turan0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 00:04:50

ئۇلۇق كۆك تۈرك قاغانلقنىڭ قاغاننى مۇقان قاغان

ئەسلى بۇ ماقالىنى كۆپ يىللار ئىلگىرى <ئورخون تارىخ مۇنبىرى >گە يولىغان ئىدىم .

ئەسىر چاقى 5-ئەسىرنىڭ  كىيىنكى يىرىمىگە كەلگەندە  جورجان خانلىقىدا ناھايىتى ئۆزگىرىشلەر بولدى ،  جورجان خانلقنى ئىگىلەپ ياتقان زىمىن ھون تەڭىرقۇتلۇقى زىمىندەك كەلمىسىمۇ  ئورخون ،سىلىنكا ۋەسەدىچىننى بويلىغان ئاساستائالتايغىچە ، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇب ئاق ھون كونتىرولقىدا ئىدى  ، جورجان خانىلقى خىلى كۈچلۈك خانلق ئىدى .  ئەنسىرگەن كۈن ئاخىرى يىتىپ كەلدى ،  480-يىلى ئۇرخون دەريا ۋادىسدىكى توققوز ئوغوز (توققوز ئۇيغۇر ) ئىچىدكى بۆركىلى قەبلىسى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالدىكى غەربى تۇرالار(سىر -تاردۇش  ،غەربى ئۇيغۇرلار)بىلەن بىرلىشىپ ئىسيان كۆتەردى ، جەنۇبى ئالتايدىكى ئۇرۇشتا جورجان خانى تولون قوشوننى تارمار قىلىدى ، 487-يىلى  ئىگىز ھارۋىلىقلار (قاڭقلار) قاغانلقى دۇنياغا كەلدى ، (مىلادىنىڭ 487 - يىلدىن 546 - يىلغىچە) بۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى ماناس ئەتراپلىرىدا بولۇپ، تېررىتورىيىسى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە سايرام كۆلى بويىغىچە، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتراپلىرىغىچە سوزۇلغان بولۇپ، شىمالدا جۇرجانلار بىلەن، قاراشەھەر ئەتراپلىرىدا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتراپلىرىدا تۇيغۇنلار (تىبەت خانلىقى) بىلەن دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان. بۇخانلق پەقەت 60-يىللا ھۆكۆم سۈرەلىدى .

جورجان خانىلق ھالدىن كەتتى ،ئىسمى بار جىسمى يوق خانلققا ئايلاندى ، 548-يىلى مانا ئەمىدى ئاشنا قەبىلسى ئىسيان كۆتۆردى ، جورجان خانلقنىڭ ئىسىياننى باستۇرغىدەك ماجالى يوق ئىدى . ئاشنا قەبلىسى  باشلامچىلق قىلىپ يايلاقتىكى بارلق قەبىللەرنى بولوپمۇ ئۇغۇز قەبىلىرىنى كۈشكەرىتتى .

550-يىلى  ئاشنا تۈمەن  ئورخون بويدا (ئۆتۆكەندە ) ئۆزىنى قاغان دەپ ئىلان قىلدى ۋە پايتەختىنى ئۆتۆكەنگە  ماكانلاشتۇردى ،دۇنياغا مەشھۇر ئۇلوق كۆك تۈرىك خانلقى قۇرۇلدى .

ئاشنا تۈمەن ئالدى كۆك تۈرك (ساماۋى تۈرك، ئاسمان تۈرك  ) نامىدا بىلەن ئۆز قىرندىشى بولغان ئۇغۇز قەبلىرىنى ئىندەككە كەلتۈردى ۋە قەبىلە ئاقساقالىرىغا :« ئېركىن « نامى بەردى ،ئورخون توغلا ۋادىسىدىكى كۈچلۈك ئۇغۇز قەبىلىرنىڭ قىتىلىشى بىلەن  تاشقى مۇڭغۇل تېرتوريىسىدىكى باشقا قەبللەرمۇ كەينى -كەينىدىن ئەلچى ئەۋەتىپ تۈمەن قاغاننى ئىتىراپ قىلدى .

تۈمەن قاغان ئۇزاق ياشيالمىدى ، 551-يىلى كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى ، تۈمەن قاغاننىڭ 3ئوغلى بار ئىدى ،چوڭ ئوغلى قاراتېكېن ، ئوتىرانچىسى مۇقان تېكېن ،كىچىكى ئېلتەرىش تېكىن ئىدى ، تۈمەن قاغاننىڭ ئۆلىمدىن كىيىن قائىدە بويىچە قارا تېكېن قاغانلق كۆتىرلىدى ،بىراق بۇ ئەقىلسىز قاغان 1يىلمۇ تەخىتە ئولتۇرالمىدى ، چۈنكى شۈمەزگىلدە ئۇلارنىڭ دۆشەنلىرى ھەر تەرەپتە كۆپ ئىدى ، مۇقان قاغان ئاكىسنى مەجبۇرى تەخىتتىن چۈشۈرۈپ 552-يىلى مۇقان تېكېن ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتاپ سەلتەنەت تەختىگە چىقىتى ،مۇقان قاغاننىڭ تەخىتكە چىقىشى بىلەن كۆك تۈرك خانلقدا يىڭى بىر سەھپە ئىچىلىدى ھەم كۆك تۈرك قاغانلقنىڭ  ئالتۇن دەۋرى دەپ ئاتلدى .

