2-ئاينىڭ21-كۈنى:جۇڭگو-ياپۇنىيە ھەققىدە
2-ئاينىڭ21-كۈنى ئانا تىل كۈنى خەۋەرلىرى خوشاللىقى بىلەن يۈرسەمشۇكۈنىدىكى يەنە بىر خەۋەر مېنى جەلىپ قىلدى .يەنى جۇڭگو دىپلۇماتىيە مىنىستىلىكى باياناتچىسى موخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا جۇڭگو دىپلۇماتىيە مىنىستىرى ياڭ جېيجى نىڭ رۇسيە زىيارىتى ئالاقىدار مەلۇماتلار ۋە باشقا ئىشلار توغىرىىسدا بولدى ،ئەمما بىر خەۋەر مېنىڭ دىققىتىمىنى تارتتى، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگو نىڭ دۆلەت رەئىسىنىڭ رۇسيەگە زىيارەتكە (پۇتننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن)بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىش بولدى،مېنى ھەيران قالدۇرغىنى بۇ جۇڭگونىڭ ئادەتتىكى دىپلۇماتىيە ئەنئەنىسىدە كۆرۇلمىگەن بىر ئىش بۇلۇپ ئادەتتە دۆلەتنىڭ 1-قول رەھبىرىنىڭ زىيارىتى قاتتىق دىققەت قىلىدىغان ۋە ئالدىراپ سىرىتقا ئاشكارلانمايدىغان ،ئاشكارلانسىمۇ ئەڭ بۇرۇن دىگەندە 10كۈن ياكى بىرھەپتە بۇرۇن ئاشكارلىندىغان بۇلۇپ ،ئەمما بۇقېتىم بىرئايدەك بۇرۇن يەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئېچىلمىغان ،يېڭى دۆلەت رەئىسى تېخى ۋەزىپىگە ئولتۇرمىغان بىر ۋاقىتتا بۇخەۋەرنى ئېلان قىلىشى نۇرغۇن ئادەمنى ھەيران قالدۇردى.شۇنداقلا زىيارەتكە چىقىدىغان دۆلەتنىڭ رۇسيە ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن تۈرلۈك قىياسلار قىلىندى ،نۇرغۇن كىشلەر بۇنىڭدىن بىر ئۆزگىچىلىكنى ھېس قىلدى،نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق كۈندە مۇشۇنداق خەۋەرنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشىتى مەنمۇ شۇنداق پەرەز قىلىپ باقتىم ئەسلەپ باقسام 2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئاناتىل كۈنى ئىكەن بىز ھەممىمىز بۇكۈننى خاتىرلەش ،كۈتىۋېلىش بىلەن بوپتىمىز ئەمما شۇكۈنى يەنەبىر دۆلەت زىيارىتى باشلىنىپتىكەن (بۇ كۈنى ياپۇنىيە باش ۋەزىرى ئابى شىنزۇ ۋاشىنگىتونغا يېتىپ بىرىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىغان بۇلۇپ ئامىرىكا پىرىزدىنتى ئوباما بىلەن كۆرۇشىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىكەن،شۇندىلا مەن باياناتچىنىڭ جۇڭگۇ دىپلۇماتىيەسىدىكى بىر قېتىملىق زىيارەتنى <<ئۆزگىچە>>ئېلان قىلىغانلىقىنى ئانچە-مۇنچە چۈشەنگەندەك بولدۇم،ئابى شىنزۇنىڭ بۇ قېتىمىقى زىيارىتىدە بېلىقچىلار ئارىلى مەسىلىسى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدىغان بۇلۇپ،ئامىرىكا رەھبەرلىرى بىلەن مۇشۇ مەسلە ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردىغانلىقى پەرەز قىلىنغان ئىكەن ،ئابى شىنزۇ زىيارەتكە چىقىشتىن بۇرۇن جۇڭگو ھۆكۈمتىگە بەدنام چاپلاپ ،جۇڭگو ھۆكۈمىتنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ زىمىنىنى ئىگەللىۋېلىش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بىرىپ خەلقىنى كۆشكۈرتىۋاتىدۇ دىگەندەك ئاساسسز يالغان گەپلەرنى دىگەن ئىكەن .دىپلۇماتىيە مىنستىرلىكىنىڭ بايانانچسى بۇگەپكە قاتتىق ئېتىراز بىلدۇرۇپقارشىلىقنى بىلدۈردى،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلا ۋاقىتتا زىيارەتكە مۇناسۋەتلىك پائالىيەتنى ئېلان قىلىشى ھەرئىككىسنىڭ بىر بىرىگە سەن دوست تاپساڭ مېنىڭمۇ دوستۇم بار دىگەندەك بىر تۇيغۇنى ئىپادىلەپ قويدىمۇ قانداق،بۇدوستلار قانداق دوسىت ،جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بۇلالايدىغان دوستلارمۇ ،بۇنى پەقەت ۋاقىتلا ئىسپاتلايدۇ.
ئامرىكا ئەزەلدىن دوسلىرنى سىتىپ باقمىغان ئەممە روسىيە نەچچە قىتىم جوڭگۇغا يۇزسىزلىك قىلغان .
ئالدىنقى قېتىم گىروزىيىدە ئۇرۇش بولغاندا ئازادلىق ئارمىيە جىم يېتىۋالغان. ما قېتىم ياپونلۇقلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالساق ئەمدى روسلارنىڭ ئىپادىسى قانچىلىك بولاركىن.

2- قەۋەتتىكى arislanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
روسلار تارىختا بىزنى ئىككى قېتىم مانجۇلارغا، بىر قېتىم كومپارتىيە تۇتۇپ بەرگەن. بۇلار ئىككىسى بەك يېقىن، جىمجىت كۈنلەردە سوقۇشقاندەك قىلسىمۇ، يامان كۈنلەردە بىرگە بولالايدۇ. يېقىندا سۈرىيە مەسىلىسىدىمۇ بۇلارنىڭ دوستلۇقى گەۋدىلەندى، ياپون مەسىلىسىدىمۇ دوستلىقى گەۋدىلىنىدۇ. تارىختىمۇ شۇنداق، كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق.
كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق. كەلگۈسىدە ئۇنداق بولمايدۇ. بۇ لارنىڭ يەر چىشلىشى چۇقۇم كەلمىش يېقىنقى زامان تارىخىغا پۈتىلىدۇ. روسلار چاۋشەننى جازالايدىغانلار تەرەپ كە ئۆتىۋالدىغۇ ئاينا ،،بۇ ئىتتىن تۆرەلگەن گۇيلا ۋاختى كەلسە
دۆلتىمىزنى تاشلىۋتىۋىردۇ

7- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
روسلار چاۋشەننى جازالايدىغانلار تەرەپ كە ئۆتىۋالدىغۇ ئاينا ،،بۇ ئىتتىن تۆرەلگەن گۇيلا ۋاختى كەلسە
دۆلتىمىزنى تاشلىۋتىۋىردۇ![]()
بۇنىڭدىمۇ ئويۇن بار، ئامىرىكا ئىراننى تاشلاپ قويۇپ، دىققىتىنى جانابىي شەرقىي ئاسىياغا قاراتقاندىكىن، جوڭگۇ بىلەن روسىيە چاۋشەنگە مەخپىي ياردەم بىرىشنى توختىتىپ، ئاشكارا جازالاشقا قوشۇلدى. ئەسلىدىنلا ئاران جېنىنى بېقىۋاتقان چاۋشەن بۇ زەربە بىلەن تېخىمۇ قىيىن كۈنگە قالغاندىكىن قولىدا بار ئاتومىنى كۆز- كۆز قىلىپ ئامىرىكىنى قورقاتماقچى بولىۋاتىدۇ. بۇ جوڭگۇ بىلەن روسىيەنىڭ ئامىرىكا يەمچۈك تاشلىغانلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس.