۈرۈشچان ئېلىكتىر مەيدانى بىلەن ئۆزگۈرۈشچان ماگنىت مەيدانلىرى ئارىللىرىدىكى ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئۆ‍زگۈرۈش جەرىيانىدىن ئىبارەت. مىخانىك ئېنىرگىيەنى ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدىغان گېنىراتۇرنى مىسالغا ئالساق،ماگىنىتلىق ئۆزەك سىرىتقى مەلۇم بىر خىل مىخانىك قۇرۇلمىغا سەپلەنگەندىن كىيىن ھەرىكەتلىنىۋاتقان ماگىنىت ئۆزىگە ئۇلانغان زەنجىردە ئېلىكتىر يۈرگۈزگۈچى كۈچنى ھاسىل قىلىدۇ،-دە زەنجىردە توك ھاسىل قىلىدۇ [تەپسىلاتى ئۈچۈن ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا دەرسىلىكىگە مۇراجەت قىلسىڭىز بولىدۇ].






دىمەك، مەيلى شامال كۈچى بولسۇن، مەيلى دېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەسى بولسۇن مىخانىك ئېنىرگىيە مەلۇم شەكىل ئارقىلىق ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرىلىدۇ. بىز بىلىدىغان شامال ئېلىكتىر مەيدانلىرى شامالنىڭ چاقپەلەكلەرنى ئايلاندۇرۇشىدىن پايدىلىنىپ توك ھاسىل قىلىنىدۇ، دېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەسى بولسا دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، پەسىيىشىدىن شەكىللەنگەن دېڭىز دولقۇنلىرى ياكى دېڭىز سۈيىنىڭ ئىچكى ئېقىمى ئېلىكتىر زەنجىرىگە سەپلەنگەن مەلۇم خىل مىخانىك قۇرۇلمىغا ماسلاشتۇرۇلۇپ، مۇقۇملاشتۇرۇلغاندىن كىيىن توك ھاسىل قىلىنىدۇ.




شامال كۆپ چىقىدىغان ھەم دولقۇنى كۈچلۈك بولغان دېڭىز قىرغاقلىرى، دېڭىز بوغۇزلىرى شامال ھەم دېڭىز دولقۇنىنى بىرلا ۋاقىتتا پايدىلانغىلى بولىدىغان ئېلىكتىر ئېنىرگىيە بازىلىرى قۇرۇشقا تولىمۇ باپ كىلىدۇ. بۇ يازمىدا بۇ ھەقتىكى يېشىل ئېنىرگىيە تۈرى تەسەۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىمىز.


Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-3-13 00:14:29

baqka@ رەھمەت سىزگە، شامال مۇنارى بولىدىغان نەرسىكەن. ئاستىدىن سوغۇق ھاۋا كىرىدىكەن، ئاندىن مۇنارنىڭ ئۈستىگە چىققانسىرى قوياش نۇرىدا قىززىغان ھاۋا بىلەن مۇنار تۈۋىدىكى سوغۇق ھاۋا بىلەن نىسپىي بېسىم پەرقى ھاسىل بولۇپ ھاۋا ئېقىمى شەكىللىنىدىكەن...

لىكىن بۇنىڭ شامىلى قانچىلىك كۈچلۈكتۇ؟

live_topic يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 07:51:13

بەك ياخشى يىزىپسىز.

ئىنسان ھەممە نەرسىسىنى يوقاتقاندا ئەڭ سەگەكلىشىدۇ.

ئېنىرگىيە تۈگىمىگىچە بۇ ئىشلارغا يىتەرلىك كۆڭۈل بولۇش بولماسمىكىن دەپ ئويلايمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 09:21:13

ئېنىرگىيەنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسى ھەققىدە كەلگۈسىگە ئۈمۈدلىك نەزەر




\"\"



مۇنداق ئويلاپ باقايلى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە نىفىت ۋە كۆمۈر تۈگەپ ياكى زور دەرىجىدە ئازلاپ،بۇلاردىن پايدىلىنىش ئىمكانىيتى تارايغاندا (ئەگەر كىشىلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئېنىرگىيەنى تېخىمۇ ئىسراپ قىلىپ تۈگەتسە)، شۇنداق كۈنلەر كىلىپ،يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىدىن ئومۇمىيۈزلۈك پايدىلىنىش جىددى زۆرۈر بولغاندا بۇلاردىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ مېنىڭچە كەلگۈسىدە نىفىت، كۆمۈرۋە تەبىئىي گازدىن باشقا قايتا پەيدا بولمايدىغان قېزىلمىلار مەۋجۇت بولماسلىقى مۇمكىن. يادرو يېقىلغۇسى بولغان ئۇراننى تىلغا ئالغان تەختىردىمۇ، دۆلەتلەرنىڭ سىياسىتى ۋە ئىختىسادى تەرەققىياتى تەكشىسىز بولغان دۇنيادا يادرو يېقىلغۇسىنى كەڭ-كۆلەمدە قوللىنىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر مەسىلە. ئۇنىڭدىن باشقا يادرو ئېنىرگىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسىمۇ ئىنتايىن باش ئاغرىتىدىغان مەسىللەرنىڭ بىرى...



