ئەزىمەتلەر پويىزدا 49 سائەت ئولتۇرۇپ يۇرتقا قايتقان[كۆچۈرۈلمە]
گۇاڭجۇدىكى قىشلىق مەشىقنى تۈگەتكەن شىنجاڭ سوڭ چىڭلىڭ پۇتبۇل مەكتىپىنىڭباللىرى، ھەم ھازىرقى شىنجاڭ تاش ئالما كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى پۇيىزدا
49سائەت ئۇلتۇرۇپ يۇرتقا قايتىقان.
بۇلارغا مەسئۇل شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمىيىتنىڭ بىر قىسىم مەسئۇللىرى 10كۈن بۇرۇن ئايرۇپىلان بىلەن قايتىپ بۇلغان.
نەچچە كۈنلۈك مەشىقتە تاماق يىمەك ئىچمەكلەردىن قىينالغان، بۇ
ئەزمەتلىرىمىزنىڭ بۇنداق جاپالارنى چىكىشى ئادەمنى تۇلىمۇ بىئارام
قىلىدۇ.
شىنجاڭ پۇتبۇلچىلار جەمىيىتىنىڭ باشلىقلىرى سەن خەقمۇ ئادەممۇ ؟
مەنبەhttp://sports.qq.com/a/20130222/000378.htm#p=3
ئىنساپسىز مەلئۇنلار!!
.................................................................................................................
.................................................................................................................
.................................................................................................................
.................................................................................................................
.................................................................................................................
.................................................................................................................
{:107:} بۇنچىلىك ئىشلارغا قاغشىغىلى تۇرساڭلار جان توشىمايدۇ باللا ،ھەممە باللانى ئېلىپ ئايرۇپىلاندا ماڭاي دىسە ئىقدىساد يار بەرمەيدۇ ياكى بۇ چىقىمنى كۆتۈرۈشنى خالىمايدۇ ،ئۆزلىرى پويىزدا باللا بىلەن تەڭ ماڭايلى دىسە ئەمىلى كۆتۈرمەيدۇ ،بىزمۇ يىغىنغا بارساق باشلىقلار ئايرۇپىلاندا نەچچە كۈن بۇرۇن بېرىپ بولۇپ ئوينىغاچ تۇرىدۇ ،بىز پويىز يا ئاپتۇۋۇزدا ئالدىرىماي لەپپەڭشىڭ بارىمىزغۇ . تەڭسىزلىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدىكى كىچىك ئىشلارغا قاخشاپ ئاۋارە بولماڭلار . قېنى بۇ باللا بىر نەتىجە ياراتسۇن ! شۇ چاغدا كۆرىسىلەر ،بۇ باللاغا مەخسۇس ئايرۇپىلان كۆتۈرە ئېلىپ ئەكىلىدۇ ! تىمىدا خاتالىق با @Erktekinئۇلار پويىزدا ئولتۇرۇپ قايتمىغان،ئۇنداق بولغان بولسا ھىچكىم قاقشىمايتتى
ئەكسىچە ئۆرە تۇرۇپ بىلەت ئىلىپ قايتقان(无座票)
ئىچكىردە جاپالىق مەشىقلارنى قىلىپ ،ھىرپ ئىچىپ قايتىدىغان چاغدا يەنە 49 سائەت ئۆرە تۇرۇپ قايتقان
ئورۇنسىز بىلەتنى ئىلىپ بەرگەن باشلىقنى .....ئاغزىمنى بۇزماي خەقنىڭ چاپىنىدا تەرلەيدىغان باشلىق ئاز ئەمەس. تەرلەپ پىشىپمۇ كەتكەن باشلىقلار!!!
5- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىدا خاتالىق با @Erktekin
ئۇلار پويىزدا ئولتۇرۇپ قايتمىغان،ئۇنداق بولغان بولسا ھىچكىم قاقشىمايتتى
ئەكسىچە ئۆرە تۇرۇپ بىلەت ئىلىپ قايتقان(无座票)
ئىچكىردە جاپالىق مەشىقلارنى قىلىپ ،ھىرپ ئىچىپ قايتىدىغان چاغدا يەنە 49 سائەت ئۆرە تۇرۇپ قايتقان
ئورۇنسىز بىلەتنى ئىلىپ بەرگەن باشلىقنى .....ئاغزىمنى بۇزماي
توغرا
新疆全运队站49小时回家 足协领导乘飞机
ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى ،لىكىن بۇ باشلىقلارغىمۇ گېزى كەلسە ئاجايىپ باھانىدىن بىرسى باردە ،چاغانلىق توشۇش مەزگىلىگە توغرا كەپ قالدى ،ئايروپىلاندا ئەپ ماڭايلى دېسەك بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالمىدۇق ؟؟ {:136:} لېكىن بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ ئەشۇ باشلىقلارنى خىجىل قىلماي بولمايدۇ ..... ھازىر بۇ خەۋەر پۈتۈن چوڭ بىكەتلەرنى بىر ئاپتۇ،ھەممىسى مىكروبلوگنىڭ كۈچى،چۈشتىن كىيىن مىكروبلوگدا بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم بىر قىسىم بوپتى،ئىشتىن چۈشۈپ قارىسام ھەممە تور بىكەتلەرگە چىقىپ بوپتۇ،بۇ سېسىق سامانقوساقلارنىڭ ئەپتى بەشرىسى بىر ئېچىلىدىغان بولدى!!!
