atiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 05:18:25

xjtv.biz دىكى ئۆزگىرىشلەر ...

بۇنىڭدىن بىريىل ئۈچ ئاي ئىلگىرى http://www.xjtv.biz نى مۇنبەردە ئىلان قىلغان ئىدۇق. ئارىلىقتا خىزمەت ئالدىراشچىلىقى سەۋەبلىك بىكەتنى ئاسراش ، نەشىر كۆتۈرۈش ئىشلىرىغا ۋاقىت ئاجرىتىپ بولالمىدىم . ھالا بۈگۈن ۋاقىت چىقىپئاساسى تەڭشەكلەرنى تۈگىتىپ تورداشلارغا بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .

بىكەتتىكى ئاساسلىق ئۆزگەرتىشلەر :

1.بىكەت ئۇسلۇبى ئالماشتۇرۇلدى .

2.مەركىزى خەلىق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ باش بەتتىكى ئۇلاپ ئاڭلىتىش قويغۇچىسى ئىلىۋىتىلدى . http://www.uycnr.com دىن ئاڭلىغىلى بولىدۇ .(زۆرۈر تىپىلغاندا ئىھتىياجقا بىقىپ بىكەتكە قوشۇلىدۇ .)

3.زىيارەتچىلەرگە تىخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن باش بەتتە تىلۋىزىيە پىروگىراممىللىرىنى   قىستۇرما قاچىلىماي تۇرۇپمۇ بىۋاستە كۆرگىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى . ئۆتۈپ كەتكەن يەتتە كۈن ئىچىدە قويۇلغان پىروگىراممىلارنى تاللاپ كۆرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى (تورداشلار بىرقەدەر قىزىقىپ كۆرىدىغان <جاھاندىكى ئىشلار، دۇنيا ھەپتىلىكى ، ئادەم ۋە تەبىئەت ، كۆڭۈلدىكى سۆز،قانۇن ۋە پۇقرا ، مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر> نىڭ يەتتە كۈنلۈك مەزمۇنىنى قايتۇرۇپ كۆرگىلى بولىدۇ ).

4.بىكەتكە كونا يىڭى MTV ناخشىلاردىن 7000 دىن ئارتۇق، ئىتوت ۋە قىزىقارلىق كۆرۈنۈشلەر بولۇپ 7500 دىن ئارتۇق سىن بىكەتكە يىڭىدىن قوشۇلدى .

5.باش بەتتىكى قويغۇچ ھەرقايسى تور كۆرگۈلەرگە ماسلاشتۇرۇلدى .پىروگىراممىلارنى تىلفۇندا بىۋاستە كۆرۈش پات يىقىندا ئەمەلگە ئىشىپ قىلىشى مۇمكىن .ھازىر Flashقوللايدىغان تىلفۇنلاردا باش بەتتىن بىۋاستە كۆرەلەيسىز .

6.ئەسلى پىلاندا بىكەتكە خەنزۇچە پىروگىراممىلاردىن تورداشلار ياقتۇرۇپ كۆرۈدىغانلىرىنى تاللاپ قوشۇپ مىڭىشنى ئويلاشقان ئىدۇق (天下足球,非诚勿扰,我们约会吧ۋە باشقىلار...)،بىراقخىزمەت قولايسىزلىقى(ئاساسەن ۋاقىت يوق) تۈپەيلى بۇ ئىشلارنى كىيىنگە ئىلىپ قويدۇق .

7.بىكەتكە كىچىك تىپتىك ئويۇنلاردىن قاچىلاشنى ئويلاشقان ، 12،0000 تال توردا بىۋاستە ئوينىغىلى بولىدىغان ئويۇن (Flash شەكلىدىكى) نى قوشۇش پىلانى بار ئىدى ، بىكەتنىڭ ئەسلى خاراكتىرى ئۆزگىرەپ كەتمەسلىك ئۈچۈن بۇلارنى قوشماي تۇردۇق. ئەگەر تورداشلار قوشۇش كىرەك دەپ قارىسا ۋاقىت ئاجرىتىپ قوشساق بولىدۇ .

