YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 01:58:43

كونا كىتاب - ئاتامان



كىنوسىنى كۆرۈپ بولغاندىن
كىيىن ئوقۇغان كىتابلىرىمدىن بىرسى – ئاتامان. راستىنى ئېيتقاندا بۇ كىتاب مۇكەممەل
بىر كىتاب، ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بەك ياخشى چىققان ئىدى. ئېسىمدە قېلىشىچە،
10 يىلنىڭ ئالدىدا، كىتابخانىدا بۇ كىتابنى ئۇچراتقاندا، قىسقىچە چۈشەندۈرىشىدىكى
"مافىيە" دېگەن ئاتالغۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ئېسىمدە قاپتىكەن، لېكىن بۇ
كىتابنى ئېلىپ ئوقۇپ بېقىش خىيالىمغا كەلمىگەن ئىدى. كىيىن بۇ داڭلىق
"ئاتامان" دېگەن كىنونى بىر نەچچە قېتىم كۆردۈم، ۋە كىتابىنى ئوقۇش
قارارىغا كەلدىم. كىنونى بىرىنچى قېتىم كۆرگەندە، پەقەت داڭلىق بىر كىنو
بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۆرگەن ئىدىم. كۆرۈپ تۈگىتىش جەريانىدا، بېكارغا داڭلىق بىر
كىنو بولمىغانلىقىنى، ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىم كۆگەندە بولسا، تېخىمۇ چوڭقۇردىن
ھېس قىلىشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئاخىرىدا بۇ كىتابنى ئوقۇش ئىستىگى تۇغۇلدى.
چۈنكى بەزى كىنولارنىڭ كىتابىنىڭ تېخىمۇ ئېسىل بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم. لېكىن،
ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قانداقتۇ دېگەندەك تەشۋىش، يەنى بۇنداق ئېسىل بىر كىتابنىڭ
تەرجىمە جەريانىدا يېتەرسىزلىكلىرى كىتابنىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزۇپ قويۇش قورقۇنچى
ئىچىمدە يوق ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەرجىمىسى، ئىنگىلىزچىدىن ***چىغا،
***چىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلگەن ئىككىلەمچى تەرجىمە بولغاچقا، كەمتۈكلىرى يوق
ئەمەس ئىدى ئەلۋەتتە...


لېكىن ئانا تىلدا ئوقۇش
ئىستىكى، مېنى دەرھال ئۈرۈمچى كوچىلىرىدىكى كىتابخانىلارنى قېزىشقا ئۈندىدى. خېلى
بۇرۇنلا نەشىردىن چىققان كىتاب بولغاچقا، تاپماقمۇ تەس ئىدى. كىتابنى تاپتىم، ۋە
ئوقۇشقا باشلىدىم. كىتابنىڭ باشلىنىشىدىكى ۋەقەلىكلەر، پېرسوناژلارنىڭ ئىسىملىرى
تېخى مۇرەككەپ بولغاچقا، باشلاش ئاسانغا توختىمىغان ئىدى. يەنە بىر پېرسۇناژغا
كەلگەندە، بۇ كىم بولغىيدى دەپ، بېشىنى ۋاراقلاپ قاراپ باقاتتىم. شۇنداق قىلىپ
يۈرۈپ، يەتمىش سەكسەن بەت ئوقۇپ بولغاندىن باشلاپ، كىتابنىڭ ئىچىگە كىرىپلا
كەتتىم. كىنونى كۆرۈش بىر ھوزۇر، كىتابىنى ئوقۇش يەنە بىر ھوزۇر ئىدى... بەزى
تەپسىلاتلا سىنارىيەدە نەزەردىن ساقىت قىلىنغان بولسا، يەنە بەزى تەسۋىرلەرنى
كىتابتىن ئوقۇش باشقا بىر ھوزۇر ئىدى. كىتابنىڭ ئىچىگە چۆكۈپلا كەتتىم. ھەر بىر
ۋەقەلىكنىڭ جەريان قىلىشى بىلەن، كاللامدا ئۇ تەسۋىرلەر بىلەن كىنودىكى
پېرسوناژلار جانلىنىپ، بىر بولاتتى.





