Axunjan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-18 16:41:29

ئىسپانىيەنىڭ ئەمىرى __ ئابدۇرەھمان غافىقى



ئابدۇررەھمان غافىقى



«غافىقى ئىرادىسىنىڭ يۈكسەكلىكى، غايىسىنىڭ بۈيۈكلىكدە مۇسا

ئىبنى نۇسەيىر، تارىق ئىبنى زىيادنىڭ ھەقىقى كۆرۈنۈشى»

_ تارىخچىلار



مۇئمىنلارنىڭ ئەمىرى ۋە توغرا يولدا ماڭغان خەلىفىلەرنىڭ بەشىنچىسى- ئۇمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز ئۆزىدىن بۇرۇنقى خەلىفە سۇلايمان ئىبنى ئابدۇلمەلىكنىڭ دەپنە ئىشلىرىدىن قولى بۇشىشىغىلا، ھەر قايسى شەھەر، ۋىلايەتتىكى رەھبەرلەرنىڭ قالدۇرىدىغانلىرىنى قالدۇرۇپ، تەيىنلەيدىغانلىرىنى تەيىنلىدى. يېڭىدىن تەيىنلەنگەنلەر ئىچىدە سەمھە ئىبنى مالىك خەۋلانىمۇ بار ئىدى. خەلىفە ئۇنى ئىسپانىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېڭىدىن ئازات قىلىنغان فىرانسىيە زېمىنلىرىغا ۋالى قىلىپ تەيىنلىدى. يېڭى ۋالى ئىسپانىيە دىيارىغا باردى ۋە سەمىمى، ياخشى كىشىلەرنى سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەردىن:

- بۇ ئەلدە تابىئىنلاردىن بىرەرى ھايات بارمۇ؟ - دەپ سورىدى. ئۇلار:

- ھەئە، بار، ئى ئەمىر! بىزنىڭ ئىچىمىزدە ئابدۇررەھمان ئىبنى ئابدۇللا غافىقى دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئۇلۇغ تابىئىن بار، - دېيىشتى ۋە ئەمىرگە ئۇنىڭ الله نىڭ كىتاۋىغا ئالىم ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەدىسىنى ياخشى بىلىدىغانلىغىنى، جىھاد مەيدانلىرىدا تەجرىبىسىنىڭ موللىغى، شەھىدلىككە قاتتىق ئىنتىلىدىغانلىغىنى بايان قىلدى.  يەنە ئۇلار مۇنداق دېيىشتى:

- ئۇ ساھابە ئابدۇللا ئىبنى ئۇمەردىن تەلىم ئالغان. (الله ئابدۇللادىن ۋە ئۇنىڭ دادىسىدىن رازى بولسۇن!) ھەمدە ئۇنىڭ يولنى تۇتقان.

سەمھە ئىبنى مالىك خەۋلانى ئابدۇررەھمان غافىقىنى چاقىرتتى. ئۇ كەلگەندە سەمھە ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە يېنىدىن ئورۇن بەردى، ئاندىن سەمھە ئۇنىڭدىن كۆڭلىدىكى بارلىق مۇھىم ئىشلارنى سورىدى، قىيىن بىلىنگەن ئىشلار ئۈستىدە مەسلىھەت سورىدى، ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى ئاستىرتتىن سىناپ كۆردى. ئەمەلىيەتتە ئابدۇررەھمان كىشىلەر دېگەندىنمۇ ئۈستۈن چىقتى- دە، سەمھە ئۇنى مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىگە قويماقچى بولىۋىدى، ئابدۇررەھمان مۇنداق دېدى:

- ئى ئەمىر! مەن مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئىچىدىكى بىر ئادەم. مەن بۇ يۇرتقا مۇسۇلمانلار چىگرىسىنىڭ بىرەرىدە تۇراي دەپ كەلگەن. ئۆزەمنى الله نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئاتىغان، الله نىڭ سۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قېلىچ ئالغان. الله خالىسا مەن ھۇقۇق تۇتمىساممۇ سەن ھەقىقەتەن مۇستەھكەم تۇرساڭلا، سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولغانلىغىمنى؛ الله ۋە رەسۇلۇللاغا بويسۇنساڭلا، مېنىڭ ساڭا بارماقلىرىڭدىنمۇ بەكرەك بويسۇنغانلىغىمنى كۆرىسەن.

ئۇزاق ئۆتمەي سەمھە ئىبنى مالىك خەۋلانى پۈتكۈل فىرانسىيەگە غازات ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىش ھەمدە ئۇنى بۈيۈك ئىسلام ئىمپىرىيىسى تەۋەلىكىگە قۇشۇش، بۇ ئارقىلىق بالقان رايۇنىغا يول ئېچىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىشارىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قۇستانتىنىيە چۇقۇم ئازات قىلىنىدۇ. شۇ قۇشۇن ھەقىقەتەن ياخشى قۇشۇن، ئۇنىڭ قۇماندانى ھەقىقەتەن ياخشى قۇماندان.») ئۈچۈن، بالقان رايۇنىدىن قۇستانتىنىيەگە ئاتلىنىش ئىرادىسىگە كەلدى. بۇ بۈيۈك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تۇنجى قەدىمى- ئەربۇنە شەھرىنى ئېلىش ئىدى. چۈنكى ئەربۇنە شەھرى فىرانسىيەنىڭ ئىسپانىيە چىگرىسى ئىچىدىكى شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مۇسۇلمانلار فىرنىيھ تاغلىرىدىن چۈشكەن ھامان، ئەربۇنە شەھىرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا گويا يېڭىلمەس كۈچكە ئوخشاش بەھەيۋەت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. يەنە كېلىپ ئۇ پۈتكۈل فىرانسىيەنىڭ ئاچقۇچى، ئىستىراتىگىيە جەھەتتىن ئاساسلىق كىرىش يولى ئىدى.

سەمھە ئىبنى مالىك خەۋلانى ئەربۇنە شەھرىنى مۇھاسىرىگە ئالدى ۋە ئاھالىسىگە مۇسۇلمان بولۇش ياكى جىزىيە تۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلار بۇنى قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قۇشۇنى ئارقا- ئارقىدىن ھۇجۇم قىلىشقا، مەنچاناقلار بىلەن ئوق ئېتىشقا باشلىدى. ئاخىرى ياۋرۇپا تارىخىدا بۇنىڭدىن بورۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە يەتتە ھەپتە باتۇرلارچە جەڭ قىلىش ئارقىلىق، بۇ مۇداپىئەسى مۇستەھكەم شەھەر مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى. زەپەر قۇچقان بۇ غالىپ قۇماندان زور قۇشۇنى بىلەن تېزلىكتە ئوكتانىيە ئۆلكىسىنىڭ كولۇر شەھرىگە قاراپ ماڭدى. يېتىپ بېرىپلا، شەھەرنىڭ تۆت ئەتراپىغا مەنچاناقلارنى تىكلىدى، ياۋرۇپالىقلار كۆرۈپ باقمىغان جەڭ قۇراللىرىنى ئىشلەتتى. ئاخىرى مۇداپىئەسى مۇستەھكەم بۇ شەھەر مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكىلى ئازلا قالدى. مۇشۇ ۋاقىتتا ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كېلىپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بەردى. بىز گەپنى فىرانسىيەلىك شەرىقشۇناس رىينوغا قالدۇرايلى.

