win8 گە LibreOffice نى قاچىلاش
بايا بىر دوستىمىزنىڭ كومپيۇتېرىغا QQ دا باشقۇرۇپ تۇرۇپ win8 گە LibreOffice 4.0 نى قاچىلىدۇق.قاچىلاش جەريانى ئەڭ يېڭى ھەقسىز، ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللايدىغان LibreOffice 4.0 دا تەۋسىيە قىلغان سىندەرس سىن: LibreOffice 3.5 نى قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىغا تەڭشەش تىكى بىلەن ئوخشاش بولدى.
ئاۋال يۇقارقى تېمىدىكى ئادرىستىن LibreOffice 4.0 نىڭ ئۇيغۇرچە قاچىلاش
ھۆججىتى ۋە ئۇيغۇرچە ياردەم ھۆججىتىنى چۈشۈرۈپ تەييارلاپ LibreOffice 4.0
نىڭ ئۇيغۇرچە قاچىلاش ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ دەرستە دېگەن بويىچە مەشغۇلات
قىلدۇق.
win8 ئۇيغۇرچىغا تەڭشەلگەن بوپلغاچقا LibreOffice 4.0 نىڭ قاچىلاش يۈزى ئۇيغۇرچە چىقتى.
جەريان رەسىمى

قاچىلاش بۇيرۇقى بېرىپ «كەينى» نى بېسىپ، «ئىختىيارىچە» نى تاللاپ «كەينى» نى باسىمىز.

بۇ يەردىن ئەڭ ئاستىدىكى قارا توچكىنى بېسىپ تىللار تىزىمللىكىدىن « ئۇيغۇرچە» گە ئوڭنى بېسىپ « بۇ ئىقتىدار، باشقا بارلىق ئىقتىدارلار يەرلىك دىسكىغا قاچىلانسۇن» نى تاللاپ «كەينى» نى باسساق قاچىلىنىش داۋاملىشىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا بۇ كۆزنەك كۆرۈنۈدۇ، Microsoft Office بىلەن LibreOffice نى
تەڭ قاچىلىغان بولسىڭىز بۇ تۈرلەرنى تاللىمىسىڭىزمۇ، ئاخىرقى بىرنىلا
تاللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمدى «كەينى» نى باسساق قاچىلاش تاماملىنىدۇ.

ئەمدى LibreOffice نى قوزغاتساق خەنسۇچە قوزغۇلۇشى مۇمكىن. 工具 تىزىملىكىدىن
选项 نى بېسىپ 语言设置 نى بېسىپ يەنە 语言 نى بېسىپ ئوڭ تەرىپىدىكى 用户界面 نىڭ
يېنىدىكە تىزىملىكتىن 维吾尔语 نى تاللاپ 确定 نى باسساق ئەسكەرتىش كۆزنىكى
چىقىدۇ. يەنە 确定 نى بېسىپ LibreOffice نى قوزغاتساق ئۇيغۇرچە ھالەتتە
قوزغىلىدۇ.
سىسىتېمىڭىزنىڭ خېتى چىرايلىق تەڭشەلگەن بولسا ئۇيغۇرچە ھالەتتە قوزغالغاندا شۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ھالەتتە يەنى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى « بۇ ئىقتىدار، باشقا بارلىق ئىقتىدارلار يەرلىك دىسكىغا قاچىلانسۇن» دېگەن خەتنىڭكىدەك بولىدۇ دېگەن گەپ.

قوشۇمچە: ئۇيغۇرچە ياردەم ھۆججىتىنى قاچىلىۋەتسىڭىز ياردەم ئۇچۇرىمۇ ئۇيغۇرچە چىقىدۇ.
پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە ھەم ھەقسىز بولغان Office دىتالىنى ئىشلىتىپ پەيزى قىلىش سىزگە قالدى بۇ رەسىممۇ QQ دا باشقۇرۇپ تۇرۇپ تۇتقان رەسىم ئىكەندە؟
تېما ئەلا. شۇنداق. ۋىندوۋس 8 سېستىمىسىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ تەسكەن. بۇ سېستىمىغا نىسبەتەن بۇنچىلىك ئىشنىڭ بۇنچە ۋاقىت ئېلىپ كېتىشىنى ئويلىمايلا زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويۇپ نەچچە سائەتتىن بۇيان تېخى نەچچە ئون پىرسەنتكە بارمايۋاتىدۇ.
نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇزۇندا ئەسلىگە قايتۇرۇلىدىغان قىلىپ قويغىنىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم.
3- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋىندوۋس 8 سېستىمىسىنى زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىگە قايتۇرۇش ھەقىقەتەنمۇ تەسكەن. بۇ سېستىمىغا نىسبەتەن بۇنچىلىك ئىشنىڭ بۇنچە ۋاقىت ئېلىپ كېتىشىنى ئويلىمايلا زاۋۇت ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويۇپ نەچچە سائەتتىن بۇيان تېخى نەچچە ئون پىرسەنتكە بارمايۋاتىدۇ.
نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئۇزۇندا ئەسلىگە قايتۇرۇلىدىغان قىلىپ قويغىنىنى زادىلا چۈشىنەلمىدىم.
قاچىلىغاندىن كېيىن بىر قاتار ياماقلارنى يامايمىز، تىل قوشۇش قىلىمىز بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن سىستېما تىلى تەڭشىلىدۇ يەنە بىرمۇنچە يۇمشاق دىتال قاچىلايمىز. ھۆججەتلىرىمىزنى بۇزماي مۇشۇ مەشغۇلاتلارنى قىلىشتىن بۇرۇنقى ھالەتكە ئەكىلىشكە كۆپ ۋاقتنىڭ كېتىشى نورمال ئىش.
ناۋادا ئەسلىگە كەلتۈرۈش نۇقتىسى بەلگىلىگەن بولسىڭىز بۇنچە ۋاقت كەتمەسلىكى مۇمكىن.
بەت:
[1]