پۇتبول ھەپتىلىكى 1-سان !!!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ، ئىزدنىش ئەھلى .
پۇتبول مۇنبىرى ئاپتۇنۇم رايونىمىز شۇنداقلا ئۇيغۇر پۇتبول تورلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ چوڭ مۇنبەر بولۇپ مۇنبەر قۇرۇلغان 5 يىلدىن بىرى ھەر تەرەپتىن تولۇقلىنىپ ، مۇكەممەللىشىپ ، ھەم تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنگە ئۇلاشتى . ئۇزۇندىن بىرى پۇتبول مۇنبىرى كۇلۇبىمىز ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىدا كەم بولىۋاتقان بىر بوشلۇقنى يەنى ئانا تىلىمىزدىكى پۇتبول مەخسۇس پىروگىراممىسىنى ئىشلەپ ، تور يۈزىدە كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئۆز ئانا تىلىمىزدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىشنى ئەمەلگە ئشۇرۇش ئۈچۈن تۇتۇش قىلغان ئىدۇق . بۇنىڭدىكى ئاساسىي مەقسەد ئاددى ھەم كەسپىي بولمىسىمۇ لىكىن قولىمىزنىڭ يىتىشىچە تىرىشىپ ئۆز تىلىمىزدا، رايۇنىمىز شۇنداقلا خەلىقئارادىكى پۇتبول دۇنياسىدىكى يىڭىلىقلارنى چۈشەندۈرۈپ كەڭ ئۇيغۇر توپخۇمارلارغا ھەدىيە قىلىش . يەنە بىر تەرەپتىن كۆزگە كۆرۈنۈپ ئىچكىرىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىلەردە توپ تپىپ مىللىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشىۋاتقان ئەزمەتلىرىمىزنى ھەقىقى ھالدىكى بىر كەسىپلەشكەن تەنتەربىيە ئىكرانىدا زىيارەت قىلىش تونۇشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدى . شۇ سەۋەب ، نەچچە ئايلىق پىلان ھەم تەييارلىقلاردىن كېيىن ئىنشا ئاللا ئاخىرى بۇ ئىشنى غەلبىلىك ھالدا باشلىۋلدۇق .
تۇنجى سانىمىزنى ئالدىمىزدا كىلىۋاتقان ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسىنى باشتىما قىلىشنى لايىق كۆرۈپ شۇ توغۇرلۇق ئىشلەپ تور يۈزىگە ئىلان قىلدۇق .
بۇ پەقەت1 - سان . شۇ سەۋەپ نۇقساندىن ، كەمچىلىكلەردىن خالىي بولالمىدۇق . مۇسۇلماندارچىلىقمۇ ئاستا ئاستا دىگىنىدەك بۇ تەرەپتىكى مۇكەممەللىكلىرىمىزمۇ چوقۇم كىيىكى سانلاردا ئىشىپ بارغۇسى .
مەقسىدىمىز ئۆز تىلىمىزدىكى پۇتبول پىروگىراممىسى قۇرۇش خالاس ...
مەنبە : پۇتبول كۇلۇبى
تاگدىرىم، ياخشى ئىشنى باشلاپسىلەر، تەكلىپ بەرگۈم كەلدى.«پۇتبول ھەپتىلىكى» دېگەن CCTV ، XJTV نىڭ پروگراممىسىدەك بولۇپ قاپتۇ. ئۆزگىچە بىر ئىسىم قويۇشنى ئويلىشىپ بېقىڭلار. سول تەرەپتىكى رىياسەتچىدە يەرلىك شىۋە بەك ئېغىركەن