رىينو مۇنداق دەيدۇ:

«غەلبە قاش بىلە كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالغاندا، ئوكتانىيە كىنەزى ھەر قايسى ئەل قايسى ئەل ۋە خەلىقلەرنى ياردەم بېرىشكە چاقىردى، ئەلچىلەرنى يولغا سالدى. ئۇلار پۈتۈن ياۋرۇپانى ئايلىنىپ، پادىشاھ ۋە ئەمىرلەرنى ئۆز يۇرتلىرىنىڭ دۈشمەن قولىغا ئۆتۈپ كېتىشىدىن، ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ كېتىشىدىن ئاگاھلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ياۋرۇپا ئوكتانىيەلىكلەرگە ياردەمگە كەلدى. ئۇلارنىڭ سانى ۋە كۈچى شۇنچىلىك كۆپەيدىكى، دۇنيا بۇنداق زور قۇشۇننى كۆرۈپ باقمىغان. ئۇلارنىڭ ئايىقى ئاستىدىن ئۆرلىگەن چاڭ- تۇزان رۇم رايۇنىنى قۇياش نۇرىدىن تۇسىۋالدى. ئىككى تەرەپ يېقىنلاشقاندا، كىشىلەرنى خۇددى تاغ بىلەن تاغ ئۇچرىشىۋاتقاندەك خىيالغا كەلتۈردى. ئىككى تەرەپ دۇنيا تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە شىددەتلىك جەڭ قىلدى. سەمھە ياكى بىز ئاتىغاندەك «زاما» ھەر بىر جايدىكى ئەسكەرلەر ئالدىدا ئاشكارە تۇرۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ دۈشمەنگە ئېتىلاتتى. ئۇ شۇنداق تۇرۇۋاتقاندا ئوق تېگىپ ئېتىدىن يېقىلدى. مۇسۇلمانلار ئۇنىڭ يەرگە يېقىلغانلىغىنى كۆرۈپ، جاسارىتى بۇشىشىپ كەتتى، سەپلىرى قالايمىقانلاشتى. ئەگەر كېيىن ياۋرۇپا تونىغان تالانتلىق قۇماندان- ئابدۇررەھمان غافىقى ئارقىلىق ئىلاھى ياردەم كەلمىگەن بولسا، ئۇمۇميۈزلۈك دۈشمەن قۇشۇنى ئۇلارنى بىر پۈتۈن تار- مار قىلىشقا تاسلا قالغان ئىدى. ئابدۇررەھمان غافىقى ئەڭ تۆۋەن زىيان بىلەن مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى ئىسپانىيەگە قايتۇرۇپ كەلدى، لېكىن ئۇ بىزگە قايتا ھۇجۇم قىلىشنى ئەھدە قىلدى.

سىز قارا بۇلۇتلارنىڭ قاراڭغۇ كېچىدىكى تۇلۇن ئايدىن قانداق تارقىغانلىغىنى، ئۇنىڭ نۇرىدا ئازغانلار يۇرۇقلۇققا ئېرىشكەنلىكىنى، گاڭگىراپ قالغانلار يول تاپقانلىغىنى كۆرگەنمۇ؟ سەھرانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈمگە يېقىنلاپ قالغان كىشىگە سۇ كۆرۈنگەندە، قانداق قىلغانلىغىنى، ھايات قېلىش ئۈچۈن سۇ ئېلىپ ئىچىشكە قولىنى قانداق سوزغانلىغىنى كۆرگەنمۇ؟

مۇسۇلمانلار قۇشۇنى نىجاتلققا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇلۇغ قۇماندانغا قولىنى ئاشۇنداق سوندى ۋە ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى. ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، تۇلۇز جېڭى مۇسۇلمانلار ياۋرۇپاغا قەدەم باسقاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۇلارغا چوڭقۇر جاراھەت ئېلىپ كەلدى. ئابدۇررەھمان غافىقى مۇشۇ جاراھەتنىڭ شىپالىق مەلھىمى، كۆڭۈل بۆلۈپ پەرۋىش قىلىدىغان مىھرىبان قولى، غەمخورلۇق بىلەن تولغان ئۇلۇغۋار قەلبى... بولدى.

مۇسۇلمانلار فىرانسىيەدە ئۇچرىغان زور ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ خەۋىرى دەمەشىقتىكى خەلىفە ۋە باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئازاپلىدى. شىجائەتلىك باتۇر قۇماندان سەمھە ئىبنى مالىك خەۋلانىنىڭ ۋاپاتى ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا قىساس ئېلىش ئوتىنى لاۋۇلداتتى- دە، قۇشۇننىڭ ئابدۇررەھمان غافىقىغا بەيئەت قىلغانلىغى ئىتىراپ قىلىنىپ، بۇيرۇق كەلدى. ئابدۇررەھمانغا پۈتۈن ئىسپانىيەنىڭ رەھبەرلىكى تاپشۇرۇلدى. ئۇنىڭغا ئازات قىلىنغان فىرانسىيە زېمىنلىرى قۇشۇپ بېرىلدى. ئۇنىڭغا خالىغانچە ئىش تۇتۇش ھۇقۇقى بېرىلدى. ھەيران قېلىش ھاجەتسىز، ئابدۇررەھمان غافىقى پۇختا، كەسكىن، تەقۋا، دىيانەتلىك، پاك، تەدبىرلىك، قەيسەر ئادەم ئىدى. ئابدۇررەھمان ئۆزىگە ئىسپانىيەنىڭ رەھبەرلىكى تاپشۇرۇلغاندىن باشلاپلا، ئەسكەرلەرنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە، شان- شەرەپ، كۈچ- قۇۋۋەت، غەلبە تۇيغۇسىنى قايتا ئۇرغۇتۇشقا، مۇسا ئىبنى نۇسەيىردىن باشلاپ سەمھە ئىبنى مالىك خەۋلانىغىچە بولغان ئىسپانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قۇماندانلىرى ئارزۇ قىلغان بۈيۈك نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جىددى تۇتۇش قىلدى. بۇ قەھرىمانلار فىرانسىيەدىن ئىتالىيە ۋە گىرمانىيەگىچە، ئۇ يەردىن قۇستانتىنىيەگىچە ئاتلىنىشقا، ئوتتۇرا ئاق دېڭىزنى ئىسلام دېڭىزى قىلىشقا، ئۇنى رۇم دېڭىزى دېگەننىڭ ئورنىغا، شام دېڭىزى دەپ ئاتاشقا ئىرادە باغلىغان ئىدى. ئابدۇررەھمان غافىقى بۈيۈك جەڭلەرگە تەييارلىق قىلىشنىڭ روھنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۇنى پاكلاشتىن باشلىنىدىغانلىغىغا چوڭقۇر ئىشىنەتتى ھەمدە ھەر قانداق بىر مىللەت غەلبە قىلىش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىچكى مۇداپىئەنى مۇستەھكەم ، پۇختا قىلغاندا ئاندىن قادىر بۇلالايدۇ، دەپ قارايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئىسپانىيەنى يۇرتمۇ- يۇرت ئايلىنىشقا باشلىدى. ئېلان قىلغۇچىلارنى تۆۋەندىكىدەك ئېلان قىلىشقا بۇيرىدى:

«ۋالىلار ياكى قازىلار ۋە ياكى قانداقلا بىر كىشى تەرىپىدىن ناھەقچىلىققا ئۇچرىغان كىشى بولسا، ئەرزىنى ئەمىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن».

