kabana
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 09:51:51
قىزىلسۇ ئاتۇشتا يەر تەۋرەپتۇ
2013- يىلى ھۇدنىڭ 18- كۈنى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستى ئاتۇشتا (شىمالىي كەڭلىك 40.1، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 77.8) دە 4.6 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش چوڭقۇرلىقى 12 كىلومېتىر بولۇپ بۈگۈنگىچە يارىلىنىش ۋە مال- مۈلۈك زىيىنى ھەققىدە خەۋەر يوقكەن.

مەنبە http://www.yangtse.com/system/2013/02/19/016294547.shtml
kabana
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 10:36:18
يەر تەۋرىگەن ۋاقت: قەھرىتاننىڭ 18- كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى 19
GoodLuck
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 10:39:39
ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت 11 لەردە ئۈرۈمچىدە يەر تەۋرىدىمۇ باللا؟ ئەمدى يېتىپ تۇرسام شۇنداق ھېس قىلىپ بىردەم تۇرۇپ توختاپ قالغاندەك بولدى، ئۇخلاپ قالدىم، ئەتىسى تۇرۇپ تورغا قارىسام ھېچ خەۋىرى يوق
yuksel
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 11:09:39
ئاخشام 11 دە يەر تەۋرىمىدى. قارىغاندا تۈن نىسپىدە يۈرەكلىرى بىر ياققا ئاغقان چېغىۋا... {:92:}
janipa
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 11:18:21
بەك سەزگۈرلىشىپ كەتكەن چېغىۋا گۇدلاكجان، ئاللاھ ئۈرۈمچىدە يەرتەۋرەشتىن ساقلىسۇن!
kabana
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 11:54:17
ئالدىنقى كۈنى دېگنى ئۈلۈشكۈنغۇ دەيمەن؟
79588010
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 11:55:36
يەر ئاستى يادرو سىنىقى باشقا رايونلاردا سۈنئىي يەر تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
umidwar99
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 14:55:10
ئاللاھ ساقلىسۇن!!!!
kosan
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 17:14:30
ئاللاھ بىزلەرنى قازادىن ساقلىسۇن!
bahadirhaqan
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 18:25:26
مەن سەزمىدىمغۇ
taklimakn
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 19:10:28
ئاللاھ بالا-قازادىن ساقلىسۇن
sachiye
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 20:32:19
مەن يەر تەۋرىگىننى دەل ۋاختىدا سەزگەن ئدىم... ئتتىك ئاغزىمغا لائلاھە ئللالاھۇ مۇھەممىدىن رەسۇلىللا دىگەن كەلىمە كەلدى. {:106:}
hiyalqi
يوللانغان ۋاقتى 2013-2-20 09:53:27
قورقۇنچلىق چۈش ، ئاللاھ ساقلىسۇن
kantir
يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 09:56:24

كەڭساي تېز خەۋىرى:
بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دىن 01 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە (كەڭلىك 40.2 گىرادۇس، ئۇزۇنلۇقى 77.5 گىرادۇس)تا5.2 بال يەر تەۋرىدى، تەۋرەش چوڭقۇرلۇقى سەككىز كىلومېتر.
قەشقەر،شايا..قاتارلىق شەھەر ناھىيەرلەردىمۇ يەر سىلكىنىش كۆرۈلگەن
كەڭسايدىن
esir
يوللانغان ۋاقتى 2013-3-12 14:53:34
ئوقۇغۇچىلىرىمغا دەرس ئۆتۈۋاتاتتىم، يەر تەۋرىگەننى سەزمىدىم، گۈلدۈرلىگەن ئاۋازنى ئاڭلاپ سەگەكلىشىپ تۇرسام ئوقۇغۇچىدىن بىرسى: «مۇئەللىم، يەر تەۋرىدى!» دېدى...
بەت:
[1]