\"\"



مۇسپەت-مەنفىي ئېلىكترونلارنىڭ بىرىكىپ يوقۇلىشى بىلەن نۇرۈغۇن ئېنىرگىيەنى فوتون شەكىلدە قويۇپ بىرىدۇ. مانا بۇمۇ كەلگۈسىدىكى ئېنىرگىيە مەسىلىسىگە قارىتا ئېچىغان يوچۇق بولىشى مۇمكىن. گەرچە مۇسپەت ئېلىكترونلارنىڭ مەنبەسى ۋە ئۇلارنى ساقلاش مەسىلىس زور مەسىللەر بولسىمۇ تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بىۋاستە ياكى ھەرخىل ۋاستىلىق يوللار بىلەن ئاز ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ نۇرغۇن ئېنىرگىيە ئۈندۈرىۋالىدىغان ئۇسۇللارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا بىئولوگىيلىك يېقىلغۇ تەتقىقاتلىرىمۇ ئېنىرگىيە مەسىلىسىنىڭ مەلۇم كىچىك بىر بوشلۇقىنى تولدۇرالىشى مۇمكىن...




\"\"



\"\"


ئېنىرگىيەنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى يىنىك ۋە ئاددى بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتا قولىنىلىش شۇنداقلا ئېغىر ۋە زورمىقتاردا ئېنىرگىيە سەرپ قىلىدىغان سانائەتتە قوللىنىلىشتىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى يورۇتۇش ۋە ئىسىنىش ئىشلىرى ئۈچۈنيېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرى يىتەرلىك بولىشى مۇمكىن، لىكىن كىشىلەر تۇرۇمۇشىدىكى ئايروپىلان، پويىز ۋە ئېغىر تىپتىكى يۈك ماشىنىللىرى ئۈچۈن كۆپ مىقتاردا ئېنىرگىيە لازىم بولىدۇ. سانائەت ۋە ئىشلەپ چىقىرىشمۇ زور مىقتاردىكى ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ بولىشىنى تەقەززار قىلىدۇ.



\"\"



مۇشۇنداق بولغاچقا، بىز يۇقىردا تىلغا ئالغان يادرو يېقىلغۇسى، مۇسپەت-مەنفىي ئېلىكترون مەنبەسى قاتارلىق يۈكسەك ئېنىرگىيە مەنبەلىرى سانائەت، تېخنىكا ۋە ئالەم قاتنىشى ئۈچۈن قوللىنىلسا، بۇ يازمىدا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قوللىنىلسا ئېنىرگىيە مەسىلىسى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىنغان بولىدۇ دىيىشكە بولىدۇ،ئەمما يۈكسەك ئېنرگىيە مەنبەلىرىدىن ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر پايدىلىنىش پەقەت كەلگۈسىگە بولغان ئۈمۈدتىن ئىبارەت. بۇلار كەلگۈسىدە ھەل بولغان تەختىردىمۇ تۇرمۇشتا ئېغىر تىپتىكى ماشىنىلار، ئايروپىلان، پويىز قاتارلىقىلار ئۈچۈن يېشىل مەنبەلەر زور دەرىجىدە چەكلىمىلىكلەرگە ئۇچىرايدۇ.



\"\"





ئەمسە قانداق قىلىش كىرەك؟! تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر بولغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى تېپىپ چىقىش زىممىمىزدىكى مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت.ھازىرچە بىزنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىمىز قوياش ئېنىرگىيەسىدىن قانداق قىلىپ ئەڭ يۇقىرى چەكتە پايدىلىنىش تېخنىكىسى. قوياش ئېنىرگىيەسى يەر يۈزى ئۈچۈن ئاداققى ۋە ئىشەنچىلىك پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. قوياش ئېنىرگىيە تاختىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلاردا كۈندىن كۈنگە يېڭى يۈكسىلىشلەر بارلىققا كەلمەكتە، كىشىلەرنىڭ قوياش نۇرىدىن توك ھاسىل قىلىپ، تۇرمۇش ۋە سانائەتتە پايدىلىنىش ئىشەنچى تېخىمۇ ئاشماقتا. لىكىن مەسىلە شۇكى، قوياش ئېنىرگىيەسى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرايدۇ. كىچە ۋە ھاۋا تۇتۇق كۈنلىرى قوياش باتارىيلىرى توك ھاسىل قىلالمايدۇ، بەزى جايلارغا قوياش ياخشى چۈشسە، بەزى جايلارغا ياخشى ئاپتاپ چۈشمەيدۇ. شۇڭا بۇنى ھەل قىلىشى ئۈچۈن ھاسىل بولغان توكنى ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ. توكنى قانداق ساقلايمىز؟ دەرھال يادىمىزغا كىلىدىغىنى باتارىيە. سىغىمى چوڭ، تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى باتارىيەلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلارمۇ ئېنىرگىيە تەتقىقات ساھەسىدىكى ئاساسى تۈرلەر ھىسابلىنىدۇ. بۇ يەردە باتارىيە ھەققىدە توختالمايمىز، ئاتالمىش ‹‹ئېنىرگىيە ساقلاش مەسىلىسى›› دە باشقىچە يوللار ھەققىدە ئىزدىنىپ باقىمىز.


Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 09:40:50

ئېلىكترولىزلاش ئۇسۇلى


\"\"




رەسىمدە ئېلىكترولىزلاشنىڭ ئەڭ ئاددى سىخىمىسى كۆرسىتىلدى. ئېلىكترولىزلاش دىگىنىمىز سۇنى ئېلىكتىر توكى ئارقىلىق پارچىلاپ ئۇنىڭدىن ئوكسىگېن ۋە ھېدروگىننى ئايرىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.



\"\"




بىر دانە سۇ مولىكولىسى ئىككى دانە ھېدروگىن ئاتومى ۋە بىر دانە ئوكسىگېن ئاتومىدن تۈزۈلىدۇ. بۇ ئاتوملار مەلۇم ئېنىرگىيەدىكى خىمىيلىك باغ ئارقىلىق باغلىنىپ تۇرىدۇ. ئەگەر مۇشۇ خىمىيىلىك باغ يىتەرلىك بولغان سىرىتقى ئېنىرگىيە بىلەن بۇزۇلسا ئوكسىگېن ۋە ھېدروگىن مولىكولىللىرى ئايرىلىپ چىقىدۇ.




2H2O → 2 H2 + O2      




بۇ يەردە خىمىيىلىك رىياكسىيە جەرىيانلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئولتۇرمايمىز، پەقەت ئېلىكترولىزلاشنىڭ ئاددى پىرىنسىپى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قانچىلىك ئېنىرگىيە كىتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتسەك كۇپايە قىلىدۇ. ئىككى مول ساپ سۇ (يەنى 36 گىرام سۇ) نىڭ پارچىلىنىپ ئىككى مول ھېدروگىن گازى(4 گىرام) ۋە بىر مول ئوكسېگىن گازى(32 گىرام) ھاسىل قىلىش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ساپ ئېنىرگىيە 118 كىلو كالورىيە( 493.72 كىلوجول).شۇنداق بولغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن يۇقارقى تەڭلىمىدە ئېلىكترولىزلاش ئۈچۈن كىتىدىغان تۆۋەن چەك ئېلىكتىر بېسىمى 1.48 ۋولت.


ساپ سۇنىڭ ئېلىكترولىزلىنىشى تۇزلۇق ئېرىتمە ياكى دېڭىز سۈيىگە قارىغاندا كۆپىرەك ئېنىرگىيە تەلەپ قىلىدۇ ھەمدە ئۈنۈمىمۇ يۇقىرى بولمايدۇ. شۇڭا دېڭىز سۈيى ياخشى بولغان ئېلىكترولىزلاش سۈيۇقلىقى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. دېڭىز سۈيىنىڭ پارچىلىنىش جەرىيانى ساپ سۇنىڭكىدىن مۇرەككەپ بولغاچقا ئوخشاشلا تەڭلىمىلەرنى يېزىپ مەخسۇسچۈشەندۈرمەيمىز، پەقەت دېڭىز سۈيىدىن ھېدىروگىن ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالساقلا كۇپايە. يەر شارىنىڭ %70 تىدىن كۆپىرەكى دېڭىز-ئوكيان بىلەن قاپلانغان، شۇڭا ھېدروگىن مەنبەسىمىز نەزەرىيە جەھەتتىن مول دىيىشكە بولىدۇ.



ھېدىروگىن ماشىنىللىرى



ھېدروگىن گازىدىن پايدىلىنىپ ھەركەتلىنىدىغان ماشىنىلار ھېدروگىن ماشىنىللىرى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز بىلىدىغان توشۇغۇچى راكىتا، رىئاكتىپ ئايروپىلان، ھېدروگىن موتۇرلۇق ئاپتومبىللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ھېدروگىن ماشىنىللىرى دىسەك بولىدۇ. بولۇپمۇ ھېدروگىن موتۇرلۇق ئاپتومبىللار نىفىت ۋە تەبى گاز بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان ئاپتومبىللارنىڭ ئورۇنىنى ئالسا تولىمۇ ياخشى بولغان يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسىگە ئىگە بولغان بولىمىز. نۆۋەتتە ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق قاتناش ۋاستىللىرى تەرەققىيات باشلىنىش نوختىسىدا تۇرماقتا. مەسىلەن، 2007-يىلى جوڭگو شاڭخەيدە ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ۋېلىسىپىت كۆرگەزمە قىلىندى، 2008-يىلىخوندا شىركىتى ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ئاپتومبىلنى كۆرگەزمە قىلدى، 2009-يىلى نىسسان ھېدروگىن يېقىلغۇسىنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، 2012-يىلى ئېچىلغان ‹‹دۇنيا ھېدروگىن ئېنىرگىيەسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى›› دا Daimler AG, Honda, Hyundai ۋە Toyota شىركەتلىرى 2015-يىلغىچە ھېدروگىن موتۇرلۇق ماشىنا ئىشلەپ چىقىرىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى 2008-يىلىخوندا شىركىتى كۆرگەزمە قىلغان ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ئاپتومبىل.