بۇنىڭغا مۇسۇلمانلار بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ياشاۋاتقانلار ئوخشاش بەھرىمەن بولالايدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى. ئابدۇررەھمان غافىقى ناھەقچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ئەرزىنى بىر- بىرلەپ كۆرۈشكە باشلاپ، كۈچلۈكتىن ئاجىزغا، زالىمدىن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىغا قىساس ئېلىپ بەردى. بۇلانغان، يېڭىدىن سېلىنغان چىركاۋلارنىڭ ئىشىنى ھەل قىلدى. ۋاقتى توشقانلارنى ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بەردى، ناتوغرا يول بىلەن سېلىنغانلىرىنى چېقىۋەتتى، ئاندىن ھەر قايسى جايلاردىكى ئەمەلدارلىرىنى بىر- بىرلەپ تەكشۈرۈپ، خىيانەت قىلغان ياكى ئازغانلىغى ئىسپاتلانغانلىرىنى ھۇقۇقىدىن ئېلىپ تاشلىدى. تەدبىرلىك، تەجرىبىلىك ۋە دۇرۇسلىقى ئىسپاتلانغانلىرىنى ئۆز ئورنىدا قويدى. ھەر قانداق يۇرتقا كىرسە، كىشىلەرنى جامائەتلىك نامازغا چاقىردى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ نۇتۇق سۆزلەپ، كىشىلەرنى جىھاد قىلىشقا قىزىقتۇردى. شەھىد بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. الله نىڭ رازىلىقى ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە ئۈمىدلەندۈردى.

ئابدۇررەھمان سۆز بىلەن ھەركەتنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈمىدنى ئەمەلىيەت بىلەن كۈچلەندۈردى. ئۇ ۋالى بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا، تەييارلىقنى پۇختا قىلىش، قۇرال- ياراقلارنى تۇلۇقلاش ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى. قورغان ۋە ئىستىھكاملارنى رىمۇنت قىلدى، كۆۋرۈكلەرنى سالدى. ئۇ سالغان كۆۋرۈكلەردىن بىرى- ئىسپانىيەنىڭ پايتەختىدىكى قۇرتۇبە كۆۋرۈكىدۇر. ئابدۇررەھمان ئۇ كۆۋرۈكنى كىشىلەر ۋە ئەسكەرلەر ئۆتۈشى ئۈچۈن، بۈيۈك قۇرتۇبە دەرياسىغا سالغان. بۇ كۆۋرۈك دۇنيادىكى ئاجايىپ قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ. ئاسما كۆۋرۈكنىڭ ئۇزۇنلۇقى 800 غۇلاچ، ئېگىزلىكى 60 غۇلاچ، كەڭلىكى 20 غۇلاچ بولۇپ، ئەگمىسىنىڭ سانى 18 گە يەتكەن، 19 كۆزىتىش مۇنارى بار. بۇ كۆۋرۈك بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزگە قەدەر ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ پەخىرى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ئابدۇررەھمان غافىقى ئۆزى چۈشكەن ھەر بىر يۇرتتا ئەسكەرلەرنىڭ قۇماندانلىرى ۋە كىشىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قۇلاق سالاتتى، تەلەپلىرىنى خاتىرىلىۋالاتتى، نەسىھەتلىرىنى ئاڭلايتتى. ئۇ بۇنداق سورۇنلاردا ئاز سۆزلەپ، كۆپ ئاڭلايتتى. شۇنىڭدەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسىدە ياشاۋاتقان كىشىلەر بىلەن سۆھبەتلىشەتتى. كۆپىنچە ئۇلاردىن ئۆز يۇرتلىرىنىڭ ئىشلىرىنى، پادىشاھ ۋە قۇماندانلىرىنىڭ ئەھۋاللىرىنى سورايتتى. بىر قېتىم ئۇ مۇسۇلمانلار بىلەن ياشاۋاتقان فىرانسىيەلىكلەرنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرىنى چاقىردى ھەمدە ھەرخىل تېمىدا پاراڭلاشتى، ئاندىن ئابدۇررەھمان ئۇنىڭدىن:

- نېمە ئۈچۈن سىلەرنىڭ كاتتا ئىمپىراتۇرۇڭلار بىز بىلەن ئۇرۇش قىلمايدۇ؟ ھەر قايسى ئۆلكە باشلىقلىرى نېمىشقا ئۇنىڭغا ياردەم بەرمەيدۇ؟ - دەپ سورىدى. فىرانسىيەلىك:

- «ئى ئەمىر! سىلەر بىزگە قىلغان ۋەدەڭلارغا تۇلۇق ئەمەل قىلدىڭلار. بىزمۇ سىلەر سورىغان سۆزلەرگە سەمىمى جاۋاپ بەرمىسەك بولمايدۇ. سىلەرنىڭ مەشھۇر قۇماندانىڭلار مۇسا ئىبنى نۇسەيىر پۈتكۈل ئىسپانىيەنى قولغا كىرگۈزدى، ئاندىن ئىسپانىيە بىلەن بىزنىڭ گۈزەل يۇرتىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان فىرنىھە تاغلىرىدىن ئۆتۈش ئىرادىسىگە كەلدى. ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ باشلىق ۋە پوپلىرى بىزنىڭ ئىمپىراتۇرىمىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:

- ئى پادىشاھ! بىز ۋە بالىلىرىمىزغا بىر ئۆمۈر چاپلىشىۋالغان نېمە رەسۋاچىلىق بۇ؟ بىز مۇسۇلمانلار توغرىسىدا نۇرغۇن سۆز ئاڭلىغان. ئۇلارنىڭ شەرىق تەرەپتىن بىزگە باستۇرۇپ كېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدۇق، مانا ھازىر ئۇلار غەرىپ تەرەپتىن باستۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇلار پۈتكۈل ئىسپانىيەنى ئىگەللەپ بولدى. ئۇلار بارلىق ھازىرلىقلارغا ئىگە بولۇپ، بىز ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تاغ چۇققىسىغا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ سانى ئاز، قۇراللىرى يارامسىز. نۇرغۇنلىرى ئۆزىنى قېلىچتىن قوغدايدىغان بىر تال قالقان ياكى جەڭ مەيدانىغا مىنىپ كىرىدىغان ئاتقا ئىگە ئەمەس، - دېيىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

- سىلەرنى بىئارام قىلغان ئىشلار ئۈستىدە مەن كۆپ ئويلاندىم، ئۇزاق مۇلاھىزە يۈرگۈزدۈم. ئاخىرى ئۇلارنىڭ بۇ قېتىملىق ھۇجۇمىغا قارشى تۇرماسلىقنى توغرا تاپتىم. ئۇلار ھازىر يولنى توسقان ھەر بىر نەرسىنى قۇمۇرۇپ، كۆتىرىپ ئاپىرىپ خالىغان يەرگە تاشلايدىغان شىددەتلىك كەلكۈنگە ئوخشايدۇ. مەن شۇنى تونۇپ يەتتىمكى، ئۇلارنىڭ سانىنىڭ ئازلىقى، تەييارلىقىنىڭ يېتەرسىزلىكىنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغىنى- ئىتىقات ۋە نىيەت. ساۋۇت- دۇبۇلغىلارنىڭ ۋە ئاتنىڭ ئورنىدا تۇرىدىغىنى ئىنساپ ۋە سەمىمىيەت ئىكەن. سىلەر ھازىر ئۇلارنى قويىۋېتىڭلار، ئۇلارنىڭ قوللىرى غەنىمەتلەرگە تولسۇن. ئۆزلىرىگە قەسىر سارايلارنى سالدۇرسۇن، خىزمەتچى دېدەكلەرنى كۆپ ئىشلەتسۇن، ئۆز- ئار ھۇقۇق تالاشسۇن. مانا شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئاسان يول بىلەن كۆپ بەدەل تۆلىمەي ئۇلارنى يېڭىسىلەر.» ئەھۋال مۇشۇنداق بولغاچقا، ئىمپىراتۇرىمىز سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئالدىرىمىدى، - دېدى جاۋابەن.