ۋىتو دون كورلېئونى




شۈبھېسىزكى، روماندىكى
بىرىنچى نومۇرلۇق قەھرىمان ۋە "ئاتامان". 9-10 يېشىدا ئۆزى يالغۇز
ئىتالىيەدىن نيۇ-يوركقا كەلگەن، ۋە بۇ يەردە ئاددى بىر تۇرمۇشتىن باشلاپ، ئاخىرى
نيۇ يورك شەھىرىدىكى مۇھىم بىر جەمەتنىڭ (كورلېئونى جەمەتى)نىڭ كاتتىۋېشىغا
ئايلانغان بىر شەخس. كىنوسىدا، كورلېئونېنىڭ كەچۈرمىشى، ئىككىنچى بۆلۈمدە تەپسىلى
چۈشەندۈرىلىدۇ. كىتابىدا "ئاتامان"نىڭ ئەقىل-پاراسىتى، قابىلىيىتى،
جاسارىتى، ئەڭ مۇھىمى جەسۇرلىقى بەك ياخشى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنىڭ قانداق قىلىپ،
ئادەتتىكى بىر پۇخرادىن، نيۇ-يوركتىكى بىر مافىياغا ئايلىنىش جەريانى، نيۇ-يوركتا
كاتتىباش بولۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ، ئۆز پىرىنسىپلىرىدىن چەتنىمەسلىكتەك روھى،
باشقا مافىيە جەمەتلىرى بىلەن ئېتىشىش جەريانىدىكى سالماقلىقى.... ۋەھاكازالار،
بەك ياخشى تەسۋىرلەنگەن.





مايكىل كورلېئونى








دون كورلېئونىنىڭ ۋەلىئەھدى.
مايكىل ئەسلىدە، دون كورلېئونىنىڭ مۇۋاپىق كۆرگەن بىر نامزاتى ئەمەس ئىدى. مايكىل،
ئالىي مەكتەپنى ئوقۇغان، پاكىز بىر ئىش قىلىشىنى كۈتكەن ئەڭ كىچىك ئوغلى ئىدى. دون
كورلېئونى بولسا، ئۆزىنىڭ ئورنىغا چوڭ ئوغلى سونىنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى.
ھالبۇكى، سونى ھەر جەھەتتە خېلى ئوبدان تەربىيلەنگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭدا سالماقلىق
يوقتى، ۋە پات-پات خاتا قارارنى چىقىرىپ قوياتتى. ۋە بىر قېتىملىق ئالدىراقسانلىقى
ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپچى بولۇشى بىلەن، ۋەلىئەھدىلىك تەبئىيلام مايكىلغا قالىدۇ.
مايكىلنىڭ يەنە بىر ئاكىسى فرېدو بولسا، سېپى ئۆزىدىن قورقۇنچاق ۋە نانقېپى ئىدى.
فرېدونىڭ ۋەلىئەھدى بولۇشى، بۇ جەمەتنىڭ تېزلام چۆكۈشى دېگەنلىك بولاتتى. شۇنىڭ
بىلەن، مايكىلنىڭ جەمەتنىڭ بېشىغا ئۆتۈش جەريانى باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا، مايكىل
ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تايانچ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ "ئاكىسى" توم خاگېن. توم
خاگېننىڭ يول كۆرسىتىشى باشتىن ئاخىرى ھىمايە قىلىشى ۋە قوللىشى بىلەن، مايكىل
ئوڭۇشلۇق ھالدا، دادىسىنىڭ سۇيقەستكە ئۇچرىشى بىلەن باشلانغان كورلېئونى جەمەتىنىڭ
چۆكۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. تاكتىكىلىق ھۇجۇملارنى، سۆھبەتلەرنى قىلىپ يۈرۈپ،
دۈشمەنلەشكەن باشقا جەمەتلەرنى پاك-پاكىز تازىلاپ، كورلېئونى جەمەتىنىڭ نيۇ-يورك
شەھىرىدىكى نوپۇزىنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ جەرياندا، مايكىل دادىسدا
بولغان سالماقلىق، چەبدەسلىك ۋە چېچەنلىكنى بەك ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ
ھەقىقى "ئاتامان" ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.





توم خاگېن




توم خاگېننىڭ دائىم يانداش
پېرسۇناژ بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى – ئۇنىڭ ئىرلاندىيەلىك بولۇپ قېلىشى ئىدى. توم
خاگېن، ۋىتو كورلېئونېنىڭ ئاسراندى ئوغلى ۋە ئۆزى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن ئىستىداتلىق
بىر ئادىمى.  توم خاگېندا كاتتىباش بولۇشقا
لايىق ئالاھىدىلىكلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭدىكى تەمكىنلىك ھېچكىمدە بولمىسا كېرەك. دون
كورلېئونىنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسىنى تاپىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق دەرىجىدە بولۇپ، ئۇ دون
كورلېئونىنىڭ نېمە ئىستىگەنلىكىنى دەرھال بىلىۋالالايتتى. ۋە ئىش بېجېرىشى
ئۇسۇلىمۇ بەك ئۈنۈملۈك ئىدى. مەسىلەن كىنودىكى داڭلىق سەھنىلەردىن بىرسى، كوننىنىڭ
كىنودا رول ئېلىشىغا ئۇنىمىغان رېژىسورنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن لوس-ئانژېلىسقا بارىدۇ ۋە
رېژىسور بىلەن سۆزلىشىدۇ. لېكىن رېژىسسور ئۇنى كۆزگە ئىلمىغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئەتىسى ئەتىگىنى رېژىسسور ئويغانغاندا كارىۋىتىدىكى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان
ئاتنىڭ بېشىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كېتىدۇ. نەتىجىدە، كوننى ئۆزى خالىغان كىنودا رول
ئالىدۇ. موشۇ ئاددى بىر ۋەقەلىكتىنلا، توم خاگېندىكى چېچەنلىك، سالماقلىق ۋە
تەدبىر ئېلىش ئىقتىدارلىرىنى تولۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.





