باشلانغۇچ 1- يىللىقنىڭ كىتابلىرى
تۆۋەندىكىلەر ئۈرۈمچى شەھەرلىك 40- باشلانغۇچ مەكتەپ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابلىرى بولۇپ، ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەرنىڭ ئۆتۈلۈش ۋاقتى قىسقا بولغانلىقتىن ئارقىغا تىزىلدى:
1. ئەدەبىيات
2. ئەدەبىيات مەشقى
3. تاختا ئىملا
4. خام خەت
5. ماتېماتىكا
6. ماتېماتىكا مەشقى
7. ئېغىزچە ھېسابلاش
8. ئەخلاق
9. تەنتەربىيە
10. ساغلاملىق
11. ئېلىپبە
12. ئېلىپبە مەشقى
13. مۇزىكا
نىمدا جىق دەرىس ئوقۇيدۇ ھازىرقى باللا ؟ بۇنىڭ نەرى قوش تىللىق؟
ئېلىپپەدىن باشقىسى ***چە تۇرمامدۇ؟ مەن باشلانغۇچتا ئوقۇغاندا 3-يىللىققا چىققاندا خنزۇچە ئۆگىتىشنى باشلىغان ئىدى.
ھازىر يەسلىدىن باشلاپ قوش تىللىق بولۇش كۈچىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ.

ساراڭ ھېچ بولمىسا ساراڭ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلىسا كىسەك توشىمىسىمۇ بولىدۇ.
ئۇيغۇر ساراڭ بولمىسىمۇ توختىماي كىسەك يۆتكەپ ساراڭ بولىدىغان ئوخشايدۇ.
ساراڭغا مەستلىكىم كىلىۋاتىدۇ. ئېلىپبە مول قازاقچە تۈسكە ئىگە بوپتۇ مەن 80-يىللاردا تۇغۇلغان، ئالى مەكتەپكە چىققۇچە ساپ ئۇيغۇرچە ئوقۇغان ئىدىم، مۇشۇ قىسقىغىنە نەچچە يىلدا جاھان چۆرگىلەپ ئۇيغۇرچە مەكتەپ يوقىلىپ كېتىپتۇ، بۇ كىمنىڭ خاتالىقى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىمىزنىڭ ئەسلىگە قايتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار.
3- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇنىڭ نەرى قوش تىللىق؟
ئېلىپپەدىن باشقىسى ***چە تۇرمامدۇ؟
قوش تىللىق بولماي پۇتۇنلەي ***چە تاق تىللىق بولسىمۇ غىڭقىلماي ئوقىۋىرمىز ، چۇنكى ئۇمۇ پەن تېخنىكا تۇرسا.......(بېشىمدىن تەر چىكەتكەن چىراي ئىپادىسى)
1- قەۋەتتىكى karwan11نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ كىتابلار ئاتالمىش «قوش تىللىق» سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كىتابى. بىزنىڭ ئاقسۇدا ئەڭ چەت يېزا كەنت مەكتەپلىرىدىمۇ ئۆتۈلىدۇ. مەن ئۈچ ياشقا كىرگەن بالالمغا ئاتاپ ماتېماتىكا كىتابنىڭ 1-يىللىقتىن تارتىپ 6-سىنىپقىچە ئۇيغۇرچىسىنى تېپىپ قويدۇم. ئانا تىل يەسلىسى ۋە ئانا تىلدا ئوقۇتىدىغان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپ تېزرەك قۇرۇلسا بولاتتى.
ئاشۇ تېپىپ قويغان ئۇيغۇرچە ماتېماتىكا كىتابىدىن ھەمبەھىرلەنسەك بەك ياخشى بولاتتى. شۇنى دەيمەن. ئىسمى جىسمىمىزغا لايىق ئازسانلىق مىللەت بۇپتۇق مانا، ھەتتا مەكتەپتىكى دەرسلىكىمىزمۇ نوپۇس نىسپىتىمىزگە يىقىنلاپ قالاي دەپتۇ،
ئىسىمىدە قىلىشچە مەن كىچىك ۋاقتىلاردا ئانا تىلنى ئاساس قىلغان تاق تىللىق مائارىپ ئىدى،
ھازىرمۇ ئۆزگەرمەپتىغۇ، يەنىلا تاق تىللىق مائارىپ ئىكەن، بۇرۇنقى ئەدەبىيات ،ماتىماتكا ،كىتاپلىرىنى ئېلكىتاپ ھالىتىدە چىقىرىپ قويسا ، ئاندىن ئائىلىدە ئۆزىمىز ئۆگەتسەك بولغۇدەك
18- قەۋەتتىكى umut33نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇرۇنقى ئەدەبىيات ،ماتىماتكا ،كىتاپلىرىنى ئېلكىتاپ ھالىتىدە چىقىرىپ قويسا ، ئاندىن ئائىلىدە ئۆزىمىز ئۆگەتسەك بولغۇدەك
بالىڭىز مەكتەپتە ھازىرقىسىنى ئۈگەنسە، ئۆيگە كەلگەندە بۇرۇنقىسىنى ئۈگەتسىڭىز، كىچىك بالا ساراڭ بولۇپ كەتمەمدۇ؟
1-سىنىپتا ئوقۇيدىغان قىزىم تەتىل توشقىچە كۈندە دېگۈدەك تاپشۇرۇق ئىشلەپلا چىقتى. تاپشۇرۇق ئىشلىمەڭ، ئويناڭ دەپ تۇرساممۇ ئۇنىماي، مەجبۇرى كىتاپلىرىنى تارتىۋېلىپ، بىرەر-ئىككى كۈن ئوينىۋېلىپ ئاندىن ئىشلەڭ دېسەم، يىغلاپ، تاپشۇرۇقنى ئىشلەپ بولالمىسام مۇئەللىم تىللايدۇ دەپ...
