sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 19:08:37

lumia620(windows phone) ئىشلىتىشتىن تەسىرات

قارىسام ئەقىلسىز تېلفونۇم ئوغرى ئېلىۋالسىمۇ چۆرۈپ تاشلىۋەتكىدەك ھالغا كېلىپ قاپتۇ . ئەقىللىق تېلفوندىن بىرنى ئالاي دەپ يۈرگەن كۈنلەردە windows8 سسېتىمىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى يادورسىدىن قوللايدىغانلىق ئۇچۇرى ئېنىق بولدى . ھەمدە nokia نىڭ windows phone8 سېستىمىلىق lumia620 يانفوننى بازارغا سالىدىغانلىق ئۇچۇرى چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تېلېفون ئېلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولۇپ يۈرگىچە،بىراقلا ئۇيغۇرچە قوللايدىغان تېلېفون ئالاي دەپ چاغانغا يېقىن كۆزۈمنى يۇمۇپلا lumia620 دىن بىرنى ئالدىم . lumia 620نىڭ شەكلى بۇرۇنقىدەكلا ئاددى، سىپتا بولۇشتەك ئالاھىىدىلىكى بويىچە لايىھەلىنىپتۇ . خېلى مەزمۇتتەك بىلىندى. بۇرۇن سېتىۋالغان nokia تېلېفونۇم نەچچە چېقىلىپ ،يەنە تىرىۋېلىپ قۇراشتۇرۇپ ئىشلىتىۋەرگەن . ماۋۇسى يېڭى بولغاچقا سىناپ باقمىدىم ھەم تېخى يەرگىمۇ چۈشۈپ كەتمىدى . مەن ئەقلىفونغا سەل كېيىن كۆچكەن بولساممۇ باشقىلارنىڭ تېلېفوننى ئۇياق بۇياققا سېرىپ ئوينىغىنى كۆرگەچكە ئەقلىفون بەك ئالاھىدىمۇ بىلىنپ كەتمىدى ، شۇ كىچىكلىتىلگەن كومپيۇتېركەن دەپ ئويلىدىم . بۇ تېلفوننى ئېلىپ سېستىما قاچىلىغان ۋاقىتتىلا windows live ياكى Gmail نىڭ ئابونت نامى بىلەن باغلىۋېتىدىكەنمىز . تارتقان سۈرەت ،فىلىم ۋە ئالاقە خاتىرىسى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ،خالىساقلا شۇ زامات تورغا زاپاسلاپ قويساق ياكى ھەمبەھرلەنسەك بولىدىكەن . مۇشۇ يېرى خېلى ئالاھىدە بىلىندى بەلىكىم باشقا ئەقلىفونلاردىمۇ شۇنداقتۇ . ئۇندىن باشقا بۇ تېلفوننىڭ مېنى ، بۇ راستلا ئەقلىفون ئوخشايدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرگەن ئالاھىدىلىكى بولسا ئەقلى سۈرەت تارتىش ۋە شەھەر كالېيدوسكوپى ۋە nokia خەرىتىسى بولدى . ئەقلى سۈرەت تارتىش دېگىنى سىز كامېرانى ئوبىكىتقا قارىتىپ ئېكراننى چىكىپ قويسىڭىز تېلفون ئارقا-ئارقىدىن ئۇلاپلا بىر نەچچە پارچە سۈرەتكە تارتىپ شۇنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ئېنىق تارتىلغىنىنى تاللاپ بېرىدىكەن . شەھەر كالېيدوسكوپى بولسا سىز تۇرۇۋاتقان ئورۇننىڭ ئەتراپىدىكى ئاشخانا ،مېھمانخانا ،ھۆكۈمەت ئورگىنى ،شىركەت ۋە ھاكازالارنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن، بىر يەرلەرگە بارغاندا ياخشى ئەسقاتقىدەك دەپ ئويلىدىم ،خېلى چەت جايلاردىمۇ توغرا كۆرسىتىپ بېرىدىكەن . ئەمدى nokia خەرىتىسى بولسا خېلى داڭلىق ئوخشايدۇ، مېنىڭ بىۋاستە ھېسقىلغىنىىم تۇرغان ئورنۇمنى ناھايتى توغرا ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى . ئۇندىن باشقا offfice دەپ بىر كونۇپكا باركەن، مۇنداقلا ئېچىپ باقتىم لېكىن بەك ئېتىشىپ كەتمىدىم .توغرا تېلفوننىڭ cpuسى قوشيادرولۇق ،كامېرا 500 مىليۇن پېكسىللىق ، سىغىمى 8Gb لىقكەن . سۈرەت تىز ،ئېكران سىزىمىمۇ ناھايتى ياخشىكەن. لېكىن بىر يېرى ئېكران سەل كىچىكتەك بىلىندى.

