xarbat_com يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 09:57:52

[پۇرسەت] 98يۈەن ياكى265 يۈەندىن win8 نى سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ[تېخنىكا]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن باشلاپ
ئاشكارا ئېلان چىقىرىش شەكلى بىلەن تورداشلارغا ياردەم قىلىشنى كۆزلەپ تاكى بۈگۈن
دەل ھازىر موشۇ چاغقىچە 67 نەپەر قېرىندىشىمىزغا جەمئىي 121 دانە
  win8  يەنى Windows8 نى مۇۋەپپەقىيەتلىك
ئىتىبار باھادا ئېلىپ بەردىم.كۆپ قىسىم تورداشلار ئاز بولغاندا بىردىن ئىككىدىن، ھەتتا
بەزى تورداشلار 15-20 دىن سېتىۋالدى. مەن ئارقىلىق سېتىۋالغان تورداشلارنىڭ
رازىلىق نىسبىتى بىر قەدەر ياخشى بولۇپ نارازى بولۇپ باققانلار ئاساسى جەھەتتىن
يوق. 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ
win8 نىڭ ئىتىبار باھادا سېتىش ئىشلىرى ئاياغلىشىپ 248 يۈەنلىك
باھا 1988 يۈەنگە ئۆسۈپ كەتتى. ئەمما مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ يېڭى پىلانىغا ئاساسەن
يېڭىدىن سېتىۋالىدىغانلارغا نىسبەتەن 248 يۈەنلىك باھا قالمىغان بولسىمۇ
2012-يىلى6-ئاينىڭ2-كۈنىدىن 2013-يىلى1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ھەقىقى نەشىردىكى
win7 سېتىۋالغان
ياكى ھەقىقى نەشىردىكى
win7 قاچىلانغان ماركىلىق كومپىيۇتىر سېتىۋالغانلارغا جاۋاب
قايتۇرۇش يۈزىسىدىن
win7 دىن win8 گە 98 يۈەن بىلەنلا نەشىر كۆتۈرۈش ئىتىبار ۋاقتى 2013- يىلى2-ئاينىڭ 28-كۈنىگىچە
قىلىپ بېكىتىلدى.دىمەك ھازىرمۇ يۇقارقى ۋاقىت ئىچىدە سېتىۋالغان ھەقىقى نەشىردىكى
wi7 نىڭ
قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى قولىڭىزدا بولسىلا يەنىلا 98 يۈەنگە
win8 سېتىۋالغىلى بولىدۇ.