\"\"


   

ھېدروگىن موتورلىرى ئىككى خىل، بىرى ئەنئەنىۋى تەبى گاز يېقىلغۇلۇق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل، يەنە بىرىئېلىكترولىزنىڭ ئەكسى جەريانى بولغان ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيسىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە بۇ ئىككى خىل ھېدروگىن ماشىنىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:



1. ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل




ھېدروگىن گازى ناھايىتى ياخشى بولغان كۆيۈشچان گاز بولۇپ،ھاۋادا كۆيگەندەكۆپ مىقتاردا ئېنىرگىيە ھاسىل قىلىش بىلەن بىرگەھېچقانداق بۇلغىنىشى بولمىغان سۇ پارىنى ھاسىل قىلىدۇ. شۇڭا ھېدروگىن ناھايىتى ياخشى بولغان يېشىل يېقىلغۇ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلنىڭ تەبى گاز يېقىلغۇلۇق ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىلدىن كۆپ پەرقى يوق، لىكىن ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق دىۋىگاتىلنىڭ ئۈنۈمى گاز يېقىلغۇلۇق دىۋىگاتىلدىن %20 دىن %30 گىچە يۇقىرى بولىدۇ، ھەمدە ھاۋا بۇلغىمايدىغان پاكىز يېقىلغۇ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ...



2. ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيسى


ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيسىنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى ئىلىكترولىزلاشنىڭ دەل ئەكسى جەريانى بولۇپ، ھېدروگىن گازى بىلەن ئوكسىگىن گازىنىڭ بىرىكىپ سۇغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى ھاسىل قىلىش جەرىيانىدىن ئىبارەت.



\"\"




رەسىمدە ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق باتارىيەنىڭ ئاددى سىخىمىسى كۆرسۈتىلدى. ئوكسىگىن بىلەن ھېدروگىننىڭ ئۈزلۈكسىز تەمىنلىنىشى بىلەن ئېلىكتىرولىزلاشنىڭ ئەكسى جەريانى بولغان سىرىتقى ئېلىكتىر بىسىمىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق باتارىيەنىڭ ئۈنۈمى ھېدروگىننىڭ كۆيگەن چاغدىكى ئۈنۈمىدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇپ، ئاخىرقى ھاسىلاتىمۇ مۇھىت بۇلغىمايدىغان سۇدىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا ھېدروگىن يېقىلغۇلۇق باتارىيە كۈندىلىك تۇرمۇش ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ئېنىرگىيە ئۈچۈن غايىۋى ئۈسكۈنە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. غايىۋى ھالەتتە ئۈنۈمىنى ھېساپلاپ كۆرسەك سۇنى ئېلىكتىرولىزلىغاندا سەرپ قىلغان ئېنىرگىيە 285.8 كىلو كالورىيە، ھېدروگىن باتارىيسى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ئېنىرگىيە 237.1 كىلو كالورىيە بولۇپ، ئۈنۈمىنى ھىساپلاپ كۆرسەك%83 بولىدۇ. بۇ ھال ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل ئۈنۈمىدىن كۆپ يۇقىرى بولىدىغانلىقىن ئىسپاتلايدۇ.



\"\"




شۇڭا ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيلىك ماشىنىلار خېلىلا كۆپ ئەۋزەللىككە ئىگە ھەم يېشىل ئېنىرگىيە يۈزلىنىشىدە ئالدىنقى كاندىدات بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.


Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 09:43:01

بىرلەشمە يېشىل ئېنىرگىيە سېستىمىسى



بىز يۇقارقى ئابزاسلاردا قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى، شامال ئېنىرگىيەسى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەسىدىن قانداق پايدىلىنىش، سۇدىن ھېدروگىن ئايرىش ۋە ھېدروگىننى قايتا يېقىلغۇ قىلىپ مىخانىك ۋە ئېلىكتىر ئېنىرگىيەلىرىگە قانداق ئېرىشىش ھەققىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىپ ئۆتتۈق. قارىماققا سۇدىن ھېدروگىن ئايرىپ يەنە ئۇنى كۆيدۈرسەك بىر قىسىم ئېنىرگىيەنى زىيان تارتقاندەك كۆرۈنگىنى بىلەن كىرگۈزگەن ئېنىرگىيەنىڭ نەدىن كىلىدىغانلىقى بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان تۈرنىڭ نىگىزلىك مەسىلىسى ھىساپلىنىدۇ. ئالدى بىلەن،مەيلى كىرگۈزگەن ئېنىرگىيەنىڭ نەدىن كىلىشىدىن قەدئىينەزەر ئېرىشكەن ئېنىرگىيەنىڭ كىشىلەر تۇرۇمۇشىغا تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كىلىشى بىز ئۈچۈن ئەۋزەل.



