kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 10:42:06

سىز بار جايدا بۈگۈن گۆشنىڭ باھاسى قانچە؟


ئالتە شەھەرنىڭ مەلۇم بىرىدە:


بۈگۈن گۆشنىڭ باھاسى ئۆرلەپتۇ، قاسساپنىڭ ئېيتىشىچە بازاردا تىرىك مال كەم ئىكەن.


قوي گۆشىنىڭ ھەر كلوگرامىنىڭ باھاسى : 63.00 يۈەن. (ھەپتە بۇرۇنقى باھا 58.00 يۈەن)


كالا گۆشى ( پەش ) نىڭ ھەر كلوگرامىنىڭ باھاسى : 53.00 يۈەن.(ھەپتە بۇرۇنقى باھا 48.00 يۈەن)


سىز بار جايدا بۈگۈنكى باھا قانچە؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:05:47

مەن ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە. گۆشنى قەشقەر دۆلەت باغدىكى توپ تارقىتىشتىن ئىچچىقىمەن.

   قوي گۆشىنى 60 كوي ساتتىم. بەلكىم ئىككى ئۈچ كۈن ئىچىدە 65 گە چىقىشى مۇمكىن. توپ بازاردا كۈندە بىر سومدىن قوشۇلۇپ مىڭىۋاتىدۇ.

كالا گۆشى پەش پارچە 55، ئاشخانلارغا 52 دىن بىرۋاتىمەن. بۇمۇ ئۆرلەيدۇ ھەقىچان. ئۈلۈشكۈن توپ بازىرىدىن بىر كالا سويدۇرۋالدىم، 305 كىلو گۆش چىقىپتۇ. ئىگىسى يىغلىغۇدەك بوپ كەتتى. ئۇ 330 كىلو چىقىدۇ دەپ دىتلاپ ئاپتىكەن بۇنى. ئىككى كالىنى بىللە ئاپتىكەن، ماڭا سويۇپ بەرگەن كالىدىن 800 سوم زىيان قىپتۇ.

قەشقەردىكى قويلارنىڭ 90%تى شىمالنىڭ. دۆلەتۋغدىكى قۇشخانىدا كۈنىگە 500 قوي سويالسا شۇنىڭ كىمىدە 450 تۇيىقى شىمالدىن كەلگەن قوي. يەرلىك قوي بەكمۇ ئاز. تۆت چوڭ توپ تارقىتىدىغان خوجايىن بار. ھەممىسىگە كۈندە بىر ماشىنىدىن قوي كىلىپ تۇرىدۇ شىمالدىن. بىر ماشىنىغا 250 تىن 270 گىچە قوي پاتىدۇ، ئۈچ قەۋەتلىك 加长 ماشىنا. ئەگەر شىمالدىن قوي كەلمىسە قەشقەر ئاتۇش ھۇدۇدىدا گۆش قەھەتچىلىكى يۈز بىرىدۇ.

  كالىنى ئىچكىرگە تارتىپ كىتىۋتىدۇ. ئۇلاغ بازىرىغا چىقىپ تۇردىغانلارنىڭ خەۋرى بار ھەقىچان. ياخشىراق بۇقا كالا بوپ قالسىلا *** سودىگەرلەر بىزنىڭ پۇل قىلغىنىمىزغا 400 ، 500 سومنى قوشاپلا ئېلىۋاپ بارىدۇ. بۇلار ئىچكىرگە يۆتكىسە يۇرتىغا بارغاندا تولۇقلىما بىرىدىكەن. دىخانلىرىمىز شۇ پۇلنى ئوشۇق بەردى دەپلا شۇنداق ئىسىل كالىللىرىنى خەنسۇلارغا سېتىۋىتپارىدۇ. بىز خەنسۇلار دىگەن پۇلغا ئالايلى دىسەك زىيان قىلىۋالىدۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:20:37

ئۇلۇغ خەنسو خەلقى چوشقا گۆشىنىڭ زىيانلىرىنى تونۇپ يىتىپ كالا گۆشى بىلەن قوي گۆشىگە ھۇجۇم قىلغان چىراي.

www.taoniu.com تورىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، ئىچكىردە ئۇزۇن قۇلاقنىڭ گۆشىنى ئىستىمال قىلىدىغانلار بارغانسىرى ئازىيىپ بىرىپ، كالا گۆشى يەيدىغانلار ئاۋۇپ، كالا گۆشىنىڭ باھاسى ئۇزۇن قۇلاقنىڭ گۆشىنىڭ 3 ھەسسىچە ئۆسۈپتۇ. ئىچكىردىكى گۆش بازارلىرىدا كالا گۆشىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشى دىيارىمىز بازىرىغىمۇ بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ.