مانا بۇ دەۋىر ئوتتورا تۈزلەڭلىك ۋەزىيىتى مۇقىمسىز ، تىبەتلەر كەڭ كۆلەمدە ئۇتتۇرا تۈلەڭلىككە ۋە يىپەك يولىغا ھوجوم قىلغان ۋاقتى ئىدى.

چۈشىنىشلىك بولوش ئۈچۈن ئەمىدى بۇيەردە تىبەتلەر توغىرسىدا ئازىراق توختىلاي

تارىختا تىبەتلەر يىپەك يولدىكى مۇھىم شەھەرلەرگە 5قىتىم ھوجوم قىلغان ،  1. ھون تەڭىرقۇتلۇقى مەزگىلدە ، باتۇر تەڭىرقۇت قوغلاپ چىقارغان ،2. كۆك تۈرك دەۋرىدە مۇقان قاغان قوغلاپ چىقارغان .3. ئورخون ئۇيغۇر قاغانلقى دەۋرىدە ئاي تەڭردە قۇت بولمىش قاغان قوغلاپ چىقارغان  4. ئىددىقۇت ئۇيغۇر خانلقى دەۋرىدە پانتېكىن قوغلاپ چىقاغان . 5. سەئىدىيە خانلقى دەۋىدە ئابدۇمۇتەلىپ قاغان قۇغلاپ چىقارغان (قوشومچە :تىبەتلەرنىڭ ئاففاق غۇجىغان ياردەم بېرىشتىكى سەۋەبى شۇ !!!!!)

مۇقان قاغان بىرقاتار تەدبىرلەرنى قوللاندى .

1. قاغانلق ياساق تۈزۈمى (ھونلار بىلەن ئوخشاش دىيەرلىك قانۇن تۈزۈم )

2..توققوز ئوغوز قەبىلىرى كۈچىدىن تولوق پايدىلىنىش ،

3.تاشقى موڭغولدىكى باشقا قەبللەرنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىش .

4.ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش

5.ئاندىن دۆشمەنلىرىگە زەربە بېرىش

ئۇلۇق ئىستىرايىگىچى مۇقان قاغان ،ئەجداتلىرى بۇلغان  ئەفراسىياف (ئالىپ ئەرتۇڭا)قا ،باتۇر تەڭىرقۇت ئىزىدىن  بىرقاتار جازا يۈرۇشلەرنى ئىلىپ باردى.

554-يىلى مۇقان قاغان ئالدى بىلەن يىنسەي ۋادىسىدىكى قىرغىزلانى بويسۇندۇردى ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياپون دىڭىز بويلىدا ياشىغۇچى شىرۋىرلانى بويسۇندۇردى  .

555-يىلى غەربى ۋي بىلەن ئىتتپاق تۈزۈپ شەرقى ۋىيىنى يوقاتتى ، بىرگە چىڭخەي دە ياشغۇچى تۇيغۇنلارنى بىركىچىدىلا تارمار قىلدى .

556-يىلى غەربى ۋينىمۇ يوقاتتى ،ئوتتورا تۈزلەڭلىكتىكى شىمالى جو ،شىمالى جى ۋە لىياڭ لار ئولپان تۆلەش ھىساۋىدا خانلىقىلىرىنى ساقلاپ قىلىشتى .

558-يىلى ئالتايدىكى كۈچلۈك ھىسابلانغان قارلۇقلانى بۇيسۇندۇردى ، جوڭغار ۋە قازاقىستان دالاسىغا سوزولغان غەربى تۇرالار  (سىر تاردۇش ) بويسۇندىغانلقىنى بىلدۇرۇشتى .

تەڭرى تىغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاق ھون تەڭىرقۇتلۇقى  يىڭىلمەس ئىمپىريە نامى بىلەن شەرقى چىڭخەگچە تەڭىرى تىغنىڭ جەنۇبىنى بويلاپ غەربى ئىرانغىچە سوزولغان  جەنۇبى كەشمىر پاكىستان ،ئافغاننىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساستا ھىدىستانغا تۇتاشقان ئىدى ،يىپەك يولىنىڭ كۆپ قىسم كۆنتۇرۇلىقىنى تۇتۇپ تۇرۋاتاتتى  .