بەلكىم بۇنىڭدىن كىيىن ھېدروگىن باتارىيلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن! چۈنكى ئۇنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، مۇھىت مەسىلىسى يوق، بىخەتەر بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بار. ئۇنداقتا ھېدروگىن باتارىيلىرى ئۈچۈن لازىم بولىدىغان ھېدروگىننى قانداق ئىشلەپ چىقىرىمىز؟ يۇقىردا ئېلىكترولىزلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتۇق، ئەلبەتتە سانائەت ۋە ئالەم قاتنىشىدا ئىشلىتىلىدىغان ھېدروگىن سۇنى ئېلىكترولىزلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئېلىنىدۇ. ئېلىكتىرولىزلاش ئۈچۈن كىرگۈزىدىغان ئېنىرگىيە كۆمۈر، سۇ ۋە يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى تەمىنلىگەن ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسى ئارقىلىق ئايرىۋېلىنغان بولىشى مۇمكىن. ئەمما تۇرمۇشقا ئىشلىتىدىغان توكنى سونى پارچىلاشقا ئىشلىتىپ يەنە ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ھېدروگىن ئېنىرگىيەسىنى تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلىتىش ئەخمىقانىلىك ھىساپلىنىدۇ.



لىكىن ياخشى تەرەپلىرى شۇكى،بىزگە خۇدا ئاتا قىلىۋاتقان ئۈزلۈكسىز ئېنىرگىيە مەنبەلىرى بار، ئۇلار قوياش، شامال ۋەدېڭىز-ئوكيان ئېنىرگىيەلىرىدىن ئىبارەت. قوياش تاكى قىيامەتكىچە ئىنسانلار ئۈچۈن يەر يۈزىگە نۇرىنى چېچىپ تۇرىدۇ، ئايمۇ ھەم يەر يۈزىنى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىپ تۇرىدۇ. مۇشۇنداقلا بولىدىكەن، قوياش نۇرىدىن يەر ئېنىرگىيە ئالىدۇ، شاماللار شەكىللىنىدۇ، ئاينىڭ دەۋرىيلىك تارتىش كۈچىدىن دېڭىز سۈيى داۋالغۇپ تۇرىدۇ، دېڭىز سۈيى قويۇقلىقى ئوخشاش بولمىغاچقا ئىچكى قىسىمدا ئېقىم مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ... شۇڭا خۇدا بەرگەن ئەقىلنى ئىشلىتىپ، خۇدا بېرىۋاتقان ئېنىرگىيەلەردىن قانداق ئېچىپ پايدىلىنىش، دۇنيالىق ئېلىم يولىدا ئىزدىنىۋاتقانلارنىڭ مەجبۇرىيتى ھەم ۋەزىپىسى دىيىشكە بولىدۇ.



ئۇنداقتا بۇلاردىن قانداق پايدىلىنىمىز؟ مەسىلىنىڭ نىگىزى دەل مۇشۇ يەردە. تۆۋەندە بىرلەشمە يېشىل ئېنىرگىيە تۈرى پىلانىنى قىسقىچە ئوتتۇرىغا قويىمەن.(نەچچە يىللار بۇرۇنقى كۈنلەردە مۇشۇ تۈر ھەققىدە كۆپ باش قاتۇرىۋاتقان ئېدىم، بەلكىم يېشىل ئېنىرگىيە تەتقىقات تۈرى بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. ئۇچۇر، تېخنىكاتىز تەرەققىي قىلىۋاتقان، بىزدەكلەر تاش سانىغۇچە باشقىلار قۇم ساناۋاتقان بۇ كۈنلەردە بۇنداق دەبدەبلىك تۈر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بولۇنغان بولىشى ئېنىق دەپ ئويلايمەن... شۇنداقتىمۇ ئۆزۈمنىڭ مۇستەققىل پىكىرىم بولغىنى ئۈچۈن نىمىلا بولمىسۇن بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشۇم مۇۋاپىق بولىشى مۇمكىن).



