qarluq يوللانغان ۋاقتى 2013-2-10 16:49:38

ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرلىردىن ياردەم؟

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسىتلار.


ئەسلىدە بۇنداق ئۇششاق چۈششەك ئىشلارغا تورداشلارنى ئاۋارە قىلمىسام بۇلاتتى. بىراق يېقىندا مەن  ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش  ئىمتىھانغا دۇچ كىلىش ئالدىدا تۇرۋاتىمەن


ئۇلارنىڭ ئۆلچىمى :


3000 مىتىرغا يۈگۈرۈش  14 مىنۇت.


100 مىتىر 12 مىنۇت


يەر بېغىرلاش 33 قېتىم


ئىكەن، مەن ئەزەلدىن بۇنداق تەنھەركەت پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغاچ بۇ قېتىمقى ئىمتىھاندىن ئۆتۈلىشىم بەكلە تەسكە توختايدۇ. بەزىلار يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك جەھەتتە قۇۋۋەت قىلدىغان روھنى كۆتۈردىغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلغاندا بۇ ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ كەتكىلى بۇلىدۇ دەيدۇ. بىلمىدىم مۇشۇنداق ئىش بارمۇ يوق.


ناۋادا بۇلۇپ قالسا قايسى يىمەكلىكلەرنى قايسى ئىچملىك ياكى دورىلارنى ئىستىمال قىلىمىز قانداق ۋاقىتتا ئىستىمال قىلمىز؟


ۋە ياكى باشقا ئۈنۈملىك ئۇسۇللىرى بارمۇ؟ تورداشلارنىڭ پىرىنسىپقا كۆتۈرۋالماي مەخسەتنى خاتا چۈشەنمەي كىچىككىنە ياردىمىنى ئايىماسلىغىنى ئۈمۈد قىلىمەن

Otunchi يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 10:30:45

3000مىتىر يۈگرەشكە يىلپىزنى 100 مىتىر يۈگرەشكە تاشپاقىنى سالسىڭىز بولغۇدەك ۋاقتىدا جىق پەرىق يوقكەن ئارلىقتا پەرىق بولغان بىلەن.

yagma يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 10:40:20

3000 مىتىرغا: كۈندە ئەتىگەندەسائەتكە قاراپ 5 كىلومىتىرغا يۈگرەڭ، ئاندىن ھەرخىل پەي سوزۇش ھەركەتلىرى، پۇت تېپىش ھەركەتلىرى ۋە مەخسۇس مەشىق ھەركەتلىرىنى ئىشلەڭ كۈندە ئەتتىگەندە مۇقىم داۋاملاشتۇرۇڭ!

100 مىتىرغا: كۈندە چۈشتىن كىيىن سائەت ئۈچ~ تۆت ئەراپىدا مەشىق باشلىسىڭىز بولىدۇ، بەدەن قىزتىپ پەي سوزۇپ بولۇپ، 60 مىتىرغا، 80 مىتىرغا يۈگرەپ مەشىق قىلىپ بېرىڭ!

كۈندە كەچتە ياتىدىغان ۋاقىتتا، يەر بېغىرلاش ۋە قورساق قاتلاش ھەركەتلىرىنى مۇۋاپىق ئىشلەپ بېرىڭ، كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا كۆپەيتىڭ.



تاماققا كۈچلۈك يىيىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەتتىگەندە مەشىقتىن كىيىن ناشتا قىلىڭ ( ئىككى ياكى ئۈچ دانە خام تۇخۇم بىلەن شېكەرنى قاچىدا قوچۇپ ئاندىن قىززىق چاي قۇيۇم ئىچسىڭىز ناھايتى بەك تېپىدۇ) چۈشتە راۋۇرۇس يەڭ (پولۇ، لەغمەن دىگەندەك)، كەچتىمۇ ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق ئوزۇقلانسىڭىز بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىك ئىچمەڭ، قايناق چاي ياكى ناۋات چاي ئىچىپ بېرىڭ! ئۇنىڭدىن باشقا چۈشتە مۇۋاپىق ئۇخلاشمۇ ئىنتايىن موھىم.

ئىمتىھاننىڭ ئالدىدا 葡萄糖 (گېلكوزا) دەيدىغان بىر نەرسە بار، دورىخانىلاردا ساتىدۇ، 5 يۈەن ئەتراپىدا ، بىر ياكى يېرىم سائەت بۇرۇن 3 تال ئەتراپىدا ئىچسىڭىز بولىدۇ.

باشقىچە روھلاندۇرۇش دورىلىرى دىگەندەك نەرسىلەرنى مەن ئۇقمايدىكەنمەن. تەۋسىيە ياخشىسى ئۇنى ئىشلەتمەڭ!!! \"\" \"\" \"\" \"\"

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 10:51:59

100 مىتىرغا 12 سېكونتتا چىقىش سەل تەسراق، مەشىق قىلسىڭىز چىقالايسىز، 3000 مىتىرغا بىرە ھەپتە مەشىق قىلىپ يۈگۈرگىلى بولمايدۇ، مەشىق قىلمىغان ئادەمگە بىر سائەت ۋاقىت بەرسىمۇ تىللىرى ساڭگىلاپ قالىدۇ يەنە. ئەگەر بىر ئايچە ۋاقتىڭىز بولسا كۈندە مەشىق قىلسىڭز ئۇ تەلەپكە يېتىشمۇ تەس ئەمەس.

33 قېتىم يەر بېغىرلاش ئاسان گەپقۇ. \"\"

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:39:31

3000 مىتىرغا كۈندە 5 كىلومىتىردىن يۈگۈرۈپ بىر ئاي مەشىق قىلىڭ. ئاندىن مەشىقنىڭ ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز. يۈگەرگەندە بىر خىللا يۈگۈرەڭ، قەدەمنى رىتىملىق ئېلىڭ. باشتا ئاستا يۈگۈرەپ كىيىن تىزلىتىۋالىمەن دىمەڭ. باشلانغاندا قانداق يۈگەرگەن بولسىڭىز ئاخىرغىچە شۇ رىتىمدا يۈگۈرەڭ. بىردەم تىز، بىردەم ئاستا يۈگەرسىڭىز بىردەمدىلا تىلىڭىز ئىتنىڭ تىلىدەك ساڭگىلاپ قالىدۇ. ھاسىراپ ئۆپكىڭىز ھازىرلا چىقىپ قالىدىغاندەك بوپ كىتىسىز.

  قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان مەخپى رىتسىپتىن بىرنى دەپ بىرەي: تۇرۇشلۇق جايىڭىزدىكى قاسساپنىڭ قېشىغا بېرىپ، قوزا قوچقارنىڭ پودىقىدىن ئىككىنى ئېلىپ، ئىمتىھاندىن ئىككى ئۈچ سائەت بۇرۇن قورۇپ ياكى كاۋاپ قىلىپ يەڭ. ئاندىن كەينىدىنلا ئىرانبۇلدىن بىرنى ئىچىۋىتىڭ. ئۈنۈمىنى كۆرمىسىڭىز مىنى ئىزدەڭ. بۇ راسگەپ، چاقچاق ئەمەس.  \"\"

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:41:39

3000مىتىرنى بىلمەيدىكەنمەن،ئەمما 100مىتىرغا12سىكونتتا چىقىش راستىنلا سەل تەس،ئېسىمدە قېلىشىچە بىز تولۇق ئوتتۇردا ئوقىۋاتقاندا بىر ساۋاقدىشىم11.2سىكونتتا چىقىپ مەكتەپنىڭ ئۇزۇن يىللىق رىكورتىنى بۇزغانتى،بۇ ساۋاقدىشىمدىن ئوقۇتقۇچىلېرىمىز خېلى كۆپ ئۈمد كۈتكەنتى.كېيىن ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇسابىقىلەردىمۇ خېلى ياخشى نەتىجىلەرنى ئالغانتى.

ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيتسام100مىتىرغا13سىكونتلاردا چىقاتتىم.توردىشىمىز yagmaدىگەن بويىچە مەشق قىلىپ بېقىڭ،ئۈنۈمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:41:58

توي قىلمىغانلار ياكى كۈچ سەرپ قىلىدىغان ئىش قىلمايدىغانلار ئاۋۇ مەخپى رىتسىپنى سىناپ يۈرمەڭلار ھە \"\"

derya99 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:48:18

ئەڭ مۇھىمى سىز پەقەت كۆڭلىڭىزگە پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈرمەن دىگەن نىيەتنى پۈكسىڭىزلا بولىدۇ،يەنى ئىرادىڭىز بەدىنىڭىزنى كونتىرول قىلسا بولدى،ھېرىپ كەتتىم دەپ بەل قويۇۋەتسىڭىز ئىشنىڭ تۈگگىنى شۇ،قارىغاندا بىرەر يەرگە ئىمتىھان بەرمەكچى ئوخشايسىز،پەقەت مۇشۇ سىناقتىن ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا كىيىنكى ئىشلارنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئويلاڭ،مەيلى خىزمەت ياكى باشقا سەۋەبلەر بولسۇن.

derya99 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:53:16

ئالىي مەكتەپتىكى چاغدابىر قېتىم 3000مىتىدىن سىناق ئېلىش ئالدىدا ئىلھام بوشى دەيدىغان مۇئەللىم بىزگە :ئادەم بەدىندە ناھايتى كۆپ پۈتمەس ئېنىرگىيە بار،پۈتۈن كۈچۈڭلارنى چىقىرىپ يۈگۈرسەڭلار بولىدۇ دەيدىغان.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 11:55:51

چىككا، كىنودىكىدەك گەپ قىلماڭلا باللا  {:92:}  

مەشىق قىلمىسا يۈگۈرگىلى بولمايدۇ شۇ، ئاۋۇ بالا مۇشۇ باھانىدە بىر مەشىق قىلىۋالسۇن مانداق.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 12:02:44



يۇقارقىغا ئوخشاش بىر ھەپتە  يەر بېغىرلاپ بەرسىڭىز كىيىن 50 نى بىغىرلىغىدەك بولالايسىز. لىكىن چۇقۇم ھەممە تۈرىنى تۇلۇق قېلىڭ.


3000 مىتېرغا چىداپ  يۈگۈرسىڭىز 12 مېنۇت يىتىدۇ. يۈگۈرگەندە بىر رېتىم ساقلاڭ، ئاغزىڭىزغا ئىچىملىك پۇتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنى سىلىۋىلىڭ ، نەپەسنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسى بار. قۇلاققا نائۇشنىڭ سىلىۋىلىپ پىچەت گۇپا - گۇپا ناخشىنى قۇيۇپ يۈگۈرۈڭ.


100 مىتىرنى ياخشى مەشىق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.  كۈندە ئەتتىگەن كەچتە پاقىچىلاپ سەكرەپ بېرىڭ. باشقا مەشىق يۇقىرىدىكىلەر دېگەندەك بولسا بولىدۇ.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 14:53:42

مەن ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققۇچە توختىماي يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ماڭغان. شەھەر ئايلىنىش دېگەندەك مۇسابىقىلەردىن قالمايتتىم. ھەر قېتىمدا بىرىنچى بولالمىغان تەقدىردىمۇ ئىككىنچى بولاتتىم. بويۇم ئېگىزرەك، قەدىمىم بەك يەڭگىل، چەبدەس بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئەڭ مۇھىمى كىچىكىمدە ئۆسكەن مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇ.

يۈگۈرگەندە يۇقىرىدا ياغما ئېيتىپ ئۆتكەندەك ئاۋۋال مەشىق قىلىڭ. مەشىق قىلمىغان كىشى يۈگۈرسە پۇتلىرى پۈكلىشىپ ئۇزۇنغا چىدىمايدۇ.



يەنە بىر مۇھىم ئىش يۈگۈرۈش قىياپىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ. ئوغۇللار كالامپاي يۈگۈرسە كۆزۈمگە سەت كۆرۈنەتتى. شۇڭا، ئىمكانقەدەر ھىندىستان ئارتىسلىرى يۈگۈرگەندەك ئىككى قولىڭىزنىڭ پەنجىلىرىدىن تۆتىلىسىنى يەرگە قارىتىپ، باش بارماقنى پۈكۈۋېلىپ يۈگۈرۈڭ. كالامپايلاشمايسىز ھەم بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ساقلىيالايسىز. ئاندىن ئىمكانقەدەر پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدىراق يۈگۈرۈڭ. دەسلەپ يۈگۈرگەندە پۇتلىرىڭىز يۇمشاق بولغاندەك بولۇپ، ماغدۇرسىزلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋەتسىڭىزلا، بىمالال ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيسىز. ئىرادە بىلەن قانچە تېز يۈگۈرسىڭىز روھىڭىز شۇنچە ئۇرغۇپ، جىسمىڭىزنى ئۇنتۇغان ھالدا يۈگۈرۈپ كېتىسىز.



تاماقنى ئالاھىدە يەۋالماڭ. ئىككى كۈن بۇرۇن راۋرۇس ئوزۇقلىنىپ، يۈگۈرىدىغان كۈنى سۇيۇق ياكى ئېغىر تاماق يېمەڭ. ئاز يەڭ. سۇنى ئازراق ئىچىڭ. يۈگۈرگەندە كەيپىياتىڭىزنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن سېغىز چاينىۋېلىڭ. ئادەم جىق يەردە يۈگۈرمەكچى بولسىڭىز، ئىككى-ئۈچ سائەت بالدۇرراق قەھۋە ئىچىڭ ياكى شاكىلات (چوكىلى) يەڭ، بېسىمنى يەڭگىللىتىدۇ. قانداقتۇر روھلاندۇرۇش دورىسى ئىچىپ سالماڭ.



ئاخىرىدا سىزگە ئۇتۇق، سالامەتلىك تىلەيمەن!

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 16:22:23

مەن قىسقا ئارلىققا يۇگرەشكە ماھىر مەسىلەن 60مىتر ،90مىتر دىگەنلەرگە ،ئەمما بەش يۇز مىتردىن ئوشوق يۇگرەش مۇسابىقەر بولسا ھەر قىتىم ئەڭ ئاخرىدا قالىمەن لىكىن توختىماي يۇگرەيمەن ،،مەن كەلگىچە ساقلاپ تۇراتتى ،،نومۇر بىردىغانلار، قولىغا قاراپ كىتەتتىم ماڭا نومۇر قالدىمىكىن دەپ ،،موئەللىملەرنىڭ قولىدا نومۇر قالمىغانلىغىنى كورۇپ بىشىم قىيىپ كوڭلوم ئىلىشىپ يول بۇيىدا ئىڭىشىپ تازا ھو بولاتتىم،،سىنىپ تەربىيچىمىز قورقۇپ كىتىپ ماڭا تەسەللى بىرىپ كەتكەندە ئاندىن ئورنۇمدىن توروپ ئويگە كىتەتتىمدە ،ئىككى كون دەرىسكە بارماي مەھەللىدە ئويناتتىم ..

okya0998 يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 21:29:36

100مىتىرغا يۇگۇرگەن چىغىڭىزدا ئەسكى ئىتتىن بىرسى بولسا قۇيۇپ بەرگەن بولساق 10سىۇنىتتا چىقاتتىڭىز........دە ئەپسۇس