نىمە بوپ كەتتى... تۆت يلىدىن بىرى مەن ئوغلۇمغا تاپشۇرۇق ئىشلىتەلمەي ئاۋارە ، ئەممازە نەتىجىسى يامان ئەمەس
22- قەۋەتتىكى Buduxkakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىشقىلىپ جۇڭگودا مەكتەپلەر ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلماي نەزەرىيەنى بەكلا ئاساس قىلىدۇ. قاچانلا قارىسا قارىسىغا يادلاپلا يۈرگەن. ھېلىمۇ ساراڭ بولۇپ قالمايدىكەن ئادەملەر. چەتئەلدە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. ئەمەلىيەت ئاساس بولىدۇ. بۇ يەرگە ئوخشاش ئەتتىگەندە قوپۇۋېلىپ ساراڭدەك ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يادلاپلا يۈرمەيدۇ.
قېرىندىشىم، جۇڭگودا نەزەرىيەنى ئاساس قىلىدىغىنى ھەم نەزەرىيەنى ئەمەليەتكە باغلىمىغانلىغى تۈپەيلى نەزىرىيەدىمۇ غەرىبتىن كىيىن قالغانلىغى راسىت. سىز تۇرۋاتقان جاي قەيەر بىلمىدىم، لىكن ئومۇملاشتۇرۇپ چەتئەلدە يادلىمايدىكەن دىگىنىڭىز توغرا بولماپتۇ. ئامرىكىدا كىشىلەر يادلىمايدىكەن دەپ ئاڭلىغانتىم، لىكن ئەمەليەتتە تىگى تەكتىنى چۈشىنىش ئاساسىدا يادلاش بۇ يەردىكى مائارىپنىڭ جىنى ئىكەن. كىشىلەرنىڭ ئەتتىگىنى تۇرۇپ ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ يادلىمىغىنى ئۇلارنىڭ چورتلا يادلىمايدىغانلىغىنى بىلدۈرمەيدۇ.
يادلىماي ئۆگەنگىلى بولىدىغان بىرەر پەن بار دېسە ئشەنمەيمەن. چۈنكى، چۈشىنىشنى ۋە تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈشنى ئاساس قىلغان تەقدىردىمۇ، بەرىبىر بەزى ئاساسىي چۈشەنچىلەرنى ۋە تەپسىلاتلارنى يادلىۋىلىشقا توغرا كىلىدۇ. بۇ مەيلى قانداقلا پەن بولمىسۇن ئوخشاش. بەلكىم سىز تۇرغان جايدىكىلەر پەقەت يادلىماي ئۆگەنگىلى بولىدىغان ئۇسۇللارنى تىپىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن، لىكىن چەتئەلدە يادلىمايدىكەن دەپ ئومۇملاشتۇرسىڭىز، بۇ قايىل قىلارلىق گەپ ئەمەس.
يەنە بىرى، ئەتىگىنى ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يۈرۈپ يادلايدىغانلارنى ساراڭدەك دىگەن سۆز بىلەن سۈپەتلىشىڭىزدىن باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى كۆزگە ئىلمايدىغانلىقىڭىز، ۋە كىشىلەرنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغانلىقىڭىز چىقىپ تۇرىدۇ. لىكىن سىزگە دىسەم، مەن خەنزۇچىنى، ئېنگىلىزچىنى ۋە باشقا نۇرغۇن دەرىسلىرىمدىكى ئاتالغۇلارنى شۇنداق تالاي ئەتىگەنلىرى \"ساراڭدەك\" ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىپ يادلاپ ئۆگەنگەن، شۇنداق بولغاچقا سىز دىگەن چەتئەلدە ئۇقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى. ھەم مەن بىلەن بىللە ئەتىگەنلىرى ساراڭدەك يادلايدىغان دوستلۇرۇمنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيانىڭ ھەر جايلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشماقتا. شۇڭا سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى باشقىلارنى كەمسىتمەي تۇرۇپ، پاكىت-ئاساسلىرى بىلەن ئىلمىيراق بايان قىلىشىڭىزنى سورايمەن.
يادلاشقا مەن ئۆچ، ماتىماتىكاغا مەن ئۆچ دەيدىغان كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار ئەمەليەتتە شۇ ئۆچلۈكى تۈپەيلى، ئالغا باسالماي قالىدۇ. ھەر بىر كىشى ئۆزىگە ماس ھالدىكى ئۇسۇلدا ئۆگەنسە بولىدۇ. مەن چۈشەنمەيلا يادلاش كىرەك دىگەننىڭ تەرەپدارى ئەمەسمەن، لىكىن يادلاشنىڭ بارچە ئىلملەرنى (مەيلى دىننىي، مەيلى تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن بولسۇن) پۇختا ئىگەللەشتە رولىنىڭ ناھايتى چوڭ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. شۇڭا، بۇ يەردە يادلاشنى تۈرگە ئايرىمايلا ھەممىنى يامانغا چىقىرىپ خاتا تەشۋىقات قىلمايلى.
چەتئەلدىكى ئوقۇشلىرىڭىزغا زور نەتىجىلەرنى تىلەيمەن.
سەت ئىش بولدى ئانا تىل بايرىمىدا خەنزۇچە خەت يېزىپ ساپتىمەن. ئۆزرىلەر...