ھەقسىز ئويۇن ۋە دېتاللارمۇ خېلى كۆپكەن.

توختاڭ يۇقارقىلار ئۇششاق ئىشلار بۇ تېلفوننى مەن ئۇيغۇرچىنى قوللايدۇ دەپ سېتىۋالغان تۇرسام ، ئەمدى ئۇيغۇرچە قوللاش مەسىلىسى توغرىلىق توختىلاي . تېلفوننى سېتىۋالغاندا مەن windows 8 ئۇيغۇرچىنى قوللىغاندىكىن windows phpne8 مۇ چۇقۇم قوللايدىغۇ دېگەن قاراش بىلەنلا سېتىۋېلىش قارارىغا كەلگەن . شۇڭا تېلېفوننى قولۇمغا ئېلىپلا پېركازچىكتىن بۇ تېلېفون ئۇيغۇچە قوللايدىغۇ دەيمەن دەپ سورىدىم . پېركازچىك كېسىپلا قوللىمايدۇ دېدى . مېنڭ غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان قوللىمايدىغانلىقىنى مەنمۇ ئېنىق بىلمىگەچكە ئارتۇق گەپ قىلمايلا تېلفوننىڭ تەڭشىكىدىن تىل ۋە رايوننى ئېچىپ شۇنداقلا قارىسام 中国(维吾尔语) نى كۆردۈم . گەپ قىلمايلا پىركازچىككا تۇتقۇزۇپ قويدۇم .پېركازچىك بولسا ئەسلى ئۇيغۇرچىنى قوللىمىسا بولىدىغاندەك بىر تەرىزدە بىردەم ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى. دەقىقىلىق ھاياياجاننىڭ تۈرتكىسىدە ئاقسابېرىپ پۇلنى تۆلىۋېتىپ، تېلېفونغا ئويۇن ۋە يۇمتاللارنى قاچىلاپ بېرەيلى دېگەنگە قارىماي چىقىپ كەتتىم . يولدا ماڭغاچ ئۇيغۇرچىنى تاللىسام ، دۈشەنبە 4-فېۋرال دېگەن خەت ئېكراندا كۆرۈندى ، مانا راستلا ئۇيغۇرچىنى قوللايدىكەن ئەمەسمۇ . لېكىن شۇ ئېكراندىكى چېسلا ۋە كالىنداردىكى چېسلادىن باشقا يېرى يەنىلا خەنزۇچە كۆرۈندى. مەن بۇرۇن ئەقلىفون ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ تۈرمىدىن قاچۇرۇش يەنە رۇملاش دەمدۇ بەزى گەپلەر قۇلىقمغا كىرىپ قاپتىكەن ، بەلكىىم بۇنىمۇ تۈرمىدىن قاچۈرىۋەتسەم ھەممە يېرى ئۇيغۇرچە بولامىكىن دەيمەن .لېكىن ئالدىراشچىلىقاتېلېفون بىلەن بەك جىق ھەپىلەشمىدىم . تېلفوندا http://www.torlax.com/ۋە http://www.ulinix.tv (خېلى ياخشى ئىشلەنگەن توربەتكەن ئىككىلىسى ، سىزمۇ زىيارەت قىلىپ بېقىڭ بولمىسا) نى ۋە باشقا ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنى ئېچىپ باقتىم .پەچەت !ئۇيغۇرچە خەتلەر چاپاق ياكى ئەرەپچىدەك چىقىۋالىدىغان ئىش يوق ، ھەتتا كوميۇتېردىكىدىنمۇ ئېنىق كۆرۈنگەندەك ھېس قىلدىم . nokia نىڭ ئەپ دۇكىنىدىن ئىزدىسەم ئۇيغۇرغا ئائىت قۇرئان كەرىم ۋە كۈمۈش ئېدىت ئىككلىلا ئەپ باركەن . windows phone ئومۇملاشسا ئۇيغۇرچە ئەپلەرمۇ جىقلىشىىدۇ چۇقۇم . ھەراست تېلېفوننىڭ ئىزدەش كونۇپكىسىنى باسسىلاbing ئىزدەش تورى ئېچىلىدىكەن ھەم ئاۋازلىق(خەنزۇچە) ئىزدىگىلى بولىدىكەن .   تۈۋەندە lumia620 نىڭ ئېكرانىدىن تۇتۇۋالغان بىر نەچچە پارچە سۈرەتنى يوللىدىم .

