tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:33:36

ئىزدىنىشكە رەخمەت !!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار !مەن ھاياجان ئىلكىدە مۇشۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن نىمىگە ھاياجانلىنىسەن دىسەڭلار ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى كۆپ سانلىق مۇنبەرداشلاردىن قۇلىدىن كەلسىلا باشقىلاردىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان ئېسىل خىسلەت تېپىلغانلىقىدىن ھەرقانداق بىر ياردەم تىمىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىنكاسسىز قالمايدىغانلىقىدىن بەك سۆيۈندۈم .ئازراق بوش ۋاقىت چىقسىلا كۈندە دىگۈدەك نەچچە مۇنبەرگە كىرىپ تۇرىمەن بەزى مۇنبەرلەردىكى شۇنچە مۇھىم تىمىغا بىرمۇ ئىنكاس يازماي نەدىكى تۇتامغا چىقمايدىغان مىللەتنىڭ ئۇغۇل قىزلىرىنىڭ يامان تەرىپى قىلىپ يېزىلغان ياكى ئايىقى چىقمايدىغان دىننىي ئىختىلاپلار توغرىسىدا يېزىلغان تىمىلار بولسا نەچچە بەت ئىنكاس يېزىلىپ كەتكەن .بەزى يېزىلغان ئىنكاسلار ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشتۇرغۇدەك دەرىجىدە شۇنداق تېتىقسىز ،مۇنبەردىلا بىرسى بىرسىنىڭ ياقىسىنى بۇغۇشۇپ ........ئاخىرىدا تىما تاقىلىش ياكى ئۆچۈرۈپ تاشلاش بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىشلارنى كۆپ كۆردۈم .ئەمما ئىزدىنىشتە بۇنداق تىمىلارنى ھەم بۇنداق قاملاشمىغان ئىنكاسلارنى ھازىرغىچە ئۇچراتمىدىم .بۇلۇپمۇ ياردەم تىمىسىدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئىنكاسسىز قالغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم .مەنمۇ مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بېرى كومپىيوتىرىمنى ئاچساملا ئۇلىنىشتىن چىكىپلا كىرىۋالىدىغان ئىزدىنىشقا خۇمار بۇلۇپ قالدىم .مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ پايدىسىنىمۇ كۆرگەنمۇ بولدۇم . باشقىلار 250 يۈەندىن سېتىۋالغان ھەقىقىي نۇسخىدىكى ۋېندوس 8سېستىمىسنى 120 يۈەنگە سېتىۋېلىپ ھوزۇرۇنى سۈرۈپ ئولتۇرۇۋاتىمەن .مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزنى مۇشۇنداق ياخشى پۇرسەتلەرگە ئىگە قىلغان ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .يەنە مىنى مۇشۇۋېندوس 8سېستىمىسنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ھەقسىز ئىتىبار نۇمۇرى بىلەن تەمىن ئەتكەن UMUDLUKقېرىندىشىمىزغا مىنىڭ مۇشۇ سېستىمىنى سېتىۋېلىشىم ۋە ئۇنى قاچىلىشىم ئۈچۈن ھەقسىز ياردەم قىلغان ZILTaRقېرىندىشىمىزغا ئالاھىدە رەھمىتى بولسۇن!!.ھەرئىككىڭلارنىڭ قۇلىغا ئاللاھ دەرت بەرمىسۇن !!ئىشلىرىڭلار غا بەرىكەت ياغسۇن !!!

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:56:50

رەھمەت خەلقىم دېمەمسىز مانداق.{:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:01:46

1- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت خەلقىم دېمەمسىز مانداق. \"\"

بىژدەم تۇساق @ziltar چىرىپ دەيدۇ ئۇنىمۇ\"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:13:30

مەن ئالدىراش بىر يەرگە ماڭىدىغان بوپ قالدىم، مىللەتنىڭ ئىشلىرى سىلەرگە قالدى دەڭ بولمىسا.{:92:}

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 15:00:06

1- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت خەلقىم دېمەمسىز مانداق. \"\"



رەخمەت تۇماق دىمەپسىز دىمەكچىما ؟\"\"

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 15:07:24

4- قەۋەتتىكى tewip0991نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى tumaqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت خەلقىم دېمەمسىز مانداق. \"\"



رەخمەت تۇماق دىمەپسىز دىمەكچىما ؟\"\"



ئىزدىنىشقا يېڭىما سىز؟ لۇغەت ئاختۇرۇڭ. باشقا گەپ ئۇ.\"\"

Hamaqet يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 15:23:23

توغرا دەيسىز، بىلىك، ئىزدىنىشلەردە يارىدەم سوراپ يېزىلغان تېمىلاردا ئادەم ھەقىقىي يارىدەمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ، پۈچەك ئىنكاسلارنى، مەسخرىلەرنى ئۇچراتمايسىز.


