بىرسوم پىلانى ھېساباتىنى ئىزدەيمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى،
ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام!
ئەمدى ئاساسىي مەقسەتكە كەلسەم، كۆپچىلىكنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىلقۇت كارخانىچىلار تورى كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلگەندىن كېيىن، 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى تۇنجى قېتىملىق «ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملاسىغا نازارەتچىلىك قىلىش مۇكاپاتلىق
پائالىيىتى» نى يولغا قويغان ئىدى.
بىر ئايغا سوزۇلغان بۇ تۇنجى قېتىملىق پائالىيىتىمىز تورداشلارنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللاپ بېرىشى نەتىجىسىدە ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. ھەمدە بىر مەزگىللىك ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ خۇلاسە نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى.
نەتىجىگە ئېرىشكۈچى توردىشىمىز (ئۇستاز) ساھران ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتتە ئېرىشكەن مۇكاپات سوممىسىنى بىر سوم پىلانىغا ئاتىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولغاچقا، بۇ تېما يوللاندى.
مۇمكىن بولسا بىر سوم پىلانىنىڭ سودا سانائەت بانكىسى ھېساباتى بولسا تەمىنلەنسە، مۇكاپات سوممىسىنى ساھران ئۇستازنىڭ تەلىپى بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرىۋەتسەك دېگەن ئۈمىدتىمەن.
پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقسىڭىز دىققىتىڭىز بۇ تېمىدا بولسۇن:
http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=296
سودا سانائەت بانكىسىنىڭ كارتىسىغا سېلىۋەتتىم.... تاپشۇرۇۋالغايسىز! سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن ،مۇمكىن بولسا پۇلنى بىر سوم پىلانىنىڭ مەخسۇس ھېساباتى بولغان يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا سېلىپ بەرسىڭىز ،9559982980538213019،ناۋادا بۇ قولايسىز بولسا دېگىنىڭىزدەك ئۆزۈمنىڭ قۇرۇق سودا سانائەت كارتامنى قالدۇراي ،پۇل كەلگەندىن كىيىن تور بانكىسى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك كارتىسىغا ئاغدۇرىۋىتىمەن .
9558823009000189773
艾沙江。尼扎木丁
باشقا ئىشلار بولسا 13565777257 بىلەن ئالاقە قىلارسىز ،رەھمەت سىزگە .
ساھران ئەپەندىمنىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلىدىم. ئۇيغۇرچە xp ، ئۇبۇنتۇ، لىبرې ئوففاسى لارنى ئۇيغۇرچە قىلغان كىشى شۇمۇ؟
ئېسىل ئادەمنىڭ ھەرقانداق ئىشى ئېسىل بولىدىكەن.
تېما ئەلا.