باشقا تەپسىلاتلار:





كىتابنىڭ چۈشەندۈرىلىشىدە، Mafia ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇرچىدا، "قاراقوللار پارتىيىسى"
دېگەندەك تەرجىمە قىلنغانلىقى، لېكىن بۇ تەرجىمىنىڭ تازا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن،
بىۋاستە مافىيە دەپ ئېلىنغانلىقى ھەققىدە بىر ئىزاھات بار. قاراقوللار گۇرۇھى،
ياكى پارتىيىسى دېگەندەك، ***چىدىن سۆزمۈسۆز تەرجىمە قىلىنغان بۇ ئاتالغۇ،
ھەقىقەتەن مافىيە ئاتالغۇسى ئىپادىلىگەن ئۇ تېرەنلىكنى يورۇتۇپ بېرەلمەيتتى،
ئەكسچە، كۆلىمى چوڭ بىر جىنايەت تەشكىلاتى دېگەندەك ئۇقۇمنى بېرەتتى. ھالبۇكى،
مافىيەنىڭ خاراكتېرىنى نوقۇل جىنايەت تەشكىلاتى دىيىش توغرا بولمايدىكەن.
مافىيەتنىڭ خاراكېتىرى، دۆلەتتىكى رولى ۋە ئورنىنى، بۇ رومان بەك ئوبدان يورىتىپ
بەرگەن دېسەك، خاتالاشقان بولمايمىز.


يەنە
بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ بەك ياخشى چىققان بولۇپ،
تەرجىماننىڭ ئەجرىمۇ خېلى كۆپ.





بۈگۈنگىچە موشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، قالغىنىنىنى كىيىن تەڭ مۇلاھىزە قىلارمىز....





ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 10:36:32

نەچچە قولۇمغا ئېلىپ وقۇش خوشياقمىغانتى.،،،،،،ما تېما قىزىقتۇرۇپ قويدى ئەمدى ......كىنوسىنىڭ ئادرېسىنى ئەۋەتىپ قۇيۇڭلا

olive يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:03:09

مافىيەنى ئوقۇپ بولغان بولساڭ ياكۇزانى ئوقۇ ئەمسە \"\"

ھىم

سەن ئۈچۈن ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم كىتاپ

ئامىنە رۇقىيەلەرنىمۇ ئوقۇپ قوي  {:90:}

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:03:46

1- قەۋەتتىكى ghemkvzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەچچە قولۇمغا ئېلىپ وقۇش خوشياقمىغانتى.،،،،،،ما تېما قىزىقتۇرۇپ قويدى ئەمدى ......كىنوسىنىڭ ئادرېسىنى ئەۋەتىپ قۇيۇڭلا

كىتابنى تېخى ئوقۇمىغان، كىنونى تېخى كۆرمىگەن بولسىڭىز، بەك تەلەيلىككەنسىز.


كىنونى كۆرمەي تۇرۇپ ئوقۇڭ كىتاپنى.

olive يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:09:38

ئەلا دەسسەپ قويۇپ تۇراي

كىتاپ تۇغۇرلۇق كىتاپنى ئوقۇپ بولۇپ بىر نىمە دەي \"\"

بىرھوندا بارمۇ ئېلكىتاپ نۇسخىسى؟

ghemkvz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:10:20

3- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ghemkvzنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەچچە قولۇمغا ئېلىپ وقۇش خوشياقمىغانتى.،،،،،،ما تېما قىزىقتۇرۇپ قويدى ئەمدى ......كىنوسىنىڭ ئادرېسىنى ئەۋەتىپ قۇيۇڭلا

كىتابنى تېخى ئوقۇمىغان، كىنونى تېخى كۆرمىگەن بولسىڭىز، بەك تەلەيلىككەنسىز.


كىنونى كۆرمەي تۇرۇپ ئوقۇڭ كىتاپنى.