ئاخىرىدا ئىزدىنىشتىكى توربەتچى ۋە بلوگېرلارنىڭ ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئىككى توربەتنى ئۇلىنىش قىلىپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 20:32:53

ChongDaDa يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:06:00

ئۇيغۇرچىنى ۋىن8 دەكلا تونۇيدىكەن، ۋەھشى ھە، ھازىر ئومۇملاشقان تېلفون مەشغۇلات سېستىمىلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى بەك ياخشى قوللايدۇ، ئەمدىكى قەدەم كۆرۈنمە يۈزىگە ئورگان تەرەپتىن ئۇيغۇرچە قوشسا، مېنىڭچىمۇ ۋىندوۋس فون ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچىنى قوشامىكىن.

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:06:17

ئوھوي، ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى كومپيۇتېردىنمۇ ياخشى قوللايدىكەنغۇ! ئاۋۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى سېتىۋالسا يانفون قالتىس بولۇپ كەتكۈدەك.

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:09:08

ئالامەت كاتتا ئىش بۇپتۇ ،

تېلفۇننىڭ ئۆمرى سىزنىڭ ئۆمرىڭىزدىن ئۇزۇن بولسۇن .

gewala يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:29:32

تەڭشەكنىڭ ئىچىدە نوكىياغا پىكىر تەلەپ ئەۋەتىش دىگەن تۈرى بار ،شۇ يەرگە ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى ياكى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئىشلىسەڭلار دىگەندەك پىكىر تەلەپ يېزىپ ئەۋەتىۋىتىڭ .

sardar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:30:04

لېكىن بۇ تېلېفوننى windows xp گە ئۇلاش بىرقەدەر قولايسىزكەن .

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:45:07

ئۆتكەندە ۋىندوۋس7.5سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن لۇمىيا800توغرىسىدا بىر تېما يازغانتىم .يېقىندىن بۇيان ۋىندوۋس 8ئىشلىتىلگەن 920غا ئالماشتۇردۇم.شۇنداقلا بۇ سېستىما توغرىسىدا بىرنەرسە يازارمەن دەپ تۇرسام سىز چاققان چىقىپ كېتىپسىزمانا \"\"

مېنىڭ تېلفۇنۇمدىن ھازىرچە تېخى ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىم،بەلكىم پات ئارىدا چۈشۈرگىلى بولۇپ قالار،تېما ئىگىسى دېگەندەك ئۇيغۇرچىنى پەچەت قوللايدۇ،ئەمما شۇ ھازىرغىچە تېخى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ چىقمىدى،ئىنشائاللاھ ئۇمۇ بولۇپ قالار پات يېقىندا، ئەگەر ۋىندوۋس8نىڭ مېترو يۈزىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغان بولسىڭىز،بۇ سېستىمىلىق تېلفۇن گەپ سۆز يوق سىزگە يارايدۇ.