ھەراس تولا بۇلارغا چاپان ياپماڭلار ھەر تۆت يىلدا بىر كىلىدىغان بۇ چوڭ يېغىلىشقا دۆلەتتىن چىقىرىدىغان پۇل ئىنتاين كۆپ،ئۆتكەن قېتىملىق دۆلەتلىك تەنھەركەت يىغىنىدا شەندوڭ ۋاسكىتبول كوماندىسى باتۇرنى تەكلىب قىلىش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل بىلەن بىر يۈرۈش ئۆي بەرگەن!!! جۇڭگوچىلىق سىلە بۇندا پويىزدا ئۆرە تۇرۇپ قايتىپ باقمىغانما؟ مەن جېنىمدا قايتىپ باققان ئەسلى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى ،لىكىن بۇ باشلىقلارغىمۇ گېزى كەلسە ئاجايىپ باھانىدىن بىرسى باردە ،چاغانلىق توشۇش مەزگىلىگە توغرا كەپ قالدى ،ئايروپىلاندا ئەپ ماڭايلى دېسەك بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرىمەي تۇرالمىدۇق ؟؟ لېكىن بۇ خەۋەرنى تارقىتىپ ئەشۇ باشلىقلارنى خىجىل قىلماي بولمايدۇ
ئەشۇبالىلار مەشىق قىلىپ ئىغىرلىشىپ كەتكەن بولسا ئايرۇفىلان چۈشۈپ كەتمىسۇن دىگەنندۇ
QQ نى ئاچقاندا ئاپتۇماتىك ئېچىلىدىغان ئۇچۇر كۆزنىكى بارغۇ ، مەن ھەر قىتىم ئىچىلغاندا تەنتەربىيە ئائىت خەۋەرلەرگە بىرەر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ قوياتتىم . بۇگۈن قارىسام مۇشۇ خەۋەر، ئادەتتە بۇ گۇيلىنىڭ تەنتەربىيە خەۋەرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى NBA,CBA ۋە پۇتبولغا ئائىت مۇسابىقىلەرنىڭ خەۋەرلىرى بىلەن توشۇپ كىتىدىغان، بۈگۈن قانداق بولاپ شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنىڭ خەۋىرىنى باش بەتكە چىقىرىپ قويغاندۇ دەپ ئالدىراپ كىرىپ خەۋەر ۋە تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى بىرمۇبىر ئوقۇپ چىقتىم .
بۇ قىتىم بۇ ئىشنى چىڭقىغا چىقىرايلى باللا . زادى تەنتەربىيە كومتىدىكلىلەرنى بىر جايلايدىغان يەرگە كەلگەن .
توپقا قىزىقمايدىغانلارنىڭ خەۋىرىدە بولمىسا كىرەك جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ غوجىسى بولغان گۇاڭجۇ خىڭدا كوماندىسىدا توپ تىپىۋاتقان شەۋكەتنى 100مىڭ يۈەنگە ساتقان، يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر توپچى باللا ئىچكىردىكى كۇلۇپ بىلەن سىناق مەشىقتە بىرلىككە كىلىپ توختام ئىمزالايدىغان ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەنتەربىيە كومىتىتى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كىنىشكىسىنى مۇسادىرە قىلىۋىلىپ شۇ باللارنىڭ ئىستىقبالىغا ئولتۇرمىدىمۇ . مەقسىتى شۇ ئادەم لازىم بولغان كۇلۇپ ئالدىمىزغا كەلسۇن ئالدىمىزغ 100 مىڭدىن پۇل قويسۇن دىمەكچى . ئەمما ئۇ كۇلۇپلار بىكارلىق سوقاشنىڭ كويىدا، ماۋۇ ۋىجدانىنى ئىت يەپكەتكەن گۇيلا پۇل ئۈندۈرۈشنىڭ كويىدا . پۇل ئېلىشتىكى مەقسىتى شۇ بالىلارنىڭ تەنتەربىيە كومىتىتىدىكىلەر تەربىيلەپتىكەنمىش . ھامما خاناچىسى تەربىيلەپتىكەنما، ؟؟؟؟؟؟؟ ، ئاغزىمنى بەك سەت بۇزىۋىتىمەن.