يەرشارىنىڭ كۆپ قىسمى دېڭىز-ئوكيانلار بىلەن قاپلانغان، بۇ مەنىدىن بىزگە ھېدروگىن ئېنىرگىيەسى ئۈچۈن يىتەرلىك مەنبە مەۋجۇت. زوركۆلەمدىكى قوياش ئېنىرگىيە تاختىسى مەيدانلىرى، شامال كۈچى ئېلىكتىر ئىستانسىلىرى، دېڭىز دولقۇنى گېنىراتۇرلىرىئەگەر بىر سېستىما شەكىلدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلسە بۇ ‹‹بىكارلىق›› ئېنىرگىيەلەردىن ئۆزلۈكسىز ھەم كۆپ مىقتاردا ھېدروگىن ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ! ئادەتتە يۇقارقى ئېنىرگىيە مەنبەلىرى زامان ۋە ماكاننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىغاچقا كىشىلەر تۇرۇمۇشىغا ئومۇملاشتۇرش قىيىن مەسىلە ئىدى. ئەگەر بىز بۇ چەكلىمىلىكنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەڭ كەتكەن دېڭىز بوغۇزلىرىغا، قىرغاقلارغا، دېڭىز يۈزلىرىگە چوڭ ۋە ئوتتۇرا كۆلەملىك قوياش ئېنىرگىيە تاختىلىرى، چاقپىلەكلەر، گېنىراتۇرلار ۋە ئېلىكترولىز ماشىنىللىرىنى بىر پۈتۈن سىستىما شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرساق، ئۇلاردىن ئېرىشكەن ئېلىكتىر ئېنىرگىيەسىنى پۈتۈنلەي دېڭىز سۈيىنى پارچىلاپ ھېدروگىن ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلەتسەك، ئاندىن ئۇ ھېدروگىن ھاسىلاتلىرىنى ھىم گاز يىغقۇچلاردا سۈيۇقلاندۇرۇپ ساقلىساق (خۇددى تەبى گازنى ساقلىغاندەك)، ئاندىن ئۇنى ھەرقايسى ئېھتىياجلىق ئورۇنلارغا يۆتكەپ ئىشلەتسەك بولىدۇ. دېڭىز سۇلىرى توختىماي دولقۇنلىنىپ تۇرىدۇ، شاماللار توختىماي چىقىپ تۇرىدۇ، قوياش نۇرى توختىماي چۈشۈپ تۇرىدۇ مانا بۇلارنىڭ مەلۇم بىر قىسمى بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا ئايلىنىدۇ...


\"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 09:44:00

خاتىمە سۆز




ئېنىرگىيە مەسىلىسى ئىنسانلار ھاياتلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم مەسىللەرنىڭ بىرى. نۇپۇسنىڭ كۆپىيىپ كىتىشى، ئەكسىچە ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ تارىيىپ كىتىشى، كاربون يېقىلغۇسىدىن مۇھىت بۇلغىنىش ۋە يەر شارىنىڭ ئىللىپ كىتىش مەسىلىسى، نىفىت ۋە تەبى گازنىڭ قېزىپ تۈگىتىلىش يۈزلىنىشى ۋە بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان دۇنيا سىياسىتىدىكى داۋالغۇشلار، ئۇرۇش خەۋپى،... قاتارلىق ھەرخىل مەسىللەر يىغىنچاقلىغاندا ئېنىرگىيە مەسىلىسىدىن ئىبارەت دىيىشكە بولىدۇ. ئىنسانلار تىنىچ يەرشارىغا، بەختىيار ھاياتقا ئىنتىلىدۇ، ئىنسانلار جەمىيەت تەرەققىيات جەرىيانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئالەمشۇمۇل تەرققىياتلارنىڭ پەقەتلا تۇيۇقسىز ئېنىرگىيە كىرزىسىگە دۇچار بولۇش بىلەن، ئىجتىمايى ۋە سىياسى مالىمانچىلىقلاردا يوققا چىقىشىنى خالىمايدۇ.كۆپ كىشىلەر شۇنىڭغا ئىشىنىدۇكى، پەن ۋە تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى چوقۇم ھۇجۇتقا كەلتۈرىدۇ!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 09:48:41

ئەمدى نورمال بولدى.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 13:21:38

باتاتىرىيە مەسلىسى ھەل قىلىنسا بۇلاتتى،كۈندە نەچچە قىتىم توك قاچلاش نىمىدېگەن ئاۋارچىلىق

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 21:14:07

بىلىگ ئىسىل تىمىدىن بىرنى يوللاپسلە، مەن ئەتىگىچە ۋاقتىىم چىقسا ئالدىرماي ئوقۇسام بولغىدەك.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 21:16:36

نانومېتىر تېخنىكىسىدا بىر خىل باتارىيە ياساپتىغۇ، بەش مىنۇتتا %90 توك قاچىلاپ بولالايدىغان.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 21:24:52

خەتكۈچ! بىلىككە رەھمەت!

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 22:19:39

تېخى بىلمىدىڭلەما؟
مىكرودولقۇنلۇق ئۇچاقتا بەش مىنوت ماڭغۇزۇپ قويسا 80%توك قاچىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى بىرنەچچەيلەن سىناقتىن ئۆتكۈزۈپتۇ.....