يېقىننىڭياقى  داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ كىنوسىنى تاپسام كىتاۋىنى ئوقۇمايدىغان يامان ئادەتكە ئۆگىنۋالدىم   ..كىتاۋىدەك بولمايدىغۇ بەرىبىر ..


Mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:15:04

مەنمۇ ئون يىللار بۇرۇن بۇ رومان تۇنجى نەشىردىن چىققاندىلا ئوقۇغان ، شۇ چاغدىمۇ « خېلى نوچىكەن » دىگەنتىم ئوقۇپ بولۇپ ، ئەمما ئۇ چاغلاردا يېشىم كىچىك بولغاچ ، ھەم ئارىدا خېلى ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەچكە ، بۇ كىتاپ ھەققىدە غۇۋا بىر ئەسلىمىلا قاپتىكەن .



نەچچە ئاي ئاۋال قۇتيار ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر مۇنبىرىدە مۇشۇ فىلىم ھەققىدە گەپ بولۇپ ، قىزىقىپ بىرنجى بۆلۈمنى چۈشۈرۈپ كۆرگەن ، ئاندىن 2 ، 3 بۆلۈملىرىنىڭ كۆكنۇر نۇسخىسىنى چۈشۈرگەن ، ( ھەر بۆلۈم 23 گ ب چوڭلۇقتا ) ، 3 - بۆلۈمنى تېخى كۆرۈپ بولالمىدىم، ئەمما ئالدىنقى بۆلۈملىرىنى كۆرۈپ ، بۇ فىلىمغا مەپتۇن بولۇپ قالدىم ، نەچچە كۈن بولدى ، مەنمۇ كىتاۋىنى قايتا ئوقۇشنى باشلىغان ،

ئوقۇپ بولغاندا ، تەسىراتلىرىمىزنى ئورتاقلىشامىز ...



بۇ كىتاپ ئالدىنقى يىلى قايتىدىن نەشىر قىلىنىپتۇ . ھازىر كىتابخانىلاردا بارغۇ دەيمەن ،

olive يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 12:16:42

بىلمەيدىكەنسىز ئۇششاق قىز  {:92:}  

بىر پۈتۈن كىتاپنى ئىككى سائەتلىك كىنوغا قانداق يىغىشتۇرغىلى بولىدۇ؟



ۋاقتىم چىقسا بىر پارچە رەسىم سىزىپ بېرەي

شۇنى كۆرسىڭىز كىنوسىغا قارىغاندا كىتابىنى ئوقۇتيدىغان بولىسىز

koktikin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 14:23:11

بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن نوچى جۇما . كىتاپخانا ئايلانغاچ ئۇچۇرتۇپ قېلىپ ئۇقۇپ باقاي دەپ قۇلۇمغا بىر ئالدىم ، ئىچىگە كىرىپلا كىتىپتىمەن . ئۆرە تۇرۇپلا بىرەر يۈز بەت ئۇقۇۋېتىپتىمەن . شۇنىڭ بىلەن چىقىپ كەتتىم ، بىر ئىككى كۈندىن كىيىن دوستۇمنى ساقلىغاچ كىتاپخانىغلا كىرىپ چۆگلەپ تۇراي دەپ كىرىپ يەنە ئۇقۇپ يەنە بىرەر يۇز بەت ئۇقۇۋېتىپتىمەن . ئۆمرۈمدە ئۆرە تۇرۇپ ئۇقۇۋەتكەن بىردىن بىر رومان جۇمۇ بۇ .ئىشقىلىپ ماڭا بەك يارايدۇ . ئوغۇل بالا زادى بىر قېتىم ئۇقۇشقا ئەرزىگۈدەك كىتاپ . تەليىمگە كىنوسىنى تېخى كۆرمىدىم  {:92:}

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 16:28:13

كىتاۋىمۇ بار دەڭلا ...

Al Pacino نىڭ رول ئېلىش ماھارىتى ۋايىغا يەتكەن بىر فىلىم، 女人香(Scent of a woman تىكىگە ئوخشاشلا. 女人香(Scent of a woman دىگەن فىلىممۇ بۇ فىلىمگە ئوخشاش ئوغۇل بالىلار چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك فىلىم. ئەڭ ئاخىرىدا مەكتەپتە سۆزلىگەن لىكسىيەسى يادلىۋېلىشقا بەك ماس كېلىدۇ.

教父 نى \"ئاتامان\" دەپ ياخشى ئاپتۇ.

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 18:03:46

كىنوسىنى مۇنداقلا ئۇچراپ قېلىپ كۈرۈپ قالدىم ،بىرلا كۈرۈپ قىزىپ قېلىپ 3قىسىم ھەممىنى كۈرۋەتتىم ،توردىن ئىزدىسەم ، ‹ئاتامان› ،‹فورىست گامپ› دىگەن كىنولار ئەڭ ئىسىل كىنولاردىنكەن .مايكولنىڭ رولىغا چىققان ئارتىسمۇ مۇشۇ كىنو بىلەن داڭلىق ئارتىسقا ئايلانغانكەن .