شۇ بالىلارنىڭ ھەممىسى «سۇڭچىڭلىڭ پۇتبول مەكتىپى»دە تەربىيلىنىپ چىققانلار، ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغانلار چىقىمىنى ئۆزى كۆتۈرىدۈ . ئەلۋەتتە بەزى ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار ھەقسىز تەربىيلىنىشتىن بەھرىمان بولىدۇ، ھەقسىز تەربىيلەنگەنلەرنىڭ پۇلىنى ئاۋۇ ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن نوچىلار يانچۇقىدىن ياكى تەنتەربىيە كومىتىتىدىن چىقارغان ئەمەس بەلكى تەيۋەن سۇڭچىڭلىڭ فوندى جەمىيتىدىن كەلگەن پۇل . قىسقىسى ئالدىنقى يىلى نەچچە باللا تەنتەربىيە كومىتىدىكىلەر مۇسابىقىگە قاتنىشىش كىنىشكىسىنى مۇسادىرە قىلىۋالغانلىق تۈپەيلى ئايلىقىغا 10 نەچچە مىڭدىن مائاش ئىلىپ توپ تىپىدىغان كەسپى پۇتبولچى بولۇش پۇرسىتىدىن قۇرۇق قالدى، ھەمدە كىيىنكى نوتىلارغا يول ئاچىدىغان پۇرسەتمۇ يوق بولدى .
5- قەۋەتتىكى malchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تىمىدا خاتالىق با @Erktekin
ئۇلار پويىزدا ئولتۇرۇپ قايتمىغان،ئۇنداق بولغان بولسا ھىچكىم قاقشىمايتتى
ئەكسىچە ئۆرە تۇرۇپ بىلەت ئىلىپ قايتقان(无座票)
ئىچكىردە جاپالىق مەشىقلارنى قىلىپ ،ھىرپ ئىچىپ قايتىدىغان چاغدا يەنە 49 سائەت ئۆرە تۇرۇپ قايتقان
ئورۇنسىز بىلەتنى ئىلىپ بەرگەن باشلىقنى .....ئاغزىمنى بۇزماي
كەچۈرۈڭ ،ئەسلى رەسىمدىلا چىقىپ تۇرۇپتىكەن ئۆرە تۇرۇپ ماڭغىنى ،تېمىغىلا قاراپتىمەن . ئاۋۇ بالىلار ئوينايدىغان پۇتبول توپنىڭ ئورنىدا تېپىپ ئوينىسا بولغۇدەك ئۇنداق نائىنساپ باشلىقلارنى... پۈتۈن توردا بىر ئاپتۇ بۇ خەۋەر ،،
ئىشتانغا چىقارغان چىراي باشلىقلار .مۇشۇ تېمىنى ئىككى سائەتنىڭ ئالدىدا كۆرۈپ ،توردىن ئىزدىسەم راست دىگەندەك مۇشۇلا خەۋەر.بىريەرلەردە پويىز باشلىقى بالىلارنى كارۋاتلىق ۋاگونغا ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،ھەقسىز تاماق بىرىۋاتىدۇدەپتۇ،يەنە بىر يەردە ئاۋۇ بالىلارنىڭ باشلىقلىرى،تىزدىن پويىز خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ،شارائىتى ياخشى يەرگە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ دەپتۇ،قايسى راسكىن بىلمىدىم. تېما تەرجىمىسىدە چاتاق بار
تاشئالما ياكى سۇڭچىڭلىڭ دەپ بېشىڭلارنى قايدۇرۇپ قويۇپتۇ
بۇ باشقا كوماندا مەكتەپ ياكى كۇلۇپ كوماندىسى ئەمەس شىنجاڭ كوماندىسى
ئۆلكە ئاپتۇنۇم رايۇنلار كوماندىسى دەرىجە جەھەتتە دۆلەت ۋە ئولىمپىك كوماندىسىدىن قالسىلا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان كوماندا.
ئىسىمدە قېلىشىچە شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى قېتىملىق دۆلەتلىك يىنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسىدە(11-قېتىملىقىغۇ دەيمەن)تاللاش مۇسابىقىسىدىن يىڭىپ چىقىپ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن.تۈزۈكرەك كوماندىسىمۇ بولمىغان شىنجاڭنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرىشى ئۆز ۋاقتىدا خېلى تەسىر قوزغىغان.مۇسابىقە ئۇيناۋاتقان ۋاقتىدا بىزمۇ ئىزدىنىشتا ئولتۇرۇپ خېلى ھاياجانلانمىدۇقمۇ...
دىمەكچى
ھەرقايسىڭ باج تۆلەپ تەنتەربىيە جەمىيىتى پۇتبول جەمىيىتىدىكى نانقېپىلارنى بېقىۋاتىسىلەرغۇ
شۇ نان قېپىلار ئۈزى ئايرۇپىلاندا مېڭىپ تەنھەركەتچىلەرنى پويىزدا يەنە كىلىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ ماڭغۇزۇپتۇ.بۇنىڭ مازلىق دەرىجىسى قارامايدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە باشلىقلارغا يول بېرىڭلار دەپ ۋارقىرىغاندىن بىرلا دەرىجە تۈۋەن ھېس قىلدىم.
بىلمىسەڭلار باشقا گەپنى ئارلاشتۇرماڭلار
ئەزالىرى تاشئالما شۇڭچىڭلىڭنىڭ بولغان بىلەن كوماندا شىنجاڭ كوماندىسى.
نەتىجە ياراتسۇن دەپ قانچىلىك نەتىجە ياراتسا بولىدۇ؟
ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىرگىنى نەتىجە ئەمەسمۇ؟