ھەي
مانى سىنىماڭلا ھە
توردا چاقچاق قىلىپ يېزىپ قويسا تېلفۇنىنى سىناپ كۈمۈر قىپ قويغان ساراڭلار باركەن.
قەتئى سىنىماڭلا ئىشقىلىپ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 22:35:07

9- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نانومېتىر تېخنىكىسىدا بىر خىل باتارىيە ياساپتىغۇ، بەش مىنۇتتا %90 توك قاچىلاپ بولالايدىغان.



بۇنى بىلمىدىم، توردىن ئىزدەپ باقسام ئېم ئاي تى تەتقىقاتچىللىرى نانوتېخنىكىلىق باتارىيە ياسىدى دەپ باركەن. قارىسام تېلىفۇن باتارىيسى ئەمەس...


نانو تېخنىكا باتارىيەسى بولسا قېرىندېشىمىز ئوغۇز ك ب بىلىشى مۇمكىن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 22:53:29

ئالدىنقى كۈنى يېقىلغۇ باتارىيە ئوينايدىغان بىرى بىلەن پاراڭلىشىپ قالغان.گەپ ئاخىرى ھدروگىننى نەدىن تېپىش مەسلىسىگە كىلىپ توختىدى.
سۇ
راست
سۇنىڭ تەركىبىدە ھېدروگىن بار.
ئەمما ئالدى بىلەن سۇنى پارچىلاشقا كىتىدىغان ئىنىرگىيە بىلەن ھىدروگىننى كۆيدۈرگەندە ئېرىشكىلى بولىدىغان ئىنىرگىيەنىڭ ئېلىم بېرىم ئىشىنى ھىساپلاشقا توغرا كىلىدۇ.بەش كويغا ئېلىپ ئۈچ كويغا ساتىدىغان سودىنى ھېچكىم قىلمىسا كېرەك.
كاتالىزاتور توغرىسىدا بىر مەزگىل ئوينىغان ۋاقتىمدا بۇنداق كاتالىزاتور توغرىسىدا پاراڭ ئۇچرىمىغان ئىدى.يېقىندىن بېرى قانداق بولۇپ كەتتى بىلمىدىم.بەلكىم تېخى جىم بولسا كېرەك.
دېڭىز سۈيىنىڭ قۇتۇپنى چىرىتىشىنى ئويلاشمىسا بولمايدىغان يەنە بىر مەسلە.
ئاخىرىدا ھېدروگىننىڭ ماسسىسى ۋە ھەجىمى.بېسىم بىلەن سىقسا بولار.ئەمما بۇ گازدا ماڭىدىغان ماشىنىلار ئۈزىنى پارتىلىتىدىغان ماشىنا بولۇپ قالىدۇ خالاس.
تەس

ئايلىنىپ ئەكەلسەك
يەنە توك شەكلىگە ئايلاندۇرۇپ ساقلىغان ئەڭ بىخەتەر بولامدىكىن دەيمەن.
شەخسىي پىكىر

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 08:26:50

دېڭىزنىڭ سۈيىنىلا قويۇپ ماڭىدىغان موتورلار ئىجاد قىلىنغان بولسا،ئەقلىفونلارنىڭ باتارىيىسى بىرەر ھەپتە يەتكەن بولسا دىگەنلەرنى ئۈمد قىلىۋاتقىلى خېلى بولدى،ھېچ بىر ئىجاد قىلىناي دىمەيدىغۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-2-26 09:58:20

ziyali@، دىگىنىڭىزدەك توك شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ ساقلىساق بىخەتەر بولىشى مۇمكىن، لىكىن ئېلىكتىر باتارىيەسىدە چەكلىمىمىز بار. قۇتۇپنىڭ چىرىش مەسىلىسىدىن ساقلانغىلى بولماديدۇ... بەلكىم ئۈنۈمى تۆۋەنىرەك بولسىمۇ تەننەرخى تۆۋەنىرەك مىتاللارنى ئىشلەتسە بولىشى مۇمكىن، نىمىلا دىمىگەن بىلەن ئېنىرگىيە ئېلىش ئۈچۈن ئەرزىيدۇ.

ھېدروگىن گازىنى ساقلاش مەسىلىسى ئادەتتىكى تەبى گازنى قىسىپ ساقلاشتىن كۆپ پەرقلەنمەيدۇ، لازىم بولىدىغان بىسىم تەبى گاز ئۈچۈن كەتكەن بىسىمنىڭ تەخمىنەن 1.5 تىن 3 ھەسسىسىگىچە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھېروگىننى سوغۇق ساقلاش كۈپلىرىدە ساقلاشقىمۇ بولىدۇ. دىمەك، ساقلاش مەسىلىسى ئۇنچە باش ئاغرىتىدىغان مەسىلىمۇ ئەمەس. دىمىسىمۇ راكىتاغا، رىئاكتىپ ئايروپىلانغا ئىشلىتىدىغان ھېدروگىن گازلىرىنى شۇنداق ساقلايدۇ...