ھازىرچە بازارغا سېلىنغان ۋىن8سېستىمىسىدىكى تېلفۇنلاردىن نوكىيانىڭ لۇمىيا620،720،820،920قاتارلىقلىرى،htcنىڭ يېڭى چىققان بىر يۈرۈش ۋىندوۋس فونلىرى بار.ھەممىسى ئۇيغۇرچىنى \"\" ماشتاق قوللايدۇ،ئەمما نوكىيانىڭ بۇلتۇرقى ۋە ئالدىنقى يىللىرى چىقارغان ۋىندوۋس7سېستىمىلىق لۇمىيا 600،700،800،900دېگەن تېلفۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇيغۇرچىنى تونۇمايدۇ،ھەمدە بۇلارنى ۋىن8گە كۆتۈرگىلى بولمايدۇ،يۇقىرىدىكى تېلفۇنلار سىرتقى شەكىل جەھەتتىن ئاساسەن ئوخشاپ قالىدۇ،شۇڭا سېتىۋالغاندا بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلماق لازىم

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 21:47:48

hezine يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 22:00:21

8- قەۋەتتىكى adil621نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

windows phoneغىمۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈچ چىقىپتۇ، kumushedit دېگىنى شۇ، باھاسى 6سومكەن.

ئاۋۇ wp7.5 يانفونلىرىنى 7.8گە كۆتۈرسە ئۇيغۇرچە قوللايدىكەن. لېكىن wp8 دەك چىرايلىق ئەمەس، بەئەينى win8دىكى خەت نۇسخىسىنىڭ ئۆزى.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 22:09:36

ئىكران سىزىمچانلىقى ياخشىمىكەن؟ نەچچە پۇلغا ئالدىڭىز؟

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 22:23:53

hezineرەھمەت بۇرادەر،بايام ئەسلى تېمىغا دىققەت قىلماپتىمەن،ھازىر چۈشۈرۈپ باقتىم kumusheditنى،كۆچۈرۈپ چاپلاپ سەل ئاۋارىچىلىقكەن،ئورگان تەرەپتىن كىرگۈزگۈچ چىقىرىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 22:32:00

مەن نەچچە كۈن ئاۋال بىر يېقىنىمىزغا htc نىڭ ۋىندوۋس8 سېستىمىلىق نۇسخىسىدىن بىرنى ئېلىپ بەرگەنىدىم.ئۇياقنىڭ بۇنداق سېستىما دىگەنلەردىن تازا خەۋرى يوق مىنكاۋخاڭ بولغاچقا ئۆزۈم چۈشەندۈرۈپ ئىشلىتىشنى ئازراق ئۈگىتىپ قويۇشۇمغا توغرا كەلدى. مەن ھەم تېما يوللىغۇچىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇرچىنى تېگىدىن قوللايدۇ دەپ ئىشەنچ بىلەن سېتىۋالغانىدىم. ھەقىقەتەن ئۇيغۇرچە توربەتلەر بەكلا ئېسىل، بەك ئوچۇق كۆرۈنىدىكەن. ئۇيغۇرچە تىلىنى تاللىسام پەقەت چىسلانىلا ئۇيغۇرچە كۆرسىتىدىكەن. مېنىڭچە بۇلارمۇ پات-يېقىندا ھەل بولۇپ ۋىندوۋس8 كومپيۇتېر سېستىمىسىدەك مۇكەممەللەشكۈسى ئاللاھ بۇيرۇسا. باشقا تەرەپلىرى ھەقىقەتەنمۇ يارىدى. بوپ قويىدىكەن.

