abdulla74 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 16:18:37

يېزىقىمىزدىكى ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغان ئۈچ خاتا سۆز

بۈگۈنكىدەك ئانا تىل كۈنىدە، ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلىتىش داۋامىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىملا خاتالىقلىرىنى يېزىپ باققۇم كەلدى، تورداشلارنىڭ تولۇقلىشىنى، داۋاملاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىمەن. بىر قانچە ساھەدە ئەڭ كۆپ خاتا يېزىلىدىغان سۆزدىن ئۈچنىلا تىزدىم، تىرناق ئىچىدىكىسى ئۇنىڭ خاتا يېزىلىشى.


1. شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى:


تېلېفون (تېلفون، تىلفون، تېلېفۇن، تىلفۇن...): ئېلانلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ.


بۆلۈمى (بۆلىمى): بىر كۈندە ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 30 قېتىم كۆرۈلىدۇغۇ دەيمەن، «شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسى ئېلان بۆلىمى» دەپ.


مەقەت (مەققەت): ئۆزىغۇ ئوچۇق-ئاشكارە تىلغا ئالسا يۈزى قىزىرىدىغان سۆز، جۇڭشەن دوختۇرخانىسىنىڭ ئېلانىنىڭ خېتىنى كىرگۈزگۈچى بۇ سۆزنى يېزىش جەريانىدا مەقىتىگە بىر نېمە تېگىپ كەتكەنمۇ قانداق، بىر ئىنجىقلاپلا «ق» كونۇپكىسىنى ئارتۇق بېسىۋەتكەن چېغى.


2. ئىزدىنىش مۇنبىرى:


بولۇر(بۇلۇر): مۇنبەر باش بەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە، يەنە كېلىپ يۈسۈپ خاس ھاجىپ بوۋىمىزنىڭ ھېكمەتلىك سۆزى. (ئۇندىن باشقىمۇ خېلى كۆپ جايلاردا «ئو»نىڭ ئورنىغا «ئۇ» يېزىلغان جايلار بار، مەسىلەن: مۇنبەر سەھىپىلەر قاتارىدا:«ئۇيۇن، بۇياق، سۇرۇن...» دېگەندەك.


جەمئىي (جەمئى): مۇنبەر باش بەت ئۈستىدىلا ئىككى جايدا، يەنە باشقا جايلاردىمۇ بارمىكىن.


كونترول (كونتىرول): مۇنبەر باش بېتىدە.


3. سۆيگۈ مەكتۇبلىرىدا:


مېنىڭ (مىنىڭ)، سېنىڭ (سىنىڭ)، يېزىپ (يىزىپ)


4. ئوقۇتقۇچى:


سوئال (سۇئال)، جاۋاب (جاۋاپ)، كىتاب (كىتاپ)


5. ئوقۇغۇچى:


ئۆگىنىش (ئۈگىنىش)، نومۇر (نۇمۇر)، ماتېماتىكا (ماتىماتىكا)


6. تورداشلار:


تېما (تىما)، «قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن» («قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن»)، نېمە (نىمە)


...


...


...



zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 16:57:17

ئەلا!

داۋام قىلىپ باقايلى بالىلار

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 16:58:22

خەلىق ئەمەس خەلق

مۇشۇنى بىلىدىكەنمەن. \"\"

faith يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:00:40

سەۋر(سەۋىر، سەبىر)

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:01:23

شەرىقى غەرىبى ئەمەس شەرقى غەربي

ئامرىكا ئەمەس ئامېرىكا

دىگنىم توغرىمۇيا؟

خاتا تەشۋىقات قىلماي دەيمىنا

ئىشقىلىپ مەقسىتىم توغرا ،

تىللاپ كەتمەڭلار

ھىم.

توغرا يازايلى .

زىيالىنىڭ ئىنكاس يېزىش ئۇسلۇبىغا ئوخشاپ قاپتۇ

ھەي ئېسىت .



\"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:09:34

ياخشى تېما بوپتۇ.


1- مېنىڭچە توغرىسى : مەقئەت.


2- ئىزدىنىشنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى رەسىمدىكى خاتالىققا يىللار بولۇپ كەتتى.


3- كۆپىنچىمىز سۇئال دەپ يېزىپ كۆنۈپ كەتتۇق، مەن ھازىردىن باشلاپ « سوئال» دەپ يېزىشقا كۆنۈمەن.


4- ئېلاننى ئىلان (ژىلان دېگەنننى بىلدۈرۈدۇ) دەپ يېزىۋېلىش خېلى كەڭرى.


5- تەكشۈرۈشنى تەشكۈرۈش دەپ يېزىشمۇ شۇنداق.


...


bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:17:58

پېقىردىن بىر شىڭگىل:

بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مەن ھالباغلىچى «بولۇپ»نى ھەمىشە «بۇلۇپ»قىلىپ يېزىپ قوياتتىم،كىيىن بىر ئوقۇتقۇچۇم «بولماق»تىن تۈرىگەچكە«بولۇپ»بولىدىغانلىقىنى دەپبەرگەندىن بېرى كاللامغا ئۇيۇپ كەتتى بۇ تۈر پېئىللارنىڭ تۈرلىنىپ يېزىلىشى.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:23:00

«توغرىلىق» بىلەن «توغرۇلۇق»نىڭ پەرقىنى بىلمەيدىغانلار جىق ھەقىچان.



توغرىلىق ___ خاتالىقنىڭ قارشى مەنىسىدىكى سۈپەت خاراكتېرلىك سۆز تۈركۈمى.

توغرۇلۇق___ بىرنېمە بىرنېمە توغرۇلۇق، توغرىسىدا، بىرنېمىگە ئائىت ... قاتارلىق مەنىلەرنى بىلدۈرىدىغان تىركەلمە خاراكتېرىدىكى ياردەمچى سۆز.





ھۆكۈمەت سۆزىنى ھۆكىمەت دەپ يېزىۋالىدىغانلار جىق.

مۇمكىن سۆزىنى مۈمكىن قىلىپ يېزىۋالىدىغانلار جىق.



مېنىڭچە تېلېفۇن قىلىپ يېزىلىشى ئەڭ توغرا. ئاندىن مەققەت ئەمەس، مەقئەت قىلىپ يېزىلىدۇ.



شەرقى ئەمەس، شەرقىي، شىمالىي، غەربىي، جەنۇبىي



كىتاپ ئەمەس، كىتاب.



يۇقىرىقىلار ئاساسەن مەن جىق ئۇچراتقان ئىملا خاتالىقلىرى.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:41:39

بۇنىڭ زىيىنىنى ئىزدە تورىدا ھالقىلىق سۆزنى باسماقچى بولغاندا ئاندىن بىلىدىكەنمىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 17:44:44

توغۇرلۇق ئەمەسما؟ \"\"



ئىملا مۇھىم.ئەمما ئىملا خاتالىقىغا بەكلا ئېسىلۋالمايلى

ئانا تىل كۈنىگە نىسپەتەن يېزىقتىكى ئانچە مۇنچە بىرلىككە كەلمەسلىك بەك كىچىك بەك كىچىك

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 18:06:32

مۇشۇ لاھىيە لايىھە، تەكشۈرۈش، تەشكۈرۈش.ھەجەپ ئارلىشىپ كېتىدىغان سۆزلەركەن دېسە.

قانداق بولۇپ ئۇنداق بولۇپ قالغان بولغىيتى؟

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 18:40:52

يېڭى چىقىدىغان Office 2013 نىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى قايىسى ئۆلچەمگە ئاساسەن بولىدىكىنا؟

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 19:21:09

ھازىرلا بىر نەرسە ئېسىمگە كېلىپ يوللاپ قويايچۇ ،دەپ سۆزلەككە سېرىپ ئەكېلىپ بولغۇچە ئۇنتۇپ قالدىم،ئويلاپ ئولتۇرغۇچە «UyghurBaligh»نىڭ گېپىگە قارىتا ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ تۇراي:

بۇ قەدىمقى تۈركىي قەبىلىلەرنىڭ تىلىدىكى روشەن پەرقلەرنىڭ بىرى، قەدىم تۈرك قەبىلىلىرىدە بەزى سۆزچۈكلەرنىڭ ئىككىنچى بۇغۇمىدىكى بىرىنچى ئۈزۈك تاۋۇش تەلەپپۇزىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىنى «ت ت د»دا كۆردۇق.مىسال:ئازاق ــ ئاداق ــ ئاياق ( پۇت دېمەك )،بۇ يەردىكى«ز»،«د»،«ي»لار تۇلىراق نۆۋەتلىشىپ كېلىدىكەن،شۇنىڭغا ئوخشاش قەبىلىلەرنىڭ سۆزلەرنى تەلەپپۇز قىلغاندىكى ئۇرغۇ ئېلىشىمۇ ئوخشىمايدىكەن.مىسال ئوغۇز تۈركلىرى ھېلىھەم «يامغۇر»سۆزىنى توغرا تۈرلىنىشى بۇيىچە «ياغمۇر»(ياغماق)دەپ سۆزلەيدۇ،«غ»ئېرىپ كېتىدۇ،بىز بولساق بىرىنچى بۇغۇمغا كېتىدىغان كۈچكە ئېرىنىپ ئىككىنچى بۇغۇمدىكى «م»غا ئالماشتۇرۋالغان ۋە شۇنداق كۆنۈپ كەتكەن بولساق كېرەك .ئاندىن ئوغۇزخاننىڭ بارلىق قەبىلىلەرنى«ئۇيغۇر»لاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى رىۋايەتكە بىر نەزەر تاشلاڭ. «تەكشۈرمەك»دېگەندىن «تەشكۈرمەك»،«لاھىيە»دېگەندىن«لايىھە»دېيىش ئاسانراق تۇيىلىدۇ ئەمەسمۇ.تىلشۇناسلىقتا ئوقۇمىغاچ قائىدىسىگە چۈشۈرۈپ دەپبېرەلمىدىم ،ئۆزەمنىڭ تىلىغا ئايلاندۇرۇپ قسقىلا دەپباقتىم،قېنى باشقىلار نېمە دەيدىكىن.

Saralik يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 19:28:45

يۇقىرىدىكى ئىملا خاتالىقلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئا نى ئا دەك، ئە نى ئە دەك يازغان بولساق پەقەت كۆرۈلمەيدىغان ئىملا خاتالىقلىرى ئىكەن. ھەي.................

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 20:05:22

مېنىڭ ئۈچ تەكلىپىم بار:

1. ئىملادىكى «ې» تەلۋىلىكى

توردا بەزىلەرنىڭ ئىنكاسىدا «ى» ھەرىپىنى تاپقىلى بولمايدۇ. توردىغۇ ھەرخىل سەۋىيىدىكى ئادەملەر بار، لېكىن بىر قېتىم ئوغلۇم بىلەن پلاستىنكا ئالغىلى چىقسام، بىر نەچچە پلاستىنكىدا «ى»نىڭ ئورنىغا پۈتۈنلەي «ې» ئىشلىتىلىپتۇ. ھەيران قالدىم.

2. قوش تىرناق ساراڭلىقى

ۋىۋىسكىلاردا ئىسىملا بولسا قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇ قائىدىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى ھازىرغىچە بىرەر ئىنسان چۈشەندۈرمىدى. ھېچقانداق تىلدا بۇنداق قىلىق يوق. بولۇپمۇ ئۇيغۇر تىلىدەك جۈملىنىڭ گىرامماتىكىلىق بۆلەكلىرى ئىنتايىن ئېنىق بولغان تىلدا بۇنداق قىلىشنىڭ زادى نېمە ھاجىتى؟ بەزى گېزىتلەردە ھەممىلا ئىسىم قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنىپ، پۈتۈن بەت قوش تىرناققا تولۇپ كەتكەن.

3. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىشى تۈرك تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇ خىل ئالاھىدىلىك ئۇيغۇر تىلىدا ناھايىتى ياخشى ساقلانغان. لېكىن ھازىر بۇ خىل ماسلىشىش بۇزۇلماقتا.

مەسىلەن: كۆپلۈك قوشۇمچىسى بولغان «لار»، «لەر»دىن پەقەت «لەر» ئىشلىتىلىپ «لار» تاشلىنىپ قېلىۋاتىدۇ.

ئەمالار - ئەمالەر

بارغانلار - بارغانلەر

ھەممىدىن قىزىقى بەزى ناخشىچىلار ھەتتا «دار» دېگەن سۆزنىڭ كەينىگىمۇ ماسلاشتۇرماي «دارلەر» دسەپ ئۆزىنى قىيناپ ناخشا ئوقۇيدۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 20:43:26

كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەم قۇلاققا قانداق ئاڭلانسا شۇ پېتى يازىدۇ.مەسىلەن:

ئۇقۇتقىچىلار بىلىملىرنى كۆرىنەرلىك ئۈستۈرۈشى كىرەك.

سەنەتكارنىڭ كۈرىنىشى تۈرۈكچە كىنۇلارغا ماس بۇلىشى كىرەك.

«لايىھە»نى لاھىيە دەيدىغانلارغۇ كۈرمىڭ.

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 20:55:14

تەشكۈرۈش دەپمۇ بارما؟ \"\"

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 20:57:26

ماڭا مۇشۇ ھۇجۇد دېگەن گەپ بەك سەت كۆرۈنىدۇ جۇمۇ: پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن دېگەننى، پۈتۈن ھۇجۇدى بىلەن دەپ يېزىۋاتقان....{:92:}

toghrak يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 21:10:31

مەكتەپ سۆزى ئىلگىرى قوشۇمچە قوشۇلغاندا مەكتىۋىم، مەكتىۋىمىز بولاتتى،كىيىن ئۆزگۈرۈپ مەكتىپىم، مەكتىپىمىز بولغان. كۆپ ھاللاردا يەنە مەكتىۋىم دەپ خاتا ئىشىلىنىپ كىلىۋاتىدۇ.

مەكتەپنىڭ يىللىق ئوقۇتۇش پىلانى يېزىلىدىغان ۋاقىتتا مۇشۇنداق ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزەتكىنىم بىر ئەخمەقلىق ھىساپلاندى، لىكىن شۇنداقتىمۇ زېرىكمەي تۈزىتىپ چىقتىم.

قوشنىمىزنىڭ تۇلۇقسىزدا ئوقۇيدىغان قىزىدىن «ئۇيغۇر تىلى» دەرىسلىگىدىن سىناق ئېلىپ باقسام جاۋابى قانائەت ھاسىل قىلدۇرمىدى. خاتا جاۋاپ بەرگىنى ئۈچۈن ھىچ بىر خىجىللىق ھىس قىلىدىغاندەك ئەمەس.

ئۇنىڭدىن ئېلىنغان سىناق:

كۆنۈكمە،تۆۋەندىكى بىرىنچى قاتاردىكى تۈپ سۆزلەرگە ئىككىنچى قاتاردىكى سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچىلارنىڭ لايىقىنى ئۇلاپ، ياسالما ئىسىملارنى ياساڭلار:

1-قاتار

ياز، ئىش، ياخشى، تازا، ئاچ، كۆل، چارۋا، بىل، ھارۋا، ئاش، چاق

2-قاتار

-لىق،-غۇچى،-قۇچ،-چى،-ماق،-پەز،-چەك،-چىلىق،-ىم،-كەش



ئۇنىڭ خاتا جاۋابى:

ئاش+قۇچ=ئاشقۇچ

كۆل+چى=كۆلچى

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 21:20:19

رەھمەت. بۇندىن كېيىن ھەممىمىز دېققەت قىلايلى. \"\"
بەت: [1] 2
: يېزىقىمىزدىكى ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغان ئۈچ خاتا سۆز