بىخەتەرلىك مەسىلىسى تەبى گازلىق ماشىنىلارنىڭ بىجەتەرلىك مەسىلىسىدىنمۇ كۆپ پەرقلەنمەسلىكى مۇمكىن، گازلىق ماشىنىلارغا قانداق تەدبىر قوللىنىلغان بولسا، ھېدروگىنلىق ماشىنىلارغا ئۆزىگە يارىشا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى چوقۇم بولىشى كىرەك. ئۇنداق بولمىغاندا مەن يازمىدا تىلغا ئالغان ئاپتومبىل شىركەتلىرى ھېدروگىن يېقىلغۇ باتارىيلىك ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشمىغان بولاتتى.



ئاخىرىدا «بەش كويلۇق ئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ، ئۈچ كويلۇق ئېنىرگىيەگە ئېرىشىش» دىگەن سۆزىڭىزگە كەلسەك، بەلكىم سىز دىققەت قىلمىغان بولىشىڭىز مۇمكىن، بۇ مەسىلىنى مەن يازمىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. بۇ يەردە بىز ئۆزىمىزدە بار بەش كوينى چىقىرىپ ئۈچ كويلۇق ئېنىرگىيەگە ئېرىشمەيمىز. قىلىدىغىنىمىز تەبىئەت ئاتا قىلىۋاتقان بىكارلىق(ئەمەلىيەتتە سورىقى بار :) ) ئېنىرگىيەنى توپلاپ ئۇلاردىن ئۆزىمىزگە لازىملىق ئېنىرگىيەنى ھېدروگىن گازىغا ئايلاندۇرۇپ ئايرىۋالىمىز. سالغان دەسمىلىرىمىز ماتېرىياللارنى تەييارلاش ئۈچۈن كىتىدۇ، بىز نەزەرىيە جەھەتتىن ئېنىرگىيەلىرىمىزنى دەسمى سالمايمىز، يەنى بەش كوي پۇلىمىزغا پۈتۈنلەي ماتېرىياللارنى تەييارلايمىز. ئەمدى، ھېدروگىننى قىسىىپ ساقلاش، يۆتكەش، تارا-تۇرۇقلار ئۈچۈن كىتىدىغان ئېنىرگىيە ھەرگىزمۇ خۇدا بىزگە ئۈزلۈكسىز ئاتا قىلىۋاتقان ئېنىرگىيەلەردىن يۇقىرى بولمايدۇ، مانا مۇشۇ ئېنىرگىيەلەرنىڭ بىر قىسمى ھېدروگىن قىسىش ئچۈن كەتسە، ئېشىپ قالغىنى يانچۇقىمىزغا قالىدۇ. دىمەك، بىز بەش كوي مەبلەغ سالغان بولساق، خۇدا بىزگە 10 كويلۇق ئېنىرگىيە بەرگەن بولسا، ئېنىرگىيە ئايرىش زاۋۇتى ئۈچۈن 7 كوي سەرپ قىلغان تەختىردىمۇ قولىمىزدا قالىدىغىنى 8 كوي بولۇپ، بىز يەنە 3 كوي پايدا ئالدۇق دىگەن گەپ، ئۈچ كويدىن پايدىنى ئېلىۋەرسەك، ئويلاپ بېقىڭ، بىرەر ئىككى يىلدا مىلىيونېر بولۇپمۇ كىتىمىز   {:90:}

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-2-27 15:12:44

بەلگە بىلەن ساقلىۋالاي.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 03:58:31

قۇياش تاختىسى ئوينايدىغانلاردىن يەنە كىملەر بار؟

بىلىگ

ئېسپىرەسسو \"\"

........



ئوساكا ئونۋىرسىتىغا قاراپ قويۇڭلار

نوگى ماسايا(NOGI Masaya) گۇرۇپىسىدىكىلەر قەغەر تاختا ياساپ چىقىپتۇ.

ئىش ئۈنۈمى ئادەتتىكى تاختىنىڭ 10-20% كە سېلىشتۈرغاندا جىق تۈۋەن(3%) ئىكەن.

ئەمما نەرقىنى بۇرۇنقىدىن 100مىڭ ھەسسە چۈشۈرگىلى بولىدۇ دەپتۇ.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-2-28 04:00:56

نىمانداق قورقۇنۇچلۇق \"\"

مەن ئىنىرگىيە قىسمىنى سىلەرگە تاشلاپ بېرىپ مۇھىت تەرەپكە ئۈتۈپ كەتتىم بۇندىن كىيىن \"\"

پ م2.5 توغۇرلۇق تېما يازاي يېقىندا ھە \"\"
بەت: [1] 2
: (بىلىك) يېشىل ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىش