ALIF يوللانغان ۋاقتى 2013-2-24 00:16:16

ئۇيغۇرلاردا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى (كۆچۈرۈلمە)

ئۇيغۇرلاردا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى



يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق



ئەقىل ھەم بىلىم تەرجىمانى بۇ تىل،

رۇشەن تىل كىشىنى يۇرۇتقۇچى، بىل! -يۈسۈپ خاس ھاجىپ


   تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى دېگەندە نەزەردە تۇتۇلىدىغىنى ئانا تىل تەربىيىسى، ئانا تىل تەربىيىسى پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىش، ئانا تىلنى قوغداش ۋە ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، «تىل ۋە تىلشۇناسلىق خەلق مائارىپىنىڭ ئادەتتىكى ھاياتىنىلا ئەمەس، بەلكى مەركىزىي ماھىيىتىنى تەشكىل قىلىدۇ»كارامىزىن. بىراق ئانا تىل تەربىيىسى مەكتەپلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەس، بەلكى ئۇ پۈتۈن جەمئىيەت ۋە ھەربىر ئائىلىنىڭ ئورتاق مەجبۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزۇن تارىخىي مۇساپىسىدە ئۇيغۇر تىلىنى يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇنى جېنىدەك قەدىرلەپ كەلدى.ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرى ئەمدى دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن تارتىپ پەرزەنتلەرنىڭ قەلبىگە ئانا تىل تاۋۇشلىرىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قەلبىدە ئانا تىلغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىپ كەلدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئانا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ئۇلۇغۋار ئەنئەنىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەنلىكى تارىختىن بىزگە مەلۇم. ئۇيغۇر مائارىپىمۇ ئانا تىل دەرسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىلەن قارايتتى.

   تارىخىي مۇساپىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇيغۇر خەلقى ئانا تىلنى ۋە ئۇنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، ئانا تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى سەرپ قىلغانلىقى تارىختىن بىزگە مەلۇم. بۇنىڭدىن مىڭ يىللار مۇقەددەم ئوتتۇرا ئاسىيادا ئومۇمىي يۈزلۈك ئەۋج ئالغان ئەرەبلەشتۈرۈش دولقۇنىدا قاراخانىيلارنىڭ مەھمۇد ئىسىملىك بىر شاھزادىسى يېتىشىپ چىقىپ، ئۆز دەۋرىدە «مۇقەددەس تىل» دەپ ئۇلۇغلىنىۋاتقان ئەرەب تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ «بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقان» مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئەرەبلەرگە ۋە ئۆز ۋاقتىدىكى ئانا تىلىدىن ئاينىغان ۋە ياتلاشقان بىر بۆلەك زىيالىلارغا ئىسپاتلاپ بېرىش مەخسىتىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» دېگەن بۈيۈك قامۇسنى يازغان. ئۇ بۇ ئەسىرى ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك سەرپ قىلغان. ئۇ گىگانت ئالىم بۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئەمگىكى بىلەن ئەينى دەۋردە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان دەھشەتلىك ھۇجۇم ئۈچۈن مۇستەھكەم مەنىۋى سېپىل سوققانىدى. 15-ئەسىرگە كەلگەندە يەنىلا بىر قىسىم ئاغمىچى شائىرلار ئانا تىلنى كەمسىتىدىغان، پارس تىلىنى مەدەنىي تىل ھېسابلايدىغان بىر تەتۈر ئېقىم ئوتتۇرغا چىققان. خېلى كۆپ ئاپتۇرلار ئەسەرلىرىنى پارس تىلىدا يازغان. ئەرەب-پارسچە نۇرغۇن سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىغا كېرىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ لۇغەت سوستاۋىدا خېلى بۇزۇلۇشنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى. بۇخىل يۈزلىنىشنىڭ يامان ئاقىۋېتىنى ئەقىل كۆزى بىلەن كۆرگەن نۇرغۇن مەدەنىيەت سەركەردىلىرى كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن، ئىلمىي ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلى بىلەن پارس تىلىنىڭ مەدەنىيەتلىك دەرىجىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پارس تىلىدىن مەدەنىي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇيغۇر تىلىدا مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاغمىچىلارغا زەربە بەردى ۋە ئانا تىلنى قوغداپ قالغانىدى.