8.بىكەت قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشتى ، بىر قىسىم تورداشلار تىلفۇن قىلىپ تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى . بىزنى يىقىندىن قوللاپ قۇۋەتلىگەن ئاشۇ سەمىمى ئاق نىيەت كىشىللىرىمىزگە چىن دىلىمىزدىن رەخمەت ئىيتىمىز .

ئەسكەرتىش :

   مەزكۇر بەت پەقەت شەخسى قىزىقىش ئاساسىدا قۇرۇلغان بولۇپ ،<شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى > بىلەن ئالاقىسى يوق .

ئالدىنقى قىتىم ئىزدىنىش رەھبەرلىرىگە ئۇچۇر يازغانتىم قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ؟ (baqka ، خىتىڭىزگە ۋاقتىدا جاۋاب خەت يازالماي ئالدىڭىزدا بەك خىجىل بولۇپ قالدىم . توغرا چۈشىنىڭ)

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 10:02:22

بۇ ئىستانسىسىمىزنىڭ ئورگان بېتىمۇ يا؟

ئاندىن باتتىكى رەسىملەرنىڭ ئېگىز-كەڭلىك نىسبىتى خاتاكەن.

Kamdidar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 10:17:21

بەت ئۇسلۇب جەھەتتە خېلى كۆپ مەسىلىلەر باركەن. ئىزدىنىش تورى بىلەن بىلىك تورىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۈلگە قىلىپ داۋاملىق تېرىشسىڭىز بولغىدەك{:106:}

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 10:24:46

1- قەۋەتتىكى ROCKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئىستانسىسىمىزنىڭ ئورگان بېتىمۇ يا؟

ئاندىن باتتىكى رەسىملەرنىڭ ئېگىز-كەڭلىك نىسبىتى خاتاكەن.

ئورگان تور بېكىتى:www.xjtvs.com.cn

Toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 11:14:11

بۇرۇنقىسى ياخشىتى، ھازىرقىسى قالايمىقان بوپقالغاندەك.

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 11:54:31

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :مەندە جۇڭگۇ تېلىگىرافى بەرگەن تور تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى كۆ رىدىغان تىلىۋۇزۇر قۇتۇسىدا تىلىۋۇزۇر كۆرۈۋاتىمەن.ئەمما شىنجاڭ تارقاتقان تورتىلىۋېزىيە قاناللىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە قانال يوق !تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قارىسام تور تېلىۋىزىيەسى دىيىلىپتۇ .نىمىشقا پۈتۈن ئىچكىردىن تارتىپ ھەممە تور تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى تارتىدىغان يەردە بىرمۇ ئۇيغۇرچە قانالنى تارقاتمىغانلىقىغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن .ئەمدىكى مەسىلە سىز دىمەكچى بولغان تور تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى مەن نىمىشقا كۆرەلمەيمەن؟قانداق قىلغاندا كۆرگىلى بۇلىدۇ؟

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 12:45:38

5- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ گەپنى بېرىپ جوڭگو تېلېگىرافىغا دەڭ ، نېمىشقا سەن قويۇپ بەرگەن ئايپى ت ۋ   دىن ئۇيغۇرچە چىقمايدۇ دەپ ، ھەل قىلالمىسا كۆرمەڭ ... ئەمما بۇ گىپىڭىزنىڭ xjtv.biz ۋە    xjtvs.com.cnبىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق .

ئامال

1: تېلېگىرافقا بېرىڭ ئۇرۇشۇڭ ، 10000 غا ئەرىز قىلىڭ ، بولمىسا ئانداق ئايپى ت ۋ نى توختىتىۋىتىڭ ....

2: سىملىق تېلېۋىزىيە كۆرۇڭ ...