ئابدۇررەھمان بۇنى ئاڭلاپ، ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قايغۇ بىلەن يەرگە قارىدى.سورۇن تارقالدى. ئابدۇررەھمان:

- نامازغا بارايلى، ناماز ۋاقتى يېقىنلاپ قالدى، - دېدى.

*                     *                     *

ئابدۇررەھمان غافىقى بۈيۈك ئۇرۇشقا تۇلۇق ئىككى يىل تەييارلىق قىلدى، ئاندىن قۇشۇنلارنى رەتكە سېلىپ تەييارلىدى. ئەمىردىن ئافرىقىغا ئەسكەر چىقىرىشنى تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇ جىھادقا قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان، شەھىدلىكنى قاتتىق ئارزۇ قىلىدىغان قۇشۇننىڭ جەۋھىرىنى ياردەمگە ئەۋەتتى. ئاندىن ئابدۇررەھمان چىگرىدىكى ئەمىر- ئوسمان ئىبنى ئەبۇ نۇسىئەگە چوڭ قۇشۇن بېرىپ بولغىچە، ئۆز ئەسكەرلىرى بىلەن دۈشمەننى ئالداپ تۇتۇپ تۇرۇشقا بۇيرۇپ ئادەم ئەۋەتتى. لېكىن ئوسمان ھەسەتخور، ئىچى تار ئادەم ئىدى. ئۇ فىرانسىيەگە قىلغان ئىلگىرىكى ھۇجۇملىرىنىڭ بىرىدە، ئوكتانىيە كىنەزىنىڭ مىينىن دەپ ئاتىلدىغان قىزىغا ئېرىشكەن بولۇپ، مىينىن كېلىشكەن، ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان، تەڭداشسىز گۈزەل بولۇپ، ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە يۇقىرى مەرتىۋىلىك شان- شەرىپى قوشۇلغان، تەبىئىتىگە ياشلىقنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ساراي قىزلىرىنىڭ لاتاپىتى سىڭىپ كەتكەن ساھىپجامال ئىدى. ئوسمان ئىبنى ئەبۇ نۇسىئە ئۇنىڭغا چن دىلىدىن بېرىلىپ ئاشىق بولدى ۋە ئۇنى ناھايىتى ھۆرمەتلىدى. بۇ قىز ئوسماننى دادىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە ئالدىدى. ئوسمان ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئۇنى ئىسپانىيە چىگرىسىغا تۇتىشىدىغان رايۇنلارغا مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن خاتىرجەم قىلدى. قېيناتىسى- ئوكتانىيە كىنەزىنىڭ يۇرتىغا ھۇجۇم قىلىش توغرىلىق ئابدۇررەھمان غافىقىنىڭ بۇيرىغى كەلگەندە، ئۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي، بېشى تازا قاتتى. ئۇ ئۇيان ئويلاپ- بۇيان ئويلاپ، ئاخىرى ئابدۇررەھمان غافىقىغا ئوكتانىيە كىنەزىنىڭ كېلىشىمنىڭ ۋاقتى توشمىغىچە بۇزالمايدىغانلىغى توغرىلىق خەت يازدى. ئابدۇررەھمان غافىقىنىڭ تازا ئاچچىقى كەلدى ۋە مۇنداق دەپ خەت ئەۋەتتى:

«سېنىڭ ئەمىرگە بىلدۈرمەي ئۆز ئىختىيارىڭچە فىرانسىيەلىكلەر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىڭگە ئۇ ئەمەل قىلمايدۇ، مۇسۇلمانلار قۇشۇنىمۇ ئەمەل قىلمايدۇ. سەن ئىككىلىنىپ توختاپ قالماستىن، مېنىڭ بۇيرۇغۇمنى ئىجرا قىل».

ئوسمان ئەمىرنى ئىرادىسىدىن ياندۇرۇشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن، بولغان ئىشلارنى خەۋەر قىلىپ، دۈشمەندىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندەپ قېيناتىسىغا خەت ئەۋەتتى. ئابدۇررەھماننىڭ پايلاقچىلىرى ئوسمان ئىبنى ئەبۇ نۇسىئەنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭ دۈشمەن بىلەن ئالاقىلاشقانلىغىنى ئەمىرگە يەتكۈزدى. غافىقى تېزلىك بىلەن تەجرىبىلىك بىر باتۇرنى قۇماندان قىلىپ، كۈچلۈك، زەبەردەست پالۋانلاردىن تاللانغان بىر قۇشۇن تەييارلاپ، ئۇلارنى ئوسمان ئىبنى ئەبۇ نۇسىئەنىڭ تىرىك ياكى ئۆلىكىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن يولغا سالدى. بۇ قۇشۇن ئوسماننىڭ بارگاھىنى سەزدۈرمەستىن قورشىۋالدى. ئەگەر ئاخىرىقى مىنۇتلاردا ئوسمان سېزىۋالمىغان بولسا، ئۇنى قولغا چۈشۈرگىلى ئاز قالغان ئىدى. ئوسمان بىر قانچە ئادىمى بىلەن تاغقا قاراپ قاچتى. يېنىدىن ئايرىمايدىغان، دۇنيادا ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان گۈزەل ئايالى مىينىنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى. قۇشۇن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ، ئۇلارنى قورشىۋالدى. ئوسمان ئۆزىنى ۋە ئايالىنى يولۋاس بالىلىرىنى قوغدىغاندەك قوغداپ جەڭ قىلىپ، ئاخىرى يېقىلدى. ئۇنىڭ بەدىنىدىكى قېلىچ تەككەن، نەيزە سانچىلغان جايلار ھېساپسىز ئىدى. ئەسكەرلەر ئۇنىڭ بېشىنى كېسىپ، چىرايلىق ئايالى بىلەن بىرگە ئابدۇررەھمان غافىقىنىڭ يېنىغا ئېلپ باردى. ئۇ ئايال ئابدۇررەھماننىڭ يېنىغا كىرگەندە، ئابدۇررەھمان ئۇنىڭ تەڭداشسىز گۈزەللىكىنى كۆرۈپ كۆزىنى يۇمىۋالدى ۋە ئۇنىڭدىن يۈزىنى ئۆرىۋالدى. ئاندىن ئۇنى سوۋغات سۈپىتىدە، خەلىفىلىك مەركىزىگە ئەۋەتتى. بۇ فىرانسىيەلىك خېنىمنىڭ ھاياتى دەمەشىقتە ئۇمەۋىيلەر خەلىفىلىكىنىڭ ھەرەمخانىسىدا ئۆتتى.