ئەمما سېتىۋالغان win7 نىڭ
قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى يوق تورداشلارنىڭ يانچۇقىدا پۇل بار، سېتىۋالغۇسى بولسىمۇ
ئامال قىلالماي سېتىۋالالمايۋاتىدۇ ۋە قىيىنچىلىق تارتىپ قېلىۋاتىدۇ. تاۋباۋ
قاتارلىق بىكەتلەردە ئىتىبار نومۇرىنى ئاشكارە سېتىۋاتقان بولسىمۇ تازا ئىشەنچىلىك
ئەمەس ھەمدە باھاسىمۇ پەۋقۇلاددە قىممەت، ھەتتا 2-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ بىردانە
ئىتىبار نومۇرنى 200 يۈەندىن قىممەت سېتىۋاتىدۇ. بۇ ھالەتتە سېتىۋالغاندا بىر دانە
win8 نىڭ
باھاسى 300 يۈەندىنمۇ قىممەت توختاپ كېتىدۇ.تورداشلارنىڭ موشۇ قىيىنچىلىقىنى ھەل
قىلىش، تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ ئاز پۇل خەجلەپ ئانا تىلدىكى ھەقىقى نەشىردىكى سېستىما
ھوزۇرىنى  سۈرۈشىگە ياردەملىشىش يۈزىسىدىن
ئىچكىرىدىكى ئىشەنچىلىك شىركەتتىن مىكروسوفىت شىركىتى تەمىنلىگەن ھەقىقى كۈچكە ئىگە
40 دانە ئىتىبار نومۇرى كىرگۈزۈشنى توختاملىشىپ قويدۇم. بىرمۇنچە ئىتىبار نومۇرىنى
ھەقلىق كىرگۈزۈپ قويۇپ ئارتۇقچە زىيان بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن توختام مەزمۇنى
بويىچە بىرەيلەن ئالىمەن دىسە شۇ بىرەيلەنگە لازىملىق ئىتىبار نومۇرىنى ماڭا ئەۋەتىپ
بېرىدۇ. ھەربىر دانە ئىتىبار نومۇرنىڭ پۇلى،
98 يۈەنگە سېتىۋالغاندىكى ھەق، پايپالغا پۇل قاچىلاش پىرىۋوت ھەققى
قاتارلىقلارنى قوشقاندا جەمئىي باھاسى يەنىلا پەقەت ۋە پەقەت 265 يۈەندىنلا
توختايدۇ. دىمەك بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى 248 يۈەنگە سېتىۋالغان ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئازراق
ئەرزان چۈشىدۇ دىگەن گەپ. مەنمۇ ئەسلى بىرمۇنچە جاپا تارتىپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ سېتىۋېلىپ
بەرگەن بولغاندىن كىيىن ئانچە مۇنچە ئىش ھەققى ئالايمۇ دەپمۇ ئويلاشقان. ئەمما يەنىلا
مىكروسوفىت شىركىتىدەك دۇنياۋى چوڭ داڭلىق شىركەتنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى
قىلىپ دۇنياۋى داڭلىق سېستىمىغا ئۇيغۇرچە تىل يامىقىنى كىرگۈزۈپ ئىشلەپ ئادەمنىڭ
خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان شۇنچە ئەرزان باھادا سېتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ
ھاياجانلىنىپ يەنىلا تورداشلارنىڭ قولىغا تىگىدىغان باھاسىدىلا سېتىۋېلىپ بېرىشنى
مۇۋاپىق كۆردۈم. ئارىلىقتىن پايدا ئېلىش دىگەن ئاساسى جەھەتتىن يوق گەپ، پايپال
ئارقىلىق پىرىۋوت قىلىشنىڭ ئۆلچىمى ھەر ۋاقىت ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان بولغاچقا بەلكىم
ھەربىرسىدىن ماڭا بىرەر يۈەن قېلىپ قېلىشى مۈمكىن.شۇڭا بۇ جەھەتتىن ئارتۇقچە مۇنازىرە
قىلىپ ئولتۇرماسلىقىڭلارنى سورايمەن.سېتىۋېلىشنى خالىغانلار ۋە ئىشەنگەنلەر ھەرۋاقىت
ئىزدىسەڭلار بولىدۇ
.)


سېتىۋېلىش
ئۇسۇلى
:


1-باسقۇچتا
ئالدى بىلەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ،
ئىسىم-فامىلىڭىز، تېلېفون نومۇرىڭىز، تەپسىلى ئادىرسىڭىز ۋە
Email يەنى
ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىز،
پوچتا نومۇرى قاتارلىقلارنى  تەمىنلەپ
بېرىسىز.باشقىسىنىغۇ بىلمەيدىغانلار يوق ،ئەمما ماۋۇ
Email غا بىر ئىزاھات بېرەي، مۇنداقلا
دەي ئاسانلىتىپ: سىزدە
QQ نومۇرى بارمۇ؟ ئۇنداقتا سىزدە Email بار دىگەن گەپ.مەسىلەن مېنىڭ QQ نومۇرۇم
359903451، ئۇنداقتا
Email ئادرىسم:359903451@qq.com بولىدۇ دىگەن گەپ.ئەمما Email چوقۇم نورمال ئىشلەيدىغان،خەت
كېلىدىغان بولۇشى كېرەك، چۈنكى
win8نىڭ قاچىلاش تەرتىپ نومۇرى(ئاچقۇچ نومۇرىمۇ دەيمىز)
سىز تەمىنلىگەن
Email غا بارىدۇ.يۇقارقى ئۇچۇرلارنى خەنزۇچە يېزىقتا كىملىكتىكى بىلەن ئوخشاش
يىزىپ
txt ھۈججىتى يەنى
خاتىرە دەپتەر ھۈججىتىگە ساقلاپ ماڭا
QQ ئارقىلىق يوللاپ بېرىسىز.


2-باسقۇچتا
سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېتىدىغان 265 يۈەن خەلق پۇلىنى(سىزدە كۈچكە ئىگە ئىتىبار نومۇرى
بولسا 120 يۈەننى سالسىڭىز بولىدۇ) بانكا كارتامغا سالىسىز ياكى يۆتكەيسىز ۋە پۇل
سېلىپ بولغاندىن كېينلا ماڭا تېلىفون قىلىپ ياكى قىسقا ئۇچۇر يوللاپ پۇل تاپشۇرغانلىقىڭىزنى
ئۇقتۇرىسىز. مەندە بارى سودا سانائەت بانكىسى ۋە يېزا ئىگىلىك بانكىسىنىڭ كارتىسى،
يەنە
支付宝 يەنى ئالىپاي ئارقىلىق پۇل تاپشۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.