   ئۇلار ئانا تىل ئۈچۈن نېمىشقا مۇنچە كۆيىدۇ، ئانا تىل ئۈچۈن شۇنچە زور قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرىدۇ؟ چۈنكى تىل دېگەن بىر مىللەتنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى بايلىقلىرىدىن بىرى. تىل دېگەن مىللەتنىڭ روھى، مىللەتنىڭ جېنى. تىل ھەم بىر مىللەتنىڭ ئورتاق مۈلكى. قەدىمكى ئەجدادلىرىدىن قالغان قىممەتلىك تەۋەرۈكى. ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقى دېگەن سۆز. شۇڭا، ئۇلار تىلنى مىللەتنىڭ جېنى دەپ قارايتتى. مىللەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشى، مەدەنىيەتنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا ئىزچىل داۋاملىشىشى تىلدىن ئىبارەت قۇرالغا باغلىق. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ تىلى يوقالسا، مىللەتنىڭ ئۆزىمۇ ۋە مەدەنىيىتىمۇ يوقىلاتتى. ئۇلار خەلقنىڭ تىلىغا قارىتىلغان ھوجۇمنى ئۇنىڭ قەلبىگە قىلغان ھۇجۇم دەپ چۈشىنەتتى.«خەلق تىلىنىڭ ھەمىشە مىللىي رەھ بىلەن چەمبەرچەس باغلانغانلىقىنى»(گۇمبۇلىدت)بىلەتتى. ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بولغان كۆرەش ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە خەلقپەرۋەرلىكنىڭ ئالىي ئىپادىسى ئىدى.

   مانا شۇ ئۇيغۇر تىلى ئۇزاق يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر خەلقىنى دۇنيا بىلەن باغلاپ تۇردى، دۇنيا مەدەنىيىتى ئۇچرىشىدىغان بۇ ئالتۇن ماكاندا ئالتۇن كۆۋرۈك بولۇپ، دۇنيا بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۈزۈلمەس رىشتە بىلەن باغلىدى. ئۇيغۇر تىلىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى تارىخىمىزدا نۇرغۇن ئۇلۇغ ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى دۇنيا مەدەنىيەت مۇنبىرىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزگەنىدى. ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يولىنى، نىجاتلىق يولىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان دۇنياۋى خاراكتىرلىك نادىر ئەسەرلەر ئەنە شۇ مەدەنىي ئۇيغۇر تىلى بىلەن بارلىققا كېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شان-شۆھرىتىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تۇنۇتقانىدى. دۇنيا تارىخىدا بارلىققا كەلگەن مۇقەددەس كىتابلارمۇ ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇلۇپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىي قۇدرىتىنى نامايەن قىلغانىدى.

   بۇ ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەنگەن ئۇيغۇر خەلقى بالا «ئىڭە» دەپ تۇغۇلغىنىدىن تارتىپ، ئۇنىڭ قەلب دەپتىرىگە«ئەللەي ناخشىلىرى» بىلەن ئانا تىلنىڭ مۇقەددەس نۇرلىرىنى نەقىشلەشكە باشلايتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ، تارىختىكى ھەر خىل تىل ئاسسىمىلياتسىيىلىرىگە قارشى كۆرەشتە غالىب كېلىپ، پەن-مەدەنىيەت غايەت زور دەرجىدە تەرەققىي قىلغان بۈگۈنكى 21-ئەسىرگە دادىل قەدەم باستى.

ھازىرقى مەدەنىي دۇنيادا ئۇيغۇر خەلقى پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل ھەققىدە قانداق تەربىيە بېرىشى كېرەك؟ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى زامان دۇنيا مەدەنىيىتىگە ياندىشىشى ۋە كەلگۈسى ئىستىقبالىغا كاپالەتلىك قىلىشتا ئائىلە تەربىيىسى قانداق رول ئوينايدۇ؟