564-يىلى مۇقان قاغان ساسانىلار خانلقىنىڭ شاھىنشاھى خۇسراۋ 4 كە بىرلىشىپ ئاق ھون تەڭىرقۇتلۇقىنى يوقىتىش توغىرسىدا ئەلچى ئەۋەتتى ، چۈشىدىمۇ ئويلاپ باقمىغان شاھىنشاھ يىپەك يولى دەپ ماقول بولدى .

566- يىلى كۆك تۈرك ۋە ساسانىلار قۇشۇنى ئامبۇرسىمان جازا يۈرۇش قىلىپ ،دۇنياغا مەشھۇر  يىڭىلمەس ئىمپىريە - ئاق ھون تەڭىرقۇتلۇقىنى يوق قىلدى ،ساسانىلار شاھىنشاھى ئاچكۆزلۈك قىلىپ يىپەك يولىنىڭ ئاق ھون بۆلىكىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم يەرلەرنى ئىگىلۋالدى .

568-يىلى مۇقان قاغان ساسانىلار خانىلقغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بىزانتىيە ئىمىراتۇرى جۇستنۇس 2 گە ئەلچى ئەۋەتتى ،يىڭلا قۇرۇلغان بىزراتىيە ئىمپىريىسى بۇ ئامەتتىن قۇرۇق قالماسلق ئۇچۈن ئىتتپاق تۈزۈپ ساسانىلار نى يوقىتىشقا قوشولدى ،چۈنكى ساسانىلار بىزانتىيەنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى ئىدى .

570-يىلى كۆك تۈرك ۋە بىزانتىيە قۇشۇنى ساسانىلارننىڭ زىمىنغا بىسىپ كىرىپ غەلبە قازاندى ، ساسانىلار ئولپان تۆلەش ھىساۋىغان خانلىقىنى

ساقلاپ قالدى .

570- كۆك تۈرك كونتۇرۇلىقدىكى يەر شەرقتە ياپۇن دىڭىزدىن غەرىپتە بىزانتىيە(ھازىرقى تۈركىيە تەۋەلىكلىرى)گىچە ، شىمالدا ياقۇتلار (رۇسىيە ياقۇر جۇمھۇريتى )زىمىگىچە ، جەبۇبتا سەدىچىننى بويلاپ ھىندىستان ھەم  ئىران  ئىگىزلىگىچە   بولغان غايەت زۇر زىمنى ئىگىلىدى .

مۇقان قاغاننى قاغانلارنىڭ قاغانى دىيىشتىكى سەۋەب ،تۈركلەرنىڭ كۈچىنى  دۇنياغا نامايان  قىلغان قاغان ،مۇشۇ تۈپەيلى كۆك تەڭرى تۈرىكلىبىز دەپ :«كۆك تۈرك « نامى بىلەن مەشھۇر بولدى .

بۇقان قاغان پايتەخت  ئۆتۆكەنگە قايتىقاندىن كىيىن  بۇ بىپايان قاغانلق زىمىنى ئىلك خانلارغا ،تېكىنلەرگە ،يابغۇلارغا ،شادلارغا سۇيۇرغان قىلىپ بەدى ،ئىنىسى ئېلتەرىشنى ئىلى خان مەرتىۋىسىدە قارا قۇرۇمدا قالدۇرۇپ قاغانلقنىڭ غەرىبى زىمىنى قۇغداش ۋەزىپىسى تاپشۇرۇلدى .

574-يىلى تۈركلەرنىڭ ئۇلۇق ،دانىشمەن ،ئىتىرادىيگىچى ،ھەربى ئالىم ، دانا دپلۇمات ، مەشھۇر  قاغانى - مۇقان قاغان ئۆتۆكەندە كىسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى .

مۇقان قاغان ئالەمدىن ئۆتىشى ئىلك خانلارنىڭ ھوقوق تالىشى ،تىكىنلەرنىڭ ماجىراسى بىلەن پۈتۈن كۆك تۈرك قاغانلقى پارچىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى.  580- يىلى بىر پۈتۈن كۆك تۈرك قاغانلقى ئالتاي تىغنى پاسىل قىلغان ئاساستا شەرق -غەرب دەپ ئىككىگە پارچىلاندى ،مانابۇ پارچىلىنىشلار پۈتمەس تۈگىمەس ئىچكى يىغىلقىلار ،605-يىلى ياغلاقار قەبلىسى باشچىلقىدىكى توققوز ئوغۇزلار توپىلىڭى بىلەن نەتىجىلەندى .