3-باسقۇچتا
مەن سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش مەشخۇلاتىنى باشلايمەن، كۆپ بولسا 15مىنۇت ئەتىراپىدا
microsoft شىركىتىدىن  تەمىنلىگەن win8 نىڭ سېستىما ئاچقۇچ  نومۇرى ۋە سېتىۋالغان چاغدىكى تەمىنلىگەن ئۇچۇرلىرىڭىز
سىزنىڭ
Email غا يەنى
ئىلىكتىرونلۇق خەت ساندۇق ئادرىسىڭىزغا بارىدۇ. پەقەت يۇقارقى تەمىنلەپ بەرگەن ئۇچۇرلىرىڭىزنى
سىزگە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش جەدىۋىلىگە تولدۇرۇپ ،ۋاكالىتەن پۇل تاپشۇرۇپ سېتىۋېلىش
مەشخۇلاتىنى ئورۇنداپلا بېرىمەن. مەن سىزگە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى
قىلغاندىن كىيىن
Email نى ئېچىپ تەكشۈرۈپ تاپشۇرۇپ ئالسىڭىز بولىدۇ ۋە شۇ ئاچقۇچ نومۇرى بويىچە win8 نى قاچىلىۋالسىڭىز
بولىدۇ. ئەگەردە قاچىلاش ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىسىڭىز ۋاقىتنىڭ
يار بېرىشىچە سىزگە ھەمدەمدە بولىمەن
.


دىمەك مەن
سىزنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئاساسەن ۋاكالىتەن سېتىۋېلىپلا بېرىمەن، مەن مەھسۇلات ساتقۇچى
ئەمەس.ئالغاندىمۇ مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدىن ئېلىپ بېرىمەن، ھەرگىزمۇ تاۋباۋدىن
ياكى باشقا بىكەتلەردىن ئەمەس! ۋە ياكى ئۆزۈمنىڭ نامىدا ، ئۆزۈمنىڭ
Email غا ئېلىپ
تەييارلاپ قويغىنىنى بېرىدىغان ئىشمۇ يوق. بارلىق سېتىۋېلىش ئۇچۇرلىرى ئۆزىڭىزنىڭ
نامىدا بولىدۇ. بۇنىڭدا سىزگە نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بولىدۇ، ئازراق بولسىمۇ پۇل خەجلەپ
سېتىۋالغان نەرسە بولغاندىكىن بىرمۇ بولسا ئۆزىڭىزنىڭ نامىدا بولسا ۋە ئۆزىڭىزنىڭ
Emailڭىزدا
ساقلانسا بىرقەدەر ۋە ئىشەنچىلىك بولىدۇ ئەمەسمۇ
.


خالىسىڭىز ئالاقىلىشىڭ، پۇرسەت غەنىمەت، مەندە پەقەت 40 دانىلا ئىتىبار
نومۇرى بار، بۇمۇ بەلكىم كۆپ بولسا بىر-ئىككى ھەپتىگە قالماي تۈگەپ كېتىشى مۈمكىن،
ئەگەر 2-ئاينىڭ28-كۈنىگىچە ۋاقىت باركەنغۇ دەپ ئالدىرىماي ئىتىبار نومۇرى تۈگەپ
ئاخىرلاشسا ئۇ چاغدا مەنمۇ ئامال قىلالماي قالىمەن. شۇڭا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ
ئالدىراڭ
.)


ئانا
تىلىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ھازىرچە ئىشلەتمىسىڭىزمۇ ئېلىپ قويۇپ قاچانلا قاچىلىسىڭىز
بولۇۋىرىدۇ، بۇرۇن ئېلىپ بولغان بولسىڭىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ يەنە ھىچ بولمىسا
بىرنى ئېلىپ ساقلاپ قويۇڭ، كومپىيۇتىرىم بۇزۇلمايدۇ، كومپىيۇتىرنى موشۇ پېتى يېڭىلىمايمەن
دىيەلمەيسىز. ئۆزىڭىز ئىشلەتمەي قالسىڭىز بىر مەزگىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن
لازىملىق دوستلىرىڭىزغا ۋە ئۇرۇق تۇققان، خىزمەتداشلىرىڭىزغا سىز سېتىۋالغان
باھادا پايدا ئالماي بەرسىڭىز ئۇلار سىزدىن ئۇ دۇنيا بۇ دۇنيا خۇش بوپ قالىدۇ
.