   ئانا تىل تەربىيىسى ھازىرقى دۇنيادىمۇ ۋە كەلگۈسىدىمۇ قەتئىي جىددىي قاراشقا تېگىشلىك بىر چەكسىزلىك. ئانا تىل تەربىيسىگە سەل قارىغانلىق، باشقا تەربىيلەرگە ھەم سەل قارىغانلىق بولىدۇ. پەرزەنتلەرنىڭ بوۋاق چېغىدا چىققان تۈنجى«ئانا» سۆزى ئانا تىل مۇقەددەسلىكى بىلەن يۇغۇرىلىپ كېتىدۇ. شۇ تۈنجى سادادىن كېيىن ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەرزەنتلەرنىڭ تۈنجى ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالىدۇ. ئانىنىڭ بۇ ھەقتە سىڭدۈرگەن ئەجرى پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ راۋان بولىشى، تەپەككۇرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن چوڭقۇر ئاساس سالىدۇ. چۈنكى تىلنىڭ راۋانلىقى، ئېنىقلىقى ۋە ئىپادە قىلىش كۈچى پەرزەنتلەرنىڭ پىكىر قىلىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. تىلى بالدۇر چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى بىلەن تىلى كېيىن چىققان بالىلارنىڭ ئەقلىي تەرەققىياتى رۇشەن پەرقلىنىدۇ. بالىلارنىڭ تىلىنىڭ تېز ۋە راۋان چىقىشى كۆپ مەشىقلەندۈرۈش، كۆپ سۆزلىتىش، كۆپ گەپ قىلىپ بېرىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا، ئۇيغۇرلار مەقسەت-مۇددىئاسىنى تولۇق،راۋان ئۇقتۇرالايدىغان بالىلارنى «ئەقىللىق بالا ئىكەن» دەيدۇ. دۇدۇقلاپ گېپىنى ئۇقتۇرالمىغان، گەپنى تاققا-تۇققا قىلىپ مەقسىدىنى ئۇقتۇرالمىغان جۈرئەتسىز بالىلارنى ياخشى تىل تەربىيىسى كۆرمىگەن، دەپ قارايدۇ. شۇڭا، پەرزەنتلەرنىڭ تىلىنىڭ ئۇچۇق ۋە راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنداق بىر قانچە خىل ئۇسۇلنى قوللىنىش مۇۋاپىق:

   بىرىنچى، پەرزەنتلەرنى تىلى چىقىشقا باشلىغاندىن تارتىپ ئېنىق، توغرا تەلەپپۇز بىلەن راۋان سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈش لازىم. ئەگەر گېپىنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالماسلىق ئەھۋاللىرى بايقالسا، جۈرئەتلىك بولۇشقا، تارتىنماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇپ، گەپنى ئېنىق، دانە-دانە ،ئالدىرىماي سۆزلەشكە ئادەتلەندۈرۈش؛ قىيلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، يېتەكلەش خاراكتىرىدە سۆزلىرىنى تولۇقلاپ بېرىش كېرەك. چۈنكى بەزى بالىلار تارتىنىش ۋە جىددىيلىشىش تۈپەيلىدىن گەپنى تولۇق تەلەپپۇز قىلالمايدۇ.

   ئىككىنچى، بالىلارغا گەپ قىلىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلغان چاغدىلا گەپ قىلىپ، قالغان چاغلارغا كارىمىز بولمىسا بولمايدۇ. زۆرۈرىيەتسىز چاغلاردىمۇ بالىلاردىن كۆپرەك نەرسىلەرنى سوراش يولى بىلەن غىدىقلاش لازىم. ئەگەر بالىلار بىرەر يەرگە بارغان بولسا شۇ يەرگە بارغاندىن كېيىنكى تەسىراتلىرىنى، نېمىلەرنى كۆرگەنلىكىنى، نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى سۆزلىتىش، ئوينىغان، تۇرغان ئىشلىرى توغرىسىدا سۆزلىتىش، باشقىلارغا بولغان چۈشەنچىسىنى سۆزلىتىش كېرەك. بەزى چاغلارغا پالانىنىڭكىگە بېرىپ «مۇنداق، مۇنداق دەپ كەل»دەپ بۇيرۇش، تېلېفۇندا سۆزلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن يېتەكلەش كېرەك.

ئۈچىنچى، مەكتەپكە كېرگەندىن كېيىن ۋە مەكتەپكە كېرىشتىن بۇرۇن، بالىلار بىلەن كۆپرەك ئارىلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇشقا ئىشتىراك قىلىش، ئۇقۇشتىكى تەسىراتلىرىنى، دەرسلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى سۆزلەپ بېقىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، كىتابلىرىنى ئۈنلۈك ئوقۇپ بېرىشنى ئۆتۈنۈش يولى بىلەن بالىلارنىڭ تىل قابىلىيىتىنى، نۇتۇق قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇشقا بولىدۇ. بالىلار بىلەن ئانچە-مۇنچە بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە مۇنازىرىلىشىپ قويۇشمۇ بالىلارنىڭ پىكرىنى ئۆتكۈرلەشتۈرىدۇ، تىلىنى راۋان قىلىدۇ.

