مىرزا ھوشۇر ئۇيغۇرچە مەسنەۋى يېزىپ چاغاننى تەبرىكلىدى
[شىنجاڭ] ئاقسۇ شەھىرى ئاھالىسى مىرزا ھوشۇر ئۇيغۇرچە مەسنەۋى يېزىپ چاغاننى تەبرىكلىدى
مەنبە http://uyghur.cntv.cn/program/xinjiangxinwen/20130210/102266.shtml يامان باشلىنىش !!! ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىدە چوڭ بولغان بالىكەندە بۇ، قانچە ياش ۋاقتىدا بېقىۋالغان بولغىيدى؟ دەنشىگە چىققۇسى كەپتۇ........توۋۋا ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپتۇغۇ بۇ . قاشقالىقلار راسا زاڭلىق قىلىدىغان بولدىدە ئادەمنى . بۇنى تونۇيدىغان ئاقسۇلۇقلارمۇ بارمۇ ؟ توۋا ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپتۇ ھە، ئۇيغۇرچە خەتنىمۇ خېلى چىرايلىق يازىدىكەن دېسە ھىلمۇ چەپچى ئىكەن (يەنى سول قولىدا خەت يازىدىكەن) ئوڭ قولىدا خەت يازغان بولسا خېلى ئىشى بار ئوخشايدۇ.
يەنە كىلىپ خەتلىرى ئۆزىدەكلا سەت ، توۋا ،،، @pinhan ئۇكەم گە قىلە ھە مۇشۇنداق ئادەملەرنى ئاشۇ ........................ خەنسۇلار تازا قويمىغىدى ، خېتىمىزنى سەت يېزىپسەن دەپ.
4- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئادەمنىڭ يۈزىنى تۆكۈپتۇغۇ بۇ . قاشقالىقلار راسا زاڭلىق قىلىدىغان بولدىدە ئادەمنى . بۇنى تونۇيدىغان ئاقسۇلۇقلارمۇ بارمۇ ؟
ئاشۇنجاننى ئېلىپ تېزراق كېلىڭلار ھە ماۋۇ خەن بۇرادەر ئۇيغۇرچە خەتنى چىرايلىق يازىدىكەن دىسە ! ھاراملىق دىسەم تىللىغان بولماس؟؟؟ تىمىغا توۋا دەپ تۇراتتىم، بەزى ئىنكاسلار تېخىمۇ توۋا!!! دېگۈزدى. مۇشۇ چاغان دىسە ھازىر نۇرغۇنلارنىڭ ئاغزىغا بىر كىلىدۇ. تۈنۈگۈندىن بىرى رادىيو ئاڭلىسام، ناخشا تەلەپ قىلىدىغانلار ئالدى بىلەن بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن دەيدىكەن، رىياسەتچىلەرمۇ ئەگىشىدىكەن.
ئەمما ھۆكىمىتىكام سەت كۆندىرىۋەتتىدە، خىزمەتچىلەرگە چاغانلىق ياردەم پۇل، دىھقانلارغا بىرنىمە بىرنىمە. نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ چاغان دىسە ئاغزىمىز قۇلىقىمىزغا يىتىدۇشۇ، بىكالىق پۇل، دەم ئىلىش بولغاندىكىن. بايرىمىنى نەگە ئاپارسا ئاپارسۇن، ئارامنى ئوبدان ئېلىۋاتىمەن
تاكسىغا چىقسام تاكسىچى تەتەي، سىلەر چاغان ئۆتكۈزۈمسىلەر؟ دەيدۇ، ياق دېسەم، ئەمىسە سىلەرمۇ دەم ئالىدىكەنسىلەرغۇ دەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار بايرام ئويناپ ھۆكىمەتنى بىزگە تاشلاپ قويۇشتىن خاتىرجەم بولالمايسىلەر، شۇڭا بىزنىمۇ ئوخشاش دەم ئالدۇرىدۇ دەي دېسەم كۆڭلىگە كەپ كەتمىسۇن دەپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
16- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بايرىمىنى نەگە ئاپارسا ئاپارسۇن، ئارامنى ئوبدان ئېلىۋاتىمەن
تاكسىغا چىقسام تاكسىچى تەتەي، سىلەر چاغان ئۆتكۈزۈمسىلەر؟ دەيدۇ، ياق دېسەم، ئەمىسە سىلەرمۇ دەم ئالىدىكەنسىلەرغۇ دەيدۇ. سىلەر ھەممىڭلار بايرام ئويناپ ھۆكىمەتنى بىزگە تاشلاپ قويۇشتىن خاتىرجەم بولالمايسىلەر، شۇڭا بىزنىمۇ ئوخشاش دەم ئالدۇرىدۇ دەي دېسەم كۆڭلىگە كەپ كەتمىسۇن دەپ ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
ھەجەپ چىرايلىق بى ئەدەمكەن، قاش-قاپاقلىرى جايىدا، كىمنىڭمۇ بالىسىدۇ؟! قايسى بىر ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، سولغايلارنىڭ ھەمجىنىس بولۇپ قېلىش نىسبىتى ئوڭغايلارنىڭكىدىن %30 يۇقىرى بولىمىش!
بىز ئادەتتە سول قولنى شەيتان تەرەپ دەپ بىلىمىز، بۇ كاۋىنىڭ مەسنەۋىنى سولغاي يېزىشىمۇ بىر شەيتانلىقنىڭ ئالامىتىمۇ- قانداق!؟ تۆۋە ما خەنزۇ ئۇيغۇرچە خەت يىزىپ چاپلىۋاپتىغۇ .
شىنجاڭغا كىلپ ئۇيغۇر مەدىنىيتىگە ئاسسىلماتسىيە بولاپ كىتىپتۇدە .....