3: ku دولقۇن بۆلىكىدىكى قوبۇللاش ئىقتىدارى بار سۇنئىي ھەمراھ قوبۇللاش ئۇسكۇنىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئورنىتپ تېلېۋۇزۇر كۆرۇڭ ، ئۇچ ئۇيغۇرچە قانال چىقىدۇ ....

n:ھازىرقى ت ۋ دا بەك ياخشى نەرسىلەرنى بېرىپمۇ كەتمەيدۇ ، كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ...

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 12:47:08

70نىڭ باللىرى...{:92:}

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 14:23:31

6- قەۋەتتىكى radiofanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :مەندە جۇڭگۇ تېلىگىرافى بەرگەن تور تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى كۆ رىدىغان تىلىۋۇزۇر قۇتۇسىدا تىلىۋۇزۇر كۆرۈۋاتىمەن.ئەمما شىنجاڭ تارقاتقان تورتىلىۋېزىيە قاناللىرىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرچە قانال يوق !تېمىنىڭ ماۋزۇسىغا قارىسام تور تېلىۋىزىيەسى دىيىلىپتۇ .نىمىشقا پۈتۈن ئىچكىردىن تارتىپ ھەممە تور تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى تارتىدىغان يەردە بىرمۇ ئۇيغۇرچە قانالنى تارقاتمىغانلىقىغا بەك ئەپسۇسلىنىمەن .ئەمدىكى مەسىلە سىز دىمەكچى بولغان تور تىلىۋېزىيە قاناللىرىنى مەن نىمىشقا كۆرەلمەيمەن؟قانداق قىلغاندا كۆرگىلى بۇلىدۇ؟

بۇ گەپنى بېرىپ جوڭگو تېلېگىرافىغا دەڭ ، نېمىشقا سەن قويۇپ بەرگەن ئايپى ت ۋ   دىن ئۇيغۇرچە چىقمايدۇ دەپ ، ھەل قىلالمىسا كۆرمەڭ ... ئەمما بۇ گىپىڭىزنىڭ xjtv.biz ۋە    xjtvs.com.cnبىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق .

ئامال

1: تېلېگىرافقا بېرىڭ ئۇرۇشۇڭ ، 10000 غا ئەرىز قىلىڭ ، بولمىسا ئانداق ئايپى ت ۋ نى توختىتىۋىتىڭ ....

2: سىملىق تېلېۋىزىيە كۆرۇڭ ...

3: ku دولقۇن بۆلىكىدىكى قوبۇللاش ئىقتىدارى بار سۇنئىي ھەمراھ قوبۇللاش ئۇسكۇنىسىدىن بىرنى ئېلىپ ئورنىتپ تېلېۋۇزۇر كۆرۇڭ ، ئۇچ ئۇيغۇرچە قانال چىقىدۇ ....

n:ھازىرقى ت ۋ دا بەك ياخشى نەرسىلەرنى بېرىپمۇ كەتمەيدۇ ، كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ ...

بىر دىيشمىسەم بولماپتۇ!

flashboy يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 15:50:05

بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرچە قاناللارنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئانجىروئىد قويۇش ھۆججىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان بولساڭلار بەك ياخزى بولاتتتى ، ھازىرقى بەزى تېلىۋىزور قۇتىلىرى ئانجىروئىد سېستىمسى بولغاچقا ، apk پىروگراممنى توردىن چۈشۈرۈپ ئۆزىمىز قاچىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن ، خەنزۇچە قاناللار كۆپ ئۇيغۇرچە قانال يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى مۇشۇنداق تولۇقلىۋالساقمۇ بولاتتى ..

