بالىنى سەئۇدىغا ئېلىپ چىقىشتىن ياردەم
مۇنداق بىر ئىشتىن مەسلىھەت سوراي دېۋىدىم.
ئاچام بىلەن يولدىشى ئىقامەت بىجىرىپ، ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ مەككە شەھىرىدە تۇرىۋاتقان ئىدى. بۇ يىل قىزىنىمۇ مەككىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ يېنىدا تۇرغۇزماقچى بولغانىدى، بىراق، ئامال بولمىدى. قىزىنىڭ پاسپورتىمۇ بار، بۇ يىل 15 ياشقا كىردى. ئۇلار سۈرۈشتە قىلسا، ئون ياشتىن كىچىك ياكى 18 ياشتىن چوڭ بالىلارنىڭ مەككىگە چىقىشىغا يول بارمىش.
مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر ياكى پايدىلىق گەپلەر بولسا ئاڭلاي دېۋىدىم.
پاسپورتى بار...«ئون ياشتىن كىچىك ياكى 18 ياشتىن چوڭ بالىلارنىڭ مەككىگە چىقىشىغا يول بارمىش»
يەرلىك سىياسەتمىدۇ بۇ؟ ئىقامەت دىگەن نىمە گەپ؟ {:106:}
2- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىقامەت دىگەن نىمە گەپ؟![]()
شۇنىمۇ ئۇقمامسەن


2- قەۋەتتىكى matuنىڭ يازمىسىدىن نەقىلتاڭ، دىنارچىلار بىلەن ئارىلاشمىغاندىكىن بىلمەپتىمەن.
ئىقامەت دىگەن نىمە گەپ؟
ئىقامەت دېگەن \"ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى\". 暂住证 دېگەن نەرسە نەخ شۇ.

9- قەۋەتتىكى otunchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئىقامەتنى ئۇيغۇرچە ئتىغىلى بولمامدىكىنە يامان بولامۇ يا؟
ئاقما نوپۇس، ئاقما پاسپورت
بۇيەردە تۇرىۋاتقىلى بىر يىل بولغان بولسا ، بۇيەردىكىلەر ئوبدانراق بىلىدۇ .
10 ياشتىن تۆۋەن بولسا ، ئانا پاسپورتقا چاپلاغلىق بولسا ۋىزا قويدۇرالايدۇ.
22 ياشتىن يۇقىرى بولسا ئاندىن ئىقامەت قويدۇرالايدۇ . (22 ياشتىن تۆۋەنلەر ئىشلىسە بولمايدۇ ئەمەسمۇ .)
بىراق بىزنىڭ ئۇيغۇرلار قويدۇرالايدىكەن ، نەگە بارسا پارا بىرىپ ئىشلىرىنى ئاختۇردىكەن . نوچى خەق جۇمۇ بىز .!

بۇ ئىشنىڭ ھەل بولۇشىغا تىلەكداشمەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ ئىش خېلى تەسكە توختايدىكەن-دە. {:107:}
بەت:
[1]