   ئاتا-ئانىلار پەرزەنت تەربىيلەشتە ئانا تىل بىلەن خەنزۇچە تىلى ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئىلمىي كۆز قاراشتا بولۇشى كېرەك.

قوش تىل ئۆگىنىش قەدىمدىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلەرگە قويغان مۇھىم تەلىپى بولۇپ كەلگەن. دىنىي ئېتىقاد ئېھتىياجىدىن بولسۇن، مەدەنىيەت نوقتىئىنەزەردىن بولسۇن، ئۇيغۇرلار قوش تىللىق بولۇشنى دۇنياغا يۈزلىنىشنىڭ يول خېتى دەپ قاراشقان. قەدىمكى بۈيۈك ئالىملاردىن مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىيلارمۇ ئەرەب، پارس تىللىرىدا يوقۇرى سەۋىيەلىك ۋە پاساھەتلىك ئەسەرلىرىنى يازغانىدى. بىراق ئۇلار شۇنداق كامالەتكە يەتكەن تۇرۇقلۇقمۇ ھەرگىز ئانا تىلىدىن ۋاز كەچمىگەن، بەلكى ئانا تىلنى ئۇلۇغ بىلگەن ۋە ئانا تىلدىن ئەسەر يېزىپ دۇنياغا تۇنۇتقان.

   ھازىر ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ قوش تىللىق بولىشىغا بەك كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شەرت-شارائىتى يار بېرىدىغان جايلاردا بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش ۋە چەت ئەل تىلى ئۆگىنىش ئىشتىياقى زور دەرىجىدە يوقۇرى كۆتۈرۈلگەن، چەت ئەل تىلى كۇرىسلىرى كۆپەيگەن، بۇخىل يۈزلىنىش ئەلۋەتتە كىشىنى سۆيۈندۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇنىڭ ئۈچۈن خېلى كۆپ پۇل چىقىم قىلىۋاتىدۇ.

   بىراق ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش، بەزى ئاتا-ئانىلار باشلامچىلىق بىلەن پەرزەنتلەرنى ئانا تىلدىن ياتلاشتۇرىدىغان ئەھۋاللار باش كۆتۈردى. بۇنىڭ ئىپادىلىرى مۇنداق بىر قانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ: بىرى، بەزى ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرى بىلەن ئالاقىدە ئانا تىلدا سۆزلىمەي، خەنزۇ تىلدا سۆزلەشسە، بەزىلىرى يېرىم ئۇيغۇر تىلىدا، يېرىم خەنزۇ تىلىدا سۆزلەپ ئەبجەش بىر تىلنى بارلىققا كەلتۈرىۋاتسا ئۇنىڭغا توغرا تەدبىر قوللانماقتا يوق، ئەكسىچە پەخىرلىنىدىغان، ھەتتا ئۆزى باشلامچى بولۇپ خەنزۇ تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ ئۇچراتتۇق. يەنە بىرى، ھازىر خېلى كۆپ ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش بىر دولقۇنغا ئايلانغىلى تۇردى. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئانا تىلى مەڭگۈ خەنزۇ تىلى بولۇپ قالىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۇلار ئۈچۈن ئىككىنچى ئورۇندىكى قوشۇمچە ئۈگەنگەن تىل بولىدۇ. ئۇ بالىلار ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئانا تىل تەربىيىسى كۆرگەن بالىلاردەك قەلب ھېسياتىنى ئانا تىل بىلەن تولۇق مۇكەممەل ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇلار ئانا تىل بىلەن پەقەت تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئالاقىنىڭلا ھۆددىسىدىن چىقالىشى مۈمكىن. مەن تونۇيدىغان ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان خەنزۇ تىلىدا ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىنغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇلار بەش يىل مۇنتىزىم ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئاڭلاپمۇ، كېيىن خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئۇيغۇر تىلى بىلەن دەرس ئۆتۈشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. بەزىلىرى كەسپ ئالماشتۇرۇپ چىقىپ كەتتى.