*                     *                     *

ئەنگىلىيىلىك شائىر مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنىڭ ئىسپانىيەنى ئىشغال قىلىپ بولغاندىن كېيىنكى ھالىتىنى تەسۋىرلەپ، مۇنداق دەيدۇ:

- «ئەرەپ، بەربەر، پارىس، قىبتى، تاتار... لاردىن بولغان ھېساپسىز ئادەم بىر بايراق ئاستىغا قوشۇلدى. ئۇلارنى ئىمان، مەردلىك، جاسارەت، ئوت يالقۇنىدەك لاۋۇلداپ تۇرغان قىزغىنلىق، ھېچقانداق ئىنسان پەرقلەنمەيدىغان ئاجايىپ قېرىنداشلىق بىرلەشتۈردى.

ئۇلارنىڭ قۇماندانلىرى غەلبە خۇشاللىقىغا چۆمگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ غەلبىگە بولغان ئىشەنچىسى جەڭچىلەرنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. ئۇلار ئاشۇنداق تۇسالغۇسىز كۈچ بىلەن روھى ئۈستۈن ئىدى. ئەسكەرلىرىمىز مۇشۇنداق جاسارەت بىلەن ھېرىپ- چارچىمايدۇ، دەپ ئىشىنەتتى. بۇ ئەسكەرلەر دەسلەپتىكىگە ئوخشاشلا، لاۋۇلداپ تۇرغان يانغىن ئىدى. ئۇلار شۇنداق ئىتىقات قلاتتىكى، قەدەملەر ھەركەتلەنسە غەلبە، نۇسرەت بار، غەرىپمۇ يېڭلىپ شەرىققە ئوخشاش بولىدۇ. باشلار مۇھەممەد(ئۇنىڭغا الله نىڭ سالامى بولسۇن)نىڭ ئىسمىنى ئولۇغلاپ ئىگىلىدۇ، ھەتتا ئەرەپ چۆلىگە تارقالغان قىزىق قۇملارغا ئىمانى قەدەملەر بىلەن دەسسەش ئۈچۈن، شىمالى قۇتۇپنىڭ ئەڭ چېتىدىن ھەج قىلغۇچىلار ماڭىدۇ، مەككىنىڭ تاشلىقلىرى ئۈستىدە تۇرىدۇ.»

ھەي شائىر! سەن ھەقىقەتەن خاتالاشمىدىڭ! سېنىڭ ئەجدادىڭنى جاھالەت پاتقىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ماڭغان، مۇجاھىد قۇماندانلار رەھبەرلىك قىلغان قۇشۇن دەل سەن سۈپەتلىگەندەك ئىدى. ئۇلار ئىچىدە الله بىلەن كۈچلەنگەن، شام، ھىجاز، نەجدى، يەمەن ۋە ئەرەپ ئارىلىدىكى ھەر بىر ئورۇندىن كەلگەن ئەرەپلەر سىلەرگە خۇددى توختاۋسىز بۇران يۈرۈش قىلغاندەك يۈرۈش قىلغان، ئىسلام بىلەن ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەن بەربەرلەر ئاتلاش تاغلىرى ئۈستىدىن سىلەرگە شىددەتلىك كەلكۈندەك بېسىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە شاھلارغا چۇقۇنۇش ئىدىيىسىدىن جاق تويغان، ئىسلامنىڭ توغرا يولىغا قايتىپ كەلگەن پارىسلار، سەن دېگەندەك ئايرىلىپ چىققان رۇملۇقلار بار، لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ ئايرىلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى زۇلۇم ۋە زالالەتكە چىدىماي ئايرىلىپ چىقىپ، ئاسمان ۋە زېمىننىڭ نۇرىغا يۈزلەنگەن، توغرا، ھەققانى دىنغا ئەگەشكەن ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە رۇم شاھلىرىغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئانىسىدىن ئەركىن تۇغۇلغاندەك ئەركىن ياشاش ئۈچۈن ئىسلام قوينىغا كىرگەن قىبتىلەر بار ئىدى.

شۇنداق، ئابدۇررەھمان غافىقى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى قۇماندانلار ئەجدادلىرىڭنى جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يېتەكچىلىك قىلغان قۇشۇندا، ئاق تەنلىك، قارا تەنلىك، ئەرەپ ۋە غەيرى ئەرەپلەر بار ئىدى. لېكىن ئۇلار ئىسلامنىڭ داشقازىنىدا ئېرىپ تاۋلىنىپ، الله نىڭ نىئمىتى بىلەن قېرىنداشقا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن نىشانى- سەن ئېيتقاندەك- پۈتۈن غەرىپنى بۇرۇن شەرىقنى كىرگۈزگەندەك الله نىڭ دىنىغا كىرگۈزۈش، پۈتۈن ئىنسانىيەتنى بىر ئىلاھقا باش ئەگدۈرۈش، پۈتكۈل زېمىنلارغا ئىسلام نۇرىنى تارقىتىش، ئىسلام قۇياشىنى ھەر بىر ئائىلىدە يۇرۇتۇش، ئىسلام ئادالىتى ئارقىلىق شاھ ۋە پۇقرالارنىڭ ئوتتۇرىسىنى باراۋەر قىلىش... ئىدى. ئۇلار سىلەرنى الله نىڭ ھىدايىتىگە باشلاش، دەۋزەختىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز جانلىرىنى تەقدىم قىلىشقا بەل باغلىغان ئىدى.

*                     *                     *

ئەمدى سىلەرگە بۇ قۇشۇننىڭ يەنە بىر ۋەقەلىكىنى ۋە تەڭداشسىز قەھرىمان غافىقىنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىمىز:

كۈيئوغلى ئوسمان ئىبنى ئەبۇ نۇسىئەنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ۋە چىرايلىق قىزى مىينىننىڭ ئاقىۋىتى توغرىسىدىكى قايغۇلۇق خەۋەرلەر ئوكتانىيە كىنەزىگە يېتىپ باردى. ئۇ جەڭ دۇمباقلىرىنىڭ چۇقۇم چېلىنىدىغانلىغىنى تونۇپ يەتتى، ئىسلام يولۋىسى ئابدۇررەھمان غافىقىنىڭ پات- ئارىدا دىيارىغا باستۇرۇپ كېلىدىغانلىغىغا ئىشەندى. شۇنىڭ بىلەن ھەر بىر غېرىچ زېمىننى جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ قوغداشقا ھازىرلىق كۆردى، ئۆزىنى ۋە يۇرتىنى قوغداش ئۈچۈن جانپىدالىق بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئاخىرىدا شامدىكى خەلىفىلىك مەركىزىگە قىزى ئاپىرىلغاندەك ئەسىر سۈپىتىدە ئاپىرىلىشىدىن، ياكى بۇرۇن ئىسپانىيە پادىشاسى لوزەرىفنىڭ كاللىسى سازايى قىلىنغاندەك، دەمەشىق كوچىلىرىدا تاۋاققا ئېلىنىپ سازايى قىلىنىشىدىن ئەنسىرەيتتى.