قوي گۆشىنىڭ ئۆسۈپ كىتىشىگە كەلسەك، بۇرۇن دىيارىمىزدىكى خەنسۇلار قوي گۆشىنى جىق يىمەيتى ياغ كۆپ دەپ. ھازىر بۇلار بارا بارا كۆنەشكىلى تۇردى. ئىككى ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا ئىزىپ تىزىپ دۇككىنىمغا بىرەر خەنسۇ قوي گۆشى ئالغىلى كىرىپ قالمايتى، ھازىر خېلى كۆپ ساندا كىرىدۇ. ھەممە يەردە شۇنداقكەن بىلىشىمچە. دىمەك قوي گۆشى ئىستىمال قىلىدىغان سانى غايەت زور بولغان بىر توپ قوشۇلدى دىگەن گەپ. ئىستىمال مىقدارى ئارتىپ كەتتى، مەھسۇلات مىقدارى ئىستىمال مىقدارىنى تەمىنلەپ بىرەلمەي قالدى. مۇئاشمۇ ئۆستى، بۇمۇ بىر سەۋەپ. يەنە بىر سەۋەپ يەم خەشەك قىژمەت. كۈنجۈر، پوستەك، قوناق قاتارلىق مال بورداشتا ئىشلىتىلدىغان ئىنىرگىيىلىك يەملەر داۋاملىق ئۆسۈپ مېڭىۋاتىدۇ.

ئىشقىلىپ مىش مىش پاراڭلارغا قارىغاندا قوي گۆشى 100 سوم، كالا گۆشى 90 سوم ئەتراپىدا توختايمىش. (ئىلاھا، ھەرگىز بۇنداق بولمىغاي)

يەنىلا ئۇۋال بولىدىغىنى تۆۋەن كىرىملىكلەر ۋە دىھقانلىرىمىز...  \"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:23:39

قوينىمۇ ئىچكىرىگە يۆتكەۋاتامدۇ ؟؟؟ توۋا ......... ئىككى  يىل بۇرۇنلا 500سومغا بىر چوڭ قوي كېلەتتى ،ھازىر 500سومغا بىر قوي پۇتى ئاران كېلىدۇ \"\" قېنى بۇ قويلار ..................

ئاتتىلا يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:34:08

خۇتەندە بىر كىلوسى 60 كوي.بىزنىڭ بۇيەردىمۇ چىڭخەي-شڭزاڭنىڭ ...ئىچكىرنىڭ قويلىرىنى (مۇڭگۈزلۈك قويلارنى)ئۆلتۈرۈپ سېتىۋاتىدۇ...





دوختۇرخانغا بارسا ھەممە ئادەم كېسەلدەك،تۇلىسى يۈرەك-مېڭە...يۇقىرى قان بىېسىم بىلەن داۋالنىۋاتقاندەك بىلىندىغان،ئادەمنى سۈر بېسىپ‹‹ گۆش ياغمۇ يەمدۇ كىشى؟›› دەپ ئويلايمىزيۇ ئەمما گۆش-ياغدىن ئايرىلىپ بىرۋاخ تاماق يىيەلمەيمىز...قېنى كىمنىڭ ئۆيىدە ئىلمى ئۇزۇقلىنىش رىسالى بار؟...يىمەك-ئېچمەك مىجەزنى تەڭشەيدۇ...قوي گۈشىنى يەۋېرىپ ،قوي مىجەز...بولغاندىن سىرت ؛گۆشلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە ،دوختۇرلارنىڭ بېيشىغا ،سىمىزلىكنىڭ...نارىسىدىلەرنىڭ نالىسىغا... سەۋەپنىڭ ئالىمىدە سەۋەپ قىلغۇلۇق...بولدىلا مىنىڭ ھازىرچە پەقەت ئىنكاس يېزىشلا سالاھىتىم بار...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:44:41

خۇدايىم ھېلىمۇ خەنسولارنى يىسۇن دەپ جىق تۇغىدىغان چوشقىنى يارىتىپ بېرىپتىكەن، بولمىسا قوي گۆشىنىڭ باھاسى ئاللىبۇرۇن 100 كويغا چىقىپ، نۇرغۇن دېھقانلار گۆش ئېلىپ يىيىەلمەسكەن. يۇرتقا بارسام دېھقانلارغا ھازىرقى 60 كويلۇق باھامۇ ئېغىر كېلىپ، يىل بېشىدا 40-50 ئۆردەك ياكى توغۇ چۈجىسى باقىدىكەن، چوڭ بولىشىغا ئەگىشىپ ھەپتىسىگە بىرەدىن ئۆلتۈرۈپ بالىلارنىڭ گۆش غەلۋىسىنى بېسىقتۇرىدىكەن شۇنىڭ بىلەن.

ئۈرۈمچىدە بىر تەخسە تۆت تىكە گۆشى بار ئەنجان پولو 18 كوي...

بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكىلىۋاتىدۇ

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:45:17

پىچاندىمۇ قوي گۆشىنىڭ كىلوگرامى60يۈەن.چاغانلىق ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش ئۇسولى بۇيىچە بىر نەچچە نوقتىدا قوي گۆشىنى45يۈەندىن سېتىۋاتىدۇ(بىر كىملىككە5كىلوگرامدىن)،دەسلىپىدە ئۈچرەت بەك ئۇزۇنتى،نەچچە كۈن سېتىش ئارقىلىق بۈگۈن قارىسام ئۈچرەتتە كۆپ تۇرمىسىمۇ سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولۇپ قاپتۇ.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:49:26

قوينى ئىچكىرگە يۆتكىگەننى ئاڭلىمىدىم، ئەمما كالىنى ئاجايىپ يۆتكەۋاتىدۇ.

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:50:08

4- قەۋەتتىكى ئاتتىلا8321نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

...

دوختۇرخانغا بارسا ھەممە ئادەم كېسەلدەك،تۇلىسى يۈرەك-مېڭە...يۇقىرى قان بىېسىم بىلەن داۋالنىۋاتقاندەك بىلىندىغان،ئادەمنى سۈر بېسىپ‹‹ گۆش ياغمۇ يەمدۇ كىشى؟›› دەپ ئويلايمىزيۇ ئەمما گۆش-ياغدىن ئايرىلىپ بىرۋاخ تاماق يىيەلمەيمىز...قېنى كىمنىڭ ئۆيىدە ئىلمى ئۇزۇقلىنىش رىسالى بار؟...يىمەك-ئېچمەك مىجەزنى تەڭشەيدۇ...قوي گۈشىنى يەۋېرىپ ،قوي مىجەز...بولغاندىن سىرت ؛گۆشلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسىشىگە ،دوختۇرلارنىڭ بېيشىغا ،سىمىزلىكنىڭ...نارىسىدىلەرنىڭ نالىسىغا... سەۋەپنىڭ ئالىمىدە سەۋەپ قىلغۇلۇق...بولدىلا مىنىڭ ھازىرچە پەقەت ئىنكاس يېزىشلا سالاھىتىم بار...

ئۇنىڭ سەۋەبى « سېمىز توخۇنىڭ سىرى » دامىكىن

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:06:07

چاغاندىمۇ باھا ئۆسۈپ كېتىۋاتقان بولسا ... ئەسلى چاغاندا بازار كاساتلاشسا توغرا بولاتتى ...

بىرەرسى بازارنى قالايمىقان قىلىۋاتامدۇ يا ؟

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:09:14

بىلگىلى بولمايدۇ. يىلدا چاغان ھارپىسىدا بىرمەھەل باھا ئۆرلەپ،چاغان كىرشى بىلەن تەڭلا ئەسلى باھاغا ياناتتى. بۇيىل ئۇنداق بولمىدى.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:29:10

قوي گۆشى 58-60 يۈەنگىچە . بىر كىشلىك شورپا 17يۈەن . زىق كاۋاپنىڭ نورمالراقلىرى 3.5يۈەن، تونۇر كاۋاپنىڭ كلوسنى 100يۈەندىن پۇشۇردۇ.

غۇۋا بىلىمەن، 16-17 يۈەنلەرگە بىر كىلو قوي گۆشى كىلەتتى. شۇ ۋاقىتلاردا كالا گۆشى 13-14 يۈەن ئىدى.بىر تال گىردە نان 5مو ئىدى. تەخمىنەن 7-8 يىللار بۇرۇنغۇ دەيمەن.

گىردە نان بىر يۈەنگە چىقتى، قوتاز گۆشىنى 40-45يۈەنلەرمىكى دەپ پەرەز قىلدىم، مەنغۇ ئۆيگە ھېچ نەسە ئالمىغاندىكىن تېخى  ئىنىق بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.

rock يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:35:34

qassap بۇرادەرنى قىزىقچىلىق قىلىپ ئىسمىنى qassap قويۇۋالدىمىكىن دېسەم، راست قاسساپچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. قاسساپ بولغىنى بىلەن خەتلىرى، ئىملايى خېلى ئادەملەردىن چىرايلىقكەن.

azharbag يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:42:41

ئادەمنىڭ نۇپۇسى كۇپەيسە، قوينىڭ نۇپۇسى كۇپەيمىسە.. 5 يىلغا قالماي 200يۇئەنگە چىقىدۇ خاتىرجەم بۇلۇڭلار

kabana يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:56:15

@ئاتتىلا8321

خاپا بولمىسىڭىز ئاۋۇ «خۇتەن» نى «خوتەن» گە ئۆزگەرتىپ قويۇڭ.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 13:33:25

LastSmile يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 13:38:01

قوتاز گۆشىمۇ؟

adolif يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 13:45:32

LastSmile يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 13:48:54

ساۋەندە، شىخەنزە، شىخولاردا قوي گۆشىنىڭ توپ سىتىشى 48، 50 يۈەن، پارچە سېتىلىشى 58 يۈەندىن، كالا گۆشىنىڭ توپ سېتىلىشى 50 يۈەن، پارچە سېتىلىشى 55 يۈەندىن بولىۋاتىدۇ
بەت: [1] 2 3 4 5
: سىز بار جايدا بۈگۈن گۆشنىڭ باھاسى قانچە؟