3000مىتىرغا كەلسەك تازا چىقىشىپ كىتەلمەيسىز.......دە بۇدىگەن چىداملىق،رىتىم،نەپەس،تىخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بىر تۈر

«تاغ قاپتىلغا كەلگەندىمۇ يول تىپىلىدۇ \"دەپتىكەن ئۆزىڭىزنى _________ئۆزىڭىز بەك چۈشىنىسىز قىنى ئەقىل ۋە غەيرىتىڭىزنى ئىشقا سىلىپ سىناپ بىقىڭ ،قىلالامسىزكىن؟

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 22:20:48

يەر بېغىرلاشتا ئىككى قولنىڭ ئارىلىقىنى مۈرە كەڭلىكىدىن قانچىلىك كەڭ قىلالىساق يەر بېغىرلاش شۇنچە ئاسان، 33 نى بېغىرلاش دېگەن ئويلانغۇدەكمۇ ئىش ئەمەس.

100 مىتىرغا 12 سىكونىتتا يۈگۈرۈپ بولالمىسىڭىز 3000 مىتىرغا 14 مىنۇتتا چىقالايسىز، 100 مىتىرنىڭ لاياقەتلىك بولسا 3000 مىتىرنىڭ تەس بولىدۇ. يەنىلا كۆز قورقىتىدىغىنى 3000 مىتىر. يىراققا يۈگۈرىشتە پەللىدىن چىققاندىن كىيىن بالدۇر بەك كۈچەپ كەتمەيمىز. يۈگۈرۈۋاتقانلارنىڭ ئوتتۇرىسىنىڭ سەل ئارقىسىدا بولساق بولىدۇ. ئاندىن ئەتراپىڭىزدىكى سىتولبا، يول بەلگىسى ياكى نىشان بولغىدەك بىر نىمىنى پىلانلاپ مەن ئاشۇ نىشانغا چوقۇم بارىمەن دەپ 3000 مىتىر ئارىلىقنى بىر نەچچە كىچىك نىشانلارغا پارچىلاپ بىر - بىرلەپ نىشاننى يوقۇتىسىز. يۈگۈرۈش جەريانىدا ئەڭ يىراقتىكى نىشانغا قەتئى قارىماڭ. پارچا نىشانلارغا قارىغاچ سىزنىڭ ئالدىڭىز دىكى ئەڭ يېقىن ئادەمنىڭ پۇتىغا قاراپ شۇ ئادەم بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىڭ. ئاندىن سىز بىلەن تەڭ قەدەم ئېلىۋاتقان ئادەمنى ئارقىدا قالدۇرۇڭ، ئۇ ئادەم ئارقىدا قالغاندىن كىيىن يەنە بىزگە ئەڭ يېقىن يۈگۈرۈۋاتقان ئالدىمىزدىكى ئادەمنىڭ قەدىمىگە ماسلىشىپ بىردەم يۈگۈرگەندىن كىيىن ئۇ ئادەمنى ئارقىدا قالدۇرۇمىز. يۈگۈرىش مانا شۇنداق داۋاملىشىدۇ.

يۈگۈرۈش يولىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسنى بېسىپ بولغاندا ئەمدى ئېتىۋەتسىمۇ يۈگۈرمەيمەن دەيدىغان خىيالغا كىلىپ قېلىشىڭىز مومكىن. 2000 غا يۈگۈرىش بىلەن 3000 غا يۈگۈرۈشتىكى ھارغىنلىقنىڭ ئانچە پەرقى بولمايدۇ، شۇڭا ئاخىرغىچە يۈگۈرۈۋېتىڭ، 14 مىنۇتتا چوقۇم چىقالايسىز.