   بۇنداق بولۇشنىڭ نېمە سەۋەبى باردۇر، دەپ جەمىئىيەتتىن ئەھۋال ئىگىلەپ باقتىم. بەزى ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان بالىلار خەنزۇ تىلىنى بىلمەيدىكەن، شۇڭا، ئۇلارنىڭ ئىستىقبالى يوق بولىدىكەن، خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇسا ئىستىقبالى بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. يەنە بىر بۆلەك ئاتا-ئانىلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شەرت-شارائىتى ناچار، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى تۆۋەن، خەنزۇ مەكتەپلىرىنىڭ شارائىتى ياخشى، ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ساپاسى يۇقۇرى، دەپ قارايدىكەن. بىرىنچى خىل قاراشنىڭ ئاساسى يوق. ئەگەر مەسىلىگە ئۇنداق قارايدىغان بولساق، مەنتىق جەھەتتىن خەنزۇ بالىلارنىڭ ئىستىقبالى بار، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئىستىقبالى يوق دېگەن خاتا ئەقلىي يەكۈن چىقارغان بولۇپ قالىمىز. بىلىش كېرەككى، مىللىي مۇئارىپ پۈتۈن جۇڭگو مائارىپىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمى، ئۇيغۇر مائارىپىمۇ سوتسىيالىزم ئۈچۈن، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەلگۈسى ئۈچۈن، تەرەققىيات ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىلىدۇ. ئورتاق مائارىپ فاڭج(نىشانى)ىنى بويىچە ئادەم تەربىيىلەيدۇ. ھازىر دەرسلىك مەزمۇنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈلدى. ئەگەر تىل پەرقى نوقتىسىدىن ئىستىقبالى پەرقلىنىدۇ، دەپ قارايدىغان بولساق، ئۇنداقتا مىللىي مائارىپنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاپ، بارلىق بالىلارنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش زۈرۈرىيىتى تۇغۇلامدۇ؟

   شۇنى بىلىش كېرەككى، مىللىي مائارىپ مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتنىڭ ئەڭ مۇھىم كاپالەتچىسى. ئومۇملۇق نوقتىسىدىن قارىغاندا، ئىستىقبال مەسىلىسىنى پەرزەنتلەرنى خەنزۇ مەكتەپلەرگە بېرىش يولى بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بەلكى مىللىي مائارىپنىڭ سۈپىتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاساس سالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مائارىپى ھەرگىزمۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدىغان مائارىپ ئەمەس، ئۇيغۇر مۇئارىپى نەچچە مىڭ يىللاردىن بويان ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈش ئارقىلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققانىدى. ھازىرمۇ شۇنچە كۆپ پروفېسسور ۋە دوكتۇرلارنى جەمىئىيەتكە چىقاردى. خەنزۇ مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە(شارائىتى ياخشىراق مەكتەپلەردە) ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساپاسىدا رۈشەن پەرق يوققۇ. تىل مەسىلىسىدىن قارىساق، ھازىر 3-يىللىقتىن باشلاپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە خەنزۇ تىلى ئۆگۈنىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كۆپلىگەن بالىلار خەنزۇ تىلىدا راۋان ئالاقىلىشالايدۇ. شۇڭا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىلدىن مەھرۇم قىلىشقا زورلايدىغان ھەرقانداق ۋاستىسىنى ئىستىقبال ئۈچۈن تىرىشىش دەپ قارىمايمىز. ئۇ شەخسىيەتچىلىك، مەنپەئەتپەرەسلىكتىن كېلىپ چىققان قۇرۇق باھانىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەگەر ئاتا-ئانىلار ھەقىقەتەن پەرزەنتلىرىنىڭ ئىستىقبالىنى ئويلايدىغان بولسا، ئۇنى مىللەتنىڭ بىر پۈتۈن مەدەنىيەت ئىزچىللىقى ۋە ئانا تىلنىڭ مۇكەممەللىكىدىن ئىزدىشى لازىم.

   پەرزەنتلەر ئۈچۈن ئانا تىلدىن مەھرۇم قېلىشتىنمۇ ئارتۇق يوقىتىش بولمايدۇ. چۈنكى «تىلدا خەلقنىڭ بارلىقى، ئۇنىڭ ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ…تىل خەلقنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ھەم كېلەچەك ئەۋلادنى مۇستەھكەم بىر پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىق جەھەتتە جىپسىلىققا ئايلاندۇرغۇچى ئەڭ ھاياتىي، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاستىدۇر» (ئوشىنسكىي)



يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئەپەندىنىڭ «ئۇيغۇرلاردا پەرزەنت تەربىيىسى» دېگەن كىتابتىن ئېلىندى.


