format يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 12:41:17

تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش 1-دەرس : ئەزالىق ئىلتىماس قىلىش

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم تورداشلار



نۇرغۇن تورداشلار توردىن مال سېتىۋالغۇسى
بارلىقىنى لىكىن قانداق سېتىۋېلىشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى ، شۇڭا مەن مۇشۇ
نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ قەرەللىك ھالدا تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىشنىڭ قەدەم باشقۇچلىرىنى
دەرسلىك شەكلىدە يوللاپ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى نىيەت قىلدىم .

تاۋباۋدىن
مال سېتىۋالماقچى بولسىڭىز چوقۇم ئەزالىق ھېساباتىڭىز بولىشى كېرەك ، شۇڭا 1-
دەرسمىز : ئەزالىق ھېساباتى ئىلتىماس قىلىش

ئەزالىق ئىلتىماس
قىلىش ئۈچۈن چوقۇم بىردانە قىسقا ئۇچۇرنى نورمال تاپشۇرۋالالايدىغان يان تېلفۇن
بولىشى كېرەك


ئاۋال www.taobao.com دىگەن ئادرسنى بېسىپ
كىرىسىز

0.jpg


ئاندىن ئۈستىدىكى رەسىمدە
كۆرسىتىلگەندەك ئەڭ ئۈستىدىكى 免费注册 دىگەن خەتنى بېسىپ ئىلتىماس قىلىش بېتىگە
كىرىسىز

1.jpg


ئىلتىماس قىلىش بېتىگە
كىرگەندىن كېيىن ئەڭ ئۈستىدىكى 账户名 دىگەن كاتەكچىگە تور ئىسمىڭىزنى يازىسىز

ئۇنىڭ ئاستىدىكى 登录密码 دىگەن كاتەكچىگە مەخپى نۇمۇرىڭىزنى يازىسىز ، مەخپى نۇمۇر چوقۇم سان ۋە ھەرىپلەر ئارلىشىپ كەلگەن بولىشى
كېرەك


ئۇنىڭ ئاستىدىكى 确认密码 دىگەن كاتەكچىگە ئۈستىگە يازغان مەخپى
نۇمۇرنى ئۆز ئەينى قىلىپ يەنە بىر قېتىم يازىسىز

ئۇنىڭ ئاستىدىكى 验证码 دىگەن
كاتەكچىگە يان تەرىپىدە كۆرۈنگەن سان ۋە ھەرىپلەرنى يېزىپ قويىسىز ، ئەگەر يان تەرەپتىكى سان ۋە ھەرىپلەرنى ئېنىق كۆرەلمىسىڭىز ئۇنىڭ
يېنىدىكى يۇملاق بەلگىنى بېسىپ باشقىغا ئالماشتۇرسىڭىز بولىدۇ


ئەمدى
ئاستىدىكى سېرىق رەڭلىك 同意协议并注册 دىگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ جەزىملەشتۈرىسىز

2.jpg


ئەمدى 国家地区دىگەن يەردىن دۆلەت
تەۋەلىكى تاللايسىز ،جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا بولسىڭىز ئۇنى
ئۆزگەرتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ


ئاستىدىكى 您的手机号码 دىگەن يەرگە تېلفۇن
نۇمۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سېرىق رەڭلىك 提交 كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز يان
تېلفۇنىڭىزغا بىر قىسقا ئۇچۇر كېلىدۇ ، ئۇ قىسقا ئۇچۇردا 6
خانىلىق
بىر سان بار.

3.jpg


ئەمدى ئۈستىدىكى رەسىمدەك ئاۋۇ
验证码 دىگەن يەرگە يان تېلفۇنىڭىزغا كەلگەن 6خانىلىق نۇمۇرنى تولدۇرۇپ ، ئەگەر
تېلفۇنىڭىزغا 1مىنۇتقىچە ئۇچۇر كەلمىسە ئەڭ ئاستىدىكى 重新发送 دىگەن ئاق رەڭلىك
كۇنۇپكىنى بېسىپ قايتا يوللىسىڭىز بولىدۇ .