ئابدۇررەھمان كىنەزنىڭ گۇمانىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ زور قۇشۇن بىلەن ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىن گۇيا قارا بوراندەك يولغا چىقتى. فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىغا فىرنىيھە تاغلىرى ئۈستىدىن كەلكۈندەك باستۇرۇپ كەلدى. پۈتۈن قۇشۇننىڭ سانى يۈز مىڭ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ۋۇجۇدىدا يولۋاسنىڭ يۈرىكى، جىسمىدا يېڭىلمەس، قۇدرەتلىك كۈچ بار ئىدى. ئىسلام قۇشۇنى رون دەريا ساھىلىغا جايلاشقان ئارىل شەھرىگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار مۇسۇلمانلار بىلەن ئۇلارغا جىزىيە تاپشۇرۇش توغرىسىدا سۈلھى تۈزۈشكەن بولسىمۇ، سەمھە ئبىن مالىك خەۋلانى تولۇز جېڭىدە شەھىد بولغان، مۇسۇلمانلار مۇسىبەت قايغۇسى بىلەن قالغان ۋاقىتتا، ئارىل ئاھالىسى ئاسىيلىق قىلىپ كېلىشىمنى بۇزۇپ، جىزىيە تۆلەشكە قارشى چىقتى. ئابدۇررەھمان غافىقى شەھەر ئەتراپىغا يېتىپ كەلگەندە، ئوكتانىيە كىنەزىنىڭ شەھەر سىرتىدا زور كۈچ تەييارلىغانلىغىنى بىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، ئىككى قۇشۇن يۈزمۇ- يۈز ئۇچراشتى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قانلىق جەڭ بولدى. ئابدۇررەھمان دۈشمەن ئىچىگە دۈشمەنلەر ھاياتلىقنى ياخشى كۆرگەندىن بەكرەك ئۆلۈمنى ياخشى كۆرىدىغان مۇجاھىدلار قۇشۇنىنى ئەۋەتتى. ئۇلار دۈشمەننىڭ غەيرىتىنى بۇشاشتۇرۇپ، سەپلىرىنى بۇزدى. مۇسۇلمانلار قۇشۇنى شەھەرگە جەڭ بىلەن كىردى. شەھەردە قاتتىق قىرغىنچىلىق بولدى، ھېساپسىز غەنىمەتلەر ئېلىندى. كىنەز ھايات قالغان ئەسكەرلىرى بىلەن قېچىپ كەتتى ۋە مۇسۇلمانلار قۇشۇنى بىلەن قايتا تۇتۇشۇش ئۈچۈن تەييارلىق قىلشقا باشلىدى ئۇ ئارىل جېڭى باشلىنىش بولۇپ، ئاخىرلىشىش ئەمەسلىكىنى بىلەتتى.

ئابدۇررەھمان غافىقى قۇشۇنى بىلەن جارۇن دەرياسىدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ غالىپ قۇشۇنى ئوكتانىيە رايۇنىنى ئوڭ ۋە سولدىن ئايلىنىپ كۆزىتىشكە باشلىدى. شەھەر ۋە قىشلاقلار ئۇلارنىڭ ئاتلىرىنىڭ تۇۋاقلىرى ئاستىدا كۆز پەسلىدە يۇپۇرماق بۇراندا ئېگىلگەندەك باش ئەگدى. مۇسۇلمانلار بۇرۇنقى غەنىمەتلەرگە بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان دەرىجىدىكى ھېساپسىز غانىمەتلەرنى قوشتى. ئوكتانىيە كىنەزى يەنە بىر قېتىم بۇ زور قۇشۇنغا قارشى تۇرماقچى بولۇپ، مۇسۇلمانلار بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلدى، لېكىن ئۇزاق ئۆتمەيلا، مۇسۇلمانلار قۇشۇنى تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ، قۇشۇنلىرى ئومۇميۈزلۈك تار- مار قىلىندى.

ئاندىن مۇسۇلمانلار ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى ۋە ئوكتانىيەنىڭ پايتەختى- بوردۇ شەھرىگە قاراپ ماڭدى. مۇسۇلمانلار بۇ يەرنىڭ قۇماندانى بىلەن بۇرۇنقى جەڭلەردىن ھەرگىز قېلىشمايدىغان دەرىجىدە شىددەتلىك جەڭ قىلدى. جەڭدە ھەر ئىككى تەرەپ كىشىنىڭ ھەيرانلىقىنى قوزغىغۇدەك دەرىجىدە جانپىدالىق كۆرسىتىشتى. لېكىن بۇ چوڭ شەھەرمۇ باشقا بويسۇنغان شەھەرلەرگە ئوخشاشلا، ئۇزاققا بارماي مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشتى، قۇماندانى جەڭدە ئۆلتۈرۈلدى. مۇسۇلمانلار نۇرغۇن ئېسىل غەنىمەتلەرنى ئالدى. بوردۇ شەھرى باشقا نۇرغۇن مۇھىم شەھەرلەرنى قولغا ئېلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. بۇلارنىڭ مۇھىمى: لىيون، بىزاسون ۋە سانىس شەھەرلىرى بولۇپ، سانىستىن پارىژغا يۈز مىڭدەك مۇساپە قالاتتى.

بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا فىرانسىيەنىڭ جەنۇبى يېرمىنىڭ ئابدۇررەھمان غافىقىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشى پۈتۈن ياۋرۇپانى تەۋرىتىۋەتتى. ھەر بىر ئورۇندا ئاجىز، كۈچلۈك ھەممىسىنى شەرىقتىن كېلىۋاتقان بۇ قورقۇنچلۇق خەتەرگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرىش چۇقانلىرى كۆتۈرۈلدى. ئۇلار بىر- بىرىنى قېلىچ ئەسقاتمىسا كۆرەكلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا، ھېچقانداق قۇرال ئەسقاتمىسا ئۇلارنىڭ ئالدىنى جەسەتلەر بىلەن توسىۋېلىشقا چاقىراتتى. بارلىق كىشىلەر تاش- توقماق، شاخ- شۇمبا، قۇرال- ياراق ئېلىپ شارىل مارتىننىڭ بايرىقى ئاستىغا قوشۇلدى.

شۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار قۇشۇنى فىرانسىيە شەھەرلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىنقىسى «تورس (Tours)»غا يېتىپ كەلگەن ئىدى. بۇ شەھەرنىڭ ئاھالىسى كۆپ، مۇداپىئەسى كۈچلۈك، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ شەھەر ئەڭ نەپىس نەرسىلەر ۋە قىممەتلىك ئاسارە- ئەتىقىلەر بىلەن ئاجايىپ بىزەلگەن، ئېگىز، بەھەيۋەت چىركاۋلىرى بىلەن ياۋرۇپانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدىن ئۈستۈن تۇراتتى. مۇسۇلمانلار بۇ شەھەرنى قاتتىق مۇھاسىرە قىلدى ۋە شەھەرنى ئازات قىلىش ئۈچۈن جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ كۈرەش قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ شەھەرمۇ شارىل مارتىننىڭ كۆز ئالدىدىلا مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.

ھىجىرىيەنىڭ 104- يىلى شەئبان ئېيىنىڭ ئاخىرى ئابدۇررەھمان غافىقى زور قۇشۇن بىلەن بۇۋاتىھ شەھرىگە قۇشۇن تارتىپ كەلدى. بۇ يەردە شارىل مارتىن قۇماندانلىغىدىكى ياۋرۇپا قۇشۇنى بىلەن ئۇچراشتى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ھەل قىلغۇچ جەڭلەر بولدى. بۇنداق جەڭ ئىنسانىيەت تارىخىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن بولۇپ، «شەھىدلەر مەيدانى جېڭى» دەپ ئاتالدى.