ئالاقىلىشىش
ئۇسۇلى
:


QQ:359903451


يانفون:13899269786


(ئالاقە ۋە
مەشخۇلات ئاساسى جەھەتتىن
QQ ئارقىلىق بولىدۇ)



ئەگەر ئۆزۈم ئالالايمەن دىسىڭىز مىكروسوفىتنىڭ ئورگان بېتىدىن ئالسىڭىز
بولىدۇ
:-
http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/download-shop


ئەگەردە ئۆزىڭىز
سېتىۋالالايدىغان بولۇپ ئىتىبار نومۇرى بولمىسىمۇ ئالاقىلىشىڭ، مەن ئۆزۈم كىرگۈزگەن
باھادا ئىتىبار نومۇرىنى سىزگە تەمىنلىسەم شۇ ئىتىبار نومۇر بىلەن ئۆزىڭىز سېتىۋالسىڭىزمۇ
بولىدۇ
.



ئەگەر ئىشىنەلمەي قالسىڭىز ماۋۇ تېمىلارنى كۆرۈپ چىقىڭ، بۇ تېمىلار بىرلا ۋاقىتتا
شەربەت تورى، نۇرقۇت دۇنياسى، ئىنتىل تورى، ئىزدىنىش تورى، قۇتيار تورى، روھلان تورى،
دەرسلىك تورى، كەڭساي تورى، مىسرانىم تورى ....قاتارلىق بىكەتلەرگە يوللانغان، بۇ
يەرگە ئۆزۈمنىڭ تور بېكىتىدىكى ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويدۇم
:


http://www.xarbat.com/thread-7948-1-1.html


http://www.xarbat.com/thread-7877-1-1.html


http://www.xarbat.com/thread-7889-1-1.html


http://www.xarbat.com/thread-7922-1-1.html



ھازىر ئېتىبار
نومۇردىن پەقەت 10 دانىلا قالدى، سېتىۋالماقچى بولغانلار ئالدىراڭ

esin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 15:23:41

ئۆزۈم بۇرۇن win7 قاچىلانغان كومپىيۇتېردىن ئۆزۈم، ئاكام، ئاچام، ئىنىمغا بىر نەچچىنى ئېلىپ بېرىپتىمەن، لېكىن ھەممىسى 2012-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇنكەن.ئەمدى باشقىلاردىن ئىككى- ئۈچ ئاي بۇرۇن ئالغان win7 تەرتىپ نومۇردىن بىرنى تاپتىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ بولمىغاچقا بۇ نومۇرنى ئىشلىتىپ win8 ئېلىشقا رايىم بارمىدى، يەنىلا دۇرۇس بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم.



@ZILTAR

سىز248 يۈەنلىكىدىن ئارتۇق ئېلىپ قويغاننىڭ گېپىنى قىلغان، تۈگمىگەن بولسا ماڭا بىرەرنى بەرسىڭىز.....لېكىن ماڭا بوشلۇق لازىم ئەمەس ئىدى....

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 16:34:12


1- قەۋەتتىكى esinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزۈم بۇرۇن win7 قاچىلانغان كومپىيۇتېردىن ئۆزۈم، ئاكام، ئاچام، ئىنىمغا بىر نەچچىنى ئېلىپ بېرىپتىمەن، لېكىن ھەممىسى 2012-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇنكەن.ئەمدى باشقىلاردىن ئىككى- ئۈچ ئاي بۇرۇن ئالغان win7 تەرتىپ نومۇردىن بىرنى تاپتىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ بولمىغاچقا بۇ نومۇرنى ئىشلىتىپ win8 ئېلىشقا رايىم بارمىدى، يەنىلا دۇرۇس بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم.



@ZILTAR

سىز248 يۈەنلىكىدىن ئارتۇق ئېلىپ قويغاننىڭ گېپىنى قىلغان، تۈگمىگەن بولسا ماڭا بىرەرنى بەرسىڭىز.....لېكىن ماڭا بوشلۇق لازىم ئەمەس ئىدى....


=====


مەن مەكتەپ ئاۋانگارتلار تورىدىن 248كويدىن 14  نى سېتۋالغان ، ھازىرىغىچە ئۈچى سىتىلدى ، يەنە شۇ 248 كويدىن سېتىلىدۇ ، ئەمما بىر سوم پىلانىغا 50 كوي ئىئانە قىلىشىڭىز كىرەك ...


ئادىرىس :قەشقەر مىرەن كومپىيۇتىر شەھەرچىسى 2- قەۋەت تارىم كومپىيۇتىر تىخنىكىسى


تىلىفۇن :13309981604


كوت كوت :184295957




itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 16:41:00

مەندىمۇ ئىتبار نۇمۇرلىرىدىن بىرمۇنچە بار ، ئەمما ئىشلىتىشكە ۋە باشقىلارغا بىرىشكە پەقەتلا رايىم بارمايدۇ ، ئۇ ئىتبار نۇمۇرلىرىنى ئىشلەتسەم خۇددى ھالال سىستىمىنى ھارام قىلىپ قويغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدىكەنمەن...

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 18:34:51

@itarim

ھارام دېگىنىڭىز قانداق گەپ؟ باشقىلار پۇل تۆلىگەن نومۇرىنى ئوغۇرلىۋالغانمۇ؟

matrixii يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 18:59:15

مەنمۇ ۋىندوۋس 8نى سېتىۋاتىمەن، خالىغانلار مېنىڭ تاۋباۋ دۇكىنىمدىن سېتىۋالساڭلار بولىدۇ. يىراقتىن كونتىرول قىلىش ئارقىلىق مىكروسوفت تورىدىن سېتىۋالغىنىمنى كۆرۈپ تۇرىسىز. مەن ئېتىبار نومۇرىنى پۇلغا سېتىۋالمىغان، شۇڭا سەل ئەرزانراق.

http://item.taobao.com/item.htm?spm=0.0.0.0.MYLRBi&id=22573064474

تېلىفۇن: 18909988229

چ چ : 15918327

ۋاڭ ۋاڭ: videobox

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 10:11:12

1- قەۋەتتىكى esinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۆزۈم بۇرۇن win7 قاچىلانغان كومپىيۇتېردىن ئۆزۈم، ئاكام، ئاچام، ئىنىمغا بىر نەچچىنى ئېلىپ بېرىپتىمەن، لېكىن ھەممىسى 2012-يىلى 6-ئايدىن بۇرۇنكەن.ئەمدى باشقىلاردىن ئىككى- ئۈچ ئاي بۇرۇن ئالغان win7 تەرتىپ نومۇردىن بىرنى تاپتىم، لېكىن ئۆزۈمنىڭ بولمىغاچقا بۇ نومۇرنى ئىشلىتىپ win8 ئېلىشقا رايىم بارمىدى، يەنىلا دۇرۇس بولمايدىغاندەك ھېس قىلدىم.



@ZILTAR

سىز248 يۈەنلىكىدىن ئارتۇق ئېلىپ قويغاننىڭ گېپىنى قىلغان، تۈگمىگەن بولسا ماڭا بىرەرنى بەرسىڭىز.....لېكىن ماڭا بوشلۇق لازىم ئەمەس ئىدى....



بولىدۇ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ 83598663

itarim يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 11:05:04

4- قەۋەتتىكى tahir17نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@itarim

ھارام دېگىنىڭىز قانداق گەپ؟ باشقىلار پۇل تۆلىگەن نومۇرىنى ئوغۇرلىۋالغانمۇ؟

چۇنكى ساتىدىغان يىڭى كومپىيۇتىرلارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن win7 نىڭ نۇمۇرلىرى بار ، گەرچە بۇ نۇمۇرلارنىڭ كوپىنچىسىنى سېتۋالغۇچى ئىشلەتمىسمۇ ، بۇ نۇمۇرلاردىن پايدىلىنىپ ئىتبار نۇمۇرىغا ئىرىشسەك ، توغرا بولماس .... ئۇ چاغدا سېتۋىلىپ ئىشلەتكەن ھالال بولغان سىستىمىغا شەك چۇشۇدۇ....

xarbat_com يوللانغان ۋاقتى 2013-2-18 23:42:15

ئاخىرقى 8 كۈنلا ۋاقىت قالدى، لازىملىقلار سەل ئالدىراڭ، بەلكىم 25-چىسىلالاردىن باشلاپ ئالغىلى بولماسلىقى مۈمكىن.
بەت: [1]
: [پۇرسەت] 98يۈەن ياكى265 يۈەندىن win8 نى سېتىۋېلىشقا ئالدىراڭ[تېخنىكا]