2005- يىلىغىچە ئۇزۇنغا يۈگۈرۈشتە ئىدارىمىزدە مېنىڭ ئالدىمغا بىركىم كىرىۋېلىپ باقمىغان، لىكىن ياش 40 دىن ئاشقاندا بالدۇرقىدەك يۈگۈرگىلى بولمايدىكەن.  {:90:}

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 22:25:58

ئالدىن مەشىق قىلماقچى بولسىڭىز يۈگۈرىش ئارىلىقىنى ھەركۈنى ئۇزارتىپ مەشىق قىلىڭ. تىنىقنى ئاغزىمىز بىلەن لىق ئېلىپ ئاستا چىقىرىمىز، راس مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بوشراق بەدەن قىزىتىمىز جۇما.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-2-11 22:26:06

ئالدىن مەشىق قىلماقچى بولسىڭىز يۈگۈرىش ئارىلىقىنى ھەركۈنى ئۇزارتىپ مەشىق قىلىڭ. تىنىقنى ئاغزىمىز بىلەن لىق ئېلىپ ئاستا چىقىرىمىز، راس مۇسابىقىدىن ئىلگىرى بوشراق بەدەن قىزىتىمىز جۇما.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 00:21:58

مەن ئەمدى 22 گە كىردىم، ئېغىرلىقىم 73 كىلوگىرام ئەمما سەل ئېگىز بولغاچقا يەنىلا ئورۇق كۆرىنىمەن شۇڭا سەمىرەي دەپ كۆپرەك گۆش يەپ قالغان چېغىم بار، پارىخورلاردەك قورسىقىم چىقىپ قېلىۋاتىدۇ \"\" ، يۈگۈرەپ ئۇرۇقلاي دېسەم قورساققا پايدىسى يوق ھەقىچان دەپ ھەركۈنى ئۇخلاشتىن بورۇن 20 قېتىمدىن قورساق قاتلاپ، 30 قېتىم ئولتۇرۇپ قوپۇپ دېگەندەك ھەرىكەتلەرنى قىلىۋاتقان، ئەمما بەزىلەر قورساق قاتلاپ قورساقنى كىچىكلەتكەن بىلەن قورساق تېرىسى ساڭگىلاپ قالىدۇ دەپ قورقۇتىۋاتىدۇ... قانداق قىلسام بولا...  {:106:}

joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 20:19:45

10- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



يۇقارقىغا ئوخشاش بىر ھەپتە  يەر بېغىرلاپ بەرسىڭىز كىيىن 50 نى بىغىرلىغىدەك بولالايسىز. لىكىن چۇقۇم ھەممە تۈرىنى تۇلۇق قېلىڭ.


3000 مىتېرغا چىداپ  يۈگۈرسىڭىز 12 مېنۇت يىتىدۇ. يۈگۈرگەندە بىر رېتىم ساقلاڭ، ئاغزىڭىزغا ئىچىملىك پۇتۇلكىسىنىڭ ئېغىزىنى سىلىۋىلىڭ ، نەپەسنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسى بار. قۇلاققا نائۇشنىڭ سىلىۋىلىپ پىچەت گۇپا - گۇپا ناخشىنى قۇيۇپ يۈگۈرۈڭ.


100 مىتىرنى ياخشى مەشىق قىلمىسىڭىز بولمايدۇ.  كۈندە ئەتتىگەن كەچتە پاقىچىلاپ سەكرەپ بېرىڭ. باشقا مەشىق يۇقىرىدىكىلەر دېگەندەك بولسا بولىدۇ.



very nice!

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-2-12 21:35:23

3000 مىتىرنىڭ ئاخىرقى 300 مىتىرنى 100 مىتىرغا يۈگۈرگەندەك تېز يۈگۈرەڭ. يەر بېغىرلاشنى مەشىق قىلىپ تۇرۇڭ. ھازىر 25 نى قىلالىسىڭىز ئىمتىھان ۋاقتىدا بىر غەيرەت قىلىپ 33 نى قىلالايسىز.
بەت: [1] 2
: ئۇزۇنغا يۈگۈرۈش ماھىرلىردىن ياردەم؟