شۇ كۈنلەردە مۇسۇلمانلار قۇشۇنى شانلىق غەلبىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىدى. لېكىن يامغۇر تۆكۈلگەندەك كېلىۋاتقان غەنىمەتلەر ئۇلارغا يۈك بولۇۋاتاتتى. ئابدۇررەھمان غافىقى بىئارام بولۇپ، چەكسىز بايلىققا ئەنسىرەش نەزىرى بىلەن قارىدى، مۇسۇلمانلارغا كېلىدىغان خەۋپتىن ئەنسىرىدى. ئۇ ئەسكەرلەر دۈشمەن بىلەن ئۇچراشقان جىددى مىنۇتلاردا كۆڭۈللەرنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىدىن، بىر كۆزى دۈشمەندە، بىر كۆزى ئارقىسىدىكى غەنىمەتتە بولۇپ قېلىشىدىن خاتىرجەم بولالمايتتى. ئۇ ئەسكەرلەرنى بۇ زور بايلىقلارنى تاشلاپ كېتىشكە بۇيرىماقچىمۇ بولدى، لېكىن بۇ خەتەرلىك قارارغا ئۇلارنىڭ قايىل بولماي قېلىشىدىن، بۇ قىممەتلىك بايلىقتىن ئايرىلىشقا كۆڭۈللىرى ئۇنىماسلىقىدىن ئەنسىرىدى. ئاخىرى بۇ ماللارنى جەڭ باشلىنىشتىن بۇرۇن بارگاھنىڭ ئارقىسىدىكى مەخسۇس چېدىرلارغا جۇغلاشتىن باشقا يول تاپالمىدى.

ئىككى تەرەپ گۇيا ئىككى تاغ تىزمسى بىر- بىرىگە ئۇدۇل قارىشىپ تۇرغاندەك، بىر قانچە كۈن بىر- بىرنى كۈتۈپ جىمجىت سۈكۈتتە تۇرۇشتى. بۇ خىل ھالەت ئۇزارغانسېرى ئابدۇررەھمان غافىقى ئەسكەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا غەيرەت ۋە جاسارەتنىڭ قايناۋاتقانلىغىنى بىلدى- دە، ئەسكەرلەرنىڭ مۇشۇ سۈپەتلىرىگە ئاساسەن، دۈشمەنگە دەسلەپ ھۇجۇم قىلىشنى، بۇنىڭ غەلبىگە ئېرىشىشنىڭ بىشارىتى بولۇشنى تاللىدى. ئابدۇررەھمان چەۋەندازلىرى بىلەن دۈشمەن سېپىگە شىددەت بىلەن باستۇرۇپ كەلدى. ياۋرۇپالىقلار تەۋرەنمەس تاغقا ئوخشاش تەۋرەنمەي قارشى تۇردى. ئىككى تەرەپ قاراڭغۇ چۈشكىچە توختىماي جەڭ قىلدى. بىرىنچى كۈنى يېڭىش- يېڭىلىش ئايرىلماي ئۆتۈپ كەتتى. ئەتىسى تاڭ يۇرىغاندا جەڭ يەنە باشلاندى. مۇسۇلمانلار دۈشمەنگە شىددەت بىلەن ئېتىلدى، لېكىن ئۇلارنى تەۋرىتەلمىدى. جەڭ مۇشۇ ھالەتتە يەتتە كۈن داۋام قىلدى. 8- كۈنى مۇسۇلمانلار دۈشمەنگە بىراقلا ھۇجۇم قوزغاپ، ئۇلارنىڭ سېپىدىن يۇچۇق ئاچتى، قاراڭغۇلۇق ئارىسىدىن تاڭ نۇرى كۆرۈندى. مۇشۇ پەيتتە، دۈشمەننىڭ بىر بۆلۈك قۇشۇنى غەنىمەت بارگاھىغا ھۇجۇم قىلدى. مۇسۇلمانلار غەنىمەتلىرىنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىغىنى كۆرۈپ، نۇرغۇنلىرى ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئارقىغا چېكىندى. شۇنىڭ بىلەن قۇشۇن پارچىلىنىپ، بىرلىك بۇزۇلدى، غەيرەت، جاسارەت بۇشاشتى. بۈيۈك قۇماندان چېكىنگۈچىلەرنى قايتۇرۇشقا، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى توسۇشقا، يۇچۇقنى ئېتىشكە بۇيرۇق قىلدى. ئىسلام قەھرىمانى ئابدۇررەھمان غافىقى قوڭۇر تۇلپارنىڭ ئۈستىدە جەڭ مەيدانىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ جىددى جەڭ قىلىۋاتقاندا ئوق تېگىپ، خۇددى بۈركۈت تاغ چوققىسىدىن پەسكە شۇڭغۇغاندەك ئېتى ئۈستىدىن شەھىد بولۇپ يېقىلدى. بۇنى كۆرۈپ مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى ئالاقزادىلىك ۋە چۆچۈش قاپلىدى. دۈشمەننىڭ ھۇجۇمى كۈچەيدى، ئۇلارنى پەقەت قاراڭغۇنىڭ چۈشىشىلا توسۇپ قالدى. تاڭ يۇرىغاندا شارىل مارتىن مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنىڭ بۇۋاتىھتىن چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى بىلدى. لېكىن ئۇ چېكىنىشنىڭ كېچىسى پىلانلانغان ھىلە- نەيرەڭ بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئاشۇ غەلبىسى بىلەن بولدى قىلىپ، مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنىڭ كەينىدىن قوغلىمىدى.

شەھىدلەر مەيدانى كۈنى تارىختا ناھايىتى مەشھۇر كۈن بولدى. بۇ كۈندە مۇسۇلمانلار ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ يۈكسەك ئارزۇلىرىنى يۇقاتتى. ئەڭ ئۇلۇغ قەھرىماننىڭ بىرىدىن ئايرىلدى. بۇ كۈندە ئوھۇد كۈنىدىكى تىراگىدىيە قايتا تەكرارلاندى.

بۇ الله نىڭ مەخلۇقلار ئىچىدىكى قانۇنىيىتى.الله نىڭ قانۇنىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

شەھىدلەر مەيدانى كۈنىدىكى پاجىئە پۈتكۈل مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى قاتتىق تەۋرىتىۋەتتى. دىللار شىددەتلىك تىترىدى. پۈتكۈل شەھەر، كەنت ۋە ھەر بىر ئائىلىنى غەم- قايغۇ قاپلىدى. بۇ ئەجەللىك جاراھەت ھەتتا بۈگۈنگە قەدەر بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنى خۇن قىلىپ كەلمەكتە. يەر يۈزىدە مۇسۇلمانلار بولىدىكەن، ھەم مەڭگۈ شۇنداق بولىدۇ.