كىنونىڭ بىرىنچى قىسمىنى كۈرۈپ ‹ كۆزگە ئىلمىغان پۇتقا چۇماق›دىگەن گەپ يادىمغا كەلدى ،مايكولنىڭ ئەك نوچى ئاتامان بۇلۇپ قېلىشىنى باشتا ئادەم قەتتى تەسەۋۇر قىلالمايدۇ .مەن بۇلارنىڭ جەمەتىدىكى ئەك ياخشىسى مۇشۇ بالا ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان باشتا ، چوڭ ئاكىسىمۇ مايكولنى ‹ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى›، يارىماس دەپ مەسخىرە قىلدۇ.چۈنكى مايكىل ئاكىسىدەك ۋاقىراپ-چاقىراپ ئۇرۇش جىدەل قىلىپ يۈرمەيدۇ،مىجەزىمۇ مۇلايىم .

كىيىن كىنونىڭ تەرەقىياتى بىلەن مايكول ھوقۇقنى قولغا ئالغاندا ،خۇددى ئەزەلدىنلا ئاتامان بۇلۇشنى بىلىدىغاندەكلا ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ .مۇشنىڭغا قاراپ ،ئادەمنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى قېنىدا بولسا ، تەبىيلا ئىپادىلىنىپ چىقىدىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم .يەنە بىر ھېس قىلغان يېرىم مۇشۇنداق ئاتامان ،باشلىق دىگەندەكلەر قانچە سالماق،چوڭ سۈپەت بولسا شۇنچە ئىسىل تۇردىكەن .

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 20:50:07

كىتابىنى نەچچە رەت ئوقۇۋەتكىنىم ئىسىمدە يوق، كىنوسىنى قەستەن كورمىدىم. چۇنكى كىتاۋىنى كورۇپ بولۇپ، كىنوسىنى كورگەندە كۆپ قېتىم ئۈمىنتىسزلەنگەن ئىدىم. «ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن» مىنى ئەڭ ئۇمىتسىزلەندۇرگەن كىنونىڭ بىرى. ئاتامان ھەقىقەتەن ياخشى تەرجىمە قىلىنغان. پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرى ھەقىقەتەن ئىنچىكە يۇرۇتۇپ بېرىلگەن. ئاتاماننىڭ ئولۇم ئالدىدا دىگەن « بۇ دۇنيا نىمە دىگەن گۈزەل» دىگەن سوزى ماڭ بەك يارايدۇ.

afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 21:01:46

كىتابخانىدا نەچچە كۆرۈپ، سېتىۋالماپتىكەنمەن، يېڭى نەشرىنى. ئەمدى ئىككىلەنمەيلا ئالاي...

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 22:32:02

ھەقىقەتەن ئېسىل كىتاب، تەھلىلىڭىزگە ئەلا!



ئالدىنقى قېتىم بىر تېمىدىكى سۆھبەتتە دەقيانۇسنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ئوقۇپ چىققانىدىم. كىنوسىنى كۆرۈش ماڭىمۇ خۇشياقمىدى، كىتابقا پەقەتلا ماس كەلمىگەندەك. دوننىڭ رولىغا چىققىنىمۇ كۆزۈمگە سىغمىدى. لېكىن، ئاساسلىق مۇزىكىسى بەك نوچى، ناخشىسىمۇ شۇ.

Mohsin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-15 23:18:51

كىتابىنى ئوقۇپ بولۇپ كىنوسىنى كۆرگەن فىلىملەرنىڭ ئىچىدە ئادەمنى ئۆمىتسىزلەندۈرىدىغىنى ھەقىقەتەن كۆپ ، كىتابتىكى كەڭ مەزموننى ، كىتاپتىكى بايانلاردىن ھالقىغان تەسەۋۋۇرلارنى ئېكراندا ئىپادىلەش ئۇنچە ئاسان ئەمەس ، كىتابنى ئوقىغاندا كىتابتىكى ۋەقەلىك ، ۋە پىرسوناژلار تەسەۋۋۇرىمىزدا مەلۇم شەكىلدە گەۋدىلىنىدۇ ، ئاندىن شۇ كىتابقا ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىمىنى كۆرگەندە ، ئېڭىمىزدا بۇرۇن شەكىللەنگەن تەسەۋۋۇرىمىزغا سېلىشتۇرۇپ ، كۆپىنچە ھاللاردا فىلىمدىن ئۆمىدسىزلىنىمىز، يارىمايدۇ .