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 18:22:40

ئېسىمنىڭ بارىدا بالىلاردىن بىر گەپنى سوراپ باقاي:

كىچىك چېغىمدا «قارا تىزىملىكتىكى كىشىلەر»( بۇ باركەن توردا)،«گراف مونتې كىرستو»،«پارىژنىڭ سىرى»،«يۇھان كىرستوف»،«مەڭگۈلۈك چاقىرىق»...قاتارلىق قىسىمىلق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىغا مەپتۇنتىم،يەنە «يامەت كاشىلا»رولىنى جانلاندۇرغان مەرھۇم ئابدۇقادىر ئەپەندىنىڭ دىراممىلىرىمۇ قويۇلۇپ تۇراتتى،يىللار بولدى ئاڭقۇرۇتلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ يوليورۇقى بىلەن قويۇلماسلا بولۇپ كەتتى ئۇلار،شۇ ئېسىل كېنو-تىياتىرلارنىڭ شۇ چاغدىكى تەرجىمىلىرىنى قەيەردىن تاپقىلى بولار؟تېلېۋىزىيە ئىستانسىدىكى بالىلاردىن سورىسام ھۆددەس يېقىن كەلمىدى،سىنئالغۇغا چېكىپ ساقلاپ قويغانلار ئورتاقلاشساق قانداق دەيسىلەر؟

Bahader يوللانغان ۋاقتى 2013-2-22 00:18:13

2-قانالدىن باشقا قاناللارنى كورگىلى بولمامدۇ ؟ مەن قايسىسىنى تاللىسام يەنىلا شۇ 2- قانال چىقىۋاتىدۇغۇ

uzakyul يوللانغان ۋاقتى 2013-2-22 16:24:50

بۇرۇنقى فىلىملەرنى تاپقىلى بۇلسا بەك ياخشى بۇلاتتى ،مەسلەن ، ئۇرۇش ۋە ئەسلىمە ، دىگەندەك

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-22 19:04:23

1- قەۋەتتىكى ROCKنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئىستانسىسىمىزنىڭ ئورگان بېتىمۇ يا؟

ئاندىن باتتىكى رەسىملەرنىڭ ئېگىز-كەڭلىك نىسبىتى خاتاكەن.

ياق ، شۇ پەقەت شەخسى قىزىقىش ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان بەت ، شىنجاڭ تىلۋىزىيەسى بىلەن ئالاقىسى يوق .

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-22 19:05:51

9- قەۋەتتىكى flashboyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بولسا مۇشۇ ئۇيغۇرچە قاناللارنىڭ بىۋاستە تارقىتىش ئانجىروئىد قويۇش ھۆججىتىنى ئىشلەپ تارقاتقان بولساڭلار بەك ياخزى بولاتتتى ، ھازىرقى بەزى تېلىۋىزور قۇتىلىرى ئانجىروئىد سېستىمسى بولغاچقا ، apk پىروگراممنى توردىن چۈشۈرۈپ ئۆزىمىز قاچىلىۋالساقمۇ بولىدىكەن ، خەنزۇچە قاناللار كۆپ ئۇيغۇرچە قانال يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى مۇشۇنداق تولۇقلىۋالساقمۇ بولاتتى ..

بۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىۋاتىمەن ، ئەگەر تىلفۇنىڭىز Flashقوللاپ قالسا باش بەتتىن كۆرەلەيسىز .

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-22 19:07:11

2- قەۋەتتىكى Kamdidarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بەت ئۇسلۇب جەھەتتە خېلى كۆپ مەسىلىلەر باركەن. ئىزدىنىش تورى بىلەن بىلىك تورىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئۈلگە قىلىپ داۋاملىق تېرىشسىڭىز بولغىدەك \"\"

تەكلىپىڭىزگە رەخمەت ، بايقىغان مەسىلىلەرنى قىسقا ئۇچۇر شەكلىدە يوللىسڭىز ، مۇۋاپىق ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرسەك بولىدۇ .

atiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-22 19:07:55

11- قەۋەتتىكى bahaderنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2-قانالدىن باشقا قاناللارنى كورگىلى بولمامدۇ ؟ مەن قايسىسىنى تاللىسام يەنىلا شۇ 2- قانال چىقىۋاتىدۇغۇ

كۆرگىلى بولىدۇ ، تور كۆرگۈڭىزنى ئالماشتۇرۇپ بىقىڭ .
بەت: [1]
: xjtv.biz دىكى ئۆزگىرىشلەر ...