خوتەندىكى ئات بەيگە ۋە ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى
بۇ قېتىملىق دەم ئېلىشتا يۇرتقا بېرىپ تۇققانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر ھەپتىدىن ئوشۇق ئويناپ كەلدىم. خوتەنگە چۈشۈپلا كىچىكىمدىن باشلاپ ئېتىز بويلاپ، ئېرىق ئاتلاپ، مۇزغا چۈكۈپ دىگۈدەك بېرىپ كۆرۈپ كېلىدىغان ئوغلاق تارتىشىش ۋە ئات بەيگىسى ئويۇنىغا ئۈلگۈرۈپلا بېرىپتىمەن. بۇ قېتىملىق مۇساپىقە 2- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەن شەھرىنىڭ ئىگەرچى كەنتى تەرەپتە كېرىيە، چىرا، جىيا، توساللا، خوتەن شەھرى قاتارلىق كوماندىلار ئارا، 2- ئاينىڭ 9- كۈنى قاراقاش ناھىيىسىنىڭ قارا ساي يېزىسىدا خوتەن ۋىلايىتى ۋە قەشقەرنىڭ بىر قىسىم ناھىيەلىرىنىڭ قوشۇلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى. مۇسابقە يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز- ئارا تەشكىللىنىشى ۋە بايلارنىڭ مەبلەغ تەمىنلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كەسكىن ۋە جىددىي ئېلىپ بېرىلدى. تۆۋەندىكى ئۆزۈم نەخ مەيداندىن تارتىۋالغان سۆرەتلەر بولۇپ دوستلار بىلەن ئورتاق ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن يوللىدىم. كۆرۈپ باققايسىلەر.
مەنبە: ئۆزۈم
بىرىنچى رەسىمدىكى بەلگىنى ئاتنىڭ تېقىمىغا ئۇيغان نەرسىمىكىن دەپ قاراپ كىتىپتىمەن.تۇماقنىڭ ماركىسىكەن ھە

ئەلا كەتتى ھوي
تۇپ تۇرۇڭلا
تۇماقنىڭ بەلگىسى ھەممە رەسىمدە بارغۇ {:107:}
تۇرپاندا بۇنداق مۇسابىقە بۇلىۋىدى بۇ مۇسابىقىنى ئورۇنلاشتۇرغىچىلار بىر ئىككى كۈندىن سوراققا كىرىپ چىققان ئىدى ! {:107:}
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھوي
تۇپ تۇرۇڭلا
تۇماقنىڭ بەلگىسى ھەممە رەسىمدە بارغۇ![]()
زىيالى ئۇ تىببى جەۋھەر دەپ خەت تۇرامدۇ نىمە؟
قالىغاندا قوللىغان شىركەتنىڭ ماركىسى ئوخشايدۇ
5- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھوي
تۇپ تۇرۇڭلا
تۇماقنىڭ بەلگىسى ھەممە رەسىمدە بارغۇ![]()
زىيالى ئۇ تىببى جەۋھەر دەپ خەت تۇرامدۇ نىمە؟
قالىغاندا قوللىغان شىركەتنىڭ ماركىسى ئوخشايدۇ
قالىغاندىمۇ
مەكتەپ پۈتۈپ قايتا قايىتمايلا....
ھاھاھا
6- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى tilmixنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھوي
تۇپ تۇرۇڭلا
تۇماقنىڭ بەلگىسى ھەممە رەسىمدە بارغۇ![]()
زىيالى ئۇ تىببى جەۋھەر دەپ خەت تۇرامدۇ نىمە؟
قالىغاندا قوللىغان شىركەتنىڭ ماركىسى ئوخشايدۇ
قالىغاندىمۇ
مەكتەپ پۈتۈپ قايتا قايىتمايلا....
ھاھاھا
مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ نېرۋامدىن چاتاق چىققانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن
بۇنداق بۇلارنى بىلگەن بولسام مەكتەپتىن كەمەسكەنمەن.
ئەركەكلەرنىڭ جەڭ مەيدانى! ئوغلاق تارتىش تۈركې خەلىق چەۋەندازلىرىنىڭ جەڭ غەلبىسىنى تەبرىكلەش ئويۇنى، ئەسلى ئادەم (دۈشمىنىنى)تارتىپ ئوينايدىكەنتۇق،كېيىن ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن ،دىنىمىزدا ئۆلۈكلەرنى خارلاش چەكلەنگەچكە،ئوغلاق تارتىشقا ئۆزگەرگەن ئىكەن.