مەنمۇ نۇرغۇن قېتىم شۇنداق بولغان ، بەزى فىلىملەرنىڭ تاللىغان ئوبرازلىرى يارىسا ، موھىت يارىمىغان ، بەزىللىرىدە ئەكسىچە ،

كىتاۋىنى ئوقۇپ ، ئاندىن ئىشلەنگەن فىلىمىنى كۆرۈپ ، فىلىممۇ يارىغان ئەسەرلەردىن ، ئابدۇللا قادىرىنىڭ « ئۆتكەن كۈنلەر » رومانى بىلەن ، شۇ ناملىق رومانغا ئاساسەن ئۆزبېكىستان كىنو سىتودىيەسى ئىشلىگەن شۇ ناملىق فىلىمنى كۆرسىتەلەيمەن ،  كىتاۋىنى فىلىمنى كۆرۈشتىن بۇرۇن قانچە قېتىملاپ ئوقىغىنىمنى بىلمەيمەن ، ئاندىن تەخمىنەن 2000 - يىللار ئەتراپىدا ئۇيغۇرچە ئاۋاز بېرىلگەن فىلىمنى كۆردۈم ، ھەر قايسى روللارغا تاللانغان ئارتىسلار ، ئۇلارنىڭ رول ئېلىشى ، ... ، بولۇپمۇ ئېكراندىكى موھىت ، فىلىمنىڭ رەڭلىرى شۇنچىلىك ئەسەر بىلەن ماسلاشقان ئىدىكى ، فىلىم بىزنى ھەقىقەتەنمۇ تەخمىنەن 170 يىللار بۇرۇنقى ئۆزبېكىستاندا تۇرىۋاتقاندەك ھېسياتقا كەلتۈرەلەيتى ،



ئاندىن ماۋۇ ئەسەر ، ۋە شۇ ناملىق فىلىم ، بۇ فىلىممۇ ئەسەرگە ناھايتى ماس ھالدا ، مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان فىلىملەرنىڭ بىرى دەپ ئويلايمەن . ماڭا ، فىلىمدىكى دون كورلىئون ئوبرازى تازا مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقمىغاندەك تۇيغۇ بەرگەن ، ئەمما مېكائىل كورلىئۇن ئوبرازى بەكلا مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان ، ئال پاسىنو بۇ رولنى ھەقىقى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان ، بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ شەخسى پىكرىم ،



ئۇنىڭ ئۈستىگە « ئاتامان » دىگەن بۇ فىلىم ، IMDB دا ئېرىشكەن نۇمۇرى جەھەتتە IMDB باھالىغان بارلىق فىلىملەر تەرتىۋىدە ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ . ( ئەسلى مۇشۇ فىلىم بىرىنجى بولىشى كېرەكتى دەيدىغانلار كۆپكەن ) .





IMDB  :   

        بىرىنجى بۆلۈم   9.2

        ئىككىنجى بۆلۈم  9.0

        ئۈچىنچى بۆلۈم  8.6



كۆرىۋاتقىنىمىزدەك ، ئېرىشكەن نۇمۇرى ناھايتى يۇقىرى .  ئىشقىلىپ ، ئەسەرگە ئاساسەن ، مەن بۇ فىلىمنى ياقتۇردۇم ، كىتاۋىنى ئوقۇپ بولۇپ كىتاۋىنى كۆرمىگەنلەر ، ئىككىلەنمەي كىنوسىنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى ( بولسا كۆكنۇر نۇسخىسىنى ) چۈشۈرۈپ كۆرۈڭلار ،



ئاندىن كىتاب بىلەن فىلىمنى بىرلىكتە سېلىشتۇرۇپ تەھلىل قىلىشامىز ...

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 00:17:55

ئەمدى بۇلۇت ئاتلاسنى يازغايلا .

ئۇ كىتابنى ئوقۇپ بولاي دېگەندىلا يەلكەن بوۋا ؟

مەن مۇتلۇلۇكنى يازسام سەزگۈر تېما قىلىۋەتكۈدەكمەن قىزلارنى ئوقۇتۇش ئوقۇتماسلىق تېمىسىدەك . تالاش -تارتىش خوشياقماس بوپ قالدىمۇشۇ كۈنلەردە  .