ئاندىن كېيىن ئاستىدىكى 验证 دىگەن
سېرىق رەڭلىك كۇنۇپكىنى بېسىپ ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ

4.jpg



مانا ئەمدى سىزمۇ دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش تورى
تاۋباۋنىڭ ئەزاسىغا ئايلاندىڭىز .

بۇندىن كېيىنكى دەرسلىرىمىزدە تور بانكىسى
ئالىپاي(支付宝)نى ئاچتۇرۇش ۋە تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش شۇنداقلا ، مال سېتىۋالغاندىن
كېيىن مال قايتۇرۇش قاتارلىقلارنى سۆزلەيمىز ، دەرسىمىزگە نىسبەتەن چۈشەنمىگەن
يەرلىرىڭلار بولسا ياكى قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭلار بولسا ئوتتۇرغا قويساڭلار
بولىدۇ .

بۇ تېمىنى ھەرقانداق توربېكەتكە كۆچۈرسىڭىز بولىدۇ ، ئەمما چوقۇم
مەنبەسىنى ئۇلانما شەكلىدە ئەسكەرتىپ قويىشىڭىز شەرت.


مەنبە : بىركۈن تورسودا مۇنبىرى http://bbs.birkun.com/forum.php?mod=viewthread&tid=11


ئاتتىلا يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 14:45:28

ئەلادىن بىرسى كەتتى.رەھمەتسىزگە!بۇ مەن بەك تەقەززا بولغان ،ئۈگۈنۈشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىمىكەن.



سىز دىن سۇراپ باقسام،مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەسەر يوللاش ياكى ئۈگىنىشنى ئارزۇ قىلغان تىمىلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايمەنمۇ؟

ئاتتىلا يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 14:45:34

ئەلادىن بىرسى كەتتى.رەھمەتسىزگە!بۇ مەن بەك تەقەززا بولغان ،ئۈگۈنۈشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىمىكەن.



سىز دىن سۇراپ باقسام،مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەسەر يوللاش ياكى ئۈگىنىشنى ئارزۇ قىلغان تىمىلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايمەنمۇ؟

format يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 15:10:13

1- قەۋەتتىكى ئاتتىلا8321نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلادىن بىرسى كەتتى.رەھمەتسىزگە!بۇ مەن بەك تەقەززا بولغان ،ئۈگۈنۈشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلىپ كەلگەن تىمىكەن.



سىز دىن سۇراپ باقسام،مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئەسەر يوللاش ياكى ئۈگىنىشنى ئارزۇ قىلغان تىمىلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشالايمەنمۇ؟


قايسى مۇنبەرگە ؟ بىركۈن تور سودا مۇنبىرىگىما ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا ئەلۋەتتە شۇنداق قىلالايسىز

PashshaXan يوللانغان ۋاقتى 2013-2-14 08:59:07

يازما بۇلا مۇشتاق بۇلا ، جانغا نان تىگىدىغان يازما .

alim012 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-14 09:11:27

ئەجەپ چۈشىنىشلىك يېزىپسىز.رەھمەت!

ab281151976 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-14 13:17:47

ما بەتكىمۇ كىرىپ قويۇڭلار ئىقتىسادى پۇل تىپىش بىلوگى

http://www.yol99.com

تاۋباۋ بىلىمىلىرى خىلى بار جۇما \"\" \"\" \"\"

bihux يوللانغان ۋاقتى 2013-2-14 19:59:55

رەھمەت! \"\"

daduiyjang يوللانغان ۋاقتى 2013-2-17 11:40:50

سىزگە كۆپ رەھمەت \"\"
بەت: [1]
: تاۋباۋدىن مال سېتىۋېلىش 1-دەرس : ئەزالىق ئىلتىماس قىلىش