choice يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 17:53:39

يالاڭ ئاياغ كېلىپ سىزگە ئشىك ئېچىپ بېرىدىغان كىشى[تەرجىمە]

ياش بىر يىگىت بار بولۇپ، ئانىسى بىلەن ناھايىتى نامرات تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، يىگىت بۇددا دىنىغا چىن دىلىدىن ئېتىقاد قىلىپ، ھەمىشە تەقۋادارلىق بىلەن بۇتقا باش ئۇرۇپ ئولتۇرۇپ، ئانىسىنىڭ جاپالىق ئەمگەك قىلىۋاتقىنى بىلەن كارى بولمايدىكەن، ئانىسى بولسا تۇرمۇشنىڭ غېمىدە كېچە -كۈندۈرلەپ توختىماي جاپالىق ئىشلەيدىكەن. ھالبۇكى بۇ ياش يىگىت پۈتۈن نىيىتى بىلەن قەلبىدىكى بۇدسادۋاسىنى ئىزدەيدىكەن. بىر مەزگىلدىن كېيىن يىگىت يىراق بىر تاغلىقتىكى بۇتخانىدا تۇرىدىغان قېرى راھىپ كالامنىڭ ئۆزى تەلپنۈىدىغان بۇدسادۋانىڭ ھەقىقى ماھايىتىنى بىلىدىغانلىقنى ئاڭلاپتۇ-دە ،تاغۇ -دەريالارنى كېزىپ ، مىڭ مۇشەققەتتە  بۇ قېرى راھىپ كالامنى ئىزدەپ تېپىپتۇ.قېرى راھىپ كالام ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ: سىزگە يالاڭئاياق كېلىپ ئىشىك ئېچىپ بەرگەن كىشى دەل سىز ئىزدەۋاتقان بۇدسادۋادۇر. يىگىت ئۆزى ئۈچۈن يالاي ئاياق كېلىپ ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان بۇدسادۋاسىنى ئىزدەش سەپرىنى باشلاپتۇ. كۈنلەرئۆتۈپتۇ، ئايلار ئۆتۈپتۇ، يىللار ئۆتۈپتۇ تالاي يوللارنى بېسىپتۇ، نۇرغۇن يېزا ئۆتەڭلەردە قونۇپتۇ.بىراق ئۇنىڭ ئۈچۈن لاياڭئاياق كېلىپ ئىشىك ئېچىپ بېرىدىغان كىشى چىقماپتۇ.ھالبۇكى كۆپ ھاللاردا يىگىت تىلەمچى دەپ كەمسىتىلىپ ئۆيلەردىن ھەيدەپ چىقىرىلىپتۇ. يىگىتنىڭ بۇدسادۋا ھەققىدىكى غايىسى تەۋرىنىشكە باشلاپ ئۈمۈتسىلىككە تولۇپتۇ.ئۆيىنى ،ئەينى چاغدا خوشلاشماي كېتىپ قالغان ئانىسىنى چەكسىز سېغىنىش ئچىدە ئەسلەپ: نەچچە يىلدىن بۇيان ئانام قانداقراق تۇرغاندۇ دەپ ئويلاپتۇ. بىر كۈنى يېرىم كېچىدە يىگىت ئۆيىگە قايتىپ كەپتۇ.ئىشىك ئالدىغا كېلىپ  بوشقىنە ئاۋازدا ئانا دىيىشىگىلا شۇ ھامان ئىشىك ئېچىلىپتۇ، ئانىسى بىر ئېغىزمۇ ۋايسىماي جېنىم بالام قايتىپ كەلدىڭمۇ، سېنى ئەجەپمۇ سېغىندىم دەپ ئۇنى باغرىغا بېسىپتۇ. يىگىت قارىسا  ئانىسى يالاي ئاياق ھالدا كېلىپ ئۆزىگە ئىشىك ئېچىپ بەرگەن ئىكەن.

يالاڭ ئاياغ كېلىپ سىزگە ئشىك ئېچىپ بېرىدىغان كىشى

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 19:19:43

ئىككى قېتىم ئوقۇۋالدىميا

sachiye يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 20:01:11

بۇ تىما ئارقىلىق نىمە دىمەكچى بولغىيتتى دەيمەن  {:106:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 22:25:20

3- قەۋەتتىكى sachiyeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تىما ئارقىلىق نىمە دىمەكچى بولغىيتتى دەيمەن \"\"

ئاناڭىزنى قەدىرلەڭ، ئانىڭىزنى ئۇلۇغلاڭ دىمەكچى ئىكەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-20 10:36:27

شۇنداق

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-2-20 13:33:20

\"\" \"\" \"\" \"\"

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2013-2-20 18:20:19

ئاپام بىزگە يالاڭ ئاياق ئىشىكلا ئەمەس، دەرۋازىمۇ ئېچىپ بېرىدۇ، تېلېفۇنلىرىمىزنىمۇ يالاڭ ئاياق بېرىپ ئالىدۇ! \"\"

Dana0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-21 21:53:10

ياخشى ھېكايىكەن.

بىر ئوبدان ھېكايە بولغاندىن كېيىن پىكىر مۇستەبېتلىكى قىلمىغان بولساق.. ھېكايدە يا بۇددانى تەشۋېق قىلغان ياكى بۇدداغا ھاقارەت قىلغان مەزمۇن بولمىغاندىن كېيىن. مۇشۇ بەدئىي زوق ئېلىشنى بىلمەمدىغاندۇ بەزىلەر.

تېما ئېگىسىگە رەھمەت.
بەت: [1]
: يالاڭ ئاياغ كېلىپ سىزگە ئشىك ئېچىپ بېرىدىغان كىشى[تەرجىمە]