يازما مەنبەسى: تورخۇمار كولۇبى


birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 00:45:08

ئۇيغۇرچە

ايغورچا

Uyghurche


Уйгурче



ئانا تىل

انا تيل

Ana til

Ана тил







يۇقىرىقىلار ئۇيغۇرلار بىردەك ياكى تارقاق ئىشلىتىۋاتقان يېزىقلار ئىكەن.

86 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-25 11:48:44

مەن قىزلىرىمنى خەنزۇ سىنىپىغا ئوقۇشقا بېرىشنى تۇغرا كۆرمىدىم. چۈنكى ئادەم كىچىگىدە قايسى تىلغا پىششىق بولسا، تەپەككۈرى شۇ تىل بىلەن يېتىلىپ قېلىپ، بىر كىشىلەرگە گەپ قىلسىمۇ، ئىخىيارسىز شۇ تىلدا سۆزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ. بىر جۈملە سۆزنىڭ كۆپ يېرىمى شۇ تىلدا سۆزلەيىدىغان بولۇپ قالىدۇ. قىزلىرىم كەلگۈسىدە ئانا بولىدۇ. ئانا تىلىنى پىششىق بىلىپ ساقلىشى كېرەك، ئۇنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىۋاتقان تىلى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولماي، باشقىلارنىڭ ئانىسىنىڭ تىلىدا سۆزلەپ يۈرسە، نەۋرىلىرىمنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلىدىن يات بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئەۋرىلىرىمغا بارغاندا تېخىمۇ شۇنداق بولىشى مۇمكىن. شۇڭا، ئۇيغۇر سىنىپ بار مەكتەپ يىراق بولسىمۇ شۇ مەكتەپكە بېرىشنى تاللىدىم. ئەپسىۇسلۇق يېرى، ھازىر ئۇ سىنىپتىمۇ «قوش تىللىق» سىنىپ دەپ، ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكىدىن باشقا ھەممە دەرسلىكلەر خەنزۇچىكەن. قىزلىرىم ھازىر ئاددىيسى شەرىق، غەرىپ جەنۇپ دىگەن سۆزلەرنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى بىلمەيدۇ(مەكتەپ دوڭ نەن شى بېي دەپ ئۈگەتكەندىكىن)، مەكتەپ ھەممە دەرسىنى خەنزۇ تىلىنى ئاساس قىلىپ ئۆتكەندىكىن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلۈكلەرنىڭ كۆپلىرىنى بىلمەيدىغان بولۇپ قالىدىكەن. بولۇپمۇ تەبىي پەن ساھەسىدىكى ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى بىلمەيدىۇ. دىمەك ئۇلارنىڭ تىلىدا ئۇيغۇرچە سۆزلۈكتىن خەنزۇچە سۆزلۈك كۆپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى تارايدى دىگەن گەپ. ئەمدى ئۇلار كەلگۈسىدە رۇمان ئوقۇسا ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇيالىشى مۇمكىن، ئەمما تەبىي پەن بىلىملىرىنى ئۇيغۇرچە ماتىريالدىن كۆرەلمەيدۇ، كۆرسىمۇ چۈشەنمەيدۇ، كۆرەي دىسىمۇ ماتىريال يوق ھالەت شەكىللىنىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇر تىلىنى ئاساس قىلغان قوش تىللىق مائارىپ تولۇقسىزنى پۈتتۈرگىچە بولسىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولسا، ياخشى ئىدى دىگەننى ئارزۇ قىلدىم. مارئارىپنى باشقۇرىدىغانلار مېنىڭ بۇنداق ئارزۇلىرىم بىلەن نىمە كارى. بالىلىرىم شۇنداق ئوقۇۋاتىدۇ. يېزىغا بارسام خەنزۇچىدىن ھېچنىمى بىلمەيدىغان بالىلارنىڭ دەرسلىك ماتىرياللىرى ھەممىسى خەنزۇچىكەن.
بەت: [1]
: ئۇيغۇرلاردا تىل مەدەنىيىتى تەربىيىسى (كۆچۈرۈلمە)