ھوللىۋود ئارتىسلىرىنىڭ ئىچىدە ئېرلاندىيىكلەرنى بەكرەك ياخشى كۆرىدىغان خاھىش بار مەندە . چۈنكى نېمىشقىكىن ھەممىسى دېگۈدەك پاراسەت ۋە سالماقلىق بىلەن رول ئالىدۇ . توم خاگىينىڭ رولىمۇ سالماقلىق ، سوغۇققانلىق بىلەن تولۇپ كەتكەن .

liam nesson

Pierce Brosnan

Jona Rhys Meyers than

Stuart Townsend

makansiz يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 01:56:18

ئاتامان توغرىسىدا ئازراق گۈڭۈر مۈڭۈر قىلىشىلى باللا ئەمىسە

مەنمۇ بۇرۇن كىتابى نەچچە قېتىم قۇلۇمغا چىقسا خوشياقماي ئوقىماپتىكەنمەن، كىيىن كىنوسىنى ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم ، قارىسام بۇ كىنو ئادەتتىكى كىنو ئەمەس شۇنىڭ بىلەن ئىككىنجى ۋە ئۈچىنجى بۈلۈملىرىنىمۇ ئىز قوغلاپ كۆرىۋەتتىم (لىكىن ئاخىرقى بۈلۈمى باشتىكى ئىككىسىدەك يارىمىدى). شۇندىن بېرى كىتابىنى ئوقۇشنى ئويلاپ يۈرۈيمەن لىكىن ھىچ پۇرسەت بولمايۋاتىدۇ.

ھازىرچە كىتابىنى ئوقۇپ باقمىغاندىكىن گەپنى كىنوسىدىن قىلغاچ تۇراي. دون ۋېتو كورلىئونىنىڭ قاقۋاشلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ. كىنوسىدىمۇ ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئېيتىلغان نۇرغۇن كىلاسسىك جۈملىلەر بەك كۆپ. ھۆرمەتلەشكە تىگىشلىك يېرى ئۇ ئۆزىنىڭ پىرىنسىپى بار ئادەم . نۇقۇل پىراگماتىزىملىق نۇقتىدا تۇرۇپ، پايدا مەنپەئەتنى ئويلىشىپلا پىكىر قىلمايدۇ. يىراقنى كۆرىدىغان ئادەم. بۇنىڭغا ئۇنىڭ تەمكىن، سوغۇققان ئەمما كەسكىن خاراكتىرى قوشۇلۇپ ھەقىقى بىر ئاتاماندا بولۇشقا تىگىشلىك سۈپەتلەرنى تولۇق ھازىرلىغان. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئۆز جەمەتىگە بولغان مەسئۇليەتچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ جەھەتتە مايكىل دادىسىنى دورىيالمىدى.

شۇنداق بۇلۇشىغا قارىماي مەن يەنىلا مايكىل كورلىئونىغا ئامراق ، نىمىشقىلىقنى تازا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيمەن. ئەمما نىمىلا دىگەن بىلەن قېرى كورلىئونىنىڭ ئەقىللىقلىقى ۋە قاقۋاشلىقى ئۇنىڭ ئۆز تەجرىبىسى ۋە بېشىدىن ئۆتكەن ئىسسىق سوغۇقلىرىدىن كەلگەن . كىچىك تۇرۇپلا ئاتا ئانىسىدىن يىتىم قېلىش، سەرگەردان بوپ ئامىرىكىغا كىلىش ۋە شۇنىڭدىن كىيىنكى ئاچچىق چۈچۈك تۇرمۇش ئۇنى راۋۇرۇس تاۋلاپ ئاشۇنداق بىر ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان. ئەمما مايكىل ئۇنداق ئەمەس. نەچچە يىل ھەربى ۋەزىپە ئۈتىگىنىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ بېشىدىن تۈزۈك ئىسسىق سوغۇق ئۆتمىگەن(ھىچ بولمىسا كىنوسىدا شۇنداق تەسۋىرلەنگەن). شۇنداقلىقىغا باقماي ئۇ دادىسىدىنمۇ بەكرەك قاقۋاش چىقىپ قالدى. تەمكىن، سوقۇققان ئەمما كەسكىن خاراكتىرىمۇ دادىسىنىڭكىدىن ھەرگىز كەم ئەمەس. مەنمۇ باشتا بۇ ئۇنىۋېرستىت ئوقۇغۇچىسىنى جەمەتىنىڭ خاراكتىرىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋىتىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرگەنتىم ئەمما دادىسى قەستكە ئۇچرىغان چاغدا دوختۇرخانىغا دادىسىنى يوقلاپ بارغان چاغدىكى ئىپادىسىگە قاراپ بۇ ئۇنىۋىرسىتىت ئوقۇغۇچىسىنىڭ بوش ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدەم. رېستۇراندا دادىسىنىڭ دۈشمەنلىرىدىن قىساس ئېلىش ، سېتسىلىيەدە پاناھلىنىش ۋە نىكاھلىنىش ، ئاكىسىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن قايتىپ كىلىپ ھوقوقنى قۇلىغا ئېلىش ۋە رەقىپلىرىنى ھەم ئاكىسىنىڭ قاتىللىرىنى بىر بىرلەپ ئۇجۇقتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردىن كىيىن بۇ ئەبلەخكە بولغان قايىللىقىم ۋەھشى ئېشىپ كەتتى. ئەڭ قايىل بولغان تەرىپىم ئۇنىڭ ئەقىللىقلىقى ، ئىشنى يۇچۇق قالدۇرماي پۇختا قىلىشى، تەمكىنلىكى ، كەسكىنلىكى ھەممىدىن بەكرەك قورقۇمسىز ۋە دادىل خاراكتىرى. ئەمما بۇ ئەبلەخ رەھىمسىزلىكتە دادىسىنىمۇ بېسىپ چۈشتى. دەل مۇشۇ ئۇنى تۇرمۇش جەھەتتە بەخىتسىز قىپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرسى دەپ قارايمەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۆز ئاكىسىنىمۇ بوش قويىۋەتمىگىنىنى كۆرۈپ ئۇ گۇيغا ئازراق ئاچچىقىم كەپ قالدى.