مەنبە: ئورخون شەجەرىسى(پەرھات جىلان ) ، يىپەك يولىدىكى توققوز ھىكىمەت(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ) ، قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن )، ھونلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (تورغۇن ئالماس ) بەختسىز سەئىدىيە ،باتۇر تەڭىرقۇت

مەۋلان تۇران

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 09:45:26

تارىخىي تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىگەي ........... رەھمەت

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 09:45:36

خەت بەك ئۇششاق، بۇ يەرگە چاپلاپ ئوقۇي

ALIF يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 10:31:11

مەن ئەڭ قىزقىدىغان تېما ئىكەن، قولىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن!

urdek يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 11:42:22

(ئۇلۇق ئىستىرايىگىچى مۇقان قاغان ،ئەجداتلىرى بۇلغان ئەفراسىياف (ئالىپ ئەرتۇڭا)قا ،باتۇر تەڭىرقۇت ئىزىدىن بىرقاتار جازا يۈرۇشلەرنى ئىلىپ باردى)

  بۇ جۇملىنى قانداق چۇشۇنىمىز؟ مۇقان قاغان ئۇزىدىن2000 ژىل بۇرۇن ئۇتكەن ئالىپ ئەرتۇڭاغا جازا يۇرۇشى قىلغانمۇ؟

  ئىملامۇ خاتا،جۇملىلەرمۇ قالايمىقان،مەنتىقىگە ئويغۇن ئەمەس، دەرھال باشقىدىن يېزىڭ، توغرىلاڭ، بولمىسا ئۇچۇرۇلىدۇ.

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 12:10:15

ئۇلۇق ئىستىرايىگىچى مۇقان قاغان ،ئەجداتلىرى بۇلغان ئەفراسىياف (ئالىپ ئەرتۇڭا)قا ،باتۇر تەڭىرقۇت ئىزىدىن بىرقاتار جازا يۈرۇشلەرنى ئىلىپ باردى)

--------------------------------------------------------------------------

ئىزىدىن بىر قاتار يۈرۇشلەرنى ئېلىپ باردى دەپتۇ. ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلماپتۇ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 12:41:02

4- قەۋەتتىكى urdekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

(ئۇلۇق ئىستىرايىگىچى مۇقان قاغان ،ئەجداتلىرى بۇلغان ئەفراسىياف (ئالىپ ئەرتۇڭا)قا ،باتۇر تەڭىرقۇت ئىزىدىن بىرقاتار جازا يۈرۇشلەرنى ئىلىپ باردى)

بۇ جۇملىنى قانداق چۇشۇنىمىز؟ مۇقان قاغان ئۇزىدىن2000 ژىل بۇرۇن ئۇتكەن ئالىپ ئەرتۇڭاغا جازا يۇرۇشى قىلغانمۇ؟

ئىملامۇ خاتا،جۇملىلەرمۇ قالايمىقان،مەنتىقىگە ئويغۇن ئەمەس، دەرھال باشقىدىن يېزىڭ، توغرىلاڭ، بولمىسا ئۇچۇرۇلىدۇ.

\"\"قېرىپلا  بوۋاي  ، ئىزىدىن  دەپتۇ ..........ئۆزىڭىز  خاتا  ئوقۇۋېلىپ  ئۆچىرىمەن  دەپ  تەھدىد  سەپ  قويۇڭ  تېخى \"\"

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 12:46:47

قانداق خاتا بولىدۇ باللىلار ئۆردەك بوۋاينىڭ سۆزى؟

(ئۇلۇق ئىستىرايىگىچى مۇقان قاغان ،ئەجداتلىرى بۇلغان ئەفراسىياف (ئالىپ ئەرتۇڭا)قا ،باتۇر تەڭىرقۇت ئىزىدىن بىرقاتار جازا يۈرۇشلەرنى ئىلىپ باردى)

ماۋۇ جۈملنى : ئۇلۇغ ئىستىراتىگيىچى مۇقان قاغان باتۇر تەڭرىقۇت ئىزنى بېسىپ، ئەفراسيافقا جازا يۈرۈش قىلدى دېگەن مەنىدە چۈشەندىم مەنمۇ.

ئەسلى جۈملىدىكى ‹ئەفراسىياپ›ىنىڭ ئاقىسىدىكى ‹قا› قوشۇمچىسى ئوشۇق بولۇپ قالغان. مېنىڭچە ئۆردەك بوۋاينىڭ دېگىنى توغرا. خۇدايىم زېھنىڭىزنى تېخىمۇ ئوچۇق قىلسۇن بوۋاي.  {:90:}

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-2-23 16:55:32

8-قەۋەت دۇستۇمغا، بىز ئەزەلدىن مۇشۇ زىمىندا ياشغان ، ياۋرۇپا دىن كەلمىگەن.
بەت: [1]
: ئۇلۇق كۆك تۈرك قاغانلقنىڭ قاغاننى مۇقان قاغان