مەن بايقىغان بىرلا كەمچىلىكى، بۇ تېلىفوننىڭ ئىچكى سىغىمى زور بولمىغاچقا يانداش كارتا سېلشقا توغرا كېلىدىكەن. 16مىگالىق يانداش كارتا سالدىم. ئەپلەرنى تازا چۈشۈرۇۋېرىپتىمەن، قارىسام تېلىفوندا بوشلۇق قالماپتۇ. يانداش كارتا شۇ پېتى بوش. مۇشۇ يەردىكى كەمچىلىكى، ئەپلەرنى چۈشۈرگەندە قايسى بوشلۇققا چۈشۈرۈشنى تاللىغىلى بولمايدىكەن. تېلىفون، سېستىما ھەققىدە يېتەرلىكراق چۈشەنچىسى بولمىغان تورداشلار بەلكىم مۇشۇ ئۆتكەلدىن ئۆتەلمەي تېلىفوندىن زېرىكشى مۇمكىن. بۇنىڭمۇ ئامالى ھەم بار ئىكەن. پەقەت windowsphone.com تورىغا چىقىپ لازىملىق ئەپلەرنى يانداش كارتىغا كومپيۇتېر ئارقىلىق چۈشۈرىدىكەنسىز، چۈشۈرۈشتە چوقۇم قولدا چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش دىگەن يېرىدىن(مۇشۇ يەرگە دىققەت)كارتىغا چوقۇم xpaفورماتلىق ھۈججەتنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن كارتىنى تېلىفونغا قاچىلاپ، 1مىنۇت توختىۋېلىپ ئەپ چۈشۈرۈش رايونىغا كىرسەك يانداش كارتا كۆرۈنىدىكەن، شۇ يەردىن يانداش كارتىغا كىرىپ ئەپلەرنى قاچىلاشقا بولىدىكەن ھەم بۇ ھالدا ئەپلەر يانداش كارتىغا قاچىلىنىكەن. مۇشۇ يېرى بەلكىم سېستىمىنى لاھىيىلىگەندە ئويلاشمايلا تارقىتىپ سېلىپ، كېيىن ئېسىگە كېلىپ مۇشۇ ئامالنى تاپقاندەكلا بىلىندى. بەلكىم بۇ قولايسىزلىقلارمۇ تۈزىتىلىپ كەتكۈسى.

باشقا ئىشلاردا بۇ سېستىمىلىق تېلىفون ماڭا ھەم بەك ياقتى.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 23:16:49

ماۋۇ ئىنكاسنى يېزىۋېتىپ بولۇپ ئارىلاپ يۈرۈپ ماۋۇنى كۆرۈپ قالسام بولىدۇ مانا... بۇ كېيىنچە مىكروسوفتنىڭ يەنە بىر قېتىم بازارنى ئىگەللەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ نىمە!؟

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 00:35:36

ئالدىراپ كەتمىسەڭلار ئەگەر،

ۋىندوۋز يانفونلىرىنىڭ ئارايۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقىدۇ. ئېنىق ۋاقتىنى ئۇقمىدۇق، ئەمما چىقىدىكەن.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 14:33:05

16- قەۋەتتىكى sardarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

birmoo@

.......

ئاۋۇنىڭدەك لاۋزىلارنىڭ گەپلېرىنى كۆڭلىڭىزگە ئېلىپ كەتمەڭ،قەستەن ئويۇن چىقارسى كېلىدىغانلار يېقىندىن بۇيان ئاۋۇپ قېلىۋاتىدۇ.

نوكىيا ۋىندوۋسنى تاللاپ توغرا قىلغان ئوخشايدۇ،ماڭا بەك نوچى بىلىندى بۇ يانفون.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 21:25:26

رەھمەت سەردار، ئوبدان ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلدىڭىز.

ئەقلىيفۇن سېتىۋالماقچى بولغانلارغا نوكىيا لۇمىيا Win8 لىك يانفۇنلارنى ئويلىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

suzuk يوللانغان ۋاقتى 2013-3-1 20:50:40

لۇمىيا820 دېگەنمۇ ۋىندوۋس8 سېستىمىلىقمۇ؟ ئوفىس ھۆججەتلىرىنى كۆرگىلى ۋە تەھرىرلىگىلى بولامدىكەن؟ ۋوردنىڭ فورمۇلا كىرگۈزگۈچىسىمۇ بارمىكەن؟
بەت: [1]
: lumia620(windows phone) ئىشلىتىشتىن تەسىرات