بىرقىسىم مۇنبەرلەردە يارىدەم تېمىلىرىغا يېزىلغان تېتىقسىز ئىنكاسلارنى كۆرۈپ، ئاشۇ ئىنكاسنى يېزىپ ئۆزىنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئالغان كۇسپۇرىچلارنىڭ كاچىتىغا سالغىم كىلىپ كېتىدۇ. قانداق تېتقسىز ئىنكاس دېسىڭىز:

- مەن بىلمەيدىكەنمەن. (بىلمىسەڭ غىت قىسمامسەن، سېنى بىركىم بىلىش-بىلمەسلىكىڭنى سورىمىغاندىكىن).

- بۇنى بىلىدىغانلار چوقۇم چىقىدۇ.( ھۇ ھاماقەت، سەن بۇگەپنى دەپ بەرمىسەڭمۇ، تىمىنى يازغان ئادەم بىلىدىغانلارنىڭ بارلىقىنى بىلىپ يازمىدىمۇ).

- مەن بىلگەن بولسام چوقۇم دەپ بېرەتتىم.(.....)

- .....

مۇشۇنداق تېتىقسىز ئىنكاسلار بىلەن نەچچە بەت توشۇپ كېتىپ، كېرەكلىك جاۋاپنى تېپىش ئۈچۈن نەچچە بەت قۇرۇق گەپنى ئوقۇشقا مەجبۇر بولىسىز، بېيجىڭلىق تورداشلاردىن يارىدەم سوراپ يازغان تىمامغىمۇ، ئىزدىنىشنى تازا چۈشەنمەيدىغان بىرسى، ئاشۇنداق پەلىپەتىش ئىنكاستىن بىرنى يېزىپ قويۇپتىكەن، ھە، سەن تېتىقسىز ئىنكاس بىلەن تولىدىغان مۇنبەرگە بىرمۇنچە ئىنكاس يېزىپ، چارچاپ كەپسەن، -دە، دەپ قالدىم.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 16:50:42

رەھمەت خەلىقىم{:92:}   {:92:}   {:92:}

zeper يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 17:00:36

مەنمۇ رەھمەتنى مۇشۇ يەردىلا دەۋالاي . شۇ ziltar دىن ستىۋالغان win8 نى ئىشلىتىپ يۈرۈپتىمەن مانا.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 21:07:53

tewip0991 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 09:42:31

9- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يىللىق باھالاشتەك چىقىپتۇ.يولداشلارنىڭ باھالاش خۇلاسىسى دەل مۇشۇنداق ئۇسلۇپتا يىزىلىدۇ.



يىللىق باھالاش مۇشۇنداق چىقىدىغانلىقىدىن مىنىڭ خەۋىرىم يوق !مەن پەقەت ئۆز ئىچىمدىن چىققان تەبىئى ھىسسىياتقا ئاساسەن يازغانتىم .\"\"سىلەردەك دۆلەت مەمۇرلىرى بىلمىسە ئايلىق باھالاش يىللىق باھالاش دىگەنلەرنى بىزدەك ئاددى كەسىپ ئىگىلىرى بىلىپ بۇلالمايدىكەنمىزغۇ!\"\"

matrixii يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 22:53:52

مېنىڭ ئەرزان ساتقىنىمغا ئىچى قىزىپ ئاساسسىز تىللىغانلارنى نېمە دىسەك بولىدىكىن...

lastsmile يوللانغان ۋاقتى 2013-2-13 11:47:55

خەلىقمگە رەھمەت، خەلىقىم ئارىسىدىكى @ziltar دەك ئەزمەتلەرگە رەھمەت، ئىتبار نومۇرىنى ماڭا ziltar ئەۋەتىپ بەرگەن{:92:}
بەت: [1]
: ئىزدىنىشكە رەخمەت !!