ئىشقىلىپ ئال پاچىنو دىگەن كاساپەت مايكىلنىڭ رولىنى ئالامەت ئېلىۋەتكەن. شۇ ئوبراز بەك ياراپ كىتىپتىكەن شۇڭا ئۇنىڭدىن باشقا كىنولىرى ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ ئانچە بەك ۋاي دەپ كەتمەيمەن، ھېلىقى شەيتاننىڭ كىنوسىدىن باشقا.

مەن ئامراق يەنە بىر ئوبراز مايكىلنىڭ ئۆمرى قىسقا بوپ قالغان ئاكىسى سونى. بۇ بالاڭزا توغرىلىق گەپ باشلىسام جىق سۆزلىۋىتىپ قالىمەن، ئەمما مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ خەت بېسىش پەقەت خوشياقمىدى شۇڭا ئۆزەمنى بېسىۋالاي. ئىشقىلىپ مەن بۇ بالاڭزىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە دەھشەت كۈيۈنىدىغان ۋە قوغدايدىغان روھىغا ئالامەت قول قۇيىمەن، ئوغامبالىداچىلىقىغىمۇ راۋۇرۇس قايىل. ئېسىل بالىتى ياشلا كەتتى ئەپسۇس.

يەلكەن بۇرادەر ئوبدان تېما ئېچىپتۇ، سورۇننى تۈزگەن بولغاندىكىن ئانچە مۇنچە بانى يەنە تۆككەچ تۇرىلى ، بىزمۇ سورۇنغا قۇرۇق كەلمىدۇن مانا  {:90:}  

بالىلارغا تەۋسىيەم ئاتامان ئېسىل كىتاپ . بىكا بولساڭلا ئېلىپ ئوقۇپ قۇيۇڭلا. كىتابىنى ئوقۇش پەقەت خوشياقمىسا كىنوسىنى بولسىمۇ كۆرۈپ قۇيۇڭلا . ئېسىل كىنو \"\"

مۇزىكىسىمۇ ئېسىل. تا ھازىرغىچە يانپونۇمنىڭ مۇزىكىسى قىلىقلىق.

ئىزدىنىش تارىخىمدىكى ئەڭ ئۇزۇن ئىنكاسىمنى بۈگۈن يېزىپتىمەن بۇنىڭدىنلا مىنىڭ بۇ كىنوغا قانچىلىك ئامراقلىقىمنى كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 05:54:09

ھەقىقەتەن ئوقۇشقا تىگىشلىك ياخشى كىتاب. مەنمۇ بەزىدە ئويلاپ قالىمەن ، ئۇيغۇرلار نىمانداق شۇنداق رومان يازمايدىغاندۇ دەپ . دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ۋە بەدەل تۆلەش لازىملىقىنى بىلدۈرىدىغان كىتاب ، كىنوسىمۇ كىتابىدەكلا ياخشى چىققان ئاتاماننىڭ .

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 05:56:30

يەلكەن ئەپەندىنىڭ باش سۈرىىتى دەل مىكائىل دون كورلىئون .

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-16 06:11:46

مەن ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان تەرجىمە كىتابلار، ئاتامان ، 3-ئىمپىرىيەنىڭ گۈللىنىشى ۋە ھالاكىتى ، بۆرە ئۇۋىسى . ئەنسىز يىللاردىكى نازىنىن ، ئاياللار ئىستىلاسى . كۈلپەتلىك مۇھەببەت ،غەلىتە توي . كۆك بۆرە قاتارلىقلار . بەك جىق ئىدى قالغانلىرىنى ئىسىمگە كەلگەندە يىزىپ قوياي ھە ،
بەت: [1] 2 3 4
: كونا كىتاب - ئاتامان