بۇ چوڭقۇر جاراھەت پەقەت مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىنىلا ئازاپلىدىمىكىن دەپ قاراپ قالماڭ، بۇنىڭغا ياۋرۇپالقىلارنىڭ ئاقىللىرىدىن بىر بۆلۈك كىشىلەرمۇ ئورتاق. ئۇلار ئەجدادلىرىنىڭ بۇۋاتىھتە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىغىنى پۈتۈن دۇنيانى ئەلەمدە قويغان چوڭ مۇسىبەت، ماھىيەتتە ياۋرۇپاغا كەلگەن كاتتا زىيان، مەدەنىيەتكە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق دەپ قارايدۇ. ئەگەر شەھىدلەر مەيدانى كۈنىدىكى پاجىئە توغرىسىدا يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ كۆز قارىشىنى ئاڭلاپ بېقىشنى خالىسىڭىز، فىرانسىيەدە چىقىدىغان «رىيگى بارلىمنتر» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى- ھىندى دىشامبونىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ:

- ئەگەر ۋەھشى شارىل مارتىننىڭ قۇشۇنى فىرانسىيەدە مۇسۇلمانلار قۇشۇنىنى مەغلۇپ قىلمىغان بولسا، ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ قاراڭغۇلۇقىغا گىرىپتار بولمىغان، (ئوتتۇرا ئەسىر دېگىنىمىز- 476- يىلدىن 1500- يىلغىچە بولغان زۇلمەتلىك يىللار) شۇ سەۋەپلىك ئېچىنىشلىق مۇسىبەتكە ئۇچرىمىغان، دىنى مەزھەپ توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان مىللى قىرغىنچىلىققا پېتىپ قالمىغان بولاتتى. ئەگەر بۇۋاتىھتە مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن قەبىھلك بىلەن غەلبە قىلىش بولمىغان بولسا، ئىسپانىيە ئىسلام قوينىدا بەخىتلىك ياشىغان بولاتتى، تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سەتچىلىكىگە پېتىپ قالمايتتى، مەدەنىيەت تەرەققىياتى سەككىز ئەسىر كېچىكمەيتتى. بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن غەلبە قىلغانلىغىمىز توغرىسىدىكى ھېسىيات جەھەتتىكى توقۇنۇش قانچىلىك ئوخشىمىسۇن، بىز ئىلىم- مەرىپەت، سانائەت، پەن- تېخنىكا جەھەتتىكى مەدەنىيەت نەتىجىلىرىمىز ئالدىدا مۇسۇلمانلارغا قەرىز. شۇنداقلا بىز ئۇنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمىزكى، بىز ياۋايىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، مۇسۇلمانلار ھەقىقى مۇكەممەل ئىنساننىڭ ئۈلگىسى بولغان. بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تارىخ ئەسلىگە قايتتى. مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى دەۋىردە بىزنىڭ ئوتتۇرا ئەسىرلەردىكى ھالىتىمىزگە قايتتى دېيىشىمىز- تۆھمەت. مۇسۇلمانلار ھازىرقى ھالىتىدىمۇ بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ھالىتىمىزدىن نەچچە ھەسسە ئىلغار.



"تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانما" ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.



qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-18 17:31:11

ئەلا !

yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-2-18 19:17:25

«قۇستانتىنىيە چۇقۇم ئازات قىلىنىدۇ. شۇ قۇشۇن ھەقىقەتەن ياخشى قۇشۇن، ئۇنىڭ قۇماندانى ھەقىقەتەن ياخشى قۇماندان.»)



ماۋۇ جۈملە فەتىھ دېگەن كىنودىمۇ چىقىدۇ...كىنودا كونىستاتىنپول دەپ چىقىدۇ،ماۋۇ تېمىدا فۇستانتىنىيە دەپتۇ..قايسىسى

توغرا؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 00:33:12

ساھابىلار ھاياتىدىن تاللانما، تابىئىنلار ھاياتىدىن تاللانمىلار، دېگەن كىتابلارنىڭ مەنبەسى، سەنەدى، سەھىھ - زەئىفلىكى ئېنىق ئەمەس. شۇڭا، دىققەت قىلغۇلۇق.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 05:55:13

2- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«قۇستانتىنىيە چۇقۇم ئازات قىلىنىدۇ. شۇ قۇشۇن ھەقىقەتەن ياخشى قۇشۇن، ئۇنىڭ قۇماندانى ھەقىقەتەن ياخشى قۇماندان.»)



ماۋۇ جۈملە فەتىھ دېگەن كىنودىمۇ چىقىدۇ...كىنودا كونىستاتىنپول دەپ چىقىدۇ،ماۋۇ تېمىدا فۇستانتىنىيە دەپتۇ..قايسىسى

توغرا؟

ئەسلى ھەدىستە «قسطنطىنىه» دەپ يېزىلغان، بۇ يەردە ق ھەرپى ئىملا خاتالىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك ف يېزىلىپ قاپتۇ.

«قسطنطىنىه»  قوستانتىنىيە دەپ ئوقۇلىدۇ.

ئەسلى گىرىك تىلىدىمۇ Constantinoúpolis  ... (قونستانتىنوپولىس) دەپ ئوقۇلاتتى.

تۈركلەر ئۆزىنىڭ تىلىدىكى «ق» تاۋۇشىنى يوق قىلىۋېتىپ، كونىستانتىنوپولىس دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغان بولۇۋالدى...


بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ تارىخىي نام قەدىمكى گىرىك تىلىدا قونستانتىنوپولىس، ئەرەبچىدە قوستانتىنىيە، تۈركچىدە كونستانتىنىيە.... دەپ ئوقۇلىدۇ....


yarzat يوللانغان ۋاقتى 2013-2-19 19:28:57

4- قەۋەتتىكى birhonنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى yarzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

«قۇستانتىنىيە چۇقۇم ئازات قىلىنىدۇ. شۇ قۇشۇن ھەقىقەتەن ياخشى قۇشۇن، ئۇنىڭ قۇماندانى ھەقىقەتەن ياخشى قۇماندان.»)



ماۋۇ جۈملە فەتىھ دېگەن كىنودىمۇ چىقىدۇ...كىنودا كونىستاتىنپول دەپ چىقىدۇ،ماۋۇ تېمىدا فۇستانتىنىيە دەپتۇ..قايسىسى

توغرا؟

ئەسلى ھەدىستە «قسطنطىنىه» دەپ يېزىلغان، بۇ يەردە ق ھەرپى ئىملا خاتالىقى سەۋەبىدىن بولسا كېرەك ف يېزىلىپ قاپتۇ.

«قسطنطىنىه»  قوستانتىنىيە دەپ ئوقۇلىدۇ.

ئەسلى گىرىك تىلىدىمۇ Constantinoúpolis  ... (قونستانتىنوپولىس) دەپ ئوقۇلاتتى.

تۈركلەر ئۆزىنىڭ تىلىدىكى «ق» تاۋۇشىنى يوق قىلىۋېتىپ، كونىستانتىنوپولىس دەپ تەلەپپۇز قىلىدىغان بولۇۋالدى...


بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ تارىخىي نام قەدىمكى گىرىك تىلىدا قونستانتىنوپولىس، ئەرەبچىدە قوستانتىنىيە، تۈركچىدە كونستانتىنىيە.... دەپ ئوقۇلىدۇ....




ئەمدى چۈشىنىۋالدىم...رەھمەت سىزگە.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-20 11:46:04

تەسىرلىك ئىبارىلەركەن
بەت: [1]
: ئىسپانىيەنىڭ ئەمىرى __ ئابدۇرەھمان غافىقى